logo

trugen jacn

كېرىيە لەڭگەر يېزىسىدا بىر دېھقاننىڭ بىر يېرىم مو يېرى بار، 5 خىتاينىڭ قولىدا 1000 مو چىلانلىق

246898b3-82ef-4626-8137-9d7afb3e0cfd

شۆھرەت ھوشۇر

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللاردىن قارىغاندا، 20-ئاپرېل كۈنى قانلىق ۋەقە يۈز بەرگەن كېرىيەنىڭ لەڭگەر يېزىسىدا جەمئىي 16 مىڭ 300 نوپۇس، 24000 مىڭ مو يەر بولۇپ، ھەر بىر جانغا بىر يېرىم مودىن تېرىلغۇ يەر توغرا كېلىدۇ.

ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ يېزىدا نوپۇسنىڭ 1% نىمۇ تەشكىل قىلالمايدىغان خىتاي كۆچمەنلىرى يېزىدىكى تېرىلغۇ يەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىغا ئىگىدارچىلىق قىلماقتا. ئىلىكىدىكى چەكلىك يەر بىلەن تۇرمۇشىنى قامداشقا ئامالسىز قالغان ئۇيغۇر دېھقانلىرى شۇ ئاز ساندىكى خىتاي يەر ھۆددىگەرلىرىگە ئائىلىسى بويىچە ياللىنىپ ئىشلەشكە مەجبۇر بولماقتا. يەنە مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يېزىدا بۇنچە كۆپ يەرنى ئىگىلىۋالغان خىتاي كۆچمەنلىرى تېخى 2008-يىلى خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن يېڭى كۆچمەنلەر ئىكەن.

20-ئاپرېل كۈنى كېرىيەنىڭ لەڭگەر يېزىسىدا ۋەقە يۈز بەرگەندە دائىرىلەر ئالدى بىلەن يېزىدىكى خىتاي يەر ھۆددىگەرلىرىنى يوقلىغان ۋە ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى مۇداپىئە قىلىشىنى تاپالىغان. مانا بۇ خىتاي ھۆددىگەرنىڭ بايان قىلىشىچە، لەڭگەر يېزىسىنىڭ كونا بازار كەنتىدىلا 5 نەپەر خىتاي ھۆددىگەر 1000 مو يەرگە ئىگىدارچىلىق قىلىدىكەن.

سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەرگەن بىر ئۇيغۇر دېھقان ئۆزلىرىنىڭ خىتاي يەر ھۆددىگەرلىرى بىلەن كېلىشىپ ئۆتۈشتىن باشقىغا چارىسىز ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

تېخى كۆچۈپ كەلگىنى 10 يىلغا بارمىغان خىتاي كۆچمەنلىرى، ھەر بىرى ئاز دېگەندە 250 مو يەرگە ساھىب بولۇۋاتقان بۇ يېزىدا ھەر بىر ئۇيغۇر دېھقاننىڭ تېرىلغۇ يېرى بىر يېرىم مو ئەتراپىدا. بىز تېلېفون زىيارىتىمىز داۋامىدا ئەنە شۇ خىتاي كۆچمەنلىرىگە ياللىنىپ ئىشلەۋاتقان بىر ئۇيغۇر دېھقان بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەرگەن بىر ئۇيغۇر دېھقان ئۆزلىرىنىڭ خىتاي يەر ھۆددىگەرلىرى بىلەن كېلىشىپ ئۆتۈشتىن باشقىغا چارىسىز ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

يۇقىرىقى بايانلاردىن مەلۇمكى، كېرىيەدە ئۇيغۇر دېھقانلىرى ئىشى ئوڭغا تارتقان ئەھۋالدا بىر تراكتور سېتىۋالغۇدەك قەرز ئېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە، ئەمما خىتاي كۆچمەنلىرى بولسا، نەچچە يۈز ھەتتا نەچچە مىڭ مو يەرنى ئىدارە قىلغۇدەك قەرز ئېلىشقا قادىر. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي دۆلىتى خىتاي كۆچمەنلىرىگە ھازىرلاپ بەرگەن بۇ ئەۋزەل شارائىت ئىككى مىللەت ئارىسىدىكى ئىقتىسادىي پەرقنى چوڭايتىپلا قالماي، سىياسىي جەھەتتىن بىر تەرەپ يەنە بىر تەرەپكە، يەنى ئۇيغۇرلار خىتاي كۆچمەنلىرىگە بېقىنىپ ياشاش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرمەكتە

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/uyghur-weziyiti-04292015122649.html

Share
1728 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.