logo

trugen jacn

كەلپىندە ئالاھىدە ساقچىلارنىڭ قانلىق ھەركىتىگە نارازىلىق نامايىشى يۈز بەردى

 

بۈگۈن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا، ئاقسۇنىڭ كەلپىن ناھىيىسىدە خىتاي ساقچىلىرىنىڭ 17 ياشلىق بىر ئۇيغۇر بالىنى موتسىكلىت بىلەن قىزىل چىراغدىن ئۆتۈپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ئېتىۋەتكەنلىكى ۋە بۇنىڭغا قارىتا كەلپىن خەلقىنىڭ قوزغىلىپ نامايىش قىلغانلىقى توغرىسىدا ئۇچۇر ۋە رەسىملەر تارقالدى.

مۇخبىرىمىز بۇنىڭغا ئاساسەن ۋەقە يۈز بەرگەن جايدىكى ساقچى ۋە ئاممىدىن مەلۇمات ئىگىلىدى. ساقچىلار ۋەقەنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئىنكار قىلمىدى، ئەمما تەپسىلاتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى قوپاللىق بىلەن رەت قىلدى. ئاممىنىڭ ئاشكارىلىشىچە ۋەقەدە ئوق تەككەن بالا 3 نەپەر بولۇپ، بۇلاردىن بىر نەپىرى ئۆلگەن، قالغان ئىككى ئىككى يارىلانغان بالىنى ساقچىلار تېخى ئائىلىسىگە قايتۇرۇپ بەرمىگەن. ئۆلگۈچى كەلپىننىڭ يورچى يېزىسىدىن بولۇپ، بۈگۈن يورچى خەلقى يورچىدىن ناھىيە بازىرىغا قەدەر مېيىتنى كۆتۈرۈپ نامايىش قىلغان، ساقچىلارنى نامايىشچىلارنى ناھىيە ئىچىگە كىرگۈزمىگەندىن كېيىن نامايىشچىلار ئارقىسىغا قايتىپ يورچىنىڭ 6 كەنتى ئارىسىدا يۈرۈش قىلىپ نامايىش ئۆتكۈزگەن. چۈشتىن كېيىن مەزگىلدە ساقچىلار ماھمۇت ھېسامىدىن قاتارلىق 10دىن ئارتۇق كىشىنى تۇتقۇن قىلىپ نمايائىشچىلارنى تارقاتقان ۋە مېيىتنىمۇ تارتىپ ئەكىتىپ ئائىلىسىگە بەرمىگەن. نۆۋەتتە كەلپىننىڭ ۋەزىيىتى جىددىي ھالەتتە تۇرماقتا. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسىنى ئاڭلايسىلەر:

1

خادىم: يورچى ساقچىخانىسى!

سوئال: ۋەزىيەت قانداق ھازىر ۋەقەدىن كېيىن؟

خادىم: بۇ گەپنى سورىماڭ بىزدىن.

سوئال: ئاخباراتقا ئاشكارىلاشقا بولمامدۇ؟

خادىم: بولمايدۇ، ھېچقانداق گەپ سورىماڭ بۇ ھەقتە، تېلېفوننى قويدۇم ئەمىسە.

2

سوئال: سىز ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئابدۇلباسىتنىڭ نېمىسى بولىسىز؟

جاۋاب: دادىسىنىڭ دوستى بولىمەن، مېيىت نامىزىغا قاتنىشىش ئۈچۈن بارغان ئىدىم، مېيىتنى ساقچىلار تارتىۋاپتۇ، شۇڭا قايتىپ كەلدىم.

