logo

trugen jacn

كۇچا ئالاقاغىلىق مال دوختۇرى مەمەت ئىبراھىمنىڭ قاماقخانىدا ئۆلگەنلىكى مەلۇم بولماقتا

ﺋﺎﯕﻼﺵ

ﺋﺎﯕﻼﺵ

ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

شىۋېتسىيەدىكى شەرقى تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تورىدا ئۆتكەن ھەپتە، كۇچا ئالاقاغىلىق مال دوختۇر مەمەت ئىبراھىمنىڭ 2014 ‏-يىلى يىل ئاخىرىدا تۈرمىدە ئۆلگەنلىكى ۋە ئۇنىڭ ئۆلۈمىگە قېيىن-قىستاق سەۋەب بولغانلىقى خەۋەر قىلىندى. مۇخبىرىمىز بۇ ھەقتە ئالاقاغىغا تېلېفون قىلغىنىدا ساقچىخانا خادىملىرى مەمەت ئىبراھىمنىڭ دېلوسى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئۆلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرنى رەت قىلمىدى. ساقچىلاردىن بىرى ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتە گەپ قىلىشقا ئامالسىزلىقىنى ئاشكارىلىدى.

شەرقى تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، مەمەت ئىبراھىم تۇتقۇن قىلىنغان يىلى 40 ياش ئەتراپىدا بولۇپ، ئۇ ئالاقاغا بازىرىنىڭ قاناس 4 ‏-كەنتىنىڭ مال دوختۇرى، ئۇ قول تېلېفونىدا تەبلىغ ئاڭلىغانلىقى ۋە تەبلىغنى ساقلىغانلىقى ئۈچۈن 2014 ‏-يىلى 7 ‏-ئايدا تۇتقۇن قىلىنغان. يەنى مەمەت ئىبراھىمنىڭ تۇتقۇن قىلىنغان ۋاقتى ئۇيغۇر رايونىدا «بىر يىل قاتتىق زەربە بېرىش» نامىدىكى ھەرىكەت دولقۇنى باشلىنىشتىن 2 ئاي كېيىنگە توغرا كېلىدۇ.

مەزكۇر خەۋەردە دېيىلىشىچە، مەمەت ئىبراھىم ئالاقاغا بازارلىق ساقچىخانا تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ۋە ئاتالمىش جىنايىتىگە قېيىن-قىستاق ئارقىلىق ئىقرار قىلدۇرۇلغان. ئۇ ئىقرارىدىن كېيىن كۇچا ناھىيىلىك قاماقخانىدا يۆتكەلگەن ۋە 3 ئايدىن كېيىن ئائىلىسىگە ئۇنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى يەتكۈزۈلگەن، ئەمما جەسىتى بېرىلمىگەن.

دائىرىلەر مەمەت ئىبراھىمنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى ئائىلىسىگە يەتكۈزگەندە ئۇنىڭ يۈرەك كېسىلى بىلەن ئۆلگەنلىكىنى ئېيتقان، ئەمما مەزكۇر ئائىلىنى مەرھۇم ھەققىدە نەزىر ئۆتكۈزۈشتىن چەكلىگەن، ھەتتا بۇ ئائىلە نازارەت ئاستىغا ئېلىنىپ، مەھەللە جامائىتىنىڭ بۇ مۇسىبەتلىك ئائىلىنى زىيارەت قىلىشىنى چەكلىگەن. بىز بۇ ئۇچۇرنىڭ توغرىلىقىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن ئالاقاغا يېزىلىق ساقچىخانىغا تېلېفون قىلدۇق.

ساقچىخانا خادىملىرى گەرچە مەمەت ئىبراھىمغا ئالاقىدار ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەشنى رەت قىلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ تۈرمىدە ئۆلگەنلىكى ئۇچۇرىنى رەت قىلمىدى. بۇنىڭدىن قارىغاندا مەمەت ئىبراھىمنىڭ قاماقخانىدا قېيىن-قىستاقتىن ئۆلگەنلىكى ۋە كۇچادىكى دائىرىلەرنىڭ بۇ ئەھۋالنى يوشۇرۇش ئۈچۈن جەسەتنى ئائىلىسىگە بەرمىگەنلىكى ۋە يېزىلىق ساقچىخانا خادىملىرىنىمۇ بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرنى مەخپىي تۇتۇش ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغانلىقى مەلۇم بولماقتا

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/qanun/turmide-olgen-05192016161123.html

Share
778 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.