logo

trugen jacn

كۆزەتكۈچىلەر : ئۇيغۇرلار ئاسىيلىق ھاڭى ئالدىدا

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

يېقىنقى مەزگىللەردە «ئىككىيۈزلىمىچى» لەرنى تېپىپ چىقىش، شەخس ۋە كوللېكتىپلارنىڭ ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتى دېگەندەك ھەرىكەتلىرىنىڭ يۇقىرى دولقۇنغا چىقىشى بىلەن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاپتونوم رايونى مىقياسىدا داۋام قىلىۋاتقان ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى دەل ئۆزلىرى تەشۋىق قىلىۋاتقاندەك «ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى بىر مەيدان ئىس-تۈتەكسىز جەڭ» گە ئايلانماقتا. بۇ كەسكىن ۋە ھالقىلىق مەزگىلىدە بىر قىسىم ئۇيغۇرلار قاتتىق جازالىنىۋاتقان بولسا، يەنە بىر قىسىم ئاكتىپلار ئاشكارا مەيدانغا چىققان، دائىرىلەر بۇلاردىن پايدىلىنىپ تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىپ، بۇنى جەمئىيەتتە ئومۇمىي كەيپىياتقا ئايلاندۇرۇشقا تىرىشماقتا.

ئاپتونوم رايوندىكى 100 تەشۋىقات بۆلۈم باشلىقىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ، بىرلەشمە ئىمزالىق خەت ئېلان قىلىپ ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشىمۇ بۇنىڭ بىر پارچىسى ئەلۋەتتە. كۆزەتكۈچىلەر، گەرچە بۇ دولقۇن ۋاقىتلىق، بۇ ئېقىم چەكلىك بولسىمۇ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى بىر مىللەت سۈپىتىدە ئۆز مىللىتىگە ئاسىيلىق ۋە ئىككىيۈزلىمىچىلىك قىلىشقا قىستاۋاتقان بۇ كرىزىس تەسىرىنىڭ ئىنتايىن سەلبىي ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك بولىدىغانلىقىدىن ئەندىشە قىلماقتا.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەر ساھەدىن ئىدىيىسى ئىشەنچلىك بولمىغان ئۇيغۇر كادىرلارنى تازىلاش ھەرىكىتى داۋام قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر كادىرلارنىڭ ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچ» كە قارشى ئىپادە بىلدۈرۈش، خىتاي كومپارتىيەسىگە بولغان ساداقىتىنى ئىپادىلەش ۋە ئۆزلىرىنىڭ «ئىككىيۈزلىمىچى كادىر» ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن تۈرلۈك شەكىللەردە قەسەم ۋە ۋەدە بېرىش، «ئوچۇق خەت» ئېلان قىلىش يۇقىرى دولقۇنىنى ھاسىل قىلماقتا.

«شىنجاڭ گېزىتى» قاتارلىق خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن تارقىتىدىغان ئاساسلىق تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدە 2017-يىل 5-ئاينىڭ 21-كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تەشۋىقات، ئىدىيە،مەدەنىيەت سېپىدىكىلەرنىڭ كوللېكتىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەنلىكى خەۋەر قىلىندى.

ئۇنىڭدا «ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى بىر مەيدان ئىس-تۈتەكسىز جەڭ» دەپ كۆرسىتىلدى. خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ ھەل قىلغۇچ جەڭ پەيتىدە تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت سېپىدىكىلەرگە ۋەكىل بولۇپ : «بىز جەڭچى نامى بىلەن بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، سەپنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، ئاۋانگارت بولىمىز، كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئىستىھكامغا ھۇجۇم قىلىپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدە بايرىقىمىز روشەن ھالدا ‹ئۈچ خىل كۈچ› كە قارشى بىر مەيدان ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، تولۇق غەلىبە قىلمىغۇچە، جەڭنى قەتئىي توختاتمايمىز!» دەپ قەسەم بېرىشكەن. ئارقىدىنلا ئاپتونوم رايوندىكى 100 تەشۋىقات بۆلۈمى باشلىقى ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ«ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئۈچۈن غەيرەت قىلىپ، پارتىيىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئومۇمىي تەدبىرىنى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ئەمەلىيلەشتۈرىمىز!» دەپ قەسەم بەرگەن. تەشۋىقات ساھەسىدىكى يۈز نەپەر ئۇيغۇر ئەمەلدار ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچ» كە قارشى «بىرلەشمە ۋەدىنامە» ئېلان قىلغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، تەشۋىقات ساھەسىدىكى 100 نەپەر ئۇيغۇر كادىر «بىرلەشمە ۋەدىنامە» گە ئىمزا قويغاندىن باشقا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئابلىمىت ئابلەت، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى ئابلەت مەمەت قاتارلىق 10 نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇيغۇر كادىر ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلىپ ئىپادە بىلدۈرگەن.

