logo

trugen jacn

مارتىن ئەننالىس فوندى: ئىلھام توختى ئۇنتۇلمايدۇ

marten-ennalis-ilham-toxti-2

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

بۈگۈن دۇنيادىكى ئىنسان ھەقلىرىنى قوغدىغۇچى شەخسلەر ئۈچۈن بېرىلىدىغان مارتىن ئەننالىس فوندى مۇكاپاتىنىڭ 2016-يىللىق مۇكاپاتىنىڭ خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىغا بېرىلگەنلىكى ئېلان قىلىندى. بۇنىڭ بىلەن ئىلھام توختىنى مەركەز قىلغان بىر قاتار خەلقئارا پائالىيەتلەرنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە بىر زور غەلىبىگە مۇيەسسەر بولغانلىقى مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى.

باش ئورگىنى شىۋېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە تەسىس قىلىنغان مارتىن ئەننالىس فوندى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئىنسان ھەقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىغا قارشى كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىققۇچى شەخسلەرنى قوغداش مەقسىتىدە 1993-يىلى يىلدا بىر قېتىم تارقىتىلىدىغان «مارتىن ئەننالىس مۇكاپاتى» نى تەسىس قىلغان ئىدى. مەزكۇر مۇكاپات يولغا قويۇلغاندىن بېرى ئىزچىل ھالدا «ئىنسان ھەقلىرىنىڭ نوبېل مۇكاپاتى» دەپ تەرىپلىنىپ كەلمەكتە. بۈگۈن مەزكۇر تەشكىلات جەنۋە شەھىرىدە مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، 2016-يىللىق مۇكاپاتنىڭ خىتاي تۈرمىسىدە مۇددەتسىز قاماق جازاسىنى ئۆتەۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىغا بېرىلگەنلىكىنى جاكارلىدى.

ئىلھام توختى 1994-يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى تۈرلۈك سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلەر ھەققىدە ماقالىلەر ئېلان قىلىپ، ئىنسان ھەقلىرىنىڭ ئاشكارا دەپسەندە بولۇشىنى تەنقىدلىگەن ھەمدە مۇشۇ سەۋەبتىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۆزىگە قادالغان «مىق» قا ئايلانغان ئىدى. 2014-يىلى 15-يانۋاردا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنى «بۆلگۈنچىلىك» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان ئىدى. شۇنىڭدىن بۇيان خەلقئارادا ئىلھام توختىنىڭ ھۆرلۈكى ئۈچۈن ئىمزا توپلاش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇش، «ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى» نى تەشكىللەش، شۇنداقلا ئىلھام توختىنى خەلقئارالىق مۇكاپاتلارغا نامزاتلىققا كۆرسىتىش قاتارلىق تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغان ئىدى. ئەنە شۇ تىرىشچانلىقلارنىڭ بىرى ئىلھام توختىنىڭ «مارتىن ئەننالىس مۇكاپاتى»غا نامزاتلىققا كۆرسىتىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئىلھام توختى بۇ يىل ئاپرېل ئېيىدىن باشلاپ مەزكۇر مۇكاپاتقا نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن ئۈچ نامزاتنىڭ بىرى بولۇپ كەلگەن ئىدى. بۈگۈن جەنۋە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا مەزكۇر فوندنىڭ باش رەئىسى دىك ئوستىڭ ئۈچ نامزاتتىن بىرىنى تاللاشنىڭ ھەقىقەتەنمۇ قىيىن بىر تاللاش بولغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى، ئۇ مۇكاپات ساھىبىنى بەلگىلىگۈچى ئون خەلقئارالىق تەشكىلاتنىڭ قايتا-قايتا ئويلىنىش ئارقىلىق، ئەڭ ئاخىرى بۇ يىلقى مۇكاپاتنى ئىلھام توختىغا بېرىشنى قارار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغاندا پۈتۈن مەيداندا گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى.

«مارتىن ئەننالىس فوندى» نىڭ بۇ ھەقتىكى يازما باياناتىدا مۇنداق دېيىلىدۇ: «ئىلھام توختى خىتايدىكى خىتاي پۇقرالىرى بىلەن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئوتتۇرىسىدا چۈشەنچە ھاسىل قىلىش ھەمدە سۆھبەت ئورنىتىش مەقسىتىدە يىگىرمە يىلدىن بۇيان تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كەلگەن. ئۇ بۆلگۈنچىلىكنى ۋە زورلۇق كۈچنى رەت قىلغان شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى، مەدەنىيىتىگە قارىتىلغان سىياسىي بېسىملارنى تۈگىتىشنى ئىستىگەن.»

مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمدا ئالدى بىلەن ئىلھام توختى ھەققىدىكى قىسقا ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلدى، ئاندىن ئىلھام توختىنىڭ قىزى جەۋھەر ئىلھام دادىسىغا ۋاكالىتەن مۇكاپاتنى تاپشۇرۇۋالدى ھەمدە قىسقىچە سۆز قىلىپ ئۆز تەشەككۈرىنى ئىپادىلىدى. جەۋھەر ئاخىرىدا دادىسىنىڭ ھامان بىر كۈنى ئازادلىققا چىقىدىغانلىقىغا ئىشەنچى بارلىقىنى ئېيتتى. ئۆز سۆزىنى تۈگەتكەندە پۈتكۈل زالدىكىلەر ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇنىڭغا ئالقىش ياغدۇردى.

ئىلھام توختىنىڭ ئاخىرقى تاللاشتىن ئۆتۈپ مۇكاپات ساھىبى بولۇشى ھەققىدە مەزكۇر مۇكاپات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى مايكىل خامباتتا مۇنداق دەيدۇ: «ئۈچ نامزاتنىڭ ھەممىسىلا ئىنسان ھەقلىرىنى ھىمايە قىلىش ساھەسىدە خەتەرگە تەۋەككۈل قىلغان، تولىمۇ شىجائەتلىك ۋە غەيرەتلىك ئىنسانلاردۇر. ئۇلار ئۆزلىرى ياشىغان مەملىكەتلەردە ئىنسان ھەقلىرىنىڭ دىققەتكە سازاۋەر بولۇشى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم خىزمەتلەرنى ئىشلىدى. باھالاش كومىتېتى ئىلھام توختىنى ئۈچ نامزاتنىڭ ئىچىدىن تاللىۋالدى. بۇنىڭدا ئەلۋەتتە كۆپلىگەن سەۋەبلەر بار. بۇنىڭ ئىچىدە بىر مۇھىم ئامىل شۇكى، ئۇ ناھايىتى زور خەتەرگە تەۋەككۈل قىلدى، ئۇ، ئۆز خىياللىرىنى ئاغزاكى ئىپادە قىلغانلىقى ئۈچۈنلا مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى. ئۇ ئەمەلىيەتتە ئوتتۇرا يول تۇتقان بىر كىشى ئىدى. ئەگەر مۇشۇنداق بىر كىشىنىڭ ئاۋازى ئۆچۈرۈلسە، تەبىئىيكى ئەسەبىيلىك ئۈچۈن زېمىن ھازىرلىنىدۇ. بىز مۇشۇنداق بىر ئوتتۇرا يول تۇتقۇچى سادانىڭ ھۆرمەتكە مۇيەسسەر بولۇشىنى، بۇ سادانىڭ ئەركىن ياڭرىشىغا رۇخسەت قىلىنىشىنى، ئۇنىڭ تېزرەك ھۆرلۈككە چىقىشىنى، شۇ ئارقىلىق ئۇنىڭ پۇقراۋىي جەمئىيەتتە داۋاملىق رەۋىشتە ئاكتىپ بىر ئەزا سۈپىتىدە ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇپ ئۆز خەلقى ئۈچۈن سۆز قىلىشىنى، شۇ ئارقىلىق ئىنسان ھەقلىرىگە بولغان ئەڭ يۈكسەك ھۆرمەتنىڭ نامايان قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلدۇق.»

مەزكۇر مۇكاپاتنى تاللاپ چىقىشقا مەسئۇل بولغان ئون خەلقئارالىق تەشكىلاتنىڭ بىرى بولغان «ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» خىتاي بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى سوفى رىچاردسون باھالاش كومىتېتى ئەزالىرىنىڭ ئىلھام توختىغا كۆپرەك بېلەت تاشلىغانلىقىدىن تولىمۇ خۇشال بولغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:«مېنىڭچە، ئىلھام توختىنىڭ بۇ يىلقى مۇكاپات ساھىبى بولۇپ تاللىنىشى، خىتاينىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا روياپقا چىقىۋاتقان ئىنسان ھەقلىرىنى ھىمايە قىلىش ساھەسىگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىدەك بىر رېئاللىقنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مۇكاپات كومىتېتى، يەنى مارتىن ئەننالىس فوندىنىڭ مۇكاپات كومىسسىيىسى دۇنياغا «بۇ كىشىنىڭ ئەمگىكى دىققەتكە سازاۋەر» دەۋاتىدۇ. گەرچە خىتايدىكى بۇ توقۇنۇشلار سۈرىيەدىكىگە ئوخشاش ئۇ قەدەر جىددىي ۋە شىددەتلىك بولمىسىمۇ، يەنىلا بىزنىڭ زور دەرىجىدە دىققەت قىلىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ، دەۋاتىدۇ.»

