logo

trugen jacn

لوپ چارباغدىكى مونەك مەسچىتى كەنتنىڭ كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەت ئۆيىگە ئۆزگەرتىلمەكتە

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئۇيغۇر رايونىدا ئۆتكەن يىلنىڭ ئوتتۇرا -ئاخىرلىرى باشلانغان «مەسچىتلەرنى ئەلالاشتۇرۇش» نامى ئاستىدىكى مەسچىتلەرنى قىسقارتىش ھەرىكىتى بۇ يىلمۇ داۋام قىلماقتا.

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر ھەرىكەت داۋامىدا بەزى مەسچىتلەر چېقىۋېتىلگەن بولسا، بەزىلىرى قۇلۇپلانغان، يەنە بەزىلىرى بولسا، باشقا خىل پائالىيەت سورۇنلىرىغا ئۆزگەرتىلمەكتە.

ئۆتكەن يىلقى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا قەشقەر توققۇزاقتا ۋە خوتەن قاراقاشتا كۆپ ساندىكى مەسچىتلەرنىڭ چېقىلغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى. بىز بۈگۈن لوپ ناھىيەسىنىڭ چارباغ يېزىسىدىن ئەھۋال ئېنىقلىشىمىز داۋامىدا، مەسچىتلەرنى ئەلالاشتۇرۇش نامى ئاستىدىكى مەزكۇر ھەرىكەتنىڭ تېخىچە داۋاملىشىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئارامەھەللىدىكى مونەك مەسچىت دەپ ئاتىلىدىغان بىر مەسچىت، ئېتىقادچى ئاممىنىڭ ئىرادىسى ۋە دىنىي ھېسسىياتىغا زىت ھالدا، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنىغا ئۆزگەرتىلمەكتە. مەدەنىيەت پائالىيەت ئۆيى دەپ نام بېرىلگەن بۇ ئورۇندا بۇنىڭدىن كېيىن، يىغىن ۋە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئەسەبىيلىككە قارشى تەشۋىقات دولقۇنىدا تەشكىللەنگەن 15 كىشىلىك دېھقان سەنئەت ئۆمىكى، بۇ ئورۇندا ناخشا، ئۇسۇل ۋە تانسا ئۆگىتىدۇ. بۇ مەسچىتنىڭ نۆۋەتتە مېھرابلىرى چېقىلىپ بولغان، پەقەت بېزەك ئىشلىرى داۋاملاشماقتا.

بۈگۈن ئامېرىكادا ياشاۋاتقان سىياسىي كۆزەتكۈچى، دوكتور قاھار بارات ئەپەندى، ئارامەھەللىدىكى مونەك مەسچىتنىڭ كۆڭۈل ئېچىش سورۇنىغا ئايلاندۇرۇلۇشى ھەققىدە پىكىر بايان قىلدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يالغۇز دىنىي ئېتىقادقا ھۆرمەتسىزلىك ئەمەس، بەلكى دىنىي ئېتىقادنى دەپسەندە قىلىش.

قاھار بارات ئەپەندى يەنە، خىتاينىڭ مەدەنىيەت ئىنقىلابىي دەۋردە مەملىكەت مىقياسىدا ئىجرا قىلغان دىنىي ئېتىقادقا قارشى ھۇجۇمنى ئەمدىلىكتە ئۇيغۇر رايونىدا ئەينى شەكىل ۋە سالماقتا تەكرارلاۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. خىتاينىڭ بۇ قىلمىشنى ئاتالمىش دىنىي ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش مەقسىتىدە ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان قاھار بارات ئەپەندى، ئىنساننىڭ قەلبىدە يىلتىز تارتقان ئېتىقادنى بۇ زوراۋانلىق يولى بىلەن يوقىتىشنىڭ مۇمكىنسىزلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئەسلىدە خىتاينىڭ باستۇرۇش سىياسىتى نەتىجىسىدە ئۇيغۇرلاردا كەڭ ئومۇملاشقان ۋە چوڭقۇرلاشقان دىنىي ئېتىقاد، بۇ خىل ئىجرائاتلارنىڭ تۈرتكىسىدە تېخىمۇ چوڭقۇر يىلتىزى تارتىشى ۋە مۇستەھكەملىنىشى مۇمكىنكى، خىتاي كۈتكەندەك ئاجىزلاش بولۇشى مۇمكىن ئەمەس

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/din/uyghurda-din-09052017155255.html

Share
1549 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.