بۇنىڭ ئالدىدا «شىنجاڭ گېزىتى» ئۇنىۋېرسال خەۋىرىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى چېن چۈەنگونىڭ 5-ئاينىڭ 18-كۈنى «ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا خىتاب» نى يازغان ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ «پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلار يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇننى ئۈلگە قىلىپ، ئۇنىڭ قەتئىي سىياسىي مەيدانى، كۈچلۈك ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى، ئەمەلىي خىزمەت ئىستىلى، سەمىمىي مىللىي ھېسسىياتى، ئېنىق ھەق-ناھەق ئۆلچىمى، چىن خەلق رىشتىنى ئۆگىنىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى يەنىمۇ ئۇيۇشتۇرۇشى كېرەك» دەپ كۆرسەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.

خىتاي بارلىق تاراتقۇلىرىدا، كۆپچىلىكنىڭ «نۆۋەتتە بەس-بەستە: ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇننى ئۈلگە قىلىپ، پارتىيەگە سادىق بولۇش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇشنىڭ نەمۇنىچىلىرىدىن بولۇش، «ئۈچ خىل كۈچ» كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي تەۋرەنمەي قوغداش، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش دولقۇنى كۆتۈرۈلگەنلىكىنى تەشۋىق قىلماقتا. تەشۋىقات يۈزىدە ۋە بۇ سىياسىي دولقۇندا قىسمەنلەرنىڭ سىياسىي سەزگۈر ۋەزىيەتتىكى ئىپادىسىنى ئۇيغۇرلاردىكى ئومۇمىي كەيپىيات قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقان بىر پەيتتە، چەتئەللەردىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئىككى كۈندىن بۇيان «ئۈرۈمچىدىن كەلگەن خەت: بىر ئۇيغۇر پروفېسسورنىڭ تۆۋەنامىسى» تېمىسىدا نامسىز بىر يازما كەڭرى تارقالدى ۋە زور غۇلغۇلا ھاسىل قىلدى.

ئىنكاسلاردا، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلارنىڭ ئورتاق يۈرەك ساداسى دېيىلىۋاتقان مەزكۇر يازمىدا، ئالىي مەكتەپ پروفېسسورىنىڭ «ئىككىيۈزلىمىچىلىكى» نىڭ ئېتىراپنامىسىنى يېزىشقا مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقى تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، ئۇ، «نېمىشقا مېنى ئىككىيۈزلىمىچىلىك روھى دۇنيايىمنى قېزىپ چىقىپ ئېتىراپنامە يېزىشقا مەجبۇرلايدۇ؟ يېزىپ مەكتەپ رەھبەرلىكىگە تاپشۇرمىغاندا «پروفېسسورلۇقۇمدىن، مائاشىمدىن مەھرۇم قالىمەن. كوممۇنىستىك پارتىيىدىن قوغلاپ چىقىرىلىمەن. ھەتتا قولۇمغا كويزا سېلىنىپ قاراڭغۇ كامېرلارغا سولىنىشىم مۇمكىن. يالغۇز مەن ئەمەس، پۈتۈن ئائىلەم ۋەيران بولىدۇ. كېسەل ئازابى تارتىۋاتقىلى 30 يىللىق قەدىردان ئايالىمنى، جان-جىگەر بالىلىرىمنى، ئوماق نەۋرىلىرىمنى كۆرەلمەيمەن. گۇندىپايلارنىڭ ئالدىدا ئىتتىن خار بولىمەن» دېگەندەك ۋەزىيىتىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن.

بۇ كىشى، بىر قانۇن پروفېسسورى بولۇپ، پارتىيىنىڭ سىزىپ بەرگەن سىزىقىدىن چىقماي ياشاپ، پارتىيىگە سادىق بولۇپ كەلگەن كەلگەن بولسىمۇ، ئۇيغۇرلۇقىنىڭ ئۆزىلا «ئىككىيۈزلىمىچى» قالپىقى كىيىدىغانغا يېتىدىغانلىقىنى مىسال قىلىش بىلەن بىللە، دوپپا بايرىمىدا ئوقۇغۇچىلىرىم «مۇئەللىم، مىللىيچە كىيىم-كېچەكلەر سىزگە بەكلا يارىشىدىكەن دېيىشتى. مەن ھاياجاندىن، مەن بىر ئۇيغۇر. ئۇيغۇرلۇقۇم بىلەن پەخىرلىنىمەن. سىلەرمۇ پەخىرلىنىڭلار» دەپ سالغىنى ئۈچۈن مانا ئەمدى ئاسانلا «ئىككىيۈزلىمىچى» بولۇپ قالغانلىقىنى يازغان.

قەلەم ئىگىسى ئۆزىنى ئىككى يۈزلىمىچى، ئاسىيمەن، دېگەن، ئەمما كىمگە ئاسىيلىق قىلدىم دېگەن سوئالىغا ئۆزى جاۋابەن «ئاتا-ئانامغا، ئۆز خەلقىمگە، ئۆز مىللىتىمگە، ئۆز تارىخىمغا، ئۆز مەدەنىيىتىمگە ئاسىيلىق قىلغان ئىككىيۈزلىمىچىمەن. شۇنداق قىلىپمۇ پارتىيىگە يارىمىغان، ئاتالمىش ئۇلۇغ خىتاي مىللىتىگە يارىنالمىغان ئىككىيۈزلىمىچىمەن» دەپ يازىدۇ.

