logo

trugen jacn

كۇچانىڭ بوستان كەنتىدە مەسىلە تاپشۇرغان 7 كىشى ئۈستىدىن ئوچۇق سوت ئېچىلغان

image

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ۆتكەن ھەپتە ئاقسۇنىڭ شايار ناھىيىسىدە مەسىلە تاپشۇرۇش سىياسىي ھەرىكىتى داۋاملىشىۋاتقانلىقى ھەققىدە خەۋەر بەرگەن ئىدۇق. بۈگۈن ئاشكارىلىنىشىچە، كۇچا ناھىيىسىنىڭ ئۇزۇن بازار بوستان كەنتىدە ئوچۇق مەيدان سوتى ئېچىلىپ 7 كىشى ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىلغان. ھۆكۈمدە مەسىلە تاپشۇرغان 4 كىشى 1 يىلدىن 3 يىلغىچە كېسىلىپ، جازاسى سىرتتا ئىجرا قىلىنىشقا بۇيرۇلغان؛ مەسىلىسىنى تولۇق تاپشۇرمىغان ئىككى كىشى نەق مەيداندا كويزا-كىشەنلەنگەن ھالەتتە سوت كوللېگىيىسىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن.

ئۇزۇن بازارلىق ساقچى پونكىتىنىڭ بوستان كەنتىگە مەسئۇل ساقچى خادىمى ۋە بوستان كەنتىدىكى بىر مەھەللە باشلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، مەزكۇر ئوچۇق مەيدان سوتىغا 1000غا يېقىن كىشى قاتناشقان.

جازالانغانلار سەيپىدىن ھېمىت، ئەخەت ئابدۇللاھ ۋە مەلىكە ھېمىت قاتارلىقلار بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە قىلمىشى ئەڭ ئېغىر بولغانلىرى دومىنىكا ئارقىلىق ھىجرەت تەشۋىقاتىنى كۆرگەن، ئاڭلىغان ۋە تارقاتقانلار ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ بۇ تۈر ئوچۇق مەيدان سوتلىرى 2014‏-يىلى 6-ئايدا باشلانغان قاتتىق زەربە بېرىش دولقۇنىدىن كېيىن باشلانغان. سىياسىي دېلولارنى يىللاردىن بېرى يېپىق ھالەتتە ئېچىپ كېلىۋاتقان ۋە بۇ سەۋەبتىن خەلقئارا جامائەتنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپ كېلىۋاتقان خىتاي دائىرىلىرىنىڭ، ئەمدىلىكتە بىردىنلا ئوچۇق سوتنى تاللىشى، تاللىغاندىمۇ ئوچۇق مەيدان سوتىنى تاللىشى ۋەزىيەت كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا. ئەمما، بۇ جازا ھۆكۈملىرىنى يەرلىك خەلقتىن يوشۇرمىغان، ئەكسىچە كەڭ كۆلەمدە بىلدۈرۈشكە تىرىشىۋاتقان خىتاي دائىرىلىرىنىڭ، بۇ سوتلىرىنى ئاخباراتتىن يوشۇرۇشى يەنى دۇنيادىن يوشۇرۇشى، كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان يەنە بىر نۇقتا. كۆزەتكۈچىلەر بۇ ئەھۋالغا ئاساسەن، ئوچۇق مەيدان سوتلىرىنىڭ مەقسىتىنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ۋەھىمە پەيدا قىلىش ئىكەنلىكىنى، يەنى خىتاينىڭ دۆلەت تېررورىنى دۇنيادىن مەخپىي، ئەمما ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە نىسبەتەن ئاشكارا ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/qanun/mesile-tapshurush-01312017155424.html

Share
933 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.