logo

trugen jacn

كۈنەستە دائىرىلەر يەنە 28 ئۇيغۇرنى ئاتالمىش «دۆلەتنى پارچىلاش» جىنايىتى بىلەن تۇتقۇن قىلىپ سوتلىدى

140528124724_uygur_xinjiang_512x288_bbc_nocredit

 مېھرىبان

خىتاينىڭ جۇڭگو خەۋەرلەر تورىدىن مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر غۇلجىنىڭ كۈنەس ناھىيىسىدە 15-ئاۋغۇست جۈمە كۈنى ئونمىڭدىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتۇرۇلغان تۇتقۇن قىلىش، سوتلاش نەق مەيدان يىغىنى ئېچىپ، 28 نەپەر ئۇيغۇرغا ئاتالمىش «دۆلەتنى پارچىلاش»، «مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش» جىنايەتلىرى بىلەن سوت ھۆكۈمى ئېلان قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، جۈمە كۈنى كۈنەس ناھىيىسىدە ئېچىلغان تۇتقۇن قىلىش، سوتلاش نەق مەيدان يىغىنى، 23-ماي باشلانغان بىر يىللىق تېررورچىلارغا زەربە بېرىش ھەرىكىتىدىن بۇيانقى 2-قېتىملىق ئوچۇق سوت يىغىنى بولۇپ، خىتايدا بىر يىللىق قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى باشلانغاندىن بۇيان، پەقەت كۈنەس ناھىيىسىدىنلا 76 ئادەم تۇتقۇن قىلىنىپ، مەدەنىيەت ئىنقىلابى دەۋرىدىكى كۈرەش يىغىنى تۈسىنى ئالغان بۇ خىل ئوچۇق سوتتا ئۇلارغا جازا ھۆكۈمى ئېلان قىلىنغان

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/kones-uyghur-08152014172418.html

Share
1683 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.