logo

trugen jacn

كەلپىن خەلقىنىڭ نامايىشىغا سەۋەب بولغان بىر قىسىم ئەھۋاللار ئاشكارىلاندى

 

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

 قۇتلان

كەلپىن دېھقانلىرىنىڭ بۇنىڭدىن ئۈچ ئاي بۇرۇنقى نامايىشى گەرچە 17 ياشلىق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئابدۇلباسىتنىڭ ناھەق ئۆلۈمى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسىمۇ، ئەمما نامايىش جەريانىدىكى بىر قىسىم كونكرېت ئامىللار ئاشكارا بولمىغان ئىدى.

مەرھۇم ئابدۇلباسىتنىڭ ئانىسى ئامىنەم ئارىدىن 3 ئاي ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ ئەينى ۋاقىتتىكى نامايىشقا بىۋاسىتە سەۋەب بولغان بىر قىسىم ئەھۋاللارنى ئاشكارا قىلدى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 13-ئاپرېل سەھەر سائەت 5:00 ئەتراپىدا كەلپىن ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسى مەرھۇم ئابدۇلباسىتنىڭ جەسىتىنى ئائىلىسىگە ئېلىپ كەلگەن ۋە ئائىلىسىدىكىلەرگە جامائەتنى چاقىرمايلا دەرھال دەپنە قىلىۋېتىشنى بۇيرۇغان. بۇ جەرياندىكى ئىشلارغا مەرھۇمنىڭ ئانىسى ئامىنەمنى ئارىلاشتۇرمىغان، بەلكى ساقچى ئىدارىسى ئۇلارنىڭ ھۆكۈمەتكە يېقىن بىر تۇغقىنى ئارقىلىق مېيىتنى جىمجىت دەپنە قىلىۋېتىشنى ئورۇنلاشتۇرغان.

بۇنىڭدىن غەزەپلەنگەن يۇرت-جامائەت كەلپىن ناھىيەلىك ھۆكۈمەت ۋە ساقچى ئىدارىسىنىڭ بۇ كۈتۈلمىگەن پاجىئەگە چۈشەندۈرۈش بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ئەمما يەرلىك دائىرىلەر چۈشەنچە بېرىشنىڭ ئورنىغا مەرھۇمنىڭ ئائىلىسى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا بېسىم ئىشلەتكەن.

بۇنىڭ بىلەن مەرھۇمنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە يۇرت-جامائىتى شۇ كۈنى سەھەردە مېيىتنى كۆتۈرۈپ يۈرچى يېزىسىدىن كەلپىن ناھىيەلىك ھۆكۈمەت بىناسىغا قاراپ ماڭغان. ھالبۇكى، يېرىم يولدا ساقچىلار ئەتراپنى قامال قىلىپ، نامايىشچىلارنى توسۇۋالغان.

مەرھۇمنىڭ ئۇرۇق-تۇغقان ۋە بىر يۇرتلۇقلىرى ئوتتۇرىغا چىقىپ ناھىيەلىك ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ئىشقا رازى قىلارلىق جاۋاب بېرىشىنى، ئوق چىقارغان ساقچىلارنىڭ قانۇن بويىچە جازاغا تارتىلىشىنى تەلەپ قىلغان. بۇ ۋاقىتتا ئاقسۇ ۋىلايىتىدىن كەلگەن رەھبىرىي كادىرلارمۇ نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەن. ئاقسۇ ۋالىيسى مەردان مۇقىيت ئوتتۇرىغا چىقىپ، جامائەتتىن ئۆزىگە 3 كۈن مۆھلەت بېرىشىنى، بۇ ۋەقەنى ئېنىقلاپ 3 كۈن ئىچىدە چوقۇم خەلققە جاۋاب بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان ھەمدە نامايىشچى ئاممىنىڭ تارقىلىپ ئۆيلىرىگە قايتىشىنى ئۆتۈنگەن.

