logo

trugen jacn

<ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى>كۈچىنى كۆرسىتىپ، جازا كامپلىرىغا <قامالغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى ئوقۇش پۈتتۈردى...>……شى جىنپىڭنىڭ جازالانغۇچىلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈشى ئەمدى قانداق تەسىر پەيدا قىلار؟

ئانالىزچى: جياڭ فېڭ

تەرجىمان: ئۇيغۇر پىدائىي تەرجىمانلار گۇرۇپپىسىدىن دىلچىن

دوستلار ياخشىمۇسىلەر،

2019 ـ يىلى12 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى دۈيشەنبە ئەتتىگەندە، ش ئۇ ئا ر نىڭ رەئسى شۆھرەت زاكىر گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، شىنجاڭدىكى كەسپىي تەربىيلەش مەركىزىدىكى بارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، بەخىتلىك تۇرمۇش كەچۈرۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

بۇ كەسپىي تەربىيلەش مەركىزى غەربتە ئومومىيۈزلۈك «يىغىۋېلىش لاگىرى» دەپ ئاتىلىدۇ. خىتاي بولسا «كەسپىي تېخنىكا تەربىيلەش مەركىزى» دەپ ئاتاپ كەلدى. دۇنيادا قانداق تەربىيلەش مەركىزى بىر ئۆيدىكى ئەر – ئاياللارنى، ئاتا – بالىلارنى بىر بىرىدىن ئايرىۋېتىدۇ؟ يەنە كىلىپ قانداق تەربىيلەش مەركىزىدە ئېگىز تام، تۆمۈر سىم ھەتتا ئېلىكتېر تورى بىلەن توسۇلغان ھەم تۆت ئەتراپدا ساقچى پوتەيلىرى بار بولىدۇ؟

غەربنىڭ ئىشەنچىلىك مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا قامالغان ئۇيغۇر، قازاقلارنىڭ سانى ئاز بولغاندا بىر يېرىم مىليوندىن ئىككى مىليونغىچە.

خىتاي تەرەپنىڭ قايتا تەربىيلەش لاگىرىنى يولغا قويۇشتىكى مەقسىتى، ئۇلارنىڭ دېيىشىچە «ئۈچنى ئۆگۈنۈپ بىرنى چىقىرىش» ئىكەن. يەنى تېخنىكا ئۆگىنىش، خىتاي تىلى ئۆگىنىش، قانۇن ئۆگىنىش ۋە رادىكال ئىدىيەنى يوقىتىش. ئالدىدىكى ئۈچى بولسا ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن.

خىتايچىنى ئۆگىنىپ ئانا تىلىنى ئۇنتۇيدۇ. شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنى دىمەي تۇرساقمۇ، ئۇلار خىتايلارغىمۇ كەڭچىلىك قىلمىدى. خوڭكوڭدىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭمۇ گۇاڭ دوڭ تىلى قوللىنىشنى چەكلىگەن.

ئەمىسە قانۇن ئۆگۈنىشچۇ؟ قانۇن ئۆگۈنۈشنىڭ نىمە پايدىسى بار؟

قائىدە بويىچە ئېيتقاندا، ھېچ بىر قانۇن ئالىي سوت مەھكىمىسى باشلىقىنىڭ ھوقۇقىدەك كۈچلىك ئەمەس. توغرىمۇ؟

نۇرغۇنلار قانۇن ساھاسىنى مۇستەقىل قىلماسلىقنى ئېيتتى. ئەمىسە سېنىڭ ئۆگەنگىنىڭمۇ بىكار ئەمەسمۇ؟ ئەمىليەتتە مۇھىم بولغىنى، قانۇن بويىچە رەھبەرلەرنىڭ ئوبرازىنى قوغداش، پارتىيەنى قوغداشدىن ئىبارەت.

مانا بۇ شىنجاڭدىكىلەرگە قانۇن ئۆگۇتۇشنىڭ تۈپ مەقسىتى. راس گەپنى قىلغاندا ئۈچنى ئۆگۈنۈشنىڭ ئەسلىدە دۇنيانى ئالداش ئۈچۈن ئېيتىلغانلىقى بەكمۇ رەزىللىك.

شۇنداقلا ناھايىتى ئەتراپلىق ھالدا شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى، ئۆرپ – ئادىتى، تىلىنى ۋەيران قىلغانلىق.

ئەگەر بىر كۇنى، خىتاي راستىنلا شىجىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئارزۇسى بويىچە دۇنيانى ئىدارە قىلىپ قالسا، ئىتالىيەنىمۇ بوش قويمايدۇ، ئىتالىيە پىساسى پۇشۇرىدىغان ئۇستاملارنىڭ ھەممىسىنى شەندوڭغا ئاپىرىپ بىر قايتا تەربىيلەش مەركىزىگە يىغىپ، ئۇلارغا شەندوڭنىڭ قوتۇرمىچىنى ئۆگىتىدۇ.

ئوقۇش پۈتتەرگەندە بولسا ھەر بىر ئىتالىيەلىك ئۇستاملارنى بىردىن غولپىياز بىلەن تارتۇقلايدۇ، ئاندىن ئۇلار بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشكە باشلايدۇ…

سىلەر ئېيتىپ بېقىڭلار، بەخت دېگىنىمىز كىشىلەرنىڭ ھېس – تۇيغۇ تەسىراتى بويىچە بولامدۇ ياكى خىتاي دېگەن ئېنىقلىما بويىچە بولامدۇ؟

خوڭكوڭ بىلەن گۇاڭدۇڭلۇقلارنى گۇاڭدۇڭ تىلى سۆزلىشىگە يول قويمىسا، كېلەركى قەدەمدە شىنجاڭدىكى تەجرىبىلەرنى ئۆلگە قىلىپ، ئۇ يەردىمۇ تەربىيلەش لاگېرىنى قۇرۇپ ئورتاق تىل ئۆگىتەمدۇ قانداق؟

ئەمىليەتتە باشتىكى ئۈچى پۈتۈنلەي كەينىدىكى بىرنى نىقابلاش ئۈچۈندۇر. يەنى ئاتالمىش رادىكال ئىدىيەنى يوقۇتۇش. بۇ تېرورىزىمغا زەربە بېرىش بولسا ئىنسانلارنىڭ بىخەتەر تۇرمۇشىغا زىيانكەشلىك قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.

