logo

trugen jacn

لوپ ناھىيىسىدىكى «مەسچىتكە كىرىش كىنىشكىسى» نىڭ باش ئاخىرى

b8c603f3-05a2-450e-b57e-8d1b752e39c7

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

2014-يىلىنىڭ ئاخىرىدا خوتەن ۋىلايىتىگە قاراشلىق لوپ ناھىيىسىنىڭ ھاڭگىيا يېزىسىنىڭ ئاياغ خانىقا ئېرىق كەنتى پۈتكۈل ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە تۇنجى بولۇپ يەرلىك ئۇيغۇر مۇسۇلمان ئاممىغا قارىتا «مەسچىتكە كىرىش كىنىشكىسى» تارقىتىشنى باشلىغان ئىدى. ئالاقىدار مەنبەلەردىن خەۋەر تېپىشىمىزچە، بۇ كىنىشكا يەرلىك ئۇيغۇر ئاممىدىن مەسچىتلەرگە ۋە باشقا ئالاقىدار دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىغا كىرمەكچى بولغانلار ئۈچۈن تارقىتىلغان بولۇپ، بۈگۈنكى تېلېفون زىيارىتىمىز ئارقىلىق بۇ كىنىشكىنىڭ ھازىر ھاڭگىيا يېزىسىدىن كېڭىيىپ، لوپ ناھىيىسىگە قاراشلىق بىرنەچچە چوڭ يېزىدا ئومۇملاشقانلىقى مەلۇم بولدى. لېكىن، لوپ ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئىشخانىسىدا نۆۋەتچىلىكتە تۇرۇۋاتقان خىتاي خادىم مەزكۇر كىنىشكىنىڭ تارقىتىلىشى ھەققىدە سورىغان سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ، «لوپ ناھىيىسىدىكى مۇسۇلمان ئاممىغا ‹مەسچىتكە كىرىش كىنىشكىسى› تارقاتقان بۇنداق ئەھۋال مەۋجۇت ئەمەس» دېدى. لېكىن، تېلېفون زىيارىتى ئارقىلىق يەرلىك ئۇيغۇرلاردىن ئىگىلىگەن ئەھۋاللار كىنىشكا تارقىتىشنىڭ راستلىقىنى، شۇنداقلا بۇ خىلدىكى «مەسچىتكە كىرىش كىنىشكىسى» نىڭ نۆۋەتتە ھاڭگىيا يېزىسىدىن ھالقىپ ئۇنىڭغا قوشنا باشقا يېزىلارغا كېڭەيگەنلىكىنى دەلىللىدى. بۆ ھەقتە سورالغان سوئالغا جاۋاب بەرگەن شۇ يەرلىك بىرەيلەن بۇ ئەھۋالنىڭ راستلىقىنى تىلغا ئالدى.

لوپ ناھىيىسىگە قىلغان تېلېفون زىيارىتى ئارقىلىق شۇ نەرسە مەلۇم بولدىكى، بۇ كىنىشكا پەقەت ئاشۇ تەۋەلىكتىكى دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئىجازەت بېرىلگەن كىشىلەرنىڭ ئۆز تەۋەلىكىدىكى مەسچىتكە كىرىشى ئۈچۈنلا ئىشلەنگەن ئىكەن. ئەمما، ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرى، ئوقۇغۇچىلار ۋە ناماز ئوقۇشى مەنئى قىلىنغان باشقا كىشىلەرگە بۇ كىنىشكا بېرىلمەيدىكەن. مەزكۇر كىنىشكىسى بار كىشى ئۆزى تەۋە بولغان يېزا ياكى كەنتتىن ھالقىپ باشقا مەھەللىدىكى مەسچىتلەرگە كىرمەكچى بولسا ئاشۇ مەسچىت ئالدىدىكى تەكشۈرگۈچىلەر ئۆز تەۋەسىدە بولمىغان بۇ خىلدىكى كىشىلەرنىڭ مەسچىتكە كىرىشىنى توسىدىكەن. خىلاپلىق قىلغۇچىلار كۆرۈلسە قانۇن بويىچە جازاغا تارتىلىدىكەن. ھاڭگىيا يېزىلىق بازاردا ئولتۇرۇشلۇق بىر ئۇيغۇر خانىم تېلېفون ئارقىلىق سورالغان سوئاللارغا جاۋاب بەرگەندە بۇ ئەھۋالنى تىلغا ئالدى.

بىز بۇ ھەقتە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ بۇ مەسىلىگە قانداق قارايدىغانلىقىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئۇيغۇر ئۆلىما سىراجىدىن ھاجىنى زىيارەت قىلدۇق. ناماز ئوقۇشنىڭ ئىسلام دىنىدىكى بەش پەرھىزنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى، نامازنى جامائەت بولۇپ ئوقۇشنىڭ ئۆز ئالدىغا ئوقۇشتىن ئەۋزەل بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن سىراجىدىن ھاجى بۇ خىلدىكى «مەسچىتكە كىرىش كىنىشكىسى» نىڭ مەقسىتى يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ مەسچىتكە توپلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى چەكلەش ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى، شۇنداقلا بۇنىڭ ئەڭ ئەقەللىي ئىنسان ھەقلىرىنىڭ دەپسەندە بولۇشى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇنىڭ قارىشىچە، يەرلىك دائىرىلەرنىڭ بۇ خىلدىكى يولسىز تەدبىرلىرى ئەمەلىيەتتە ئىسلام دىنىغا جەڭ ئېلان قىلغانلىققا باراۋەر ئىكەن

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/din/meschit-kenishke-10202015151058.html

Share
1299 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.