logo

trugen jacn

كەنت سېكرېتارى: ئاتا-ئانىسى تەربىيەلەشكە ئەكېتىلگەن بالىلار «پەرىشتىلەر مەكتىپى» دە ئوقۇماقتا

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئاشكارىلىنىشىچە، كېرىيە ناھىيەسىدە ئاتا-ئانىسى تەڭلا يىغىۋېلىش لاگېرغا ئەكېتىلگەن بالىلار «پەرىشتىلەر مەكتىپى» دەپ نام بېرىلگەن ياتاقلىق مەكتەپكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

خادىملاردىن بىرىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، ئاتالمىش پەرىشتىلەر مەكتىپىدىن كېرىيە ناھىيەسىدە ئىككىسى بار بولۇپ، بۇنىڭدا 4 ياش بىلەن 18 ياش ئارىسىدىكى 3 مىڭچە بالا ئاتا-ئانا مېھرى ۋە تەربىيەسى؛ شۇنداقلا ئائىلە مۇھىتىدىن مەھرۇم ھالەتتە يېتىشتۈرۈلمەكتە.

ئۇيغۇر رايونىدا «يىغىۋېلىش لاگېرلىرى» قۇرۇلغاندىن بۇيان، بىر قىسىم جايلاردا دارىلئېتاملار قۇرۇلۇپ يېتىم بالىلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى ئاشكارىلانغان بولسىمۇ، ئەمما ئاتا-ئانىسى تەڭلا لاگېرغا ئەكېتىلگەن بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەرنىڭ نەگە ۋە قانداق ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى تا ھازىرغىچە سىر ئىدى. شۇڭا بىز لاگېرلار ھەققىدىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، ئالاقىدار خادىملاردىن بۇ ھەقتىمۇ مەلۇمات سورىدۇق. كۆپىنچە خادىملار بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىشتىن ئۆزلىرىنى قاچۇردى.

ئۆزىنىڭ كومپارتىيەگە ئەزالىققا يېڭىدىن ئىلتىماس سۇنغانلىقى ۋە مۇقىملىق جەھەتتە خىزمەت كۆرسىتىشنىڭ كويىدا ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان، كېرىيەدىكى بىر كەنت سېكرېتارى، ئاتا-ئانىسى تەڭلا لاگېرغا ئەكېتىلگەن بالىلارنىڭ «پەرىشتىلەر مەكتىپى» نامىدىكى ئىككى مەكتەپكە ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ ئىككى مەكتەپنىڭ بىرى بىر يىل بۇرۇن، يەنى، يىغىۋېلىش لاگېرلىرى رەسمىي ھەرىكەتكە ئۆتۈپ يېرىم يىلدىن كېيىن قۇرۇلغان. ئەمما لاگېرلارنىڭ كېڭىيىشى ۋە قارىغۇچىسىز بالىلارنىڭ تېز كۆپىيىشى نەتىجىسىدە، بۇنىڭدىن 4 ئاي بۇرۇن «پەرىشتىلەر مەكتىپى» نىڭ ئىككىنچىسى بەرپا قىلىنغان. مەلۇم بولۇشىچە بۇ ئىككى مەكتەپ، يەسلى، باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپلىرىدىن تەشكىللەنگەن. مەكتەپكە 4 ياش بىلەن 18 ياش ئارىسىدىكى ئاز دېگەندە 3 مىڭچە بالا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. بېرىلگەن ئۇچۇرلاردىن، بۇ مەكتەپتە ناھىيەدىكى قارىغۇچىسىز بالىلارنىڭ يېتىپ قوپۇش ۋە ئوقۇش ئىشىنىڭ تەڭ ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئەمما ئۇلارنىڭ باشقۇرۇلۇش تۈزۈملىرىدە ۋە دەرسلىك مەزمۇنلىرىدا نورمال مەكتەپلەردىن پەرقلىق مەزمۇنلار بار يوقلۇقى مەلۇم ئەمەس.، ھەتتا ئۇلارغا ئاتا-ئانىسى ۋە نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ھەققىدە نېمىلەر دېيىلىۋاتقانلىقى، بۇنىڭ ئۇلارنىڭ كەيپىياتىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىمۇ ئېنىق ئەمەس. يەنە مەزكۇر خادىمنىڭ بايانلىرىدىن بۇ مەكتەپلەرنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن نازارەت قىلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم ئەمما، بالىلارنىڭ مەكتەپ سىرتىغا چىقىشىغا ۋە جەمئىيەتتىكى كىشىلەر بىلەن ئالاقە قىلىشىغا رۇخسەت بار يوقلۇقى مەلۇم ئەمەس. يەنە مەلۇم بولۇشىچە، كېرىيەدە بۇ «پەرىشتىلەر مەكتىپى»دىن باشقا، ناھىيە بازار ئىچىدە بىر دارىلئېتام، يېتىم-يېسىرلار ئورنى بار بولۇپ، ئۇنىڭغا 4 ياشتىن كىچىك بالىلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

يۇقىرىقى ئۇچۇرلاردىن كېرىيەدە قارىغۇچىسىز قالغان ئاز دېگەندە 3 مىڭچە بالىنىڭ ئاتالمىش پەرىشتىلەر مەكتىپىدە ئىكەنلىكى مەلۇم ؛ ئەمما ئاتا-ئانا مېھرى، تەربىيەسى ۋە ئائىلە مۇھىتىدىن ئايرىلىپ قېلىشنىڭ بۇ بالىلارنىڭ ئوقۇشى ۋە تۇرمۇشىغا قانداق كونكرېت قىيىنچىلىقلارنى ئېلىپ كەلگەنلىكى، روھىي دۇنياسىغا قايسى دەرىجىدە زىيان-زەخمەتلەرنى سېلىۋاتقانلىقى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.

https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/lager-bala-08272018150357.html

Share
2764 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.