مەسىلەن، ساقچى سېنى ئەسكى ئىش قىلغانلىقىڭ ئۈچۈن سېنى قولغا ئالدى، سوتچىمۇ سېنىڭ قىلغان ئەسكى ئىشىڭغا قاراپ ھۆكۈم چىقىرىدۇ.

دەپ بېقىڭلار، كاللىدا ئويلىغان ئوي – پىكىرلەر دېگەندە، بىر يىگىت بىر قىزنى كۆرۈپ ئىچىدە ھەجەپ چىرايلىقكەن دەپ ئويلىدى، ئاندىن ساقچى ئۇنى لۈكچەكلىك ئىدىيىسى بار دەپ قولغا ئالدى دېگەن گەپ. بۇ قانداق ئىش؟

بۇ بولسا مەدەنىيەت ئىنقىلابىنىڭ زەھەرلىك قالدۇقلىرىدۇر.

مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىكى «كالا قوتىنى»دۇر (بۇ يەردىكى كالا قوتىنى مەدەنىيەت ئىنقىلابى ۋاقىدا مەسىلسى بارلار سولانغان ئورۇننى كورسەتكەن بولۇپ، شارائىتى ئىنتايىن ناچار).

بۇلارنىڭ مەقسىتىمۇ خىتاينىڭ ئىدىيەنى ئۆزگەرتىش ئېھتىياجىغا قاراپ ئېچىلغان. ئىدىيە ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، ئەتتىگەندە ماۋزىدوڭدىن گۇناھى سەۋەبلىك ئەپۇ تىلەيدۇ، ئاندىن ناشتىلىق ئالىدۇ، ئەگەر ئۇنداق قىلمىسا ناشتىلىق يوق. كۈندۈزدە ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىلىدۇ، كەچتە بولسا بىر – بىرىنى پاش قىلىدۇ. ئاندىن ئىدىيىسىنى دوكلات قىلىپ بولۇپ ئۇخلايدۇ.

بۇنى كاللىدا پەيدا بولغان ئىدىيىلەرنى تېگىدىن يوقۇتۇپ، روھىيەتنى پاكىزلاش دەپ ئاتايمىز.

مانۇ بۇ مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا چوڭ بولغان خىتاي بىر ئەۋلاد رەھبەرلىرىنىڭ، باشقىلارنىڭ ئىدىيىسىنى كونتىرول قىلىشى، ھەم ئۆزىنىڭ ئىدىيىسىنى ئۇلارغا سىڭدۇرۈشتۇر.

مەدىنىيەت ئىنقىلابى ۋاقتىدا، بۇ ئىشلارنى قىلىشتىكى مەقسىتى يوقىرى قاتلامنىڭ زىددىيەتلىرى ئۈچۈن بولسا، ھازىر پۇل تېپىش ئۈچۈن. مەن سىلەرگە قانداق پۇل تاپىدىغانلىقىنى سوزلەپ بىرەي.

بىرىنچىدىن، رادىكالىزىمغا، ھەم تېرورىزىمغا ئېنىقلىما بەرگەندىن كېيىن، مەملىكەت دائىرسىدە سىياسىي رەقىبلىرىگە ياكى مەلۇم بىر توپقا تېرورىزم قالپىقىنى كەيگۈزۇپ ناھايىتى مەردالىك بىلەن ئۇلارغا زەربە بېرىدۇ.

مەن جاڭ فېڭ ئەزەلدىن تېرورىزىمغا قارشى شۇنداقلا ئۇلار تەرەپتە تۇرۇپ چۈشەندۈرۈش بېرىپ يان باسماقچى ئەمەس.

لېكىن نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا خىتاي مەركىزىي تېلېۋېزىيەسىدە ئون يىلدىن بۇيانقى تېرورلۇق ۋەقەلىرىگە ئائىت سىن فىلىمنى قويدى ئەمەسمۇ.

سىلەرگە دېسەم، ھەممىسىنى قوشۇپ كەلسىمۇ خىتاينىڭ بىر كىچىك يېزىدا كۆچۈرۈپ يۆتكەش، مۇقىملىقنى قوغداش ئۈچۈن قىلغان قىلمىشىرىچىلىك ئېچىنىشلىق ئەمەس.

ئەگەر بىر دۆلەت تېرورىزىمنى يوقۇتۇشنى باھانە قىلغاندا، بۇ يەردە چوڭ ئېلىم – بېرىم سودىسى بار.

ھېسابلاپ بېقىڭلار، تېرورىزمغا قارشى قوشۇن قۇرامسەن يوق؟ يىلپىز زەربىدار ئەتىرتىمۇ مۇشۇنداق كەلگەن ئەمەسمۇ؟

ئۈسكۈنە سېتىۋالامدۇ يوق؟ خادىملارنى تەربىيەلەمدۇ يوق؟ دۆلەت مەمۇرلىرى، ھەربي قىسىمدىكى كىشىلەر بۇيەردە مۇشۇ سەۋەبتىن باي بولىدۇ.

