logo

trugen jacn

كۇچادا يولغا قويۇلغان «ئۇزۇن كۆڭلەكنى قىسقارتىش، چوڭ ياغلىقنى كىچىكلىتىش» بەلگىلىمىسى

timthumb

مېھرىبان

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

 

 

كۇچاناھىيىسىدىن ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، يېڭى سېكرېتار ياڭ فاسىڭ يولغا قويغان مۇقىملىق تەدبىرلىرى ئىچىدە، 50 ياشتىن تۆۋەن ئەرلەر ساقال قويماسلىق، ئاياللارنىڭ يوپكىسى 110 سانتىمېتىردىن ئاشماسلىق، چوڭ ياغلىق ئارتماسلىق بەلگىلىمىسى» سەۋەبلىك نۆۋەتتە كۇچادا، تىككۈچى-سەيپۇڭلار ئاياللارنىڭ كۆڭلەك، يوپكىلىرىنى قىسقارتىش بىلەن ئالدىراش، كوچا-رەستىلەردە ئۇزۇن كۆينەكلىك، چوڭ ياغلىق ئارتقان ئاياللار تامامەن يوقىغان، ئاياللارنىڭ ياغلىقلىرى كىچىكلەپ، يوپكىلىرى تىزدىن ئاشمايدىغان، كوچىدا ساقال-بۇرۇتلۇق ئۇيغۇر ئەرلىرىنى كۆرگىلى بولمايدىغان مەنزىرە بارلىققا كەلگەن.

رادىئومىز ئۆتكەن ھەپتە كۇچادىن ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇلتۇر 10-ئايدىن باشلاپ كۇچادا ۋەزىپىگە ئولتۇرغان ناھىيىلىك پارتكوم سېكرېتارى ياڭ فاسىڭ كۇچانى «مۇقىملىقتا نەمۇنىچى ناھىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىش» ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، بىر قاتار «يەرلىك مۇقىملىق تەدبىرلىرى»نى يولغا قويغان.

بۇ بەلگىلىمىلەر ئىچىدە بىر قەدەر قاتتىق ۋە ئومۇميۈزلۈك ئىجرا قىلىنغان بەلگىلىمىلەرنىڭ بىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنى ئەنئەنىسى ۋە مىللىي ئۆرپ-ئادىتىگە خاس بولغان ئۇزۇن كۆڭلەك كىيىپ، ياغلىق ئارتىش، ئەرلەر ساقال، بۇرۇت قويۇش ئادىتىنى ئىسلاھ قىلىش تەدبىرى.

ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، كۇچادا بۇلتۇردىن بۇيان ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «24 سائەتلىك ئۆي تەكشۈرۈش» تىكى مۇھىم تەرتىپلەرنىڭ بىرى، تەكشۈرۈلگەن ئۆيلەردە روپاش ئاياللار بولماسلىق، ئەگەر بۇنداق ئاياللار ئۇچرىسا ئاۋۋال خىزمەت ئىشلەپ ئۇلارنى سىرتلارغا چىققاندا يۈزىنى ياپماسلىق، ئۇزۇن كۆڭلەك كىيمەسلىككە قايىل قىلىش، ئەگەر تىنچ ئۇسۇلدا ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتكە نارازىلىق بىلدۈرگەنلەر ئۇچرىسا، ئۇلارنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرى يولغا قويۇلغان.

يېقىندا چەتئەللەردىن ۋەتەن زىيارىتىگە بېرىپ قايتىپ كەلگەن بىر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ، بۇ يىل جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدىكى قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ قاتارلىق يۇرتلاردا بىر قانچە كۈنلۈك ساياھەتتە بولغىنىدا ئۇنى ھەيران قالدۇرغان بىر كۆرۈنۈش، كۇچادا ئىلگىرىكى يىللاردىن پەرقلىق ھالدا، كوچىدا روپاش ئاياللار يوق بولۇپلا قالماستىن، ھەتتا ئىلگىرى يىللاردىكىدەك ئۇزۇن كۆڭلەك كىيىپ، چوڭ رومال ئارتقان ئاياللارنى ئۇچرىتالمىغانلىقى، ساقال-بۇرۇتسىز ئۇيغۇر ئەرلىرى كۆپەيگەنلىكى، يول-يوللارنى توسۇپ كىشىلەرنىڭ كىملىكىنى تەكشۈرۈۋاتقان قوراللىق ساقچىلارنىڭ كىشىلەرنىڭ سومكىلىرىنى خالىغانچە ئاختۇرۇۋاتقانلىقى بولغان.

كۇچادىكى مەلۇم ئاھالىلەر رايونىدىكى ئۆز كىملىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر نەپەر خىزمەتچى خادىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇلتۇردىن بۇيان ئۇلار ئېلىپ بارغان «زامانغا لايىق، مەدەنىي كۇچا ئاياللىرىدىن بولۇش» پائالىيىتىدە، كۇچادا بىرقانچە قېتىملىق «زامانىۋى مودا كىيىم مۇسابىقىسى» ئۇيۇشتۇرۇلغان.

ئۇ بايانىدا، مۇسابىقىلەر جەريانىدا يەنە ئاياللارغا «يارىشىملىق مودا كىيىملەرنى كىيىش، ئوشۇقنى يېپىپ تۇرىدىغان زىيادە ئۇزۇن كۆڭلەكلەرنى تىككۈچىلەرگە ئاپىرىپ قىسقارتىش، كۆينەك-يوپكىلارنىڭ ئۇزۇنلۇقى 110 سانتىمېتىردىن ئاشماسلىق، باش ۋە بويۇننى بىراقلا ئوراپ چىگىدىغان چوڭ ياغلىقلارنى كىچىكلىتىپ، ياغلىقنى كەينىدىن چىگىش» قاتارلىق تەشەببۇسلار تەشۋىق قىلىنىپ، ساندۇقلاردا ئۇزۇن كۆڭلەك ۋە چوڭ رومال ساقلىغۇچىلار بايقىلىپ قالسا، قاتتىق چارە كۆرۈلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

رادىئومىز ئىگىلىگەن باشقا ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر ئۇيغۇرلارغا قاراتقان «دىنىي تۈس ئالغان كىيىنىشلەرنى چەكلەش»، «ياش ئەرلەرنىڭ ئۇزۇن ساقال قويۇشىنى چەكلەش» بەلگىلىمىلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇب، شىمالىدا بىردەك يولغا قويۇلغان بولسىمۇ، ئەمما كۇچا ناھىيىسىدە يولغا قويۇلۇپ، قاتتىق ئىجرا قىلىنىۋاتقان «كۆڭلەك، يوپكىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 110 سانتىمېتىردىن ئاشماسلىق»، «50 ياشقا كىرمىگەن ئەرلەر ساقال، بۇرۇت قويماسلىق» تەدبىرى، كۇچا خەلقى ئارىسىدا يېڭى پارتكوم سېكرېتارى ياڭ فاسىڭنىڭ «مۇقىملىقتا نەمۇنىلىك ناھىيە» چۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا ئۆز ئالدىغا چىقارغان ئالاھىدە يەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ بىرى دەپ تەرىپلەنمەكتە ئىكەن

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/yaghliq-konglek-06152015155207.html

Share
2385 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.