logo

trugen jacn

مائارىپ نازارىتىنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى چەكلەش ھەققىدىكى رەسمىي ھۆججىتى

يېقىندا خوتەن ۋىلايىتىدە دائىرىلەرنىڭ «قوش تىل مائارىپى» توغرىسىدا بەش تۈرلۈك بەلگىلىمە چىقىرىپ، مائارىپ سىستېمىسىدا ۋە مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىل – يېزىقىنى ئىشلىتىشنى چەكلىگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان ئىدى. بۇنداق بىر بەلگىلىمە چىقىرىلغانلىقىنى ھەر قايسى ناھىيەلەردىكى مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرمۇ ئىتىراپ قىلغان ئىدى.

5-  ئىيۇل، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى بۇ ھەقتە بىر ھۆججەت تارقاتقان.

ھۆججەت مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى

ھۆججەت

[2017] 10- نومۇرلۇق

”ئاپتونوم رايوننىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى قوش تىل ئوقۇتۇشى دەرسلىك ئورۇنلاشتۇرۇش لايىھەسى“ نى بېسىپ تارقىتىش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇش

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق مائارىپ ئىدارىسى، ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىلىرىگە:

”ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى قوش تىل مائارىپى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدا پىكىرلەر“ (شىنجاڭ پارتكوم بەنگۇڭتىڭى [2017] 36- نومۇرلۇق) ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلەردە قوش تىل ئوقۇتۇشى خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىغا ئاساسەن،ئەتراپلىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، ئىسپاتلاش ئاساسىدا، نازارىتىمىز «ئاپتونوم رايوننىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى قوش تىل ئوقۇتۇشى دەرسلىك ئورۇنلاشتۇرۇش لايىھەسى»نى تۈزۈپ چىقتى. سىلەرگە بۇنى بېسىپ تارقاتتۇق ۋە تۆۋەندىكىدەك تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدۇق، ئەستائىدىل ، ئىزچىل ئىجرا قىلغايسىلەر.

بىرىنچى، «ئاپتونوم رايوننىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى قوش تىل ئوقۇتشى دەرسلىك ئورۇنلاشتۇرۇش لايىھەسى» 2017- يىلى 9- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن ئىتىبارەن باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ بىرىنچى يىللىقىدىن باشلاپ ئىجرا قلىنىدۇ. باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ بىرىنچى يىللىقىدىن باشلاپ بارلىق دەرسلەر دۆلەت ئورتاق تىل – يېزىقى ئارقىلىق ئۆتىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقتتا مەزكۇر مىللەتنىڭ ئەدەبىيات دەرسلىكى قوشۇمچە ئۆتىلىدۇ. ۋاقتىنچە شارائىتى ھازىرلانمىغان رايونلاردا، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تۆت ۋىلايەت ئوبلاستتا، تولۇقسىزنىڭ 1- يىللىقىدا ۋاقتىنچە يېڭىدىن ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەن «ئاپتونوم رايوننىڭ مەجبۇرىي مائارىپ باسقۇچىدىكى قوش تىل مائارىپى ئەندىزىسى 1 تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن دەرسلىك لايىھەسى» ( [2017] 12- نومۇرلۇق) ياكى «ئاپتونوم رايوننىڭ مەجبۇرىي مائارىپ باسقۇچىدىكى مىللىي تىلدا دەرس بېرىلىدىغان مەكتەپلەردىكى ئادەتتىكى سىنىپلارنىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن دەرسلىك ئورۇنلاشتۇرۇش لايىھەسى» ( [2017] 13- نومۇرلۇق) بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.

ئىككىنچى، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەجبۇرىي مائارىپ باسقۇچىدىكى قوش تىل مائارىپى دەرسلىك ئورۇنلاشتۇرۇش لايىھەسى» بولسا مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرنىڭ قوش تىل مائارىپىنى يولغا قويۇش، قوش تىل مائارىپىنى باھالاشتىكى تۈپ ئاساسى، ھەر قايسى جايلاردىكى ھەر دەرىجىلىك مەكتەپلەر ئەستائىدىل ئىجرا قىلىشى لازىم.

ئۈچىنچى، ئەمىللەشتۈرۈش جەريانىدا، ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر چوقۇم نازارەت قىلىش ۋە يېتەكلەشنى كۈچەيتىشى، مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى ۋاقتىدا ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىگە مەلۇم قىلىشى لازىم.

قوشۇمچە ھۆججەت: «ئاپتونوم رايوننىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى قوش تىل ئوقۇتۇشى دەرسلىك ئورۇنلاشتۇرۇش لايىھەسى»

 

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى (تامغا)

2017- يىل 5- ئىيۇل

(بۇ ھۆججەت ئاشكارا تارقىتىلىدۇ)

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

http://turkistantimes.com/uy/news-1874.html

Share
2081 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.