شىنجاڭغا بارغاندىن كېيىن بولسا، بىر يېرىم مىليون كىشىنى قاماش ئۈچۈن قانچىلىك تۈرمىنى يېڭىدىن قۇرۇش كېرەك؟

بىز مىڭ ئادەمنى بىر لاگىرغا سولىدى دېسەك، مىڭدىن ئارتۇق تۈرمە دېگەن گەپ. ئۆي – مۈلۈك سودىسىدا قانچىلىك بىنا سالسا ئاندىن بۇ چوڭ پروجەكت بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولىدۇ؟

قاماقخانىچۇ؟ ساقچىچۇ؟

ش ئۇ ئا ر بۇ قاراردىكى باشلىقلار ھەممىسى چوڭ بايلىققا ئېرىشتى، جاڭ چۇنشەندىن چېن چەنگوغىچە. خۇددى قەدىمكى ئۆلكە ئەمەلدارلىرىدەك. يوڭ جېڭ دەۋىرىدىكى نىيەن گېڭ ياۋ، غەربىي شىمالدىكى قالايمىقانچىلىقنى بېسىقتۇرغان بۇ كىشى ئىقتىدارلىق. ئۇ لوبۇ زاڭجىن باشلىق توپىلاڭچى قوشۇننىڭ چوڭ قىسمىنى قورال كۇچ بىلەن يوقاتقان بولسىمۇ، ئۇلارنى يىلتىزىدىن يوقاتماي ئاز بىر قىسىم توپىلاڭچىنى ساقلاپ قالغان. ئۇ بۇ ۋەزىپىنى سوزۇپ شۇ يەردە داۋاملىق تۇرۇش ئارقىلىق ئوردىدىن توختىماي پۇل ئالغان، شۇنداق قىلىپ ئاخىردا ئوردا خەزىنىسىنى قۇرۇغدىغان ئىدى.

ھازىرقى شىنجاڭمۇ ئوخشاش ئەمەسمۇ؟

ئۇلارمۇ بېيجىڭدىكى ئەمەلدارلارنىڭ بالىلىرى بىلەن تەڭ يانچۇقىنى يۇغانلىتىۋاتىدۇ.

ئىككىنچىدىن، تېررورىزىم دېگەن نېمە؟

تېررورىزم دېگىنىمىز ئامېرىكا 11 – سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاي قوللانغان ئۇقۇم.

2001  -يىلى دۇنيا سودا مەركىزى ھۇجۇمغا ئۇچۇردى توغرىمۇ؟

2002 – يىلى جاڭزېمىن قوراللىق تېررورىزمغا زەربە بېرىش ئارمىيىسىنى قۇردى. ئەمىسە نېمىشقا 2002 – يىلدىن بۇرۇن شىنجاڭدا تېررورىزم بولمىغان؟

بۇ ئىش خىتاي كومۇنىسىت پارتىيىسىنىڭ غەرب ئەللىرىنىڭ مۇرەسسە قىلىشىغا ئېرىشىپ، شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ سىياسى جەھەتتىن يوللۇق ئىكەنلىكىگە ئىگە بولۇشىدىكى مۇھىم ھالقا.

ئامېرىكا تېررورىزمنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچۇرىشى بىلەنلا خىتايدىمۇ يۈز بەردى. چۈنكى ئۇ دۇنيانىڭ تېرورىزىمغا قارشى تۇرۇش ئىستراتېگىيەسىگە ئاۋاز قوشۇپ غەرب دۆلەتلىرىڭ بۇ سىياسەتنى قانونلۇق قىلىشتىكى مۇھىم ئۆتكەلدىن ئوتتى.

شۇڭا خىتاينىڭ كەڭ كۆلەملىك ھالدا دۇنيانىڭ ھەربىي ھەركەتلىرىگە قاتنىشىش سانى مۇشۇ ۋاقىتتىن باشلاپ كۆرنەرلىك ئېشىشقا باشلىدى.

خىتاي ھەربىي قىسىمنىڭ ئاستا – ئاستا دۇنيا خاراكتېرلىق سىڭىپ كىرىشى بىلەن مۇھىم ئاچقۇچلۇق مەسىلىنى بىلدى. خىتاي نۇرغۇن دۆلەتلەر ھەم رايونلارنىڭ تېررورىزىمغا قارشى مانىۋىرلىرىغا قاتناشتى ئەمەسمۇ.

دۆلەت ئىچىدىمۇ شىنجاڭ ئارقىلىق ئىنسانلارنى كونتورول قىلىش، شۇنداقلا ئۆلكە دەرىجىلىك رايونلارنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىسىگە ئېرىشتى، يەنى ئاتالمىش مۇھىم بولغان ئىدارە قىلىش بولسا ئادەملەرنى نازارەت ئاستىغا ئېلىشتۇر.

مەن سىلەرگە دېسەم، بۇ «ئۈچنى ئۆگۈنۈپ بىرنى يوقۇتۇش» ھەم قايتا تەربىيلەش لاگېرىدىكى مۇھىم ئۇچۇرلاردۇر.

ئەمدى بىز ش ئۇ ئا ر نىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىرنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قايتىپ كېلەيلى. بۇ يىغىندىكى ئەڭ مۇھىم بىر جۇملە سۆز بولسا <ئوقۇغۇچىلار ھەممىسى ئوقۇش پۈتتۈردى>.

بۇ نېمە دېگەن گەپ؟ ھەممىسىنى قويۋەتتۇق، لاگېرنى تارقاتتۇق.

بۈگۈن بىز ئاساسلىق مۇشۇ ئىشنى چۈشۈنۈپ باقايلى.

سەن شىنجاڭدا تېررورىزىمغا قارشى تۇرغان قىياپەتكە كىرېۋېلىپ، خىتايغا كۆپ پۇل تېپىپ بېرەلەيدىغان، ھەم دۇنياغا ئۆزىنىڭ سىياسىي كۈچىنى پوپوزا قىلدۇرالايدىغان، يەنە كېلىپ شىنجاڭنىڭ تېرورىزىمغا قارشى تۇرۇشىدىكى ئەڭ مۇھىم ھالقا، ھەم پۈتۈن دۇنيادا ئەڭ كۆپ بەس مۇنازىرە قىلىۋاتقان، ھەم دۇنيادىكى كۆلىمى ئەڭ كەڭ بولغان بۇ لاگېرنى تۇيۇقسىز تارقىتىۋېتىشىڭ.

