logo

trugen jacn

ليۇ شاۋبونىڭ تەقدىرى ئىلھام توختىنىڭ تۈرمىدىكى ئەھۋالىدىن ئەندىشە پەيدا قىلدى

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

دۈشەنبە كۈنى 2010-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن خىتاي تۈرمىسىدىكى سىياسىي مەھبۇس ليۇ شاۋبونىڭ جىگەر راكىنىڭ ئاخىرى باسقۇچى سەۋەبلىك، تۈرمە سىرتىدا داۋالىنىشىغا يول قويۇلغانلىقى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، خەلقئارادا نۆۋەتتە خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان ئىلھام توختىغا ئوخشاش ۋىجدان مەھبۇسلىرىنىڭ ئەھۋالىغا قارىتا دىققەت كۈچەيدى. چەتئەللەردىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىلھام توختىنىڭ تۈرمىدىكى ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈش ۋە ئىلھام توختىغا ئوخشاش ۋىجدان مەھبۇسلىرىغا ئەركىنلىك تەلەپ قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

بىرنەچچە كۈندىن بۇيان خەلقئارا تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىنىۋاتقان خىتاي تۈرمىسىدىكى نوبېل تىنچلىق مۇكاپات ساھىبى ليۇ شاۋبونىڭ جىگەر راكىغا گىرىپتار بولغانلىقى سەۋەبلىك تۈرمە سىرتىدا داۋالىنىشىغا يول قويۇلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ راك كېسىلى ئاخىرقى باسقۇچىغا كەلگەنلىكى ئۈچۈن داۋالاش ۋاقتى ئاللىقاچان ئۆتۈپ كەتكەنلىكى، خەلقئارادا قوزغالغان ليۇ شاۋبوغا ئەركىنلىك بېرىش ھەققىدىكى تەلەپلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن رەت قىلىنىشىغا قارىتا نارازىلىق كۈچىيىۋاتقانلىقى قاتارلىق خەۋەر-ئانالىزلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، بىر قىسىم ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدا ليۇ شاۋبوغا ئوخشاش خىتاي تۈرمىسىدىكى ۋىجدان مەھبۇسلىرىنىڭ ئەھۋالىغا يېقىندىن دىققەت قىلىش سادالىرىمۇ كۈچەيدى.

خەلقئارادا تونۇلغان بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى فېيسبوك، تۋىتېر قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدا ئىنكاس يېزىپ، نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى ليۇ شاۋبوغا ئوخشاش، ھېلىمۇ خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان ۋىجدان مەھبۇسلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈش، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇلارنىڭ تۈرمىدىكى ئەھۋالىنى داۋاملىق سۈرۈشتە قىلىش، ئۇلارنىڭ بالدۇرراق ئەركىنلىككە چىقىشى ئۈچۈن خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىلا ئەمەس، بەلكى غەرب دېموكراتىك دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭمۇ خىتاي بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىدە بۇ مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى لازىملىقىنى تەكىتلىدى.

فىرانسىيەدىكى خىتاي مەسىلىلىرى تەتقىقاتچىسى ماري ھولزمان خانىم ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئاكتىپ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىدىن بىرى. ماري ھولزمان خانىم نۆۋەتتە يەنە گېرمانىيەدە قۇرۇلغان ئىلھام توختىنى قۇتقۇزۇش گۇرۇپپىسىنىڭمۇ مەسئۇللىرىدىن بىرى. ئۇ، رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، فىرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 29-ئىيۇن پەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ليۇ شاۋبونىڭ چەتئەللەردە داۋالىنىشىنى تەشەببۇس قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ راك كېسىلى ئاخىرقى باسقۇچىغا كەلگىنى ئۈچۈن، داۋالاپ ساقايتىش ئىمكانىيىتى يوقلۇقىدىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈردى، ئۇ، بۇ ئاقىۋەت ھېلىمۇ خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان، ئەمما تۈرمىدىكى ھەقىقىي ئەھۋالى دۇنياغا ئاشكارىلانمىغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىغا ئوخشاش ۋىجدان مەھبۇسلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىلىش، ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈشنىڭ تولىمۇ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.

ماري خانىم مۇنداق دېدى: «ليۇ شاۋبو جىگەر راكىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدىلا ئاندىن تۈرمە سىرتىدا داۋالىنىشقا رۇخسەت قىلىندى، ئەمما ئۇنىڭ چەتئەلگە چىقىشىغا رۇخسەت قىلىنمىدى. ليۇ شاۋبو ۋە ئۇنىڭ ئايالى ليۇ شانىڭ بېرلىندىكى دوستى لياۋ يىۋۇ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئېغىر كېسەل ئازابىدا ئۆزىگە ئاغرىق توختىتىدىغان مورفىن بېرىشنى تەلەپ قىلىۋاتقان ليۇ شاۋبو، ئۇنى 10 يىل ساقلىغان ئايالى ليۇ شاغا ئۆزىنىڭ چەتئەللەردە يەنى ئەركىن بىر دۆلەتتە ئۆلۈپ كېتىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپتۇ.بۇ تولىمۇ ئېچىنىشلىق بىر ئەھۋال ! بۇ بىزگە ليۇ شاۋبوغا ئوخشاش ۋىجدان مەھبۇسلىرىنىڭ خىتاي تۈرمىسىدىكى ئەھۋالىغا جىددىي كۆڭۈل بۆلۈشىمىز كېرەكلىكىنى تېخىمۇ تونۇتتى. ئىلگىرى خىتاي تەرىپىدىن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان تىبەت راھىبى تېنزىن دېلىكىس كېسەل بىلەن تۈرمىدە ئۆلگەن ئىدى، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى ساۋ شۈنلى خانىمنىڭ 2013-يىلى تۇتقۇن قىلىنىپ 6 ئاي ئىچىدىلا تۈرمىدە كېسەل بىلەن ئۆلگەنلىكىدىن خەۋەر ئالغان ئىدۇق. مانا بۈگۈن ليۇ شاۋبونىڭ راك كېسىلىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىغا كەلگەندىلا ئاندىن تۈرمە سىرتىدا داۋالىنىشقا رۇخسەت قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ كېسىلى ئاللىقاچان داۋالاش باسقۇچىدىن ئۆتۈپ كەتكەنلىكى ئاشكارىلاندى. ليۇ شاۋبونىڭ بۇ قەدەر ئېچىنىشلىق ئەھۋالى بىزگە، خىتاي تۈرمىسىدىكى مەشھۇر ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ ۋەزىيىتىدىن قاتتىق ئەنسىرەش پەيدا قىلدى.»

