logo

trugen jacn

كەلپىندە مەرھۇم ئابدۇلباسىتنىڭ ناھەق ئۆلۈمىگە چىدىماي نامايىش قىلغان ئۇيغۇر دېھقانلىرىغا يېپىق سوت ئېچىلغان

قۇتلان

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئىگىلىشىمىزچە، يېقىندا كەلپىن ناھىيىسىدە 17 نەپەر ئۇيغۇر تۇتقۇنغا يېپىق سوت ئېچىلىپ، ئۇلارغا 6 ئايدىن 7 يىلغىچە مۇددەتلىك قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنغان.

 1bb42ee4-f69f-4b4f-8158-552a7a9dfb36

ھازىرغىچە ھېچقانداق ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا خەۋەر بېرىلمىگەن بۇ يېپىق سوت كەلپىن ناھىيەسىنىڭ يۈرچى يېزىسىدىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرىغا ئېغىر قىسمەتلەرنى ئېلىپ كەلگەن.

 

يېپىق سوت ئېچىلغان مەزكۇر 17 نەپەر ئۇيغۇر دېھقان بۇ يىل ئاپرېلدا كەلپىن ناھىيە بازىرىدا يۈز بەرگەن 17 ياشلىق ئۇيغۇر ئۆسمۈر ئابدۇلباسىتنىڭ ناھەق ئۆلۈمىگە چىدىماي كۆكرەك كېرىپ خەلقنى باشلاپ نامايىشقا چىققان كىشىلەر ئىكەن. مەرھۇم ئابدۇلباسىت شۇ كۈنى كېچىسى موتسىكلىت بىلەن كەلپىن ناھىيە بازىرىدىكى قىزىل چىراغدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، كوچا چارلاۋاتقان خىتاي ئالاھىدە ساقچىلىرى ئۇنى كەينىدىن قوغلاپ بېرىپ ئېتىۋەتكەن. ساقچى تەرەپ شۇ كېچىسى ئابدۇلباسىتنىڭ بەدىنىدىكى ئوق تەگكەن ئىزلارنى دوختۇرخانىدا تىكتۈرۈپ، ئىككىنچى كۈنى تاڭ سەھەردە يۈرچى يېزىسىدىكى ئائىلىسىگە تاپشۇرۇپ بەرگەن ۋە ئەل ئارىسىدا داۋراڭ سالماي دەرھال مېيىتنى دەپن قىلىشنى بۇيرۇغان.

 

بۇ ناھەقچىلىككە چىدىمىغان ئابدۇلباسىتنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە يۇرت جامائىتى مېيىتنى كۆتۈرۈپ نامايىش قىلغان. دائىرىلەر ۋەقەنى دەل ۋاقتىدا ئادىللىق بىلەن بىر تەرەپ قىلماي، ئەكسىچە نامايىشچىلارنى باستۇرغان ۋە كوللېكتىپ تۇتقۇن قىلغان. تۇتقۇنلارنىڭ كۆپ قىسمىنى كەلپىن ناھىيەسىدىن ئاقسۇ ۋىلايەتلىك تۈرمىگە يۆتكەپ كەتكەن.

 

ئارىدىن توپ-توغرا 3 ئاي ئۆتكەندە تۇتقۇنلار ئىچىدىكى نامايىشقا يېتەكچىلىك قىلغان كىشىلەر دەپ قارالغان 17 نەپەر كىشىگە يېپىق سوت ئېچىپ جازا ھۆكۈم قىلغان. ئەينى ۋاقىتتا كەلپىن ناھىيەسىدىن تۇتقۇن قىلىنغان 70-80 كىشىدىن كېيىنچە 30-40 كىشى قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، لېكىن 23-مايدىن باشلانغان بىر يىللىق «قاتتىق زەربە بېرىش» دولقۇنى داۋامىدا قويۇپ بېرىلگەن ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ھەممىسى قايتىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن. شاھىتلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تاكى ھازىرغىچە داۋاملاشقان تۇتقۇندا كەلپىن ناھىيىسى تەۋەسىدىن تۇتۇلغانلار 100 دىن ئېشىپ كەتكەن.

 

مەرھۇم ئابدۇلباسىت ئابلىمىتنىڭ ئانىسى ئامىنەم رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ يېقىندا جازا ھۆكۈم قىلىنغان تۇتقۇندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە يۇرت كاتتىلىرى ھەققىدە توختالدى.

 

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېپىق سوت ئېچىلغان 17 نەپەر تۇتقۇننىڭ ئىككىسىگە 7 يىللىق، ئىككىسىگە 6 يىللىق، ئۈچىسىگە 4 يىللىق، تۆتەيلەنگە 3 يىللىق، قالغانلارغا 6 ئايدىن 2 يىلغىچە مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلگەن.

 

سوتلانغۇچىلارنىڭ ئادۋوكات تۇتۇپ ئۆزلىرىنى ئاقلىشىغا پۇرسەت بېرىلمىگەن. يۈرچى يېزىسىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ سوتلانغۇچىلارنى ئامال بار يەڭگىل بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدە ھۆكۈمەتكە يوللىغان ئېلتىماسى ھېچقانداق نەزەرگە ئېلىنمىغان.

 

مەرھۇم ئابدۇلباسىتنىڭ ئىككى تاغىسى، يەنى ئامىنەمنىڭ ئىككى ئىنىسى ئۇلارنىڭ ئائىلىسىگە ۋاكالىتەن ئەينى چاغدا يەرلىك دائىرىلەر ۋە ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسى بىلەن بۇ ھەقتە دەۋالاشقانلىقى ئۈچۈن ئايرىم-ئايرىم ھالدا 3 يىلدىن قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

 

دائىرىلەر گەرچە كەلپىن خەلقىگە بۇ ۋەقەدە تۇتۇلغانلار ئۈچۈن چوڭ سايلىقتا 5 مىڭ ئادەم قاتناشقان ئوچۇق سوت ئاچىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنى يېقىندا يېپىق سوت بىلەنلا بىر تەرەپ قىلغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىرغىچە كەلپىن تەۋەسىدە تۇتقۇن قىلىشنى توختاتمىغان.

 

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/qizil-chiragh-07222014132922.htmlﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

Share
981 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.