بۇ تارقىتىش بولسا يالغان تارقىتىش، يەنى شەكىلدىكى. چۈنكى خىتاي شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئېتىقات، مەدەنىيىتىنى ۋەيران قىلىشنى تېخى توختاتقىنى يوق. كەڭ كۆلەملىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، تەربىيلەش، دىنغا ئېتىقاد قىلىش چەكلىمىسىنى بىكار قىلغىنى، ھەتتا بوشاتقىنىمۇ يوق. دېمەك، پەقەت كىچىك لاگىردىن چوڭ لاگىرغا يۆتكىدى. يەنە بىر تۈركۈم خىتاي تەرىپىدىن رادىكال ئىدىيىسى بار، بەلكىم خىتاينىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ دەپ قارىغان دىننىي ئۆلىمالارنى، زىيالىلارنى، ئاندىن ئاتالمىش ئوتتۇرا شەرىقتىكى تېررورىزم مەشىقىگە قاتناشقانلارنى ھەرگىز بىراقلا قويىۋەتمەيدۇ. ئەينى ۋاقىتىكى ئوڭچىللىققا قارشى ھەرىكەتكە ئوخشاش، نەدىكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش؟ ئۇۋال قىلىنغانلارنى ئاقلاپ بولۇپ، يەنە بىر تۈركۈم كىشىلەرنى ئېلىپ قېلىپ ئۇلارنىڭ «ئوڭچىل قالپىقى»نى ئالىمىغان. نېمىشقا؟

خىتاي خاتالىقىنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ – دە، ئوڭچىللىققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتنىڭ كېڭىيىپ كەتكەنلىكىنى ئېتراپ قىلدى، ئەسلىدە بىر نەچچە ئوڭچىللارنى تۇتماقچى بولۇپ كەينىدىن بىلمەيلا بىر مىليون توت يۈز مىڭ كىشىنى تۇتىۋەتتى ئەمەسمۇ. دەپ بېقىڭلار ئەگەر ئۇلار ھەممە خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلىپ، ھەممىسىنىڭ «گۇناھ قالپىقى»نى ئېلىۋەتسە، دانا ئۇلۇغ رەھبەرلەر ئۇ ۋاقىتتا دانا ئۇلۇغ بولمايدۇ – دە. ئۇلارنىڭ بىر قىسىم كىشلەرنى ئېلىپ قېلىپ قويۇپ بەرمىگەنلىكىنىڭ سەۋەبى بىلەن، مۇشۇ بۈگۈنكى كۈندىكى يىغىۋېلىش لاگېرىمۇ ئوخشاش. خىتاي بۇ ئىشتىمۇ بىر قىسىم كىشىلەرنى قويىۋەتمەيدۇ.

ئىككىنچىدىن، بۇ شوھرەت زاكىر ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا كېلەر قەدەمدىكى پىلانلار توغىرسىدا يەنە مۇنداق دەيدۇ: «ئاساسىي قاتلامدىكى كادىر ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ ساپانى يوقىرى كۆتۈرۈش ئارزوسى بويىچە ئەركىن بېرىپ – كەلسە بولىدىغان نورمال تەربىيلەش مەركىزى بار».

قاراڭلار، بۇ بولسا سېنىڭ ئارزويۇڭ يەنە قايتا تەربىيلەيدىغان. يەنە كېلىپ بۇ تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويغانمۇ سەن.

ئۇلار نېمىنى ئۆگىنىدۇ؟

خىتاي تىلى، قانۇن، تېخنىكىدىن ئىبارەت، بىز ئابايا دېگەن ئۈچنى ئۆگىنىش.

بىز چۈشىنىپ ئانالىز قىلىشنى ئۆگىنىشىمىز كېرەك.

 

خىتاينىڭ قەبىھ ئىدىيە ۋە تىل سېستىمىسى

 

بىز ئالدى بىلەن نورماللاشتۇرۇشنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىپ باقايلى.

بۇنىڭ مەنىسى بولسا، خىتاينىڭ داۋاملىق ئۇيغۇرلارنى خالىغانچە تۇتۇش ھوقوقى بار بولۇپ، خالىغان ۋاقىتتا يەنىلا ئوخشاش تۇتىدۇ. مانا بۇنى نورمال ھادىسە دېگەن چۈشەنچىگە ئەكېلىش. بۇ دەھشەتلىك ھۆكۈمرانلىقنى كىشىلەرگە نورمال كۆرسىتىش، ئەگەر سېنى قويىۋەتسە يەنە خالىغان ۋاقىتتا قايتا تۇتالايدۇ.

ساپانى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئارزوسى بويىچە ئەركىن بېرىپ كېلەلەيدۇ دېگەن نېمە گەپ؟

بۇ بىر يۇمۇر ئەمەسمۇ؟!

ئۇيغۇرلارنىڭ ئارزوسى، بالا – چاقىسىدىن ئايرىلىپ بىر يىل لاگېردا تۇرۇپ خىتايچە ئۆگىنىپ ئانا تىلىدا سۆزلىمىسە، رەسىم سىزىشنى، قانۇن ئارقىلىق پارتىيەنى، شى جىنپىڭنى قوغداشنى ئۆگەنسە، شىنجاڭلىقلار خورلانغۇچى بولۇپ قالدىغۇ؟

شۇڭا بۇ ناھايىتىمۇ نومۇسسىزلاچە قىلىنغان «يۇمۇر» بوپتۇ.

بىز داۋاملىق بۇ ئىشنى تەھلىل قىلايلى.

باشتا ئۈچنى ئۆگۈنۈپ بىرنى يوقۇتۇش، دېدى شۇنداقمۇ؟ ئەمدى بۇ قېتىم قويىۋېتىپ يەنە تۇتسا، كونا شۇئار بويىچە قىلالمايدۇ، رادىكال ئىدىيىنى يوقۇتۇشنى دېمەيدىغان بولدى. بۇ بولسا كۆپچىلىك ئاسان دىققەت قىلمايدىغان نۇقتا، لېكىن بىز تەھلىل قىلغاندا بۇ نۇقتىغا سەل قارىساق بولمايدۇ. بىز يەنە داۋاملىق تەھلىل قىلايلى.

