logo

trugen jacn

لوپتىكى قاراۋۇلخانىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنىڭ يەنە بىر قىسىم ئىنچىكە تەپسىلاتلىرى ئاشكارىلاندى

timthumb

شۆھرەت ھوشۇر

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

خوتەننىڭ لوپ ناھىيە بازىرىدا 11‏- ۋە 12-ماي كۈنلىرى يۈز بەرگەن ۋە 3 نەپەر پىدائىي ۋە 4 نەپەر ساقچىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان قاراۋۇلخانىغا بومبىلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنىڭ يەنە بىر قىسىم ئىنچىكە تەپسىلاتلىرى ئاشكارىلاندى.

مەلۇم بولۇشىچە، بىرىنچى قېتىملىق ھۇجۇمدا بىر نەپەر پىدائىي، ئىككىنچى قېتىملىق ھۇجۇمدا ئىككى نەپەر پىدائىي قاراۋۇلخانىغا پىيادە يېتىپ كېلىپ قاراۋۇلخانىدىكى ساقچىلارغا بومبا ئاتقان ۋە بېلىدىكى بومبىنى پارتلاتقان. مەلۇم بولۇشىچە بۇ قاراۋۇلخانىنىڭ ئاساسلىقى ۋەزىپىسى پۈركەنچىلىك ئايال ۋە ساقاللىق ئەرلەرنى تەكشۈرۈشتۇر؛ قاراۋۇلخانا ئەتراپتىكى ناھىيىلىك قاماقخانا ۋە پىلانلىق تۇغۇت ئىدارىسى بىلەن قوشنا بولۇپ، ساقچىلارنىڭ پاش قىلىشىچە، ئەنە شۇ سەۋەبتىن بۇ قاراۋۇلخانا ھۇجۇم نىشانى قىلىپ تاللانغان

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/qanun/lop-hujum-05142015153222.html

Share
970 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.