logo

trugen jacn

مارالبېشى يېزا ئىگىلىك بازىرىدىكى 4 ھۇجۇمچىنىڭ ئاكا-ئۇكا ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

e30adeff-49a1-4add-83e3-ae819712d3c2

شۆھرەت ھوشۇر

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

خىتاي تەرەپ 12-ئۆكتەبىر كۈنى يۈز بەرگەن مارالبېشى يېزا ئىگىلىك بازىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى ھەققىدە ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ يەرلىك ساقچى ۋە ئەمەلدارلاردىن ئىگىلىشىچە، ۋەقەدە خىتاي تەرەپتىن 18 ۋە پىدائىيلاردىن 4 نەپەر بولۇپ جەمئىي 22 كىشى ئۆلگەنلىكى ئاشكارىلانغان ۋە بۇ خەۋەر خەلقئارا ئاخباراتلاردا كەڭ-كۆلەمدە كۆچۈرۈلۈپ تارقالغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ داۋاملىق ئەھۋال ئىگىلىشى جەريانىدا، مەزكۇر ھۇجۇمچىلارنىڭ كىملىكلىرى ئاشكارىلاندى

مەلۇم بىر ساقچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۇجۇمچىلاردىن ئىككىسى ئاكا-ئۇكا قېرىنداشلار، ئەمما يەنە بىر ساقچىخانا باشلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋەقە سادىر قىلغان 4 ھۇجۇمچىنىڭ ھەممىسىلا ئاكا-ئۇكا قېرىنداشلار بولۇپ، ئۇلار ئوسمان مۆمىن، ئاۋۇت مۆمىن، مامۇت مۆمىن ۋە ئەيسا مۆمىن قاتارلىقلاردۇر

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/maralbeshi-weqesi-10222014141653.html

 

Share
1647 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.