logo

trugen jacn

كۈچلۈك مىللىي ئىقتىساد بولماي تۇرۇپ پارلاق مىللىي كېلەچەك بولمايدۇ

 

 

مەھمەتىمىن ھەزرەت

بەخت- پۇل  ئەمەس، ئەمما پۇلسىز بەخت بولمايدۇ.   يۇرتىمىزدا ئىشسىزلىق ئىنتايىن ئېغىر. ھەممە ئادەم، ئوقۇغان بالىسىنى دۆلەت مائاشىغا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىدۇ. بولۇپمۇ ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرۈپ ئىش تاپالماي يۈرۈۋاتقانلارنىڭ ئەھۋالى كىشىنى تېخىمۇ بىئارام قىلىدۇ. ئىش كۈتۈپ ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقىت، ئارقا ئىشىك ئۈچۈن كەتكەن پۇل، بىر مۇنچە ياشلىرىمىزنىڭ قەلبىدە ئاچچىق ئىز قالدۇرماقتا. ئۇلارنىڭ ئەھۋالى، ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەيپىياتىنىڭ بوزۇلىشىغا سەۋەبچى بولماقتا
بۈگۈنكى دەۋردە  دۆلەت شتاتىدىن ئىبارەت«تۆمۈر تاۋاق» قا ئېرىشىش ئاسان ئەمەس. ئۇيغۇر ياشلىرى بۇنى تونۇپ يېتىشى كېرەك
نۆۋەتتە، يۇرتىمىزدا، بولۇپمۇ ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار، يېڭى تېخنولوگىيە-يېڭى  بىلىم، يېڭى قىممەت كۆز قارىشى بىلەن قۇراللىنىۋاتىدۇ. ئۇلار، زور بىر تۈركۈم يېڭى  مىللىي زىيالىيلار قوشۇنىنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلماقتا
بۇ ياش دوستلىرىمغا بىر تەۋىسسىيەم بار؛ دۆلەتنىڭ  «تۆمۈر تاۋىقى»غا ئېرىشەلمەي قالسىڭىز روھىڭىزنى چۈشۈرمەڭ. ئۆزىڭىزگە ئىشەنسىڭىز، خۇسۇسىي شىركەتلەرگە يۈزلىنىڭ، قابىلىيەت ۋە ئىمكانىيەتلىرىڭىزگە ئىشەنسىڭىز ئۆزىڭىز ئىگىلىك تىكلەش يولىغا مېڭىڭ
نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، جۇڭگودا مۇشۇنداق قىلىشنىڭ شەرت-شارائىتلىرى تامامەن پىشىپ يېتىلدى.
كېيىنكى 30 يىل ئىچىدە، جۇڭگودىكى ئىقتىسادى تەرەققىيات، جۇڭگونىڭلا ئەمەس، دۇنيانىڭمۇ  كېلەچىكىنى ئۆزگەرتىشكە تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ
فوربەس جورنىلىنىڭ ئۆتكەن يىلدىكى جۇڭگولۇق دوللار مىلياردارلىرىنىڭ سانى 28 نەپەر ئىدى. بۇ يىل 64 نەپەر دەپ ئېلان قىلدى. جۇڭگودىكى  64 نەپەر  دوللار مىلياردېرلىرىنى بىرمۇ-بىر ئوقۇپ چىقتىم. بىرمۇ ئۇيغۇرنىڭ ئىسمىنى كۆرەلمىدىم
رۇسىيىنىڭ مىلياردارلىرىغا قاراپ باقتىم، 3 نەپەر ئاز سانلىق مىللەت مىلياردارىنى كۆردۈم. سۇلايمان كەرىموۋ (داغىستانلىق-شىركىتى موسكۋادا)، ئالىشىر ئوسمانوۋ (ئۆزبەك-شىركىتى روسىيەدە)، ۋاھىت ئەلەكبەروۋ-ئەزەربەيجانلىق-شىركىتى روسىيەدە
