logo

trugen jacn

كېرىم زاھىر: قۇرئاندا دۆلەتچىلىك

قۇرئان كەرىم ئىنسانلارنى ئۆز ئارا بىر بىرىنىڭ ئىتىقادىغا ھۇجۇم قىلماسلىققا ۋە مۇمىنلەر باشقىلارنى كەمسىتمەسلىككە، قۇرئاننىڭ ھەقىقىتىنى يەتكۈزگەندىن كېيىن باشقىلارنى دىنغا زورلىماسلىققا ۋە ھەر كىشىنىڭ دىنىي ئىتىقادى ئۆزىنىڭ شەخسىي ئىشى دەپ بىلىش ئارقىلىق ئۆز ئارا بىر بىرىنىڭ ئىتىقادىغا ھۆرمەت قىلىشقا تەشەببۇس قىلىدۇ، يۇقارقى ئايەتلەر بىر جەمئىيەتتە ياشايدىغان ھەر خىل ئىتىقادتىكى كىشىلەرگە قارىتا ئاللاھ تائالا چىقارغان بىر ئىجتىمائىي تۈزۈمدۇر. مۇشۇنداق مۇرەككەپ جەمئىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم قىلغاندا قۇرئان پەقەتلا ئادالەت (ھېچ بىر دىن ياكى مىللەتكە يان باسماستىن) بىلەن ھۆكۈم قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. قۇرئان كەرىم ئىنسانلارنىڭ مۇسۇلمان بولۇشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. لېكىن قۇرغان دۆلىتىنى دىننىڭ نامى بىلەن ئاتاشنى تەشەببۇس قىلمايدۇ. قۇرئاندا زىكرى قىلىنغان پەيغەمبەلەردىن يۈسۈپ، سۇلايمان ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاملارنىڭ قۇرغان دۆلەتلىرىنىڭ ھېچبىرى دىن نامى بىلەن ئاتالغانلىقى قۇرئاندا تۇرماق، رىۋايەتلەردىمۇ زىكرى قىلىنمايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىدە قۇرغان دۆلەتنىڭ يىلتىزىمۇ ھەرخىل دىندىكى قەبىلىلەردىن تەركىپ تاپقان بىر قەبىلىلەر ئىتتىپاقى ئىدى. بۇ ئىتتىپاقنى ھېچقاچان ئىسلام دۆلىتى دەپ ئاتىمىغان ۋە ئۇنداق ئاتاشمۇ توغرا بولمايتتى. رەسۇلۇللاھتىن كېيىنكى تۆت خەلىپىنىڭ زامانىدا شۇنچە چوڭ ئېمپىرىيەنى دىن نامى بىلەن ئاتىمىغان. شۇنچە چوڭ يەردىكى غەيرى مۇسلىملارنىڭ كېيىن ئىسلامنى قوبۇل قىلىشىغا سەۋەپ بولغان ئامىللار شۇ چاغدىكى ئاز مۇسۇلمانلارنىڭ توغرا ئېتىقادى، ئادالىتى، مېھرىبانلىقى، مەرتلىكى ۋە گۈزەل ئەخلاقىدىن ئىبارەت قۇرئان كۆرسەتكەن ھەقىقى مۇسۇلمانلىق ئىدى. ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ زامانىدا بىر يەردە ئۇرۇش تاماملانغاندىن كېيىن زىيانغا ئۇچىرىغان بۇتخانا ياكى چىركاۋغا ئوخشاش ئىبادەتخانىلارنى رېمۇنت قىلىپ بەرگەن. ئۇلار ئىسلامنى باشقىلارغا توغرا چۈشەندۈرگەن ئەمما زورلىمىغان. غەيرى مۇسلىملار يۇقارقىغا ئوخشاش گۈزەللىكنى مۇسۇلمانلاردىن كۆرگەندىن كېيىن ئىسلامنىڭ گۈزەل بىر دىن ئىكەنلىكىنى تونۇغان ۋە قوبۇل قىلغان. رەسۇلۇللاھنىڭ زامانىدا بولسۇن ياكى تۆت خەلىپىنىڭ زامانىدا بولسۇن مۇسۇلمان بولمىغان ھېچقانداق بىر كىشىگە ئىسلام قانۇنى ئىجرا قىلمىغان. چۈنكى ئىسلامنى قوبۇل قىلمىغان بىرسىگە ئىسلام قانۇنى ئىجرا قىلىش توغرا ئەمەس. بىر يەھۇدى رەسۇلۇللاھنىڭ قېشىغا كېلىپ، مەن زىنا قىلدىم، ماڭا ئىسلام قانۇنىنى ئىجرا قىلغىن دىگەندە، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭدىن سىلەرنىڭ دىنىڭلاردا بۇنىڭ جازاسى قانداق؟ دەپ سورىغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ.