سوئال: ۋەقەنىڭ باش – ئاخىرى قانداق ئىكەن؟

جاۋاب: ئابدۇلباسىت ئىككى ئاغىنىسى بىلەن ناھىيە، شەنبە كۈنى ناھىيە بازىرىغا كىرىپ كەچ سائەت 9 – 10لاردا قايتقان ئىكەن، قايتىۋاتقاندا، قىزىل چىراقتىن توختىماي ئۆتۈپ كېتىپ قاپتۇ، كەينىدىن ساقچىلار قوغلىسا بالىلار قېچىپتۇ. قارىغاندا موتسىكلىتىنىڭ رەسمىيەتلىرى تولۇق ئەمەسكەن. ئابدۇلباسىتنىڭ دادىسى ئۆلۈپ كەتكەن، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىق بار، شۇڭا 200 – 300 يۇئەن جېرىمانىدىن قورقۇپ قاچقان گەپ. ساقچىلار ئوق چىقارغاندىن كېيىن ئاۋۋال بىرسى موتسىكلىتتىن يىقىلىپتۇ، قالغان ئىككىسى ئازراق مېڭىپ موتسىكلىتتىن يىقىلىپ بىر ئازگالغا چۈشۈپ كېتىپتۇ، ساقچىلار كېلىپ ئازگالدىكى بالىلارنى چىقىرىپتۇ. ساقچىلار ئۈچىنى ئاۋۋال دوختۇرخانىغا ئەكىتىپتۇ، ئەتىگەندە ئابدۇلەباسىتنىڭ جەسىتىنى ئۆيىگە ئەكىلىپ بېرىپتۇ. جامائەت قارىسا، ئابدۇلباسىتنىڭ ئوق دۈمبىسىدىن تېگىپ كۆكسىدىن چىقىپ چىقىپ كېتىپتۇ. جامائەتنىڭ قىزىل چىراقتىن ئۆتۈپكەتكەنگىمۇ مۇشۇنچىلا جازا بولامدۇ دەپ جەسەتنى كۆتۈرۈپ ناھىيە بازىرىغا قاراپ نامايىش قىلىپ مېڭىپتۇ. ناھىيە بازىرىغا بىر كىلومېتىرچە قىلغاندا، ئورۇنلاشتۇرۇلغان ساقچىلار نامايىشچىلارنى كىرگىنى قويماپتۇ ۋە نامايىشنىڭ ئالدىدىكى 6 كىشىنى تۇتقۇن قىلىپ مېيىتنىمۇ تارتىۋاپتۇ. جامائەت چېكىنمەي ساقچىلار بىلەن ئۇزۇن تالاشقاندىن كېيىن، ساقچىلار جەسەتنى ناھىيە بازىرىغا ئەكىرمەسلىك ۋە ئارقىسىغا چېكىنىش شەرتى بىلەن 6 بالىنى قويۇپ بېرىپتۇ ھەم مېيىتنى جامائەتكە قايتۇرۇپ بېرىپتۇ. جامائەت مېيىتنى كۆتۈرۈپ كەينىگە يېنىپ يورچىنىڭ 6 كەنتىدە ئوتتۇرىسىدا مېڭىپ نامايىش قىپتۇ. ئاخىرىدا ساقچىلار زورلۇق ئىشلىتىپ نامايىشچىلارنى ئۇرۇپ – سوقۇپ تارقىتىپتۇ. 20 – 30 كىشى يارىلىنىپتۇ، 10 نەچچە كىشىنى تۇتۇپتۇ، يارىلانغان ۋە تۇتۇلغانلاردىن بىرسى ئۆلگۈچىنىڭ تاغىسى ماھمۇت ھېسامىدىن. جامائەتتىن مېيىتنىمۇ تارتىۋاپتۇ ھازىر ئۆلگۈچىنىڭ ئۇرۇق – تۇغقانلىرى ساقچىلاردىن جەسەتنى تەلەپ قىلىۋېتىپتۇ، ساقچىلار بەرگىنى ئۇنىمايۋېتىپتۇ.

سوئال: نامايىشچىلار نەگە بارماقچى ئىكەن، نېمە تەلەپلەرنى قويۇپتۇ؟

جاۋاب: نامايىشچىلار ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسى ۋە ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ئالدىغا بارماقچى ئىكەن. ئۇلارنىڭ تەلىپى ئوق چىقارغان ساقچىلارنى دەرھال جازالىسۇن دەپتۇ.

سوئال: ئوق چىقارغانلار قاتناش ساقچىلائىرىمۇ ياكى، جەمىيەت ئامانلىقنىڭمۇ؟

جاۋاب: ھەربىيلەر ئىكەن.) ئالاھىدە ساقچىلار بولسا كېرەك(. ھازىر يامىنى قالغان ئىككى بالىنىڭ ئاتا – ئانىسى قان يىغلاقلىق، چۈنكى ئۇلار بالىلىرىنىڭ قانداق ھالەتتە، قەيەردە ئىكەنلىكىدىن خەۋەرسىز.

3

خادىم: يورچى ساقچىخانىسى!

سوئال: نامايىشتا تۇتۇلغان بالىلار، مۇشۇ ساقچىخانىدىمۇ، ناھىيەدىمۇ؟

خادىم: بۇ ۋەقە ھەققىدە ھېچكىمگە ھېچنەرسە دېمەيمىز، سىزمۇ ھەددىڭىزنى بىلىپ سورىماڭ.