قازاقىستاننىڭ بۇ يىلقى مىلياردارلىرى 5 نەپەر. قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار، بۇ دوللار مىلياردېرلىرىنىڭ بىرىنچىسىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى ئېيتىشىپ تەنتەنە قىلىشىۋاتقان بولسىمۇ، ئۆز ئېغىزى بىلەن «مەن ئۇيغۇر» دەپ باقمىغانلىقى ئۈچۈن، ئىسمىنىمۇ يازمىدىم، بىزنىڭ تەنتەنە قىلىشىمىزمۇ ھاجەتسىز دەپ قارىدىم
دېمەك، ھەممە مىللەتنىڭ مىلياردېرلىرى بار. بىزنىڭ يوق. بۇ  ۋەزىيەت، ئۇيغۇر خۇسۇسىي ئىگىلىگىنىڭ، رىقابەت بەيگىلىرىنىڭ چاڭ–توزانلىرى ئىچىدە يولىنى تېپىپ مېڭىشتا قىينىلىۋاتقانلىغىدىن دېرەك بېرىدۇ
ئۇيغۇرلارنىڭ مىلياردىرلىرى بولمىغانمۇ؟
1910.يىلى، موسابايوفلارنىڭ غۇلجىدىكى تىرە زاۋۇتىدا يىلدا 1 مىليون تىرە ئىشلەپ چىقىرىلاتتى. زاۋوت ئۈسكۈنىلىرى 1905-1907.يىلىرى گېرمانىيىدىن ئەكىلىنىپ قۇراشتۇرۇلۇپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن ئىدى
موسابايوفلارنىڭ شىركىتىنىڭ  مەركىزى  غۇلجىدا بولۇپ، يۇرتىمىزنىڭ ھەممە چوڭ  شەھەرلىرىدە شۆبىلىرى، سېتىش، ئېلىش مەركەزلىرى بار ئىدى. لەنجۇ، شاڭخەي، تاشكەنت، شەمەي، قازان لاردىمۇ شۆبىلىرى بولغان، گېرمانىيە، تۈركىيە، ھىندىستاندا، موسابايوف شىركەتلىرىنىڭ ۋاكالەتخانىسى بار ئىدى
موسابايوفلار، بۇنىڭدىن  100  يىل بۇرۇن، خەلقئارالاشقان خولدىڭنىڭ ئىگىسى بولغان. ئوتتۇرا ئاسىيادا موسابايوفلارغا تەڭ كېلىدىغان باي يوق ئىدى. موسابايوفلار، ئۇيغۇرلارنىڭ مىلياردېرلىرىدىن بىرى ئىدى
ئارىدىن 100 يىل ئۆتتى. بۈگۈن ئۇيغۇرلارنىڭلا مىلياردېرى يوق
80.يىللاردا گۇۋاڭدۇڭلۇققا، 90.يىللاردا ئورتا ئاسىيالىققا تىجارەت ئۆگەتكەن ئۇيغۇرلار، بۈگۈن، ئۇلارنىڭ ياراتقان تىجارى مۆجىزىلىرىگە قاراپ ئەقلى لال بولۇپ  گاڭگىراپ تۇرۇپ قېلىۋاتىدۇ
ئۇيغۇرلاردىنمۇ تىرىشىپ–تىرمىشىپ ئىگىلىك تىكلەپ كۆزگە كۆرۈنگەنلەرمۇ ئاز ئەمەس.  بىراق، يۇرتىمىزدىكى تىجارەتچى  ئۇيغۇر بايلارنىڭ بارلىق ئىقتىسادىنى بىرلەشتۈرسەكمۇ، 90-يىللاردا يۇرتىمىزغا ئېقىپ كېلىپ مىلياردېر بولغان بىر لاۋبەننىڭ ئىقتىسادىنىڭ تۆتتىن بىرىگە توغرا كەلمەيدۇ
ئۇيغۇرلارنىڭ تەرەققىياتتىن  ئىقتىسادى نېسىۋىسىنى ئالالماسلىقتا، تاشقى ئامىلدىن سىرت يەنە مەسىلىنى ئۆزىمىزدىنمۇ ئىزدىشىمىز كېرەك. دېڭىزدا ئۈزۈپ يۈرۈپ، سۇ ئىزدەپ ئۇسسۇز قالغان بېلىقتەك، 30 يىللىق ئىقتىسادى تەرەققىيات دېڭىزىدا ئۈزۈپ يۈرۈپ تېگىشلىك ئىقتىسادى مەنپەئەتكە ئىرىشەلمەسلىگىمىزدە  ئۆزىمىزدە نېمە سەۋەنلىكلەر ئۆتتى؟ كاللىمىزنى سىلكىۋېتىپ ئويلىنىپ بېقىشىمىز لازىم
ئۇيغۇر سودا ساھەسى 30 يىلدا قولدىن كەتكۈزۈپ قويغان پۇرسەتنى، يەنە 100 يىلدىمۇ تولدۇرۇۋالالمايدۇ.