بۇنىڭ ئالدىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ نازىرى پەرھات ئەزىم ئېلان قىلغان ئوچۇق خېتىدە «مائارىپ سىستېمىسى بۆلگۈنچىلىككە، سىڭىپ كىرىشكە قارشى تۇرىدىغان ئالدىنقى سەپ بازا، شىنجاڭنىڭ مائارىپ سىستېمىسىدا يېتىلگەن ئاز سانلىق مىللەت كادىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن،تەشەببۇسكارلىق بىلەن رول ئويناپ، ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلار، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا بولغان ئىدىيىۋى تەربىيە ۋە يېتەكچىلىك خىزمىتىنى جان-دىل، مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ياخشى ئىشلەپ، سىياسىي ئىنتىزامغا قاتتىق رىئايە قىلىشنىڭ ياخشى ئۈلگىسى بولىمەن» دەپ ۋەدە بەرگەندىن سىرت، مائارىپ سىستېمىسىدىكى ئۇيغۇر كادىرلارغا خىتاب قىلىپ، «مائارىپ سىستېمىسىغا مۆكۈنۈۋالغان ‹ئىككىيۈزلىمىچى› لەرنى قەتئىي يوقىتىمەن» دېگەن ئىدى.

بۇلاردىن، يېقىنقى بۇ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان كۈرەشتە ئۇيغۇر كادىر، ئوقۇتقۇچىلارغا دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنىڭ ھەر قايسى مەكتەپلەردە يۇقىرى دولقۇنغا چىققانلىقىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس.

ئۇيغۇر دىيارىدىكى بۇ بىر مەيدان كەسكىن سىياسىي كۈرەشتە، بەلكى ئۇيغۇر پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئارىسىدا بەزىلەرنىڭ مەيلى قانداقلا شارائىتتا بولمىسۇن، ئاشكارا مەيدانغا چىقىپ ھەر خىل غەرەزدە ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتە ئۆزىنىڭ مەيدانىنى ئىپادە قىلىشى ۋە بۇ دولقۇننىڭ بارغانچە يۇقىرى پەللىگە چىقىۋاتقانلىقى، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلارنىمۇ ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە «ئىككىيۈزلىمىچى» تېمىسىدىكى ئەسەبىي بىر سىياسىي دولقۇننىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ساغلاملىقىغا، ئەۋلادلارنىڭ مىللىي خاراكتېرىنىڭ يېتىلىشىگە ۋە كىشىلەرنىڭ پسىخولوگىيىسىگە مۆلچەرلىگۈسىز زىيان يەتكۈزىدىغانلىقى ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزۈشكە مەجبۇرلىماقتا.

ياۋروپاغا چىققىنىغا ئۇزۇن بولمىغان مائارىپچى كۈندۈزئاي خانىم، نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونىدىكى ئاتالمىش ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەش 2004-يىلىلا مائارىپ ۋە ئىجتىمائىي پەنلەر ساھەسىدە باشلانغان بىر سىياسىي ھەرىكەت بولسىمۇ، ھازىر ئۇنىڭ پەقەت ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان ئېنىق بىر كۈرەش دولقۇنىغا ئايلانغانلىقىنى، ھازىرقى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى دۇچ كەلگەن ۋەزىيەتتىن، ئۆزىنىڭ بالا ۋاقىتلىرىدىن باشلاپ قەلبىگە قورقۇنچلۇق يالدامىلارنى قالدۇرغان مەدەنىيەت ئىنقىلابىنى ئەسلىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ئۆزىنىڭ ئۈرۈمچىدىن كەلگەن خەتنى ئوقۇغاندىن كېيىن، «بۇ خەت ئۇيغۇر زىيالىيلىرىمىزنىڭ يۈرەك سۆزلىرىنى ئىپادە قىلىپتۇ» دەپ ئويلىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۆزىنىڭمۇ ئۇيغۇر ئېلىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان مەزگىللەردە شۇنداق ئىزتىراپ چەككەنلىكىنى سۆزلەپ ئۆتتى.

فىلولوگىيە پەنلىرى بويىچە ياۋروپادا تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بىر نەپەر دوكتور، ئۆز نام شەرىپىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، نۇرغۇن زىيالىيلار ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچ»كە، «ئىككىيۈزلىمىچى» لەرگە قارشى جەڭ ئېلان قىلىشقا مەجبۇر بولغان بولسىمۇ، نۆۋەتتىكى دەل مۇشۇنداق كەسكىن ۋەزىيەتتىكى خاتا قىلمىشى ياكى ئىپادىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىگە ئېلىپ كېلىدىغان زور زىيىنى ۋە سەلبىي تەسىرلىرىنىڭ ئېغىر بولىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى ۋە ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ھەر جەھەتتىن يوقىتىشقا ئۇچراۋاتقان بىر مىللەتنىڭ زىيالىيسى بولۇشى سۈپىتى بىلەن، مىللىي بۇرچ ۋە جاۋابكارلىق ھەققىدە جىددىي ئويلىنىشىنى تەۋسىيە قىلدى.

Share
984 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.