يۇقارقى ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنىغا ۋە دۆلەت قۇرغان پەيغەمبەرلەر ۋە خەلىپىلەرنىڭ ئۇسۇللىرىغا ئاساسلانغاندا، قۇرئان كۆرسەتكەن دۆلەت ھەر دىن ۋە ھەر ئىنسان ھوقۇقتا باراۋەرلىكتىن بەھرىمەن بولىدىغان دىنسىز دۆلەتتۇر. يەنى ھېچقانداق دىنغا مەنسۇپ بولمىغان، دۆلەت پۇقرالىرى ئادالەت ئاستىدا بىرلىك، باراۋەلىك ۋە تىنىچلىقنى ئاساس قېلغان، بارلىق ئىتىقادغا ھۆرمەت قىلىدىغان ۋە ئوخشاش قارايدىغان دۆلەتتۇر. دىنىي باشقارما بولسا دۆلەتنىڭ ئىچىدىكى بارلىق دىننى باشقۇرىدىغان ئورۇن بولغاچقا دۆلەتنىڭ ئىچىدىكى بارلىق دىن مەنسۇپلىرىغا باراۋەر مۇئامىلە قىلىدۇ. ھەر دىندىكىلەر ئۆز جامائىتى بىلەن دىنى پائالىيىتىنى ئېلىپ بارىدۇ، لېكىن باشقا ئىتىقادتىكىلەرگە ھاقارەت ياكى ھۇجۇم قىلماستىن، ئۆز ئارا ھۆرمەتلىشىپ ئۆتىدۇ. مۇشۇنداق بىر جەمئىيەتتە مۇسۇلمانلارنى قۇرئان كەرىم ياخشى ئىشتا ئاكتىپ بولۇشقا ۋە ئىسلامنىڭ گۈزەللىكىنى ئەمەلى ھەركىتى بىلەن نامايەن قىلىش ئارقىلىق باشقىلارنى ئىسلامغا مايىل قىلىشقا ۋە ئىسلامنى قوبۇل قىلىشىغا ۋاسىتە بولۇشقا بۇيرۇيدۇ. ھەرگىزمۇ باشقا دىندىكىلەرنى دۈشمەن تۇتۇشقا ۋە ئۇلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىشقا بۇيرىمايدۇ. پەقەت باشقىلارنىڭ ھۇجۇمىغا قارشى تۇرۇشقا، ئۇلار بىلەن بولغان ھەق-ھۇقۇقتىكى باراۋەرلىكىنى قوغداشقا بۇيرۇيدۇ. رەسۇلۇللاھنىڭ گۈزەل ئەخلاقى سەۋەبىدىن ئەتىراپىدىكى كىشىلەر قاچماستىن تېخىمۇ يېقىن تۇرغانلىقىنى بايان قىلىپ قۇرئان كەرىم مۇنداق دەيدۇ:
﴿فَبِمَا رَحْمَةٍ مِّنَ اللّهِ لِنتَ لَهُمْ وَلَوْ كُنتَ فَظّاً غَلِيظَ الْقَلْبِ لاَنفَضُّواْ مِنْ حَوْلِكَ فَاعْفُ عَنْهُمْ وَاسْتَغْفِرْ لَهُمْ وَشَاوِرْهُمْ فِي الأَمْرِ فَإِذَا عَزَمْتَ فَتَوَكَّلْ عَلَى اللّهِ إِنَّ اللّهَ يُحِبُّ الْمُتَوَكِّلِينَ﴾
«ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن ئۇلارغا يۇمشاق بولدۇڭ. ئەگەر سەن قوپال، قەلبى قاتتىقتىن بولغان بولساڭ، ئەلۋەتتە ئۇلار ئەتراپىڭدىن قاچقان بولاتتى. ئۇلارنى كەچۈر، ئۇلار ئۈچۈن مەغپىرەت تىلە ۋە بىر ئىشتا ئۇلار بىلەن مەسلىھەتلەش. مەسلىھەتتە ئېنىق بىر قارارغا كەلگەندىن كېيىن ئاللاھغا تەۋەككۇل قىلغىن. ئاللاھ ئاشۇنداق تەۋەككۇل قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ» – 3- سۈرە ئال ئىمران، 159- ئايەت ۋە يەنە (رەھىقۇل مەختۇم، ئىسلام ئىنىسكۇلۇپىدىيەسى ۋە خەلىپىلەنىڭ تارىخىغا قارالسۇن).