ئۇيغۇر سودا ساھەسى، خۇددى قاتتىق تاياق يەپ مېڭىسى چايقىلىپ كەتكەن، يېڭىلگەن بوكسۇرچىلاردەك دەلدەڭشىپ يول يۈرۈۋاتىدۇ. بۇ ئەھۋالى بىلەن جۇڭگونىڭ تەرەققىيات سۈرىتىگە يېتىشىۋېلىشى مۇمكىن ئەمەس.
بىز ياشلار، كونىلارنىڭ  ئەنئەنىۋىي تىجارەت تەجرىبىلىرىدىن پايدىلىنايلى،ئامما، كونا تىجارەت  شەكلىنى، ئۇسۇلىنى ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىۋېتىشىمىز كېرەك
دەۋر، مائاشتىن ئىبارەت «دۆلەتنىڭ تۆمۈر تاۋىقى»غا ئېرىشىش ئۈچۈن جاھىللىق بىلەن ھەپىلىشىدىغان دەۋر ئەمەس.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا قارىغاندا، ئىچكى ئۆلكىلەردە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىش پۇرسەتلىرى كەڭ. بولۇپمۇ، ياخشى ئوقۇغان، بىر قانچە تىل بىلىدىغان، كەسپى بىلىمى يۇقىرى ياشلار ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى جۇڭگولۇق ۋە چەتئەللىك خۇسۇسىي چوڭ شىركەتلەردە ئىشقا كىرىشكە تىرىشىشى لازىم. ھەم يۇقىرى مائاش ئالىسىز، ھەم شىركەت قانۇنىيەتلىرىنى ئۆگىنىسىز. ئىشنى پۇختا ئۆگەنگەندىن كېيىن سىزمۇ ئۇلار قىلغان ئىشنى قىلالايسىز. خالىسىڭىز چەتئەللەردىمۇ ئىشىڭىزنى تېپىپ قىلالايسىز
بىر قۇرۇلۇش  ئىنژېنېرى، بىر كومپيۇتېر مۇتەخەسسىسى، كىم بولسىڭىز بولۇڭ بىر كەسىپ ئىگىسى بولسىڭىز چەتئەلدە ئاچ قالمايسىز. ھەتتا تامچى، توكچى، رېمونتچى بولسىڭىزمۇ پۇل تېپىپ جېنىڭىزنى، ئائىلىڭىزنى باقالايسىز. ئەمما،«شۇجى، كېجاڭ، جۇيجاڭ»لىق  قىلىپ چەتئەلدە ياشاش ھەۋىسىدە چەتئەلگە چىقسىڭىز، بەلكى ئاچلىقتىن ئۆلۈپ قېلىشىڭىز مۇمكىن. چۈنكى، چەتئەلدە، شۇجىلىق، كېجاڭلىق، جۈيجاڭلىق كەسپى يوق
شۇڭا ياشلار كەسىپ ئۆگىنىشى، كەسپى بىلىمنى كاپىتالغا ئايلاندۇرۇشى ئۆگىنىشى لازىم
ئىچكىرى ئۆلكىلەردە بىلىملىك ئىش كۈچىگە بولغان ئېھتىياج ئىنتايىن يۇقىرى. ئىچكىرى ئۆلكىلەردە، بولۇپمۇ، ئاڭلىق خەنزۇلار ئارىسىدا، ئۇيغۇرلارنى چەتكە قاقىدىغان كەيپىياتلار ئېغىر ئەمەس
جۇڭگونىڭ سىرتىدا ياشاۋاتقان 65 مىليون ئەتراپىدا خەنزۇ بار. دۇنيانىڭ ھەر قايسى دۆلەتلىرىگە تارقالغان خەنزۇلار، 30 يىل جەريانىدا ھەم جۇڭگونىڭ ماللىرىنى دۇنياغا ساتتى، ھەم غايەت زور مىقداردا پۇل تاپتى
چەتئەلدە ياشاۋاتقان 1 مىليون ئەتراپىدا ئۇيغۇر بار. جۇڭگو بىلەن تىجارەت قىلىۋاتقانلار كۆپ.  چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تىجارەتچىلەر تارقاق، كۈچ، سەرمايە بىرلىكى  بولمىغاچقا، ئۇششاق تىجارەتچى ھالىتىدىن يۈكسىلەلىگەنلەر ئاز.
ۋەتەن ۋە ۋەتەن سىرتىدىكى  مىللىي  سەرمايە، ئەقىل، ئۇچۇر، ئىمكانىيەتلەر سەپەرۋەر قىلىنىدىغان بولسا، ئۇيغۇر سودا ساھەسىنىڭ تىجارەت تورى پۈتۈن دۇنياغا يېيىلىش شارائىتىغا ئىگە. بىراق، ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ئۆزئارا ئىشەنچ تۇيغۇسىنىڭ زەئىپلىكى، بۇ تەسەۋۋۇرنىڭ رېئاللىققا ئايلىنىشىدا توسالغۇ شەكىللەندۈرمەكتە
دۇنيادا «چوڭ بېلىق  كىچىك بېلىقنى يەيدۇ» دەيدىغان نەزەرىيىنىڭ مودىسى ئۆتۈپ كەتتى. بۈگۈنكى ئۆچۈر دەۋرىدە، تىز بېلىق، ئاستا بېلىقنى يەيدۇ
مىللىي ئىقتىسادنىڭ يېڭى خەرىتىسىنى، يەنىلا يېڭى ئەۋلاد سىزىپ چىقىشى لازىم.
ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئىشچى بولۇپ كەلگەن ئۇيغۇر ياشلىرىمۇ كەسىپنى ياخشى ئۆگىنىپ، ئوقۇغان ياشلار بىلەن بىرلىشىپ يېڭى ئىش ئىمكانىيەتلىرىنى ئىزدىسە بولىدۇ. كېيىن، ئىشلىرىنى ۋەتەنگە كېڭەيتسە بولىدۇ.
