logo

trugen jacn

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 60 يىلىنى شەرھىلىگەندە ئەمەلىيەتچىل بولۇشقا چاقىردى

246898b3-82ef-4626-8137-9d7afb3e0cfd

ئىرادە

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى زور داغدۇغا بىلەن تەبرىكلەپ، 60 يىل مابەينىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يىلدىن غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، ھازىرقىدەك زامانىۋى، باي-باياشات ھالغا كەلگەنلىكىنى، خەلقنىڭ بەخت-سائادەت ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى كەڭ تەشۋىق قىلىشقا باشلىدى. ئۇلارنىڭ بۇ تەشۋىقات خەۋەرلىرى خىتاينىڭ مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىغا قاراتقان ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە بىردەك كۆرسىتىلدى. بىراق، چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەر بولسا خىتاينى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 60 يىللىق تارىخىنى شەرھلەشتە ئەمەلىيەتچىل بولۇشقا چاقىرماقتا.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى زور تەنتەنە قىلىپ كۈتۈۋېلىش بىلەن بىرلىكتە، خىتاينىڭ ئىچى ۋە سىرتىغا قاراتقان تەشۋىقاتلىرىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 60 يىلدىن بۇيانقى تەرەققىياتىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ۋە ھەر مىللەت خەلقىنىڭ كومپارتىيىنىڭ غەمخورلۇقى ئاستىدا خۇشال-خۇرام، بەختىيار ياشاۋاتقانلىقىنى تەشۋىق قىلدى. خىتايدىكى ئاخباراتلار خۇشاللىق خەۋەرلىرى بىلەن توشۇپ كەتكەن بىر ۋاقىتتا چەتئەلدىكى ئاخباراتلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ھەققىدىكى تەشۋىقاتلىرىغا قارىتا گۇمانىي پوزىتسىيىدە بولدى.

«ئۇچا نەۋس» خەۋەرلەر تورىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان خەۋىرىدە مۇنداق دېگەن: 30-سېنتەبىر كۈنى خىتايدىكى تېلېۋىزىيە قاناللىرىدا بېرىلگەن خەۋەرنى كۆرگىنىڭىزدە ئىختىيارسىز ھالدا «خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر جەننەتتە ياشاۋاتقان ئوخشىمامدۇ» دەپ ئويلاپ قالىسىز… لېكىن ئەمەلىيەت بولسا ئۇنىڭ ئەكسىچە، ھەتتا پاجىئەلىك. خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى 12 مىليون ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئانا يۇرتى بولغان ئۇيغۇر ئېلىنى ئۆزىگە قوشۇۋالغان 60 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلار كۆپ خاپىلىق تارتتى. شى جىنپىڭ 2013-يىلى تەختكە ئولتۇرغاندىن بۇيان رايوندىكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرى نەچچە قاتلاندى. يالغۇز 2014-يىلى ئىچىدە ئۆلگەن ئادەم سانىنىڭ 500 دىن ئاشىدىغانلىقى خەۋەر قىلىنماقتا.

«خىتاي ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلىگەندە ئەمەلىيەتچىل بولۇشى كېرەك» ماقالىسى داۋامىدا، ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقان زوراۋانلىقلارغا قارشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە تېخىمۇ كۆپ ھەربىي، تېخىمۇ كۆپ ساقچى ۋە تېخىمۇ كۆپ ئالۋان-ياساقلارنى يولغا قويۇش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى يوسۇندا كىيىنىشىنى «ھاكىمىيەتكە بولغان قارشىلىق» نىڭ ئىپادىسى دەپ قاراپ، ئۇنى چەكلەشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن:

ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ گېپى ئاساسەن دېگۈدەك بىر يەردىن چىقىپ باققان ئەمەس. بۇ ئۇلارنىڭ بۇ زېمىننىڭ ئىسمىنى ئاتىشىدىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ۋە بۆلگۈنچىلەر بۇ زېمىننى «شەرقىي تۈركىستان» دەپ ئاتايدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ بۇ زېمىندىكى ئىشغالىنى ۋە يۈرگۈزۈۋاتقان دىنى سىياسەتلىرىنى ئاقلاش ئۈچۈن تارىختىكى ئۆزىگە ياقمايدىغان يەرلەرنى كېسىپ تاشلاپ، ئۇنى قايتىدىن ئۆزىگە ماسلاشتۇرۇپ چىققان. مەسىلەن بېيجىڭچە تارىختا «ئۇيغۇرلار بۇندىن 1000يىل ئاۋۋال يەنى خىتاي تارىخى باشلىنىپ 4000 يىلدىن كېيىن مۇسۇلمان بولغان» دەيدۇ. ئۇلارنىڭ تارىخ كىتابلىرىدا ئۇيغۇرلار ۋە شۇنداقلا خىتاي بولمىغان باشقا مىللەتلەرنىڭ بىر قانچە قېتىم ھەتتا تېخى 1944-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا مۇستەقىل بولۇپ باققانلىقى تىلغا ئېلىنمايدۇ. ئۆيىدە نەزەربەندكە ئېلىنغان مەزگىلدە تۈگەپ كەتكەن ئۇيغۇر تارىخچى تۇرغۇن ئالماس ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى 6000 يىل دېگەن ئىدى.

