logo

trugen jacn

لوس ئانجېلىس ۋاقتى گېزىتى 600 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرنىڭ تۈركىيىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى

image

ئامېرىكىداچىقىدىغان لوس – ئانجېلىس ۋاقتى گېزىتى بۈگۈنكى خەۋىرىدە، 600 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ يېقىندا تۈركىيىگە كېلىپ ئورۇنلاشقانلىقىنى بىلدۈردى. ئىگىلىنىشىچە، كۆپىنچىلىرى بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن تەركىپ تاپقان ۋە كىچىك بالىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە بۇ 600 كىشى تۈركىيىنىڭ قەيسىرى شەھىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

خەۋەردە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدا تېررورلۇققا قارشى كۈرەش نامى ئاستىدا يۈرگۈزۈۋاتقان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش سىياسىتى ۋە دىنىي چەكلىمىلىرى تۈپەيلىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرت – ماكانلىرىنى تاشلاپ سىرتلارغا قېچىشقا مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقى، تۈركىيىگە كېلىپ ئورۇنلاشقان بۇ كىشىلەرنىڭمۇ ئەنە شۇلارنىڭ بىر قىسىمى ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان.

مەزكۇر خەۋەردە يەنە، تۈركىيىدىكى ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ سۆزى قەيت قىلىنىپ تۇرۇپ، يېقىندىن بۇيان تۈركىيىگە قاچاق يوللار ئارقىلىق كېلىپ ئورۇنلاشقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنىڭ 7000 غا يېتىپ بارغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/turkiye-uyghur-02032015205224.html

Share
1487 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.