نېمىشقا شىنجاڭدىكى دائىرلەر لاگىردىكى كىشىلەرنى قويۋەتتى؟ نېمىشقا رادىكال ئىدىيىنى يوقۇتۇشنى تىلغا ئالمىدى؟

خىتاي داۋاملىق شەرقىي تۈركىستان تېررورلۇق تەشكىلاتىنى تىلغا ئالىدۇ، توغرىمۇ؟

نۇرغۇن دوستلار بۇنىڭ نېمىلىكىنى چۈشەنمەيدۇ، مەن بۇنى سىلەرگە ھازىرقى ش ئۇ ئا ر نىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئارقىلىق چۈشەندۈرەي. شۆھرەت زاكىر داۋاملىق ئۆزىنى ئۇيغۇر ئەمەلدار ئەۋلادى دەپ تونۇشتۇرىدۇ. ئۇنىڭ مۇنداق دېيىشىنىڭ راستىنلا ئازراق سەۋەبى بار.

 

كۆپچىلىك ماۋزىدۇڭنىڭ ماۋ زىمىن ئىسىملىك ئۇكىسى بارلىقىنى ئۇقىدۇ، ئەينى يىلى شىڭ شىسەي تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن، شۇ ۋاقىتتا تەڭ ئۆلتۈرۈلگەن يەنە بىرى بولسا، خىتاي كومپارتىيىسى تەشكىللىگەن شىنجاڭ جاھانگىرلىككە قارشى ئۇيۇشمىسىنىڭ غوللۇق ئەزاسى، يەنى شۆھرەت زاكىرنىڭ بوۋىسىدۇر.

كېيىن شۆھرەتنىڭ دادىسى بولسا ھازىرقى خىتاي كومپارتىيىسى قاتتىق زەربە بېرىۋاتقان دەسلەپكى شەرقىي تۈركىستان دۆلىتىنىڭ مەسئولى ئىدى. ئۇ ئەينى ۋاقىتتا كومپارتىيىنىڭ جاسوسلىرىنىڭ يول كورسىتىشى بويىچە مۇستەقىللىق ئۇرۇشىنى باشلىغان، بەلكىم ئويلاۋاتقانسىلەر بۇ ۋاقىتتا شەرقىي تۈركىستان قايسى بېسىۋېلىنغان دۆلەت تەرىپىدىن مۇستەقىل بولىدۇ دەپ؟ جاۋابى جۇڭخۇا مىنگو تەرىپىدىن.

شۇنداق بولغاندا، شۆھرەت زاكىرنىڭ دادىسى ئەڭ دەسلەپكى تېررورچى، ھەم بۆلگۈنچى. كېيىن خىتاي كومپارتىيىسى جۇڭخۇا مىنگوغا زەربە بېرىشتە ئۇنىڭدىن پايدىلاندى، خالاس.

ئاندىن ۋاڭجېن شىنجاڭغا كەلدى، شۆھرەتنىڭ دادىسى دەرھال مەيدانىنى ئۆزگەتتى-دە، ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى سەبداشلىرىغا خائىنلىق قىلىپ، شىنجاڭدىكى بىرىنچى تۈركۈم پارتىيە ئەزاسى بولدى. شۇڭا شۆھرەت زاكىر ھەم ئەمەلدار ئەۋلادى، ھەم تېررورچى ئەۋلادى.

شۇڭا مەن دەيمەن، تېرورچىمۇ ياكى ئەمەسمۇ؟ بۇنى ھوقۇق تۇتقانلار بەلگىلەيدۇ، ھەم بۇ پەقەت سىياسىي رەقىبلەنى يوقۇتۇشتىكى بىر قورالدۇر.

ئەمدى لاگېرنى تارقىتىش توغىرسىدا تەھلىل قىلايلى.

لاگېرنى تارقىتىشنىڭ مەقسىتى نېمە؟

پۈتۈن خەلقارادا تېررورىزىمغا قارشى ئىستراتېگىيەسىدە ئۆزگىرىش بولدى، تېررورلىققا قارشى تۇرۇپ، قورساق باققىلى بولمايدىغان بولدى.

ئامېرىكا تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىدىن چىكىنىپ چىقتى. ئافغانىستان، سۇرىيە قاتارلىق دۆلەتلەر مەسىلىسىنى سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلدىغان، ئۇرۇشمايدىغان بولدى. ئستراتېگىيىنىڭ نىشانىنى ئاسىيا – تىنچ ئوكيان رايونىغا قاراتتى، يەنى يېڭى رەقىبى خىتاي بولدى. شۇڭا خىتاينىڭ داۋاملىق تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش شۇئارى خەلقارالىق ئېقىمغا ماس كەلمەس بولدى. 18 يىلنىڭ ئالدىدىكى جاڭ زېمىن دەۋرىدىكىدەك غەربنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش مۇمكىنچىلىكى پۈتۈنلەي قالمىدى.

بۇ ئىشلار ئەكسىچە بولۇپ، خىتاينىڭ يوقىرى بېسىملىق باستۇرۇشلىرى سەۋەبىدىن شىنجاڭدا تېررورىزم ھەرىكەتلىرى يۈز بېرىدىغان بولۇپ قالدى.

