logo

trugen jacn

كېرىيەنىڭ سىيەك يېزىسىدا ھىجاپقا قول ئۇزاتقان خىتاي سېكرىتار، ھىجاپلانغان قىزنىڭ ئاكىسىدىن دەككىسىنى يېگەن

image

شۆھرەت ھوشۇر

2014-u1218-pmx.mp3ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى كېرىيە ناھىيىسىنىڭ سىيەك يېزىلىق پارتكوم سېكرىتارى يەن چىگاڭ، موتوسىكلىتتا يولدىشىنىڭ كەينىدە ئولتۇرۇپ كىتىۋاتقان بىر ھىجابلانغان ئايالنىڭ ئالدىنى توسقان؛ ئايالنىڭ يولدىشى سېكرىتارنىڭ توسۇشىغا قارىماي يولىنى داۋام قىلغان، سېكرىتار ئاپتوموبىلى بىلەن موتوسىكلىتقا مىنگىشىپ كېتىۋاتقان ئايالنىڭ ئارقىسىدىن قوغلىغان. ھىجاپلانغان ئايال ئۆيىنىڭ ئالدىغا كەلگىنىدە سېكرىتار ئارقىسىدىن يېتىشىپ كېلىپ ئۇنىڭ بېشىدىكى لېچەككە قول ئۇزاتقان؛ دەل بۇ چاغدا ئايالنىڭ ئاكىسى ئابلىز ئوبۇلھەسەن ئۆيىدىن ئېتىلىپ چىقىپ سېكرىتارنىڭ يانپىشىغا بىرنى تەپكەن؛ سېكرىتار ئابلىز ئوبۇلھەسەننىڭ يېنىدا پالتىمۇ بارلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن قورققىنىدىن ھۇشىدىن كەتكەن. 15 مىنۇتنىڭ ئىچىدە نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەن خىتاي قوراللىق كۈچلىرى خىتاي سېكرىتارنى دوختۇرخانىغا، ئابلىز ئوبۇلھەسەن ۋە ئۇنىڭ سىڭلىسى بۈۋىنىياز ئوبۇلھەسەننى قاماقخانىغا ئېلىپ ماڭغان

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/hijab-12182014215635.html

Share
1654 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.