ماري ھولزمان خانىم سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «ئىلھام توختىغا ئوخشاش ۋىجدان مەھبۇسلىرىنىڭ تۈرمىلەردە قانداق مۇئامىلە ۋە قىيىن ‏-قىستاقلارغا ئۇچرايدىغانلىقى بىزگە قاراڭغۇ. بولۇپمۇ يېقىنقى بىرنەچچە يىلدا خىتاي تۈرمىلىرىدە ئۆلۈپ كەتكەن ۋىجدان مەھبۇسلىرىنىڭ بارغانچە كۆپىيىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر بىزگە خىتاي تۈرمىلىرىدىكى ئىلھام توختىغا ئوخشاش ۋىجدان مەھبۇسلىرىنىڭ تۈرمىدىكى ئەھۋالىنى داۋاملىق سۈرۈشتە قىلىش، ئۇلارنى ئۇنتۇپ قالماسلىق ۋە ئۇلارنىڭ بالدۇرراق ئەركىنلىككە ئېرىشىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىزنىڭ تولىمۇ زۆرۈر ۋە تەخىرسىزلىكىنى بىلدۈرىدۇ» دېدى.

ئىلھام توختىنى قۇتقۇزۇش گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى ئەنىۋەرجان ئەپەندىمۇ، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ليۇ شاۋبونىڭ نۆۋەتتىكى كېسەللىك ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈش ۋە تۈرمىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى ھەققىدە ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى نامىدا مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەنىۋەرجان ئەپەندى يەنە، ئىلھام توختى گۇرۇپپىسىنىڭ يېقىندىن بۇيان ئىلھام توختى ئۈچۈن ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى ھەققىدىمۇ توختىلىپ، ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى نامىدا مۇناسىۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىغا، دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا خىتاي تۈرمىسىدىكى ئىلھام توختى ھەققىدە داۋاملىق تەكلىپ-پىكىرلەرنىڭ سۇنۇلۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

نوبېل تىنچلىق مۇكاپات ساھىبى ليۇ شاۋبونىڭ راك كېسىلىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدا ئىكەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىمۇ 27-ئىيۇن كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن تۈرمىلەردىكى ليۇ شاۋبو، ئىلھام توختى قاتارلىق سىياسىي  مەھبۇسلارنى شەرتسىز ۋە دەرھال قويۇپ بېرىش، سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ ئائىلە-تاۋاباتلىرىغا قارىتىلغان تەقىب قىلىش ۋە نازارەتنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدى.

2014-يىلى 15-يانۋار تۇتقۇن قىلىنىپ، 2014-يىلى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش»، «دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش» قاتارلىق جىنايەتلەر ئارتىلىپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىلھام توختى ئەپەندىگە ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەقلىرىنى قوغداش يولىدا كۆرسەتكەن پىداكارلىقلىرى ئۈچۈن خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن «باربارا گولدسىمىس ئەركىن يېزىش مۇكاپاتى»، «مارتېن ئاننالىس كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى»، « ئىسمائىل گاسپىرى ئەركىنلىك مۇكاپاتى» قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتلىرى بېرىلگەن.

ئىلھام توختى ئەپەندى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغاندىن بۇيان، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ تۈرمىدىكى ئەھۋالى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى ئۈزلۈكسىز قامال قىلىپ كەلگەن بولۇپ، ئىلھام توختىنىڭ بېيجىڭدا ياشاۋاتقان ئايالى گۈزەلنۇر خانىمدىن ئىلھام ئەپەندىنىڭ يېقىنقى ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئىمكانىيىتىمىز بولماي كەلگەن ئىدى. ئەمما، ئىلھام توختى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئەھۋالىنى يېقىندىن بىلىدىغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىدىن ساخاراف ئەركىنلىك مۇكاپاتى ساھىبى، نۆۋەتتە بېيجىڭدا ياشاۋاتقان خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى خۇ جيا ئەپەندى، ئىلھام توختى ئائىلىسى تۇرۇشلۇق بېيجىڭدىن يىراق بولغان ئۈرۈمچىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقىنى ئۈچۈن، گۈزەلنۇر خانىم ۋە ئىككى ئوغلىنىڭ ئىلھام توختىنى يىلدا ئاران بىر قېتىملا يوقلىيالايدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ تۈرمىدىكى ئەمەلىي ئەھۋالىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىدىن خەۋەر ئالالماسلىق بۇ ئائىلە كىشىلىرى ۋە ئىلھام توختىنىڭ دوستلىرىنى ئەنسىرىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/ilxam-toxtidin-endishe-06302017211817.html

Share
1687 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.