خەلقىمىز،  ھايات-ماماتلىق ئېغىر تارىخى باسقۇچنى بەشىدىن ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ. روھى دۇنيارىمىزدا جاراھەتلىرىمىز  كۆپ ۋە ئېغىر. كېسەلچان ۋە ئاجىز مىللىي ۋۇجۇدىمىز، ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەۋاتقان دەۋر چاقلىرىنىڭ ئاستىدا ئېزىلىپ كېتىش خەۋپى مەۋجۇت
نۆۋەتتە، خەلقىمىزنىڭ ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغىنى-كېلەچەككە بولغان ئۈمىد. كېلەچەكنىڭ ئۈمىدى، بىز ياشلارمىز. مەكتەپلىرىمىزدە، ئىش ئورۇنلىرىمىزدا ئۇتۇققا ئېرىشىشنى، غەلىبە قىلىشنى، مىللىي غايىمىزنىڭ بىر قىسمى دەپ ھېساپلىشىمىز كېرەك
كەسپى دەرىسلىرىمىزدىكى بىر تاپشۇرۇقنى ئارتۇق  يېشىش، چەتئەل تىلىدىن بىر جۈملە سۆزنى ئارتۇق ئۆگىنىش، بىر موچەن پۇلنى ئاز خەجلەش، ئۇزاقتا قالغان يۇرتىمىزدىكى بىر يېتىم بالىنىڭ، بىر تۇل ئايالنىڭ، بىر چارىسىز قېرىندىشىمىزنىڭ بىر تامچە كۆز يېشىنىڭ ئاز تۆكۈلۈشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ.
ئەگەر، كېلەچەكتە زور مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىشنى قەلبىڭىزگە پۈككەن بىرسى بولسىڭىز، سىزنىڭ ئەڭ سىرداش دوستىڭىز كەسپىڭىز، قىلىۋاتقان ئىشىڭىز بولسۇن
ئەگەر، بىرەر شىركەتتە ئىشلەۋاتقان بولسىڭىز، خوجايىنىڭىزغا خۇشامەت قىلىدىغان ۋاقتىڭىزنى، خوجايىن تاپشۇرغان ۋەزىپىنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئورۇنلاشقا سەرپ قىلىڭ. ئاينى توشقۇزۇپ، مائاشىنى ئالىدىغان كۈننى ساناپ ئۆتكەنلەرنىڭ، شىركەتلەردىكى ئىش ئۆمرى ئۇزاققا بارمايدۇ. ئۆزىڭىزنى شىركەت مىخاينىزىمىنىڭ بىر قىسمى ھېساپلاڭ. شىركەتنىڭ تەقدىرى مېنىڭ تەقدىرىم دەپ چۈشىنىڭ ۋە ھەرىكەت قىلىڭ. كېيىن ئۆز ئالدىڭىزغا تىجارى پائالىيەت ئېلىپ بارسىڭىز، ئۆگەنگەن تىجارەت ئەخلاقىڭىز، سىزنى كاتتا مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېلىپ بارىدىغان كومپاس بولۇپ قالىدۇ
تىجارەتنىڭ قاتىلى- تىجارەتچىنىڭ  ھىلىسىدۇر
تىجارەتچىنىڭ ئەڭ زور بايلىقى-نىيىتىنىڭ دۇرۇسلىغىدۇر
بايلىق ئاسماندىن چۈشمەيدۇ. تىرىشچانلىق بىلەن كېلىدۇ. بىراق، يۇرتىمىزدىكى يېزىلاردا، كىچىك شەھەرلەردە قانچىلىك تىرىشساقمۇ، مېھنەتكە يارىشا ھوسۇل  يوق. ئالۋان-ياساق، پارىخورلۇقنىڭ ئاستىدا ئېزىلىپ يۈرگەنلەرنىڭ ئەھۋالى، ئوقۇغانلارغا، ئوقۇۋاتقانلارغا ئىبرەت بولسۇن
توغرا ۋاقىتتا، توغرا يەردە تۇرۇپ، ئىمكانىيەتلەردىن توغرا پايدىلىنىشنى بىلىشىمىز لازىم.
«ئالى بابا» تور بېتى ئارقىلىق پۈتۈن دۇنياغا مال سېتىش ئىمكانىيىتى بار، تىل بىلگەن بىرەيلەن، زامانىۋى سودىنى بىلگەن بىرەيلەن، سەرمايىسى بار بىرەيلەن بىرلىشىپ بىر شىركەت قۇرسىڭىز، ئىشنى  كىچىكتىن باشلاپ ،ئازغا قانائەت قىلىپ، سەۋرچانلىق بىلەن ئىلگىرىلەپ كاتتا مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشەلەيسىز. ئىگە بولغان سەرمايە، تەجرىبە بىلەن ۋەتەنگە قايتىپ، ئىش ئىزدەپ يۈرگەن قېرىنداشلىرىڭىزغا ئىش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بېرەلەيسىز
يېڭى تېخنولوگىيە غەرب دۆلەتلىرىدە ئىجات قىلىنسىمۇ، جۇڭگودا مەھسۇلاتقا ئايلىنىپ دۇنياغا تارقالماقتا.
