logo

trugen jacn

مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇش —  مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ مۇقەددىمىسى

 

 

ئېرپان مۇزەپپەر

 

نادانلىق، قالاقلىق ۋە خۇراپاتلىقىنى تۆگىتىپ، مىللەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇقەددىمىسى ئاقارتىش ۋە مائارپتۇر. ئاقارتىش ۋە مائارىپ بىر مىللەتنىڭ گۈللەپ- ياشنىشى ۋە جەمئىيەتنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ تۈپكى ئامىللىرىنىڭ بىرى. مىللەتنىڭ گۈللەندۈرۈشنىڭ كاپالىتى مىللەتنىڭ ئۆز- ئۆزىگە خوجا بولىدىغان دۆلىتى بولۇشى ياكى ئەمەلىي دېموكراتىيىگە ئىگە دۆلەتتە ماكانلاشقان بولۇشى شەرت.

ھەسەتخۇرلۇق ئىنسانلاردا بولىدىغان، ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشى ۋە ئۆزئارا مۇناسىۋېتىگە سەلبىي تەسىر ئېلىپ كېلىدىغان، جەمىئيەت ۋە مىللەتنىڭ گۈللىنىشىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسەتمەيدىغان بىر خىل پىسىخىكىلىق ھالەت (ھادىسە، مىجەز). ھەسەتخورلۇق شەخسىيەتچىلىكىنىڭ ئادەم پىسىخىكىسىدىكى بىر خىل كونكرېت ئىپادىلىنىشى.  ھەسەتخورلۇقنىڭ تۈپەيلى جەمئىيەت تەرەققىياتى توختاپ قالغان ئەمەس ۋە توختاپ قالمايدۇ. جەمئىيەتتە خۇددى خەلق ماقالى « ئىت ھۇر، كارۋان يۈرەر » دە بايان قىلغان ئەھۋال يۈز بېرىۋېرىدۇ.  ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا كىشلىك  جەمئىيەتنىڭ نورمال ئەخلاق- پەزىلىتىمۇ ھەسەتخۇرلۇقدىن ئىبارەت بۇ ناچار ئىللەتنىڭ جەمئىيەتتە يامراپ كېتىشىگە يول قويمايدۇ.

ئىنسانلار جەمئىيىتى مەۋجۇت بولىدىكەن، ھەسەتخورلۇقتىن ئىبارەت بۇ خىل پىسىخىكىلىق ھالەتتىن خالى بولغىلى بولمايدۇ. بۇ خىل پىسىخىكلىق  ھالەتنىڭ بەزى كىشلەردە پەيدا بولىشى جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە كىشلەرنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىسى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋېتى يوق. مەشھۇر ئامېرىكىلىق تامېس ئېدىسېن  ئىنتايىن كۆپ كەشپياتلارنى قىلغان بولسىمۇ، لېكىن  كەسىپدىشى نىكولا تېسلاغا ھەسەخۇرلۇق قىلىپ، ھەممە يەردە نۇتۇق سۆزلەپ، نىكولا تېسلا كەشىپ قىلغان ئۆزگۈرۈشچان توكنىڭ ئۇلۇغ ئەھمىيىتىنى يوق قىلىپ يۈرگەن. ئېدىسېننىىڭ بۇ ھەسەتخورلۇقىنىڭ نەتىجىسىدە ئۇلار ئادا- جۇدا بولۇشۇپ كەتكەن.  ھاتتا تېسلا  ئېدىسېن بىلەن ئىككىسىگە تەڭ بېرىلگەن نوبېل مۇكاپىتىنى ئېدىسېندەك ھەسەتخور بىر ئادەم بىلەن بىللە ئېلىشنى رەت قىلغان. ھەسەتخورلۇقدىن ئىبارەت بۇ پىسىخىكىلىق ھالەتنىڭ ئامېرىكىدەك مائارىپ ۋە مەدەنىيەت تەرەققى قىلغان مەملىكەتتىمۇ سادىر بولغانلىقىنى دەللىللەپ بېرىدىغان بۇ مىسال  ھەسەتخورلۇقنىڭ جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە كىشلەرنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسى بىلەن ئانچە مۇناسىۋېتى يوق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.

ھەسەتخورلۇق ئىبارەت بۇ خىل سەلبىي پىسىخىكىلىق ھالەت ھەممە كىشلەردە سادىر بولىۋەرمەيدۇ. ئەخلاق- پەزىلەتلىك، كەڭ قورساقلىق ئادەملەر ۋە بىغەم، بىپەرۋا، بىخارامان ئادەملەردە ئاسان پەيدا بولمايدۇ. ئادەتتە شەخسىيەتچى، ئىچكى تار، ئابرويپەرەس، شۆھرەتپەرەس ۋە « ھەممە ئىشنى مەن قىلسام، كىشلەر مېنى ماختىسا، مېنى نوچى دېسە »  دەپ خىيال قىلىدىغان ۋە ئۆزنى « ئاكاڭ قارىغاي بىرىنچى» ھېسابلايدىغان كىشلەردە ئوڭاي سادىر بولىدۇ. كىشلەردە بۇ خىل سەلبىي پىسىخىكىلىق ھالەتنىڭ پەيدا بولۇش دەرىجىسى ھەر خىل بولىدۇ. دەرىجىسىنىىڭ قانداق بولىشى كىشلەرنىڭ ئەخلاق- پەزىلىتىنىڭ يۇقىرى- تۆۋەنلىكى ۋە شەخسىيەتچىلىك، ئىچكى تارلىق، ئابرويپەرەسلىك، شۆھرەتپەرەسلىكىنىڭ ئېغىر- يېنىكلىكى ھەمدە ئۇنى كونتورۇل قىلىش دەرىجىسىگە باغلىق.  ھەسەتخۇرلۇقىتىن ئىبارەت بۇ پىسىخىكىلىق ھالەتتىن مۇمكىن قەدەر ساقلىنىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك چارىسى ئەخلاق- پەزىلەتلىك، كەڭ قورساقلىق بولۇش ۋە بۇ دۇنياغا يارتىلغان ھەر بىر ئىنسانغا بۇ دۇنيا قىلىدىغان يىتەرلىك ئىش بار دەپ ئۆز- ئۆزىگە تەسەلى بېرىشتىن ئىبارەت.  ھەسەتخورلۇققا تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى پەرۋا قىلماسلىق، كارى بولماسلىق. ئەگەر ھەسەتخۇرلۇقىتىن ئىبارەت بۇ پىسىخىكىلىق ھالەت بارغانسىرى ئېغىرلاپ كەتسە، دەرھال پسىخولوگلارغا كۆرۈنۈش ۋە ئۇلاردىن مەسلىھەت سوراش لازىم.

Share
5418 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.