logo

trugen jacn

كۇچادىكى سېكرېتار ياڭ يولغا قويغان مۇقىملىق تەدبىرلىرى ئۇيغۇرلاردا ئەنسىزلىك قوزغىدى

sakalli-erkeklere-ve-tesetturlu-kadinlara-savas-acti_m

رادىئومىزغا كەلگەن ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 2014-يىلى 10-ئايدىن باشلاپ ئاقسۇنىڭ كۇچا ناھىيىسىگە سېكرېتار بولۇپ يۆتكىلىپ كەلگەن ياڭ فاشىڭ يولغا قويغان مۇقىملىق تەدبىرلىرى كۇچادىكى ئۇيغۇرلاردا پاراكەندىچىلىك ۋە ئەنسىزلىك قوزغىغان.

ئىنكاسلاردا دېيىلىشىچە، ياڭ فاشىڭ كۇچاغا پارتكوم سېكرېتارى بولۇپ تەيىنلەنگەندىن بۇيان، يولغا قويۇلغان «ھەر بىر ئائىلىدە 3 پىچاق بولۇش تەدبىرى»، «ئاھالىلەر ئۆيىنى 24 سائەتلىك قوراللىق تەكشۈرۈش تۈزۈمى»، «50 ياشتىن تۆۋەن ئەرلەر ساقال قويماسلىق، ئاياللارنىڭ يوپكىسى 110 سانتىمېتىردىن ئۇزۇن بولماسلىق، چوڭ ياغلىق ئارتماسلىق بەلگىلىمىسى»، «ھۆكۈمەت كادىرلىرى قۇرئان ساقلىماسلىق، كادىرلار ئۆيىدە جەينىماز بولماسلىق، ئادەتتىكى پۇقرالارنىڭ ئۆيىدە ساقلىنىدىغان قۇرئان 1 دىن ئاشماسلىق، ئىككى دانە جەينىماز بولۇشقا رۇخسەت قىلىش بەلگىلىمىسى»، «ھەر بىر ئائىلىگە جەدۋەل تارقىتىلىپ 7 ئەۋلادنىڭ تارىخنى تىزىملاش تەدبىرى»، «90-يىللاردا قەشقەر قاغىلىقتا ئابلىكىم داموللامنىڭ قولىدا ئوقۇغان دىنىي تالىپلارنى ۋە كۇچالىق كېرەم قارىنىڭ تالىپلىرىنى بىردەك تۇتقۇن قىلىش تەدبىرى»، 90-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان بالىلارنى تىزىملاپ ھەر بىر بالا ئۈچۈن 28 مىڭ يۈەن جەرىمانە ئېلىش، جەرىمانە تۆلىيەلمىگەنلەرنىڭ مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش ياكى تۈرمىگە قاماش تەدبىرى»، «دىنىي نىكاھ قىلغۇچىلار ۋە ئىسلام شەرىئىتى بويىچە بىردىن ئارتۇق خوتۇنلۇق بولغۇچىلارنى تۇتۇش» قاتارلىق تەدبىرلەر كۇچادىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ساراسىمە ۋە ئەنسىزلىك قوزغىغان.

بۇ ھەقتە ئىنكاس يوللىغۇچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كۇچادىكى يېڭى پارتكوم سېكرېتارى ياڭ فاشىڭ يولغا قويغان يۇقىرىقى تەدبىرلەرگە خىلاپلىق قىلدى دېگەن باھانىدە بۇلتۇردىن بۇيان كۇچادا تۇتقۇن قىلىنغانلار نەچچە مىڭدىن ئاشقان. نۆۋەتتە كۇچادىكى ئۇيغۇرلارمۇ بۇ خىل تۇتقۇن قىلىشلارغا كۆنۈپ قالغان بولۇپ، يەرلىك ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تۈرمىلەرنى «مومىخانا»، ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلارنى«بىكارلىق موما يېگىلى كەتتى» دەپ ئاتاش ۋەزىيىتى شەكىللەنگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ياڭ فاشىڭ ئىلگىرى ئاقسۇنىڭ توقسۇ ناھىيىسىدە ھاكىم بولۇپ تۇرغان مەزگىلىدە، توقسۇدىمۇ بىر يۈرۈش قاتتىق مۇقىملىق تەدبىرلىرىنى يولغا قويغان ۋە ئۇ خىزمەت ئۆتىگەن مەزگىلدە توقسۇ مۇقىملىق تەدبىرى ياخشى ناھىيە دەپ باھالانغان. ئۇنىڭ دىنىي تۈس قويۇق، ھۆكۈمەتكە قارشى ۋەقەلەر كۆپ يۈز بېرىدىغان كۇچا ناھىيىسىگە پارتكوم سېكرېتارى بولۇشنى ئۆزى تەلەپ قىلىپ يۆتكىلىپ كەلگەنلىكى كۇچا خەلقى ئارىسىدا تارقالغان

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/uyghur-weziyiti-06022015163247.html

Share
1281 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.