ئۇيغۇرلار ئەسلىدىنلا مۆتىدىل مۇسۇلمانلار. لېكىن سەن تۇتىدىغاننى تۇتۇپ ئۆلتۈرىدىغاننى ئۆلتۈرۈپ، نورمال ئېتىقاد، ناماز ئوقۇشلىرىدىن تارتىپ توسۇپ يۈرىيسەن. سەن زادى ئۇلارنى ياشىغىلى قويامسەن – قويمامسەن؟! ئۇنى ئاز دەپ توختىماي ئىچكىردىن نۇرغۇن خىتاي يۆتكەپ ئەكىرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ياشاش مۇھىتىنى سىقىپ، خىزمەت پۇرسەتلىرىنى يالماپ ئېلىۋالدى، ھازىر خىتايلارمۇ ئۇيغۇرلارنى ئىچىدىن ئۆچ كۆرىدىغان بولدى، نېمە ئۈچۈن؟ بۇمۇ خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى. بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا ئۇيغۇرلار قانداقمۇ قارشى چىقماي تۇرالىسۇن؟ ھازىر «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» تازا ئاقمايدىغان سىياسى بانا بولۇپ قالدى. شۇڭا خەلقئارالىق سىياسىي نوقتىسىدىن ئېيتقاندا، بۇ بانا خىتاي دۆلەت ئسىتراتېگىيسىدە ئاجىزلاپ قالدى، بۇ بىر چوڭ سەۋەب. ئىككىنجى سەۋەب، شىنجاڭنىڭ بۇنداق ئۈزلۈكسىز باستۇرۇلۇشى، خۇددى ئەينى ۋاقىتتىكى نىيەن گىڭياۋنىڭ دېگىنىدەك ئۇرۇشقا پۇل كېتىدۇ، بىر نەچچە خائىننىڭ دەستىدىن ئوردىدىكى كۈمۈشلەرنىڭ ھەممىسى سەرپ بولغان. ھازىر خىتاينىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالىدا ئېغىر چېكىنىش بار، نەردە ئۇنداق جىق كۈمۈشلەر دەستە بولىدۇ؟ ئامېرىكىدىن كەلگەن سودا ئۇرۇشى بۇنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىۋېتىپ بارىدۇ. ئاددى ھېساۋات قىلساق، 2 مىليونمۇ دېمەيلى، 1.5 مىليون ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر لاگېردا دەيلى، بىر كۈندىكى يىمەك – ئىچمەك، قارايدىغان خادىملارنىڭ چىقىمى، ئۇنىڭدىن سىرت كېلىپ چىققان جەمئىيەتتىكى قوشۇمچە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش چىقىمى بولۇپ بىر كۈندە 200 مىليون يۈەن گەپ سۆز يوق كېتىدۇ، شى جىنپىڭ، سەن چىقىرالامسەن بۇ پۇلنى؟ ياق، دېمەك بۇ ئىش ئاقمايۋاتىدۇ. ئۈچىنجىسى بولسا ئامېرىكا پارلامىنتى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لاھىيىسىنى» تۈزۈپ چىقتى. بۇ مۇنداقچە ئېيتقاندا خىتايغا ئەڭ چوڭ زەربە بولدى. تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خۇا چۈنيىڭ تېخى ئالدىنقى ھەپتە ئېغىز قاتتىقلىق قىلىپ، ئامېركىغا «11 – سېنتەبىرنى يەنە يۈز بەرسۇن دەمسەن؟» دەپ قورقۇتقان ئىدى. ئەمەلىيەتتە خىتاي ھەممىنى بىلىپ تۇرىدۇ، بولۇپمۇ شىياڭگاڭنىڭ كىشىلىك ھوقوق قانۇنىنىڭ چىقىشى شىياڭگاڭدىكى تەشكىلى تۈزۈلمىسىنى بەربات قىلدى.