جۇڭگودا ھەر ھەپتىدە دېگۈدەك بىر سودا يەرمەنكىسى بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ. ھەر يىلى 4. ۋە 9. ئايلاردا گۇۋاڭجۇ سودا يەرمەنكىسى (گۇۋاڭجاۋخۇي) ئېچىلىدۇ.دۇنيانىڭ ھەر تەرىپىدىن قانچە مىليون مۇشتىرى كېلىدۇ
سودا يەرمەنكىلىرى، ماللىرىڭىزغا يېڭى مۇشتىرى تېپىشنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق يېرىدۇر. زاۋوت-فاپىرىكىلىرىڭىز بولمىسىمۇ، يەرمەنكىلەرگە قاتنىشىش ئىمكانىيىتى يوق كىچىك زاۋۇتلار بىلەن كېلىشىم تۈزەپ، ئۇلارنىڭ ماللىرىنى دۇنياغا ساتالايسىز
ئۆتۈپ كەتكەن پۇرسەتلەرگە ئېچىنىش، پەقەتلا يۈرىكىمىزنى يارا قىلىشتىن باشقا  ئىشقا يارىمايدۇ.
ئاللاھ قۇرئانى كەرىمدە،ئىشلىگەنلەرگە بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان. بىز جاپاكەش، ئەمگەكچان ئەجدادلارنىڭ ئەۋلادلىرىمىز. ئىشلەش شەرەپتۇر. بىلىم بىلەن مېھنەتنى بىرلەشتۈرۈشتىن كېلىپ چىققان كۈچ چوقۇم ماددىي ۋە مەنىۋى بايلىق يارىتالايدۇ
كومپيۇتېر ئارقىلىق پۈتۈن دۇنياغا ئۇلىشالايمىز. ئەسلىدە دۇنيا بىزنىڭ سومكىمىزدا. ئۇنى بويسۇندۇرۇش، ئۆزىمىزگە خىزمەت قىلدۇرۇش بىزنىڭ قابىلىيەت ۋە جاسارىتىمىزگە باغلىق
بىلىم كاپىتالغا ئايلانسا بەختنىڭ بىر قىسمىغا ئېرىشكەن بولىمىز
ئىقتىسادى جەھەتتىن ئەركىنلىككە ئېرىشەلمىگەنلەر، سىياسىي جەھەتتىنمۇ تەل-تۈكۈس ئەركىنلىككە ئېرىشەلمەيدۇ.
موسابايوفلار 100 يىل ئالدىدا ئېرىشكەن مۇۋەپپەقىيەت رېكورتىغا، 100 يىلدىن  كېيىنكى بىزلەردىن  ئېرىشىدىغان بىر قانچە، بىر قانچە ئون، بىر قانچە يۈز ئۇيغۇر بالىسى  چىققۇسى
بەلكى يېقىن كېلەچەكتە، سىز ياكى مەن، ياكى ئۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ مىلياردېرى بولۇپ قېلىشىمىز مۇمكىن. ئەگەر سىز، مەن، ئۇ،  كۈچىمىزنى بىرلەشتۈرسەك، تېخىمۇ قىسقا زاماندا غايىمىز ئەمەلگە ئېشىپ قېلىشى مۇمكىن.
كۈچلۈك مىللىي ئىقتىساد بولماستىن،پارلاق مىللىي كېلەچەك بولمايدۇ

 http://eser.okyan.com/eser/termiler/terjime/2010/1023/1845.html

 

Share
1428 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.