logo

trugen jacn

كەنت سېكرېتارى: كەنتىمىزدە ئېغىزغا ئالغۇدەك چوڭ ئىش يوق، ئەمما ھەر ئىككى ئائىلىدىن بىر كىشى قاماقتا

 

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئۇيغۇر رايونىدا 2014-يىلى ئىيۇندا باشلانغان قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىدىن كېيىنكى كەڭ-كۆلەملىك تۇتقۇندا، قانلىق ۋەقە چىققان جايلاردا ھەر 3 ياكى 4 ئائىلىگە بىردىن مەھبۇس توغرا كەلگەنلىكى ئاشكارىلانغان ئىدى.

ئۇيغۇر رايونىدا قاتتىق زەربە بېرىش نامىدىكى سىياسىي تۇتقۇن ھەرىكەتلىرى 10 نەچچە يىللاردىن بېرى داۋام قىلىۋاتقان بولسىمۇ، بۇ زەربىنىڭ كۆلىمى ۋە سالمىقىدا 2014-يىلى 22-ماي كۈنى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئەتىگەنلىك بازارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىن كېيىنكى دولقۇندا نەچچە ھەسسە ئېشىش بولدى. مەسىلەن ئاقسۇ ئايكۆلنىڭ پەيشەنبە بازار كەنتىدە ھەر 3 ئائىلىدىن بىر كىشى تۇتۇلغان بولسا، گۇما ناھىيىسىنىڭ كۆكتېرەك بازا تۆۋەن قۇمكۆل كەنتىدە ھەر 4 ئائىلىدىن بىر كىشى تۇتقۇن بولغان.

ئەڭ يېقىنقى ئېنىقلىشىمىز داۋامىدا بۇ خىل كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇننىڭ ھېچقانداق ۋەقە چىقمىغان يېزا-بازار ۋە كەنتلەردىمۇ يۈز بەرگەنلىكى ئاشكارىلاندى. مانا بۇلاردىن بىرى خوتەن شەھەر ئىچىگە قاراشلىق شورباغ يېزىسىنىڭ گازون كەنتى. گازون كەنتىدە 2219 نوپۇس، 419 ئائىلە بار بولۇپ بۇلاردىن نۆۋەتتە نۆۋەتتە 149 كىشى تۈرمىدە، 56 كىشى قاماقتا ياتماقتا.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يېزىدا يېقىنقى 10 نەچچە يىل ئىچىدە بىرەر قېتىممۇ قارشىلىق ھەرىكەتلىرى يۈز بەرگەن ئەمەس. شۇنداقتىمۇ قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش بىلەن ئەيىبلىنىپ، بەزى ئائىلىلەردىن 4-5 كىشى، بەزى ئائىلىلەردىن ئەر-ئايال تۇتقۇن قىلىنغان. بۇ كەنتتىن يېقىنقى 3 يىل ئىچىدە كېسىلگەن 149 كىشىنىڭ يۇقىرىسى 17 يىللىق، تۆۋىنى 3 يىللىق تۈرمىگە تاشلانغان. نۆۋەتتە يەنە 56 كىشى، تەربىيىلەش مەركىزى نامىدىكى شەكلى ئۆزگەرگەن قاماقخانىدا تەلىم ئالماقتا. بۇلارنىڭ قاچان قويۇپ بېرىلىدىغانلىقى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.

ئاساسلىقى «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت» بىلەن شۇغۇللاندى، دەپ ئەيىبلەنگەن بۇ كىشىلەرنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ 2015- ۋە 2016-يىللىرى تاراۋى نامىزىغا قاتناشقانلار ئىكەنلىكى مەلۇم

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/qanun/turme-qamaq-09042017134215.html

Share
927 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.