logo

trugen jacn
20 فېۋرال 2014

كېرىيەگە ياردەم بېرىش دولقۇنى خىتاينىڭ تۈرلۈك توسقۇنلۇقلىرىغا قارىماي داۋام قىلماقتا

مۇخبىرىمىزنىڭ ۋەتەن ئىچىدىكى توربەتلەر، ئاپەت رايوندىكى ئاھالىلەر ۋە كېرىيە ۋەزىيىتىنى يېقىندىن بىلىدىغان كىشىلەردىن ئىگىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى كېرىيەدىكى ئاپەتنىڭ كۆلىمىنى يوشۇرۇش ۋە ساخاۋەتچىلەرگە ھەر خىل چەكلىمىلەرنى قويۇش ئارقىلىق، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كېرىيەدىكى قېرىنداشلىرىغا قارىتا قىلىۋاتقان ياردەم سەپەرۋەرلىكىگە توسقۇنلۇق قىلماقتا؛ ئەمما ساخاۋەتچىلەر بۇ توسقۇنلۇققا پىسەنت قىلماي، ياردەم سەپەرۋەرلىكىنى داۋاملاشتۇرماقتا. مەلۇم بولۇشىچە ئۈرۈمچىدىن ھەرىكەتكە ئۆتكەن بىر گۇرۇپپا ساخاۋەتچىلەر، ئالدىنقى داۋانچىڭدا توسۇپ قېلىنغان؛ كورلىدىن يولغا چىققان بىر گۇرۇپپا تۈنۈگۈن كېرىيەگە يېتىپ بارغان.

ساخاۋەتچىلەر نەرسە-كېرەكلەرنى ئاپەتكە ئۇچرىغۇچىلارغا ئۆز قولى بىلەن يەتكۈزۈشكە ئۇرۇنسا، دائىرىلەر ياردەم بۇيۇملىرىنىڭ كەنت سېكرېتارلىرى ئارقىلىق بىر تۇتاش تارقىتىلىشىنى تەلەپ قىلماقتا. شۇنداقتىمۇ قوزغالغان سەپەرۋەرلىكنىڭ چوڭلۇقى سەۋەبىدىن دائىرىلەر پۈتۈنلەي توسقۇنلۇققا قىلىشقا چارىسىز قېلىپ، ئاھالىلەر بۇ ياردەملەردىن بەلگىلىك دەرىجىدە بەھرىمەن بولماقتا.

فەيسبوك تورىدا بايان قىلىنىشىچە، كېرىيەگە ياردەم ئۈچۈن كورلا شەھىرىدىن ئىككى كۈن ئىچىدىلا 50 مىڭ يۈەن نەق پۇل، يەتتە ماشىنا كىيىم-كېچەك، 430 خالتا گۈرۈچ ۋە 630 باك سۇماي يىغىلغان. ياردەم گۇرۇپپىلىرىدىن بىرىنىڭ قولىدىكى لوزۇنكىغا مۇنداق بىر كۇپلېت شېئىر يېزىلغان:

ئۇلۇغ ئاللاھ پاناھتۇر ساڭا،
مەيۈسلەنمە، دەس تۇرغىن ئۇيغۇر.
قېرىندىشىڭ قالقاندۇر ساڭا،
مەغرۇر ياشا ئامان بول ئۇيغۇر.

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/iqtisad/keriye-yer-tewresh-02192014171408.html

Share
1725 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.