logo

trugen jacn

كۇچا ئالىقاغا ئەركەكلىرى قوزغىلىپ ياغلىق ئارتقان ئاياللارنى تۇتۇۋالغان ھۆكۈمەت خادىملىرى بىلەن توقۇنۇشتى

30620131145276245247_2

شۆھرەت ھوشۇر

بۈگۈن كۇچا ناھىيىسىنىڭ ئالىقاغا بازىرىدا، سەيشەنبە بازارغا سودىلىق قىلغىنى كەلگەن بىر تۈركۈم ئاياللار ياغلىقىنى ئالدىدىن چەككەنلىكى ئۈچۈن تۇتۇلۇپ بازارلىق ھۆكۈمەت بىناسىغا سولاپ قويۇلغان.

تۇتۇلغان ئاياللارنىڭ ئەرلىرى ۋە قېرىنداشلىرى بازارلىق ھۆكۈمەت قورۇسى ئالدىغا توپلىنىپ بۇ زوراۋانلىققا نارازىلىق بىلدۈرگەن. ئۇلارنىڭ بۇ ھەققانىي ھەرىكىتىنى سەيشەنبە بازارغا كەلگەن ئەل-جامائەتمۇ قوللاپ ئەتراپقا توپلانغان. ئۇلارنى قوللىغۇچىلارنىڭ سېپىگە مەكتەپتىن قايتقان بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ قاتناشقان. ئاقىۋەتتە ھۆكۈمەت خادىملىرى ۋە ساقچىلار بىلەن نارازىلىق بىلدۈرۈۋاتقان نامايىشچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش كېلىپ چىققان، ۋەقەگە خىتاي قوراللىق قىسىملىرى قوراللىق ئارىلىشىپ، ھاۋاغا ۋە كىشىلەرگە قارىتىپ ئوق چىقارغان.

بىر نەپەر كەنت ساقچىسىنىڭ مۇخبىرىمىزغا بايان قىلىشىچە، ۋەقەدە ئىككى كىشى ئوق تېگىپ ئۆلگەن. ۋەقەدىن كېيىن ۋەقەگە قاتناشقانلارنى تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى كەڭ كۆلەمدە داۋام قىلماقتا. مەلۇم بولۇشىچە، ۋەقەگە قاتناشقان ئوقۇغۇچىلاردىن 70 نەچچىسى تۇتقۇن قىلىنغان

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/yaghliq-cheklesh-05202014165512.html

Share
1996 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.