4

سوئال: بۇ يورچىدىكى ئائىلىنىڭ تېلېفونىمۇ ؟

جاۋاب: شۇنداق.

سوئال: بۈگۈنكى نامايىشقا سىز قېتىلدىڭىزمۇ؟

ناھىيەگە ماڭغاندا مەن يوق ئىدى، كېيىن ئارقىسىدىن ماڭاي دېسەم يوللار توسۇۋېتىلىپتۇ، ھەممىلا يەرنى ساقچى ۋە ھەربىيلەر قاپلاپ كېتىپتۇ. شۇڭا باشتا قېتىلالمىدىم، ئاخىرىدا يورچىدا ئالتە ئايماقتا نامايىش قىلغاندا مەن بار.

سوئال: قانچىلىك ئادەم بار نامايىشتا، ئاز دېگەندە 400 – 500 بار.

نامايىشچىلارنى توسقانلارچۇ؟

جاۋاب: ساقچىلار، كادىرلار، دىنىي زاتلار بار. دىنىي زاتلار ھەم كادىرلار كىشىلەرنى تارقاپ كېتىشكە، جەسەتنى جىمجىت يەرلىكىدە قويۇشقا تەربىيە قىلدى. نامايىشچىلار، قالغان ئىككى يارىدار بالىنىمۇ قويۇپ بېرىش ياكى ئائىلىسىگە كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلدى، ھەم ئوق چىقارغان ساقچىلارنى دەرھال تۇتۇش ۋە جازالاشنى تەلەپ قىلدى.

سوئال: ئابدۇلباسىت قانچە ياش ئىكەن؟ قالغان ئىككى دوستىچۇ؟

جاۋاب: ئابدۇلباسىت 17 ياش، تولۇق ئوتتۇرىنىڭ 3 – يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان بالا. قالغان ئىككى بالىمۇ شۇ ياشلاردا ئىكەن ئىسمىنى بىلمەيمەن. بىرسى ئابدۇرازىق تۇردى دېگەن كىشىنىڭ ئوغلى.

11671581-6c64-418f-9dc9-0fae02cc5285سوئال: ساقچىلار ئۆلگۈچىنىڭ ئائىلە – تاۋاباتلىرىغا نېمە دەپ چۈشەندۈرۈپتۇ ۋەقەنى؟

جاۋاب: دەسلەپتە، دېلو تەكشۈرىلىۋاتىدۇ دەپ مۇجىمەل گەپ قىلغان ئىكەن، جامائەت ئۇلغۇيۇپ نامايىش قىلغاندىن كېيىن، «ئۇ بالىلار ساقچىلارنىڭ قورالىغا ئېسىلغان»دەپ قارىسىغىلا گۇناھ ئارتىپتۇ. موتسىكلىت بىلەن قېچىپ كېتىۋاتقان بالىلار قانداقمۇ ساقچىنىڭ قورالىغا ئېسىلسۇن، قورال ئېتىشنى بىلمەيدىغان تۇرسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ساقچىغا يېقىنمۇ كېلەلميدىغان تۇرسا، ئۇ خەقنىڭ گۇناھ ئارتىش ئۈچۈن شۇنداق دېمەيمۇ ئامال يوق، چۈنكى قىزىل چىراقتىن ئۆتۈپ كەتكىنى ئۈچۈن ئېتىۋەتتى دېسە، كىشىلەر تېخىمۇ قوزغىلىپ كېتىدۇ. يەنە بەزىلەرنىڭ دېيىشىچە، بالىلار قاچقاندىن كېيىن ئالاھىدە ساقچىلار ئۇلارنى جىنايەت گۇماندارلىرى دەپ ئويلاپ قېلىپ قوغلاپتۇمىش، شۇنداق بولغاندىمۇ ئوق چىقىرىشنىڭ نېمە ھاجىتى. مەن ئويلايمەن ھازىر ھۆكۈمەت تېررورچىلارغا قارشى تۇرۇڭلار دەپ بىر مۇنچە ساقچىلارنى بېقىۋاتىدۇ، ئۇ ساقچىلار قىلىدىغان ئىش تېپىلمىغاچقا، مۇشۇنداق ئىشلارنى چىقىرىپ ھۆكۈمەتكە خىزمەت كۆرسەتمەكچى بولىۋاتىدۇ.

kelpin-yurchi-saqchi-adem-olturush-namayish-4

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/kelpin-namayish-04142014082232.html

Share
1930 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.