logo

trugen jacn

كۇچا ناھىيىسى خىتايدىكى دۆلەت دەرىجىلىك ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى تىزىمىگە كىرگۈزۈلگەن

indir

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورىنىڭ 11-مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى يېقىندا كۇچا ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى قۇرۇشنى رەسمىي تەستىقلىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، كۇچانىڭ دۆلەت دەرىجىلىك ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى تىزىمىگە كىرگۈزۈلۈشى ئۇنىڭ جۇغراپىيىلىك جايلىشىش جەھەتتىن تارىم نېفىتلىكىگە ئەڭ يېقىن قوشنا رايون بولغانلىقىدىن ئىكەن.

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدا دۆلەت دەرىجىلىك ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى كۆپىيىپ 9 غا، دۆلەت دەرىجىلىك باغچە رايونى كۆپىيىپ 22 گە يەتكەن.

ئىگىلىنىشىچە، كۇچا ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونىنىڭ يىللىق مەھسۇلات قىممىتى 20 مىليارد يۈەندىن ئاشىدىكەن. ھازىر بۇ يەرگە 92 كارخانا ماكانلاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە كۆلەملەشكەن كارخانىدىن 45 ئى، پۈتۈن خىتايدىكى 500 كۈچلۈك كارخانىدىن 33 ئى بار ئىكەن.

كۆزەتكۈچىلەر، بۇ يېقىن كەلگۈسىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەڭ قەدىمىي يۇرتلارنىڭ بىرى بولغان كۇچاغا زور كۆلەمدە خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ يەرلىشىدىغانلىقىنىڭ بېشارىتى، دەپ قارىماقتا

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/uyghur-iqtisad-05112015144550.html

Share
1588 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.