logo

trugen jacn

كەبىنىڭ ئورنى

Abduveli Ayupۋەلى ئايۇپ
بەيتۇللاھقا قاراپ ماڭغىنىڭدا ھاياجاندىن كۆزۈڭگە ئالدىنىسەن، ئەڭ گۈزەل بىنا كەبىدەك كۆرۈنىدۇ، بىنالارنىڭ ئەڭ كاتتىسى كەبە بولۇشى كېرەكتەك تۇيۇلىدۇ، ئەمما يېقىنلاشقىنىڭدا تەسەۋۋۇرۇڭ قوبۇل قىلالمايدۇ. ئەگەر ئەرەبچە ئوقۇيالمىساڭ ئالدىنىشلىرىڭ داۋاملىشىدۇ. چۈنكى يىراقتىن نەزەرلەرنى رام قىلىدىغان، ھەر تەرىپى رەڭدار چىراقلار بىلەن يورۇتۇلغان،  مۇقەددەس خەتلەرنى جۇلالاندۇرۇپ گېدىيىپ تۇرغان ئىمارەت كەبە ئەمەس، بەلكى قەسىر مىھمانخانىسىدۇر. قەسىردىن كۆزۈڭنى يۆتكەپ ئەتراپقا باقساڭ شاھزادىلەرنىڭ نامىدا ئاتالغان ھەيۋەت سارايلارنى كۆرىسەن. ئىشەنمەسلىككە ئامالىڭ يوق. مۇبارەك كەبىمىز شۇ ھەشەمەتلەرنىڭ ئاستىدا، بىنالارنىڭ سايىسىدە.
ھەرەمنىڭ ئالدىدىكى مەيداندا ئالچىيىپ تۇرغان بىر قۇرۇلۇش كۆزگە چېلىقىدۇ، ئەلۋەتتە ئۇمۇ سەئۇدى شاھلىرىدىن بىرىگە مەنسۇپ. پەيغەمبىرىمىز تۇغۇلغان ئۆي مىھمانساراي ۋە شاھ قەسىرلىرىگە سېلىشتۇرغۇسىز ئاددى بولۇپ كۈتۈپخانا قىلىنغان ئىكەن. بارغىنىمدا تاقاقلىق تۇرۇپتۇ. ئەپسۇسكى، تۆرت كۈن ئىچىدە ئېچىلغىنىنى كۆرمىدىم. ئاللاھتىن كەلگەن ۋەھىنىڭ ”ئوقۇ!“ بىلەن باشلانغانلىقىغا قارىماي مۇسۇلمانلارنىڭ ئالدىدىكى بۇ تەۋەرۈك ئوقۇش ئىشىكىنىڭ مەھكەم قۇلۇپلانغانلىقى كىشىنى ئۇھ تارتقۇزىدۇ. ھەرەمدىن ئانچە ئۇزاققا بارمايلا يايمىلار كۆزگە چېلىقىدۇ، لېكىن ھىچ بىر يايمىدا كىتاب تىزىلمىغان، ئەتراپنى شۇنچە ئايلىنىپمۇ بىرەر كىتابخانىنى ئۇچراتمىدىم.
قەسىر مىھمانخانىسىنىڭ بىر كېچىلىكى بەش مىڭ رىيالمىشكەن. بۇ يەرگە كىرىپ چىقىۋاتقان پۇزۇر كىشىلەر بىلەن كەبىدە يىغلاپ دۇئا قىلىۋاتقان سۇلغۇن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ چېھرى كۆز ئالدىمدا سېلىشتۇرما ھاسىل قىلىپ ھەسرەت بىلەن شۇلارنى ئويلىدىم، “ نېمە ئۈچۈن ساناقلىق پۇلدارلارنىڭ چۆنتىكىنى كۆزلەپ سېلىنغان ساراي ساناقسىز مۇسۇلمانلارنىڭ قىبلىسىدىن ئېگىز؟ نېمىشقا بىر يېرىم مىليارد مۆئمىننىڭ نىجاتكارى ئاللاھنىڭ ئۆيى ئاتالغان بەيتۇللاھ بىر قانچە شاھزادىنىڭ نامىغا ئاتالغان سارايلاردىن پاكار؟ ھەرەمنىڭ مەراسىنى ئىستىلا قىلىپ كېرىلىپ ياتقان شاھ قەسىرىدىن ھىچ بىرسىنىڭ كىرىپ چىققىنىنى كۆرمىدىم. بىرەر شاھ ئاندا مۇندا بېرىپ قويىدىغان ئوردا نېمە ئۈچۈن مىليۇنلىغان مۇسۇلماننىڭ كۈندە بارغۇسىنى، ئىبادەت قىلغۇسىنى كەلتۈرىدىغان ھەرەم مەيدانىنى قىستاڭ قىلىپ بېسىپ ياتىدۇ؟
ئېسىمگە قەشقەردىكى مازىدوڭ ھەيكىلى كەلدى. ھەيكەل ئالدىغا ھەرەمنىڭ مەيدانىدىن خېلى كەڭ سەينا قالدۇرۇلغان بولۇپ ئەتراپتا ھەيكەلدىن ئېگىز بىنا سېلىشقا ياساق-چەك قويۇلغان ئىكەن. مەقسەد كومۇنىستىك دۆلەت بەرپاچىسىنىڭ ھەيكىلىنى ھەيۋەتسىز، كەمسۇندۇرماسلىق ئۈچۈن ئىكەن. بۇنىڭ ئەكسىچە، سەئۇدى پادىشاھلىرىنىڭ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامدىن قالغان، پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى تەلپۈنىدىغان، كۈندە مىلياردتىن ئارتۇق مۆئمىن يۈزلىنىپ سەجدە قىلىدىغان قىبلىگاھ ئەتراپىغا نەچچە ئون ھەسسە ئېگىز، ھەيۋەت مىھمانخانا ۋە شاھانە قەسىرلەرنى سېلىپ تايىنسىزلاشتۇرىشىنى قانداق چۈشنىش كېرەك؟ نېمىشقا يۈز نەچچە دۆلەتتىكى بىر يېرىم مىلياردتىن ئارتۇق مۇسۇلماننىڭ قىبلىگاھى  كومۇنىستىك بىر دۆلەتنىڭ داھىسى ئېرىشكەنچلىك ھۆرمەتكە، ئۈستۈنلۈككە ئېرىشەلمەيدۇ؟
كاتتا مىھمانخانىلارنىڭ ۋەكىللىك قىلىۋاتقىنى بايلىق، شاھ ئوردىلىرى بولسا ھوقۇقنىڭ سىموۋۇلىدۇر. كەبىگە ئۈستىدىن غادىيىۋاتقىنىنى تەكەببۇر بايلىق دېسەك، بەيتۇلھەرەمگە ئېگىزدىن سىڭايان قاراۋاتقىنى شاھلارنىڭ نوپۇزىدۇر. ھوقۇق ۋە پۇلنىڭ سىمۇۋۇللىرى ئالدىدا كەمسۇندۇرلغىنى، بويۇن قىسقىنى، سايىغا مەھكۇم قىلىنغىنى قىبلىمىزدۇر، ئىتىقادىمىزدۇر، غۇرۇرىمىزدۇر. ئاللاھىمىز ئەزىز، مىھىرلىك ۋە مەئىشەتلىك قىلغان رەسۇلىمىزنىڭ دىيارىدا بايلىق بىلەن ھوقۇق ئىگىلىرى بىرلىشىپ شۇنداق بىر ئۈستۈلۈكنى ئىگىلىگەنكى، ئىتىقاد ئىگىلىرگە بىپەرۋا كۆرەڭلەيدىغان ھالغا كەلگەن. مۇستەبىت دۆلەتلەردە دائىم مۇشۇنداق ھوقۇق ۋە پۇل  پاسلىشىپ ھەرىكەت قىلىدۇ. ھوقۇقدار بىلەن پۇلدارنىڭ قەسىرى بىر، داستىخېنى ئورتاق. ساقچى، سوت، ئارمىيە ۋە ساراي ئەللامىلىرى شۇلارنىڭ ھوزۇرىنى قوغۇدايدۇ. ھەرەمدىكى ساقچىلارنىڭ ئەرەبچىدىن باشقا ھىچ بىر تىلنى بىلمىگىنىدىن ئۇيالماي قەلبىنى چۈشەندۈرەلمەيۋاتقان مۇسۇلماننى تەڭقىس قىلىشى، كەبە ئىچىدىكى ئۆتۈشمە ۋە لېفتلەرنىڭ ھىچ بىر ئالدىن ئۇقتۇرۇلماي تاقىۋېتىلىشى، زەمزەم ۋە جەينامازنىڭ ھەممە يەردە تېپىلىپ تاھارەت ۋە ھاجەتكە يەر تېپىلماسلىقى، مەيداندىكى تازىلىقچىلارنىڭ تاشلانغان ئەخلەتكە ئەمەس، كولانغان يانچۇقتىكى سەدىقىگە تەلمۈرىشى…قاتارلىق مۇسۇلماننى قىينايدىغان بارلىق قولايسىزلىقلارنىڭ مەنبەسى ھوقۇق بىر كىشى ياكى بىر گورۇھ كىشىگە مەركەزلەشكەن مۇستەبىت تۈزۈمدۇر. مەمۇرلارنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكى، باشقۇرۇشتىكى قالايمىقانچىلىقلار، خىزمەتتىكى سۆرەلمەلىك، كىشىلەردىكى ھورۇنلۇق، تەرتىپسىزلىك، تەربىيەسىزلىك…قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تۈزۈمچىل كەمتۈكلۈكنىڭ ئىپادىلىرىدۇر.
مۇستەبىت تۈزۈمدە ھوقۇقدارلار نە قانۇننىڭ ئورنىنى ۋە باراۋەر ئىجراسىنى ھەقىقى ئۈستۈن تۇتمايدۇ، نە پۇقرانىڭ ھوقۇقىنى ۋە ئاخباراتنىڭ تەنقىدىنى نەزەرگە ئىلمايدۇ. مەككىدىكى ئۈستۈن قەسىرلەر ۋە ئاستىن كەبە بىزگە شۇنى ئۈنسىز جاكارلاۋاتقاندەك تۇيۇلىدۇ؛ پۇقرانىڭ ھوقۇقلىرى دەخلىسىز ھۆرمەتلەنمىگەن، پۇقرانىڭ ئىتىقادى ھاكىملىق ۋە پۇلدارلىقتىن يۈكسەك بولمىغان ئەلدە ئاللاھقا ئىتىقاد ئۈچۈن يىغىلىغان مۇسۇلمانلارنىڭ قىبلىگاھى، پۇلدار ۋە ھوقۇقدارلارنىڭ ھوزۇرلىشى ئۈچۈن سېلىنغان قەسىردىن پاكار بولىدۇ. بۇ كەبەنىڭ ئورنى شاھلار ۋە زەردارلارنىڭ قەسىرىدىن ئۈستۈن بولسا دىن ئۈستۈن بولاتتى، دېگەنلىك ئەمەس.  پەيغەمبىرىمىز مۇسۇلماننىڭ ھۆرمەتتە كەبىدىن ئۇلۇغلىقىنى تەكىتلىگەن.(سەھى ھەدىسلەر 3420) ھالبۇكى، كەبىمىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدىكى ئورنى دىنىمىزنىڭ رىياللىقتىكى ئورنىدىن، مۇسۇلماننىڭ ھەق-ھوقۇقى ۋە ھۆرمىتىنىڭ رەسۇلىمىزنىڭ دىيارىدا قانچىلىك بولۇۋاتقانلىقىدىن بىر بىشارەت خالاس

http://bbs.bagdax.cn/thread-44165-1-1.html

Share
1661 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.