بۇنىڭ بىلەن نامايىشچى ئاممىنىڭ غەزىپى بىرئاز بېسىلىپ، قانداق قىلىشنى مەسلىھەتلەشكەن. نۇرغۇن كىشىلەر ئەگەردە ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ئىشنى ئوچۇق-ئاشكارا ھەم قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىش ئويى بولسا خەلققە چىرايلىقچە ۋەدە بېرىشىنى، شۇندىلا داۋاملىق نامايىش قىلىشتىن ۋاز كېچىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ھالبۇكى، مۇشۇنداق بىر پەيتتە، كەلپىن ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ سىياسىي كومىسسارى مىجىت بىلەن ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مەھمۇت ئىككىيلەن تۇيۇقسىزلا ئوتتۇرىغا چىقىپ نامايىشچى ئاممىغا قوپاللىق قىلغان. ئۇلار ياڭراتقۇلۇق كاناي بىلەن خەلققە ۋارقىراپ: «ئابدۇلباسىت دېگەن بۇ بالا ساقچىلارنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا پىسەنت قىلماي ئارقا-ئارقىدىن 4 يەردىكى قىزىل چىراغدىن بۆسۈپ ئۆتكەن. ساقچىلار ئاسمانغا ئوق چىقىرىپ موتسىكلىتنى توختىتىشنى بۇيرۇق قىلغاندا ئۇ كەينىگە بۇرۇلۇپ ساقچىلارنىڭ قورالىغا ئېسىلغان. شۇڭا ساقچىلار ئۇنى ئېتىۋەتكەن. پۈتۈن گۇناھ ئابدۇلباسىتنىڭ ئۆزىدە، بۇنىڭدا ساقچىلارنىڭ ھېچقانداق خاتالىقى ھەم بۇ ئىشقا نىسبەتەن مەسئۇلىيىتى يوق. كىمدە-كىم ساقچىلارغا قارشى تۇرسا ئوخشاشلا ئېتىلىدۇ» دېگەن.

بۇ يولسىزلىقنى كۆرگەن جامائەتنىڭ غەزىپى قايتىدىن قوزغالغان. مەرھۇم ئابدۇلباسىتنىڭ ئانىسى ئامىنەم كەلپىن ناھىيىسىنىڭ ھاكىمى ھۆرىيەتنىڭ پۇتىغا ئېسىلىپ، بۇ ئىشنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىپ بېرىشىنى ئۆتۈنگەن بولسىمۇ، لېكىن ھاكىم ئوتتۇرىغا چىقىپ ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىگەن. غەزەپلەنگەن جامائەت ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقىدىن بۇ سۆزىگە ئىسپات كۆرسىتىشىنى، ئابدۇلباسىتنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش جەريانىنىڭ ۋىدىيو كامېراغا چۈشكەن كۆرۈنۈشلىرىنى خەلققە كۆرسىتىشىنى تەلەپ قىلغان. ۋەھالەنكى، ساقچى تەرەپ بۇنى رەت قىلغان.

ئامىنەمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەگەردە كەلپىن ناھىيەلىك دائىرىلەر نەق مەيداندا خەلققە قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بەرگەن بولسا، بۇ نامايىشمۇ شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا توختاپ جامائەتنىڭ تارقىلىپ كېتىش مۇمكىنچىلىكى بار ئىكەن. ھالبۇكى، كەلپىن ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئىككى نەپەر باشلىقىنىڭ تۇيۇقسىزلا ئوتتۇرىغا چىقىپ يولسىزلىق قىلىشى ھەتتا مەردان ۋالىينىڭ ۋەقەنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىش تەكلىپىنىمۇ رەت قىلىشى خەلقنىڭ غەزەپ-نەپرىتىنى قايتىدىن قوزغىغان. بۇنىڭ بىلەن نامايىش كەيپىياتى تېخىمۇ ئەۋجىگە چىققان. بۇنى كۈتۈپ تۇرغاندەكلا تەرەپ-تەرەپتىن كەلگەن ساقچىلار نامايىشچىلارنى باستۇرۇپ، نۇرغۇن كىشىلەرنى تۇتقۇن قىلغان.

ئۇنداقتا، كەلپىن ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئىككى نەپەر ئۇيغۇر باشلىقىنىڭ ئارقىسىدا كىملەر بار؟ ئۇلار نېمە ئۈچۈن ئاقسۇ ۋالىيسى مەرداننىڭ مەسىلىنى كېلىشتۈرۈش يولى بىلەن ھەل قىلىش تەكلىپىگىمۇ پەرۋا قىلمايدۇ؟ ئۇلار نېمە ئۈچۈن نامايىشچى ئاممىنىڭ غەزىپىنى بېسىشنىڭ ئورنىغا ئەكسىچە ئوتقا ماي چاچىدۇ؟ كەلپىن ناھىيىسىنىڭ ھاكىمى ھۆرىيەت نېمە ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىپ گەپ قىلمايدۇ؟

بارغانسېرى ئاشكارا بولۇۋاتقان بىر قىسىم يىپ ئۇچلىرى مەزكۇر ۋەقەدىن كېيىن كەلپىندە داۋاملىشىۋاتقان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن ۋە باستۇرۇشلاردا مەلۇم بىر كۆرۈنمەس قولنىڭ پەردە ئارقىسىدا سىياسىي ئويۇن ئويناۋاتقانلىقىدىن بېشارەت بەرمەكتە

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/qizil-chiragh-07232014171422.html

Share
1543 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.