ئۇلاركىچىك خوتۇنىنى ئېلىپ قويرۇقىنى خادا قىلىپ قېچىشىغا تەييارلاندى، بولۇپمۇ بېيجىڭ تەرەپ راۋروس بىسەرەمجان بولدى. ھەممە ئادەم ئامېرىكىنىڭ سوراققا تارتىشىدىن قورقاتتى. بۇ شىياڭگاڭ كىشىلىك ھوقوق قانۇنىنڭ خىتتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىغا جازا يۈرگۈزۈشى ئۇنداق قولايلىق ئەمەس. چۈنكى بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈلمىدە ئۇلار تام كەينىگە مۆكۈنۈۋالىدۇ، خىتاينىڭ ئسىتراتېگىيىسى قاراڭغۇ بولۇڭغا مۆكۈنۈۋىلىش، سىياسى بىيورودىكىلەر بەك بولسا خەنجىڭنى باشقۇرۇپ قويىدۇ، مەركەزدىكى باشقا كادىرلار كېلىپ ئۇنىڭغا ئىدىيە خىزمەت ئىشلەپ قويىدۇ، خاتىرجەم بول، ھېچ ئىش بولمايدۇ دەپ. ئەمما شىنجاڭنىڭ ئەھۋالى ئوخشىمايدۇ. چېن چۈەنگونىڭ ئورۇندۇقى ئەمدى ئۇنىڭغا قادالغىلى تۇردى. ھازىر ئەڭ چوڭ مەسىلە شى جىنپىڭدە بولىۋاتىدۇ. نېمىشقا دېسەڭلار ئالدى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ قاراڭلار. نىيۇيورك ۋاقىتىلىق گېزىتى11-ئايدا خىتاينىڭ مەخپى ھۆججىتىنى ئاشكارلىدى، ئۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭ پارتكوم مۇئاۋىن سېكىرتارى جۇ خەيلۈن قول قويغان مەخپى تېلگىراف ھۆججىتىمۇ چىقتى. ئۇنىڭدا شىنجاڭ يەرلىك دائىرلىرىنىڭ لاگېرلارنى قانداق باشقۇرىدىغانلىقىنى تەپسىلى بايان قىلغان ۋە شۇنداقلا جۇڭنەنخەينىڭ مەقسىتىنى ئاشكارلىغان، ئۇ بولسىمۇ پۈتكۈل ئۇيغۇرلارنى ۋەيران قىلىش. بۇ دەل ئىرقى قىرغىنچىلىققا ئوخشاپ كېتىدۇ، مانا بۇ رەزىل پىلان دۇنياغا ئاشكارلاندى. ئەڭ مۇھىمى، بۇ 400 نەچچە بەتلىك ھۆججەتتىكى ئاتالمىش قايتا تەربىيلەش ھەرىكىتىنىڭ ئېنىق شى جىنپىڭنىڭ يول كۆرسەتمىسى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغانلىقى دېيىلگەن. دېمەك باش جىنايەتچى ئۇ بولدى، قانداق قىلىش كېرەك؟ ئۇنى جازالاش كېرەكمۇ؟ شىياڭگاڭنىڭ يۇقىرى ئەمەلدارلىرىنى قېچىپ قۇتۇلالىدى دېسەك، شىنجاڭنىڭكىگە كەلسەك ئۇ قاچالمايدۇ. ئامېرىكا پارلامىنتى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقوق قانۇن لاھىيسىنى» ئۆتكۈزدى، ھازىر كېڭەش ۋە ئاۋام پالاتاسى بىر بىرلەشمە نۇسخىسىنى تەييارلاۋاتىدۇ، ئۇ پۈتسە ترامپنىڭ ئىمزاسىنى ساقلىسىلا بولىدۇ، ئۇ چاغدا ترامپ تەڭقىسلىقتا قالىدۇ، ئادەتتە ترامپ دۆلەت بىخەتەرلىك يۈزىسىدىن جازا يۈرگۈزۈش ئىسىم تىزىملىكىدىكى مەلۇم ئادەملەرنى كەچۈرۈم قىلالايدۇ. مەسلەن دۆلەت باشلىقىنى. ئۇنىڭ يۈزلىنىدىغىنى نېمە؟ ئۇنىڭمۇ بىر سىياسى مۇھىتى بار. ئۇ دائىم شى جىنپىڭنى ياخشى دوستۇم دەپ كەلدى. ئاۋام پالاتاسى ترامپنى ئەيىپلەشنىڭ يۇقىرى باسقۇچىدا. ترامپ ناۋادا شىنجاڭ كىشىلىك ھوقوق قانۇنىغا قول قويسا، ئۇ بۇ ياخشى دوستىنى تىزىملىككە قويامدۇ ياكى چىقىرۋىتەمدۇ؟ بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر ئوسال ئەھۋال ئىدى، ئەگەر چىقىرۋەتسە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى سىياسى ھۇجۇمىغا ئۇچرايدۇ. ئۇلار دەيدۇ: سەن نېمە ئۈچۈن بىر كىشىلىك ھوقوقنى دەپسەندە قىلغۇچىنى، ئىرقى قىرغىنچىلىق جىنايىتى قىلىۋاتقان مۇتىھەمنى قويۇپ بېرىسەن دەپ. ناۋادا شى جىنپىڭنى تىزىملىككە كىرگۈزۈپ قويسا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تېخىمۇ كەسكىنلىشىپ كېتىدۇ. شى جىنپىڭغا ناۋادا جازا يۈرگۈزۈلسە، ئۇنىڭ مال – مۈلكىگە زىيان بولمىدى دېسەكمۇ، ئۇنىڭ ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقان قىزى ش جىنپىڭنىڭ قىزى شى مىڭزىنىڭ ۋىزا مەسىلىسى بار بولۇپ، ئۇ ۋىزا ئالالامدۇ؟ بىر مەسىلە. كىشىلىك ئائىلە روھى، ماددى جەھەتتىكى زىيان كىچىك مەسىلە بولۇپ، خىتاي يۇقىرى ئەمەلدار رەھبەرلىرىنىڭ بۇنداق نومۇسقا ئۇچىرىشىشى پارتىيە ئىچىدىكى ھۇجۇمنى تېخىمۇ كەسكىنلشتۈرۈۋېتىدۇ، خىتاي پارتىيەسى مۆلچەرلىگىلى بولمايدىغان سىياسى پالاكەتكە ئۇچرايدۇ، شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ ئائىلە بىخەتەرلىكىمۇ بىر مەسىلە بولۇپ قالىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ بىر گېپىنى نەقىل قىلساق: بىر قەدەمنى خاتا باسساڭ، كۇكۇم تالقان بولىسەن، دېگەن. شۇڭا لاگېردىكى ئادەملەرنى قويۇپ بەردۇق دېيىشى، دەل شۇ كۇكۇم تالقان بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرىگەنلىكىدىن بولدى ۋە دەرھال سىياسەتنى بوشاتقان قىياپەتكە كىرىۋالدى. ئامېرىكىنىڭ «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقوق قانۇن لاھىيسى»نىڭ روياپقا چىقىشىدىن بۇرۇنلا، بىر سىياسى توقۇنۇشنى پەسەيتىشنى كۆزلىدى. شۇڭا قاراڭلار، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تېخى ئالدىنقى ھەپتىلا ئامېرىكىغا تەھدىت سېلىپ بولۇپ، بۇ ھەپتە بولمايلا بارلىق شىنجاڭنىڭ 1- دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنى بېيجىڭغا يىغىپ، گوۋۇيۋەن نامىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. ئۇلار يا شىنجاڭدا ئاچماي ياكى يا ئاپتونوم رايونى نامىدا ئاچماي گوۋۇيۋەن نامىدا ئېچىپ خەلقئارا مەتبۇئاتلارنى يىغدى. بۇ ھەرىكىتىنىڭ تېزلىكىنى كۆردۈڭلارمۇ؟ بۇنىڭغا ئامېرىكا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لاھىيسى، شى جىنپىڭنىڭ كىشىلىك ھوقوق دەپسەندە قىلىشتىكى باش جىنايەتچى ئىكەنلىكىنىڭ ئاشكارلىنىشى سەۋەبچى بولدى. بۇندىن باشقا ئالدىنقى قېتىمقى شىنجاڭدىكى 28 يۇقىرى تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ جازاغا تارتىلىشىنىڭمۇ تەسىرى بار. خىتاينىڭ ھەر يىلىدىكى مۇقىملىقنى قوغداشقا كېتىدىغان خىراجىتى 140 مىليارد يۈەن بولۇپ، گۇاڭدوڭ، شىياڭگاڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغاچقا ئۇنىڭ ئەڭ كۆپ. شىنجاڭغا 60 مىلىيارد كېتىدۇ، بۇلار بولسا مۇشۇ يۇقىرى ئەمەلدارلارنىڭ ئائىلە كارخانىلىرىنىڭ كىرىم مەنبەسى. ئەڭ مۇھىمى، بۇ 28 كارخانىدىكى خەيكاڭ ۋېيشىدەك كارخانىنىڭ ئۆزىمۇ خۇ جىنتاۋ جەمەتىنىڭ كارخانىسى. ئۇلار شىنجاڭدىلا باي بولۇپ قالماي، خەلقئارادىمۇ مۇھىم سالماقنى ئىگەلەيدۇ. ئوتتۇرا شەرق، جەنۇبى ئاسىيادىكى دۆلەتلار بولسا خىتاينىڭ يۈز تونۇش تېخنىكىلىرىنى ئۆگىنىپ جەمئىيەتنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىۋاتىدۇ. چۈنكى شىنجاڭ مەسىلىسى ئۇلارنىڭ سىرتقا دېتال مەھسۇلاتلىرىنى چىقىرىشىغا تەسىر كۆرسەتتى، ئامېرىكا بولسا دېتال بىلەن تەمىنلىمەيدىغان بولدى، بەزى مۇھىم دېتال زاپچاسلىرى كەلمىسە، بۇ شىركەتلەر تىجارىتىنى داۋاملاشتۇرالمايتتى. شۇڭا ئۇلار تېزدىن شىنجاڭدىن ۋاز كېچىپ كەلگۈسىدىكى دۇنيا سودىسىنى باشقۇرماقچى بولىدۇ. بۇ ئەنە شۇ ئەمەلدارلارنىڭ، پېشقەدەم رەھبەرلەرنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ھازىرقى سىياسەت يۈرگۈزگۈچىلەرگە بېسىم ئىشلىتىۋاتقىنىنىڭ سەۋەبى. ئۆزىدىكى بېسىم، خىتاي يۇقىرى ئەمەلدارلىرىنىڭ بېسىمى ۋە كارخانا ئىگىلىرىنىڭ بېسىمى بۇ لاگېردىكىلەرنى قويۇپ بەردۇق دېيىشىگە سەۋەبچى بولدى.