مايكىل خامباتتا ئىلھام توختى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ بۇ مۇكاپاتتىن تولىمۇ خۇرسەن بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى شۇنداقلا مەزكۇر مۇكاپاتنىڭ ئىلھامغا بېرىلگەنلىكى دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ ئىلھام توختىنى ئۇنتۇمايدىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى، دېدى: «باياتىن تىلغا ئېلىپ ئۆتكىنىمدەك، ئىلھامنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ بىر قىسمى خىتاينىڭ ئىچىدە، يەنە بىر قىسمى بولسا خىتاينىڭ سىرتىدا. بىز بۇنىڭدىن خەۋەردار. بىراۋ ئىلھامغا ئوخشاش ئاشۇنداق ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماققا ھۆكۈم قىلىنغاندا بەلكىم ئۇنتۇلۇپ كېتىشى مۇمكىن. مەن ئىلھام توختىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا شۇنى دېگۈم كېلىۋاتىدۇ: ئىلھام توختى ئۇنتۇلمىدى. ھۆكۈمەتتىن خالىي ئون چوڭ تەشكىلات، يەنە كېلىپ ئىنسان ھەقلىرى ساھەسىدىكى ئون چوڭ تەشكىلات ئۇنى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈشنىڭ مۇھىملىقىنى، بۇ توغرىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغاش لازىملىقىنى تەكىتلىدى. بىزمۇ تېخىمۇ كۆپلىگەن ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بۇ ھەقتە خەۋەرلەر ئىشلىسىكەن، دېگەن ئۈمىدتە. ئەلۋەتتە بۇ ئىشلارنىڭ نەتىجىسىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى كەلگۈسىدە كۆرىمىز. ئەمما بىز ئىلھامنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە ئۇلارنىڭ ئۇنتۇلمىغانلىقىنى ئېيتماقچىمىز، شۇنداقلا مۇمكىن بولسا ئىلھامغىمۇ ئۇنىڭ ئۇنتۇلمىغانلىقىنى ئېيتماقچىمىز. دەرۋەقە بۇ ئۇچۇرلارنىڭ قانچىلىكى ئۇلارغا يېتىپ بارالايدۇ، بۇنى بىز بىلمەيمىز. بىراق ئۇنىڭ قانچىلىك مۈشكۈل ئەھۋالدا تۇرۇۋاتقانلىقى، ئۇنىڭ ئۇچۇر ئىگىلەش شارائىتىنىڭ تولىمۇ چەكلىك ئىكەنلىكى بىزگە مەلۇم. شۇڭا بىز يەنىلا ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە ئۇنىڭ ئۇنتۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكچىمىز.»

ئىلھام توختى قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن، ئۇنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىققان بىر قاتار پائالىيەتلەر قاتارىدا «ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى» نى ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا زور كۈچ چىقارغان ئەنىۋەرجان گېرمانىيەدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مارتىن ئەننالىس مۇكاپاتىنىڭ ئىلھام توختىغا بېرىلىشى يالغۇز ئىلھام توختىنىڭ ئەمەس، بەلكى بىر پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىنسان ھەقلىرىگە دائىر مەسىلىلىرىنىڭ دۇنيا جامائەتچىلىكىگە سۇنۇلۇشى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

سوفى رىچاردسوننىڭ قارىشىچە، ئىلھام توختىنىڭ مەزكۇر مۇكاپاتنى ئالغانلىقى شۇنداقلا ليۇ شياۋبونىڭ نوبېل مۇكاپاتىنى ئېلىشى قاتارلىقلار دۇنيا خەلقىگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دەۋاتقانلىرىدا قانچىلىك ھەقىقەت بارلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئەڭ ياخشى ئىشارەت ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇلارنىڭ ھەممىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پۈتۈنلەي يالغان ياۋىداق تۆھمەتلەر بىلەن تولغان سۆزلىرىنىڭ دۇنيا خەلقىنى ئالدىيالمايدىغانلىقىنىڭ يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىنىشى بولىدىكەن. ئۇ، ئىلھام توختى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىگە سالام يوللاش بىلەن بىرگە، ئىلھام توختىنىڭ بۈگۈن مۇكاپات ئالغانلىقىغا بولغان خۇشاللىقىنى ئۇيغۇرچە ئىپادىلەشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

مارتىن ئەننالىس مۇكاپاتىنىڭ بۇ يىل ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىغا بېرىلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەر بۈگۈن دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدا كەڭ يەر ئالغان بولۇپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ يەنە بىر قېتىم دۇنياۋى مىقياستا مۇھاكىمە قىلىنىشى مۆلچەرلەنمەكتە

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/ilham-toxti-10112016125038.html

Share
1073 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.