logo

trugen jacn

كۇچادا يولغا قويۇلغان مۇقىملىق تەدبىرلىرى بارلىق ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان

7ee44ff6-0701-465e-878e-7f7dfed6a808

مېھرىبان

2015-u0605-pmm.mp3ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

رادىئومىزغا كەلگەن ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇلتۇر كۈز مەزگىلىدە، ئاقسۇنىڭ كۇچا ناھىيىسىگە سېكرېتار بولۇپ يۆتكىلىپ كەلگەن ياڭ فاشىڭ، يولغا قويغان بىرقاتار مۇقىملىق تەدبىرلىرى كۇچادىكى ئۇيغۇرلاردا پاراكەندىچىلىك، ئەنسىزلىكك ۋە نارازىق قوزغىغان. ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، كۇچاردا يولغا قويۇلۇۋاتقان يېڭى مۇقىملىق تەدبىرلىرى مەيلى دېھقان بولسۇن، يەككە تىجارەتچى بولسۇن ۋە ياكى ھۆكۈمەت خىزمىتىنى قىلىۋاتقان كادىرلار بولسۇن كۇچاردا ياشاۋاتقان بارلىق ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان

سەيشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىمىزدە بۇلتۇر كۇچار ناھىيىسىگە ياڭ فاسىڭ ئىسىملىك بىر خىتاي يېڭى پارتكوم سېكرېتارى بولۇپ تەيىنلەنگەندىن كېيىن، كۇچاردا يولغا قويۇلغان مۇقىملىق تەدبىرلىرىنىڭمۇ كۇچار خەلقى ئارىسىدا ئەنسىزلىك ۋە پاراكەندىچىلىك قوزغىغانلىقى ھەققىدە ئىنكاس كەلگەنلىكىنى ئاڭلاتقان ئىدۇق.

كۇچار ناھىيىسىدىن ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، يېڭى سېكرېتار ياڭ فاسىڭ يولغا قويغان «ئاھالىلەر ئۆيىنى 24 سائەتلىك قوراللىق تەكشۈرۈش تۈزۈمى»،«تېلېفون ئۇچۇرلىرى ۋە كومپيۇتېر ئۇچۇرلىرىنى تەكشۈرۈش ۋە جازالاش تەدبىرى ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونى ۋە كوچا ئېغىزلىرىغا دەرۋازا ئورنىتىش»، «50 ياشتىن تۆۋەن ئەرلەر ساقال قويماسلىق، ئاياللارنىڭ يوپكىسى 110 سانتىمېتىردىن ئۇزۇن بولماسلىق، چوڭ ياغلىق ئارتماسلىق بەلگىلىمىسى»، «ھۆكۈمەت كادىرلىرى قۇرئان ساقلىماسلىق، كادىرلار ئۆيىدە جايناماز بولماسلىق، ئادەتتىكى پۇقرالارنىڭ ئۆيىدە ساقلىنىدىغان قۇرئان 1 دىن ئاشماسلىق، ئىككى دانە جايناماز بولۇشقا رۇخسەت قىلىش بەلگىلىمىسى»، ھەر بىر ئائىلىگە جەدۋەل تارقىتىلىپ«7 ئەۋلادنىڭ تارىخنى تىزىملاش تەدبىرى»، «90 – يىللاردا قەشقەر قاغىلىقتا ئابلىكىم داموللامنىڭ قولىدا ئوقۇغان دىنىي تالىپلارنى ۋە كۇچالىق كېرەم قارىنىڭ تالىپلىرىنى بىردەك تۇتقۇن قىلىش تەدبىرى»، «90 – يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان بالىلارنى تىزىملاپ ھەر بىر بالا ئۈچۈن 28 مىڭ يۈەن جەرىمانە ئېلىش، جەرىمانە تۆلىيەلمىگەنلەرنىڭ مال – مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش ياكى تۈرمىگە قاماش تەدبىرى»، «دىنىي نىكاھ قىلغۇچىلار ۋە ئىسلام شەرىئىتى بويىچە بىردىن ئارتۇق خوتۇنلۇق بولغۇچىلارنى تۇتۇش» قاتارلىق بەلگىلىمىلەر بىر يىلدىن بۇيان كۇچاردا قاتتىق ئىجرا قىلىنغان.

1. ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونى ۋە كوچا ئېغىزلىرىغا دەرۋازا ئورنىتىش»

ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرى ۋە رادىئومىز ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 2009 – يىلى يۈز بەرگەن 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۇيغۇر ئېلىدىكى كۆپلىگەن ئاھالىلەر رايونلىرىغا تۆمۈر دەرۋازا ئورنىتىش ئىشى باشلانغان. ھالبۇكى كۇچار ناھىيىسىدە بولسا بۇ خىل تۆمۈر دەرۋازا ئورنىتىش تۈزۈمى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلغان. ئەھۋالدىن خەۋەردار بىرەيلەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، دەسلەپكى مەزگىللەردە ئىدارە – جەمئىيەتلەرنىڭ ئائىلىلىكلەر قورۇسى، يېڭىدىن سېلىنغان بىنالىق ئولتۇراق ئۆيلەر رايونى ئەتراپىغا قورشاۋ تام سوقۇلۇپ، تۆمۈر دەرۋازىلار ئورنىتىلغان. 2014 – يىلىغا كەلگەندە كۇچاردا ھەتتا كونا ناھىيە بازىرىدىكى ئۇيغۇرلار مەھەللىرىنىڭ كوچا ئېغىزلىرىغىمۇ تۆمۈر دەرۋازا ئورنىتىلىپ، قاراۋۇللار پوستا تۇرۇش يولغا قويۇلۇپ، كۇچار ناھىيىسىدە ھەممە يەردە تۆمۈر دەرۋازا بولۇشتەك يېڭى مەنزىرە بارلىققا كەلگەن.

2. «كوچىدىكى قوراللىق ساقچىلار ۋە ساقچى ئاپتوموبىللىرىنىڭ يېرىم كېچىدە سىگنال بېرىپ كوچا چارلىشى»

يېقىندا كۇچارغا ئۇرۇق – تۇغقانلىرىنى يوقلاش ئۈچۈن بارغان بىرەيلەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، يۇرتقا قايتقىنىدا ئۇنىڭغا ئەڭ تەسىر قىلغان مەنزىرىلەر، كوچا دوقمۇشلىرىغا ياسالغان ساقچى قاراۋۇلخانىلىرى، مەھەللە ئېغىزلىرىدىكى تۆمۈر دەرۋازىلاردىكى قاراۋۇللارنىڭ خالىغان ئۇيغۇرلارنى توسۇۋېلىپ كىملىك تەكشۈرۈشى، ھەر كۈنى يېرىم كېچىدە كوچا چارلاشقا چىققان ساقچى ئاپتوموبىللىرىنىڭ توختىماي سىگنال بېرىپ كوچا چارلاپ ھەيۋە كۆرسىتىشى، ئۇرۇق – تۇغقانلىرىنىڭ بۇ خىل ئەھۋالغا قايتۇرغان «بىز ھازىر ساقچى ئاپتوموبىللىرىنىڭ بۇ خىل ئۈشقىرتىپ كوچا ئايلىنىشىغا كۆنۈپ قالدۇق» دېگەن بىپەرۋا ئىنكاسى بولغان.

3. «ئاھالىلەر ئۆيىنى 24 سائەتلىك قوراللىق تەكشۈرۈش تۈزۈمى»

ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، «ئاھالىلەر ئۆيىنى 24 سائەتلىك قوراللىق تەكشۈرۈش تۈزۈمى» ئاساسەن بارلىق ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان. «ئالاھىدە خىزمەت ئەترىتى» دە ئاتالغان بۇ گۇرۇپپا ناھىيىلىك ھۆكۈمەت كادىرى، مەھەللە كومىتېتى ياكى يېزا كادىرى، شۇ رايونلۇق ساقچىخانىنىڭ ساقچىسى، ئالاھىدە ساقچى قاتارلىق ئون نەچچە كىشىدىن تەشكىل قىلغان.

ئۆز كىملىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر نەپەر ھۆكۈمەت خىزمەتچىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇلتۇر 10 – ئايدا باشلانغان بۇ خىل تەكشۈرۈش كۇچاردىكى يېزا – كەنتلەردە، كۇچار ناھىيىسىدە ئولتۇرۇشلۇق ھەرقانداق ئۇيغۇرنىڭ ئۆيى تەكشۈرۈش ئوبيېكتى قىلىنغان. كۇچاردىكى ئوقۇتقۇچى – خىزمەتچىلەر ھەتتا ھۆكۈمەتنىڭ مۇھىم ئورگانلىرىدا ئىشلەيدىغان ئۇيغۇر كادىرلىرىنىڭ ئۆيلىرىمۇ ھۆكۈمەت كادىرلىرى ۋە قوراللىق ساقچىلار تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن 10 نەچچە كىشىلىك «قوراللىق تەكشۈرۈش ئەترىتى» نىڭ خالىغان ۋاقىتتا ئۆي ئاختۇرۇشى يەنى «24 سائەتلىك قوراللىق تەكشۈرۈش» قىسمىتىدىن خالى بولالمىغان.