ماقالىدە يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان ئاق تاشلىق كىتابىدا تىلغا ئېلىنغان مەزمۇنلارغىمۇ رەددىيە بېرىلىپ مۇنداق دېيىلگەن: خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى «ئاق تاشلىق كىتاب» ئىدا ئۆزىنىڭ كونا ئۇسلۇبى بويىچە 60 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە نۇرغۇن مەسچىتلەرنىڭ سېلىنغانلىقىنى ئېيتىپ، مەۋجۇت مەسىلىنى يوشۇردى.«ئۇيغۇر ئېلى ئۇچۇر جەمئىيىتىگە ئايلاندى» دەپ پو ئاتقان، بىراق ئۇلار ئۇيغۇر ئېلىدە ئانا تىل مەكتىپى ۋە ئانا تىلدا تور بېتى ئاچقانلارنى تۈرمىگە تاشلىدى. ئۇيغۇر ئېلىدە ئەڭ كۆپ نارازىلىق پەيدا قىلىۋاتقان مەسىلىنىڭ بىرى، مەنچە خىتاي كۆچمەن مەسىلىسى بولسا كېرەك. «ئاق تاشلىق كىتاب» خىتاي كومپارتىيىسى ئۇيغۇر ئېلىنى ئىدارە قىلىۋاتقان 60 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مىللىي دارامىتىنىڭ 927 مىليارد يۈەنگە يەتكەنلىكىنى داۋراڭ سالغان. ئەمما ھەقىقەت يەنە بۇنىڭ ئەكسىنى سۆزلەيدۇ. چۈنكى، پەقەت ئۈرۈمچى، كورلا ۋە قارامايدىن ئىبارەت 3 شەھەرنىڭلا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىغا قوشىدىغان ھەسسىسى 65 پىرسەنتتىن ئاشىدۇ. ئەمما ئەڭ يېقىنقى ستاتىستىكىدىن قارىغاندا، ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر نوپۇسى ھازىر 13 پىرسەنتتىنمۇ ئاز. خىتاي نوپۇسى 75 پىرسەنت. قارامايدا بولسا بۇ تېخىمۇ ئېغىر. قارامايدا ھازىر 80 پىرسەنت نوپۇس خىتاي. كورلادا بولسا ئاران 20 پىرسەنت ئۇيغۇر بار. ئۇيغۇر ئېلىدىكى چوڭ كارخانا شىركەتلەرنىڭ ھەممىسى خىتاي كارخانىلىرى، ھېچقايسىسى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۆزىنىڭ ئەمەس. خىتايدا ئىش قىلىدىغان بىر غەرب شىركىتىنىڭ ۋەكىلى ماڭا ئۆزلىرىنىڭ تېخى ئۆتكەن يىلى بىر نەپەر ئۇيغۇرنى ئىشقا ئالغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. لېكىن بۇ شىركەتتە مىڭلارچە خىتاي ئىشلەيدۇ. خىتايدىكى ئىشسىزلىق نىسبىتى ئاران 4 پىرسەنت دېيىلسىمۇ، ئەمما ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئاران 17 پىرسەنتى خىزمەتكە ئورۇنلىشالايدۇ.

مۇخبىر خەۋىرى داۋامىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز زېمىنىدا ھەر جەھەتتىن كەمسىتىلىۋاتقانلىقى، چەتكە قېقىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، خەۋەرلەردىكى بۇنداق پارلاق كۆرۈنۈشلەرنىڭ ئەمەلىيەتنى ئۆزگەرتەلمەيدىغانلىقىنى بايان قىلغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىمۇ 30-سېنتەبىر كۈنى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تارىخنى بۇرمىلاۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ 60 يىللىق ھاياتىنىڭ ھەرگىزمۇ خىتاي تەشۋىق قىلغاندەك بولۇپ باقمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

بۇ ھەقتە يەنە، «كۋارتس» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «خىتايدىكى يەنە بىر تىبەتتە شى جىنپىڭ بېسىمنى داۋام قىلماقتا» ماۋزۇلۇق ماقالىدىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 60 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي، دىنىي كىملىكلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى ئۆز زېمىنىدا ئاز سانلىقلار دەرىجىسىگە چۈشۈرۈپ قويغانلىقى، ياغلىق چېگىشنى، بۇرۇت-ساقال قويۇشنى چەكلىگەنلىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ خىزمەت تېپىشتا كەمسىتىلىدىغانلىقىغا ئوخشاش ئەھۋاللار بايان قىلىنغان. بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ھوقۇقى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان بۇ ماقالىدە، يۇقىرىدىكى بۇ زۇلۇملارنىڭ بەدىلىنى ئەڭ ئېغىر ئۆتەۋاتقانلارنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرى ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/mulahize/aptonomiye-60-yil-10022015164333.html

Share
1532 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.