logo

trugen jacn

كۇچانىڭ ئالاقاغا بازىرىدا ساقچىلار نامايىشچى ئاممىغا ئوق چىقارغان، نۇرغۇن ئادەم تۇتقۇن قىلىنغان

image

 قۇتلان

بۈگۈن كۇچا ناھىيەسىنىڭ ئالاقاغا بازىرىدا قانلىق ۋەقە يۈز بېرىپ نۇرغۇن ئادەم تۇتقۇن قىلىنغان. ساقچىلار نەق مەيداندا ئوق چىقىرىپ نامايىشچى ئاممىدىن بىرقانچىسىنى ئۆلتۈرگەنلىكى مەلۇم بولماقتا.

نەق مەيداندىن ئىگىلىشىمىزچە، بىرقانچە كۈندىن بۇيان كۇچا ناھىيە بازىرى ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ھەرقايسى يېزىلاردا دائىرىلەرنىڭ يۈزىنى ياپقان، ئۇزۇن ياغلىق سالغان ياكى ساقال قويغان كىشىلەرنى تەكشۈرۈش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلغان. نەتىجىدە بىرمۇنچە ئاياللار تۇتقۇن قىلىنىپ بازارلىق ھۆكۈمەت قورۇسىغا سولاپ قويۇلغان. بۈگۈن سەھەردە ئالاقاغا بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇدىرىمۇ بۇيرۇق چۈشۈرۈپ بېشىدىن ياغلىقىنى ئېلىشنى رەت قىلغان قىز ئوقۇغۇچىلارنى بازارلىق ھۆكۈمەتكە ھەيدەپ ئاپىرىپ سولاپ قويغان.

قاماپ قويۇلغان ئاياللار ۋە قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ھەمدە غەزەپلەنگەن ئامما ئالاقاغا بازارلىق ھۆكۈمەت ئالدىغا توپلىشىپ قارشىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەن. ئۇزۇن ئۆتمەيلا نامايىشچىلارنىڭ سانى كۆپىيىپ بىرەر مىڭ ئادەمگە يەتكەن. غەزەپلەنگەن نامايىشچىلار قامالغان ئاياللار بىلەن قىز ئوقۇغۇچىلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان، ئەمما دائىرىلەر بۇنىڭغا جاۋاب بەرمىگەن. ئاخىرىدا نامايىشچىلارنىڭ غەزىپى ئۆرلەپ مەكتەپ مۇدىرى تۇرسۇن قادىرنى قاتتىق ئۇرغان. ئالاقاغا بازارلىق ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى ئەخمەت ئارىغا كىرىپ جېدەلنى ئايرىماقچى بولغان بولسىمۇ، لېكىن نامايىشچىلار ئۇنىمۇ سۈر-توقاي قىلغان.

ئۇزۇن ئۆتمەيلا كۇچا ناھىيە تەرەپتىن بىرقانچە ھەربىي ماشىنا ۋە برونېۋىكلاردا قوراللىق ئالاھىدە ساقچىلار نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەن. ئۇلار كېلىپلا نامايىشچى ئاممىغا قارىتىپ ئوق چىقارغان. نەق مەيداندىكى شاھىتلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھەر يېرىم سائەتتە بىر قېتىمدىن ئۇدا ئۈچ قېتىم شىددەتلىك ئوق ئېتىلغان. قانچە ئادەمنىڭ ئۆلۈپ، قانچىسىنىڭ يارىلانغانلىقى ۋە قانچە ئادەمنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئېنىق ئەمەس.

ۋەقە ھازىر تىنچىتىلغان بولۇپ، ئالاقاغا بازىرى ئەتراپىدا ھەربىي ھالەت يۈرگۈزۈلگەن.

بىز ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئالاقاغا بازارلىق ساقچىخانا بىلەن دۆڭقوتان يېزىلىق ساقچىخانىغا تېلېفون قىلدۇق. ئۇلار تېلېفوننى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلدى.

ئالاقاغا بازارلىق ساقچىخانىنىڭ نۆۋەتچى خادىمى ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتە سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى، ساقچى باشلىقى بىلەن سىياسىي يېتەكچىنىڭ نەق مەيداندىن ھازىرلا قايتىپ كېلىپ قوراللارنى ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ تېلېفون قوبۇل قىلىشقا ۋاقتى يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

بىز ئارقىدىنلا ئالاقاغا بازىرى تەۋەسىدە ياشايدىغان ئاھالىلەردىن ئىككى ئائىلىگە تېلېفون قىلىپ ئەھۋال سۈرۈشتۈردۇق. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىككى ئايال ئۆزلىرى كۆرگەن ۋە ئاڭلىغان ئەھۋاللار ھەققىدە مەلۇمات بەردى

 

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/yaghliq-cheklesh-05202014155051.html

Share
1670 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.