يەنە بىر ئىشنى دەپ بېرەي. 2008 – يىلى شى جىنپىڭ ئەينى ۋاقىتتا ۋاڭ جىننىڭ شنىجاڭنى قانداق قاتتىق قوللۇق بىلەن باشقۇرغانلىقىنى ماختىغان ئىدى، ئەمەلىيەتتە ئۇ ئۆزىنىڭ ھازىرقى قاتتىق قول سىياسىتىگە ئاساس سالماقچى ئىكەن، لېكىن دادىسى شى جۇڭشۈننى تىلغا ئالمىغان، دادىسى ئەينى يىللىرى غەربى شىمالنى ئاساسلىق باشقۇرىدىغان خىزمەتتە ئىدى، باشقۇردىغىنى شۇ ۋاڭجىن ئىدى، كۆپچىلىك بىلىدۇ، 1952 – يىلى ۋاڭجىن مۇئاۋىن سېكىرتارلىقتىن چۈشۈپ كېتىدۇ. كۆپ ئادەم سەۋەبىنى بىلمەيتتى. كېيىن بۇ سىياسەتلىرى مەركەزگە بېرىپ، خىتاي بۇنىڭغا رايون دەرىجىلىك كادىر دېگەندەك ئىسىم قويغان، خەلق ئۇنى چۈشەنمەي پەقەت ۋاڭ ساقال تويۇقسىز كەتتىغۇ دەپ قالغان. ئەمەلىيەتتە شى جوڭشۈن بولسا ۋاڭجىن ۋە مۇئاۋىن سېكىرتار دىڭ لىچۈننىڭ شىنجاڭنىڭ يەرلىك ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ۋە دىنى پائالىيەت قىلغانلارنى قالايمىقان تۇتۇپ ئۆلتۈرۈپ، سولچىل ئىدىيەسىنى قاتتىق يۈرگۈزگەنلىكىنى مەركەزگە پاش قىلغان. ماۋزىدۇڭ ئۆز قولى بىلەن ۋاڭ جىننى ئورنىدىن بوشىتىۋەتكەن. ۋاڭ جىننىڭ جازانىخورلىقىدىن كىچىك بالا يىغلىسا، ۋاڭ جىن كېلىدۇ دېسە يىغىسىدىن توختايدۇ دەيدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلگەن، بۇنى شى جىنپىڭنىڭ دادىسى ماۋزىدۇڭغا دېگەن. ۋاڭ جىن چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىن شىنجاڭدا چوڭ تىپتىكى زىددىيەت كۆرۈلمىگەن. كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىكى شىنجاڭ نەقەدەر گۈزەل – ھە؟ داۋانچىڭ ناخشىسى، گۈزەل مەنزىرلەر. ھازىرچۇ، bbc خەۋىرىدە لاگېردىكىلەر ئېيتقان ناخشا ئەسلى ئۇيغۇرلارنىڭ خەلق ناخشىسى ئىكەنتۇق، ئۇنىڭ تېكىستى ئۆزگەرتىلىپ خەنزۇچىغا مەجبۇرلىنىپ ئېيتىلغان، يېڭى تېكىستىنى شى جىنپىڭ يېشىپتۇ: ئەخمەق ئىش قىلىشتىن ئامال بار ساقلان، ئەسكى ئىشنى ھەرگىز قىلما، ئادىل ئادەم بول. ئەمدى بىز بۇ ناخشا تېكىستىنى شى جىنپىڭغا قايتۇرۇپ بېرەيلى: ئەخمەق ئىش قىلىشتىن ئامال بار ساقلان، ئەسكى ئىشنى ھەرگىز قىلما، ئادىل ئادەم بول!

 

پايدىلانغان مەنبە:

Share
13384 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.