دۆلەتنى بىر دىنغا مەنسۇپ قىلىشنىڭ زىيىنى نىمە؟ دىگەندە، دۆلەتنى ئىسلام دەۋلىتى، خىرىستىيان دەۋلىتى ياكى بۇددا دەۋلىتى دىگەندەك بىر دىنغا مەنسۇپ قىلىش خاتا بولۇپ، ئاقىۋىتى زىيانلىقتۇر ۋە ھەر خىل زۇلۇم مەيدانغا كېلىشنىڭ مەنبەسىدۇر. مەسىلەن: بىر دۆلەتنى ئىسلام دەۋلىتى دىگەن ھامان مۇسۇلمان بولمىغان باشقا دىندىكىلەرگە ھەر خىل بېسىم پەيدا قېلىدۇ. دۆلەت مۇسۇلمانلارغا ئوڭ كۈزى بىلەن قاراش ئارقىلىق باشقىلارغا ئادالەتسىزلىك ۋە ھەقسىزلىق پەيدا قىلىدۇ. شۇنداقلا خىرىستىيان دەۋلىتى بولغان ھامان، خىرىستىيان بولمىغان باشقا دىندىكىلەرگە ھەر خىل بېسىم پەيدا قىلىدۇ. بۇ بېسىملار ھەر خىل زۇلۇمنىڭ باشلىنىشى ھىساپلىنىدۇ. بۇنىڭ ئاقىۋىتى چوڭ جەدەلگە ۋە دۆلەتنىڭ ۋەيران بولىشىغا ۋە ناھەق قان تۆكۈلۈشكە ئېلىپ بارىدۇ. ئاللاھ تائالا ئىنسانلار ئارىسىدا بىھۇدە زۇلۇم قىلىنىشنى خالىمايدۇ. ھۆكۈم ھەر خىل ئىتىقاتتىكى كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا قىلىنىدىغان بولغانلىقى ئۈچۈن، يۇقارقى ئايەتلەردە «مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم قىلغاندا» دىگەن ئىبارە يوقتۇر. بۇ ئايەتلەر ئىنسانلار ئارىسىدىكى ھۆكۈمنىڭ ئادالەت بىلەن بولۇشىنى بۇيرىدۇ.
ھنچقانداق دىنغا مەنسۇپ بولمىغان بىر دۆلەتتە ھەر خىل ئېتىقاتتىكى كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ دىنى ئەركىنلىگىدىن تولۇق بەھرىمەن بولالايدۇ. دىنى پائالىيەتلىرىنى ئەركىن قىلالايدۇ ۋە دۆلەتمۇ بارلىق دىندىكىلەرگە باراۋەر قارىيالايدۇ. دۆلەتتە بىر قىسىم دىندىكىلەر ئىبادەتخانىلىرىغا ئەركىن ئازادە بېرىپ كېلىپ، يەنە بىر قىسىم كىشىلەر بارالمىسا، ئۇ دۆلەتتە زۇلۇم بار دېمەكتۇر. ئادالەت ئارقىلىق باراۋەرلىكنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن قۇرئاننىڭ مەزمۇنى بۇيىچە رەسۇلۇللاھنىڭ دۆلەت ئاساسى ھېچقانداق دىنغا مەنسۇپ بولمىغان دۆلەت قۇرۇمى بولغان. شەرىئەتكە كەلسەك، ئۇ پەقەتلا مۇسۇلمانلارغا ئىجىرا قىلىنىدۇ. چۈنكى رەسۇلۇللاھنىڭ زامانىدا شەرىئەتنى باشقا دىندىكىلەردىن بىرەرسىگە ئىجرا قىلغانلىق توغرىسىدا ھېچقانداق ئۇچۇر يوقتۇر. يەنە بىر تەرەپتىن دىننى قوبۇل قىلمىغان بىرسىگە دىننىڭ ھۆكۈمىنى ئىجرا قىلىش توغرا ئەمەس.
رەسۇلۇللاھ خەلىپىنى سايلام بىلەن قىلىشنى تەۋسىيە قىلغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ. تۆت خەلىپىنىڭ دەۋرىدىمۇ خەلىپىلىك سايلام بىلەن بولغان. دېمەك دۆلەت رەئىسىنى خەلىق سايلاپ چىقىدۇ. مانا بۇ قۇرئاننىڭ مەزمۇنى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ قۇرغان دۆلەتلىرىنىڭ قانداق شەكىلدىكى دۆلەت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

Share
1464 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.