4. «تېلېفون ئۇچۇرلىرى ۋە كومپيۇتېر ئۇچۇرلىرىنى تەكشۈرۈش ۋە جازالاش تەدبىرى»

ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 2012 – يىلى كۇچاردا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا «ئايفون»، «سامسوڭ» قاتارلىق ئەقىللىق تېلېفونلارنى ئىشلىتىدىغان ۋە ئەقىللىق تېلېفونلىرىغا «ئۈندىدار» قاتارلىق يۇمشاق دېتاللارنى قاچىلاپ ئۆز – ئارا ئالاقە قىلىدىغان ئۇيغۇرلار كۆپەيگەن ۋەزىيەت شەكىللەنگەن. ئەمما 2014 – يىل 5 – ئاي مەزگىلىگە كەلگەندە كۇچاردىكى كەپلىگەن ئۇيغۇرلار قايتىدىن ئىلگىرىكى كۇنۇپكىلىق تېلېفونلارنى ئىشلىتىشكە يۈزلەنگەن. تېلېفونلىرىغا ئۈندىدار قاتارلىق يۇمشاق دېتاللارنى قاچىلاپ ئىشلىتىدىغان ئۇيغۇرلار بارغانچە ئازايغان. بۇنىڭ سەۋەبى 2014 – يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا يولغا قويۇلغان «ئاھالىلەر ئۆيىنى 24 سائەتلىك قوراللىق تەكشۈرۈش تۈزۈمى»، «تېلېفون ئۇچۇرلىرى ۋە كومپيۇتېر ئۇچۇرلىرىنى تەكشۈرۈش ۋە جازالاش تەدبىرى» سەۋەبىدىن بولغان.

كۇچاردىكى مۇقىملىق تەدبىرلىرىنى يولغا قويغان كۇچارنىڭ يېڭى پارتكوم سېكرېتارى ياڭ فسىڭنىڭ ئەھۋالىنى ياخشى بىلىدىغان بىرەيلەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياڭ فسىڭ 2014 – يىلى 10 – ئايدا كۇچارغا پارتكوم سېكرېتارى بولۇپ يۆتكىلىپ كەلگەندىن بۇيان، تېلېفون ۋە كومپيۇتېردا بايقالغان «قانۇنسىز دىنىي ئېتىقادقا دەۋەت قىلىش، مىللىي بۆلگۈنچىلىك ھۆكۈمەتكە نارازىلىق ئۇچۇرى، چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ ئۇچۇرىنى يوللىغان» دېگەن جىنايەتلەر ئارتىلىپ، قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇرلار سانى 2015 – يىل يىل بېشىغىچە 2080كىشىگە يەتكەن.

بۇ كىشىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىلگىرى ئاقسۇ باي ناھىيەسىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى بولۇپ ئىشلىگەندە «مۇقىملىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىگەن نەمۇنە» دەپ باھالانغان ياڭ فاسېڭ، ھۆكۈمەتنىڭ ئۇنى خوتەن ناھىيىسىگە يۆتكىشىنى رەت قىلىپ، كۇچار ناھىيىسىگە پارتكوم سېكرېتارى بولۇپ يۆتكىلىشنى تەلەپ قىلغان ۋە كۆپ ۋەقە يۈز بېرىدىغان كۇچارنى ئىككى يىل ئىچىدە «مۇقىملىقتا نەمۇنە ناھىيىگە ئايلاندۇرىمەن» دەپ ۋەدە بەرگەن.

خىتاينىڭ جوڭئو ئىقتىساد تورىنىڭ 2014 – يىل 23 – ئىيۇلدىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇلتۇر 22 – ئىيۇل كۈنى كۇچار ناھىيىسىدە كادىرلار يىغىنى ئېچىلىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ كادىرلارنى يۆتكەپ ئىشلىتىش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، كۇچارنىڭ ئەسلىدىكى پارتكوم سېكرېتارى گاۋكېپىڭنىڭ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئاقسۇ باي ناھىيىسىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى ياڭ فاسىڭنىڭ 2014 – يىل 7 – ئاينىڭ 22 – كۈنىدىن ئېتىبارەن كۇچارغا پارتكوم سېكرېتارى قىلىپ تەيىنلەنگەنلىكى ئۇقتۇرۇلغان. ياڭ فاسىڭ 2014 – يىل 10 – ئايدىن باشلاپ كۇچارغا كېلىپ رەسمىي خىزمەتكە چۈشكەن.

رادىئومىز كېيىنكى پروگراممىلىرىمىزدا كۇچاردا بۇلتۇردىن باشلاپ يولغا قويۇلغان «مۇقىملىق تەدبىرلىرى» نىڭ ئەمەلىي ئىجرا قىلىنىش ئەھۋاللىرى ھەققىدە داۋاملىق ئەھۋال ئىگىلەپ، تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات بېرىشكە تىرىشىمىز

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/kucha-muqimliq-tedbirliri-06052015235403.html

Share
1576 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.