logo

trugen jacn

كېرىيەنىڭ سىيەك يېزىسىدا سىياسىي يىغىنغا بېرىشنى رەت قىلغان بىمار ياش قاماققا ئېلىنغان

26sino-LEIBOLD-articleLarge

شۆھرەت ھوشۇر

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

اشكارىلىنىشىچە، كېرىيەنىڭ سىيەك يېزىسىدا يەرلىك دائىرىلەر كىشىلەرنى سىياسىي ئۆگىنىش يىغىنىغا دەۋەت قىلىۋاتقىنىدا مەلۇم بىر كىشى ئۆزىنىڭ بىمارلىقىنى سەۋەب قىلىپ كۆرسىتىپ، يىغىنغا بېرىشنى رەت قىلغان.

دائىرىلەر ئۇنىڭ سەۋەبىگە پەرۋا قىلماي، بىمارنى يىغىنغا بېرىشقا زورلىغىنىدا، ئۇ قولىغا پالتا ئېلىپ كەنت كادىرلىرىنى ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرىشقا ئۇرۇنغان، ئۇنىڭ بۇ يوللۇق قارشىلىقىنى ئۇنىڭ ئېغىر ئاياق ئايالىمۇ قوللىغان. نەتىجىدە خىتاي قوراللىق كۈچلىرى ۋەقەگە ئارىلىشىپ بىمار ۋە ئۇنىڭ ئايالىنى تۇتقۇن قىلغان. ھامىلىدار ئايال بەش كۈن قامالغاندىن كېيىن كېپىللىككە قويۇپ بېرىلگەن، ئىسيانكار بىمار ئۈستىدىن يېزىدا سوت ئېچىلىپ ئۇنىڭ خىزمەتكە توسالغۇلۇق قىلغانلىقى سەۋەبلىك قولغا ئېلىنغانلىقى ئېلان قىلىنغان.

يۇقىرىقى بىر پاكىتتىن مەلۇمكى، نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سىياسىي قانۇن يىغىنلىرى ئاھالىلەرنىڭ رەت قىلىشىغا ۋە قارشىلىقىغا ئۇچرىماقتا، خىتاي تەرەپ بۇ قارشىلىقلارنى يەنە يولسىزلارچە ۋە زوراۋانلارچە بىر تەرەپ قىلماقتا

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/uyghur-weziyiti-12172014134319.html

Share
1799 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.