logo

trugen jacn

كەلپىن ناھىيەلىك دائىرىلەر پۇقرالارنىڭ يانفونىغا تىزىمغا ئېلىنغان يېڭى سىمكارد تارقاتماقچىكەن

68a90233-bb85-4bf7-8587-cd4cf2a56ca4

قۇتلان

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى «ئاخبارات تورى» ۋە «ئاسىيا كىندىكى تورى» قاتارلىق ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى 31-يانۋاردا  خەۋەر بېرىپ، ئاھالىلەرنىڭ شەخسىي يانفونلىرىنى باشقۇرۇش بويىچە يېڭى بەلگىلىمە چىقارغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلى تەۋەسىدە يانفون، كومپيۇتېر ۋە باشقا ئالاقە-ئۇچۇر ئۈسكۈنىلىرى ساتىدىغان دۇكانلار بىردەك خېرىدارلارنىڭ كىملىكى ۋە باشقا شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى تىزىمغا ئېلىشى لازىملىقى ئەسكەرتىلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ خىل تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان دۇكانلارنىڭ خېرىدارلارنىڭ كىملىك ئۇچۇرىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىگە يوللاپ تۇرۇشى تەلەپ قىلىنغان.

بۇ بەلگىلىمە ئۆز ۋاقتىدا يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىغان. ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىلىرى چەتئەل تاراتقۇلىرىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ: «دائىرىلەرنىڭ بۇ قىلمىشى جۇڭگونىڭ ئاساسىي قانۇنىدىكى پۇقرالارنىڭ ئالاقە ئەركىنلىكى بىلەن شەخسلەرنىڭ ئالاقە مەخپىيەتلىكىنى قوغداش قانۇنىغا خىلاپ» دەپ كۆرسەتكەن.

ئۈرۈمچىدە ياشايدىغان بىر خىتاي ئايال بۇ ھەقتە خىتايچە «بۈيۈك ئېرا» گېزىتىنىڭ مۇخبىرىغا مۇنداق دېگەن: «ئۇلارنىڭ بىزنى بۇنداق قاتتىق كونترول قىلىشى بىزگە نىسبەتەن بىر زەربە شۇنداقلا بىزنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىمىزغا قىلىنغان بىر تاجاۋۇزچىلىق دېيىش مۇمكىن. مەن شەخسەن بۇنى قانۇنسىزلىق ياكى قائىدىگە توغرا كەلمەيدىغان ئىش دەپ قارايمەن.»

بۈگۈن كەلپىن تەۋەسىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ئۇيغۇر ئايال بۇ ھەقتە ئۇچۇر بېرىپ، دائىرىلەرنىڭ بۇ يېڭى بەلگىلىمىسىنىڭ يېقىندا كەلپىندە ئەمەلىيلىشىش ئالدىدا تۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ھازىر كەلپىننىڭ جاي-جايلىرىدىكى يەرلىك پۇقرالار ئارىسىدا بۇ گەپنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى، يەنى دائىرىلەر پات يېقىندا ئاھالىلەرنىڭ يانفونلىرىدىكى كونا سىمكاردلارنى يىغىۋېلىپ، يېڭىدىن تىزىمغا ئېلىنغان سىمكارد تارقىتىپ بەرمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بۇ ئايالنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دائىرىلەر يېقىندىن بۇيان شەخسىي تېلېفونلىرىغا چەتئەلدىن تېلېفون كىرگەن كىشىلەرنىمۇ بىر-بىرلەپ تەكشۈرۈپ، خەلق ئارىسىدا ۋەھىمە پەيدا قىلماقتىكەن.

ئۇ يەنە كەلپىندىكى يېزا-كەنتلەرنىڭ مەسئۇل كادىرلىرى ئۆز تەۋەسىدىكى كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە ئۈسۈپ كىرىپ، سىرتتىن كەلگەن يات ئادەملەرنىڭ بار ‏- يوقلۇقىنى ۋە ئۇلارنىڭ كىملەر بىلەن ئالاقىسى بارلىقىنى تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ ئاخىرىدا يەنە، كەلپىندىكى بېسىمنىڭ ئېغىرلىقىدىن بالا-چاقىلىرىنى ئېلىپ باشقا شەھەرلەرگە كۆچۈپ كېتىشنى، ئۇ يەردە قەغەز سېتىپ بولسىمۇ جان بېقىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

Share
1503 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.