logo

trugen jacn

كىچىك مۇجاھىت قەشقىرى «GAP ئوسكار مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى

f4dc33d8-00a4-4513-b5b8-56d8fa47448b

ئەركىن تارىم

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

تۈركىيە شەرقىي جەنۇبىي ئاناتولىيە ژۇرنالىستلار جەمئىيىتى تەسىس قىلغان «GAP ئوسكار مۇكاپاتى» نى تارقىتىش مۇراسىمىنىڭ 12-نۆۋەتلىكى ئادىيامان ۋىلايىتىدە ئۆتكۈزۈلدى.

4-ئاينىڭ 11-كۈنى ئادىيامان ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمغا تۈركىيە، شىمالىي سىپرۇس تۈرك جۇمھۇرىيىتى، ئەزەربەيجان، سۈرىيە، ئىراق، قىرىم تاتارلىرى ۋە ئۇيغۇرلاردىن مەزكۇر مۇكاپاتقا ئېرىشكەن تونۇلغان سىياسىيون، سەنئەتچى، ژۇرنالىست ۋە ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرىدىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى. 12 يىلدىن بېرى تارقىتىلىۋاتقان بۇ مۇكاپات تۈرك دۇنياسىغا تۆھپە قوشقان تونۇلغان كىشىلەرگە بېرىلمەكتە. ئۈستۈن قابىلىيىتى، ياڭراق ئاۋازى بىلەن مەشھۇر شائىرلار يازغان شېئىرلارنى دېكلاماتسىيە قىلىپ تونۇلغان تۈرك دۇنياسىدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاۋازى بولۇۋاتقان 7 ياشتىكى مۇجاھىت قەشقىرىگە «گاپ ئوسكار مۇكاپاتى»نى بېرىش مۇۋاپىق كۆرۈلگەن.

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن تونۇلغان كىشىلەر قاتارىدا ئۇيغۇر مىللىي كىيىملىرى بىلەن سەھنىگە چىقىپ، بۇ مۇكاپاتنى ئالغان مۇجاھىت قەشقىرى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى قاتتىق سۆيۈندۈردى. ئۇ، يېشىنىڭ كىچىكلىكىگە قارىماي جاراڭلىق ئاۋازى، چىڭ كۆڭلىدىن چىقىرىپ دېكلاماتسىيە قىلغان شېئىرلىرى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى بولۇشقا داۋام قىلماقتا.

مۇجاھىت قەشقىرى بۇندىن بۇرۇنمۇ ئىككى چوڭ خەلقئارالىق مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بولۇپ، 2014-يىلى ب د ت مەدەنىيەت، ئىلىم-پەن ۋە مائارىپ تەشكىلاتى تەرىپىدىن «ئىسمائىل گاسپىرالى يىلى» دەپ ئېلان قىلىنغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن «ئىسمائىل گاسپىرالى خەلقئارالىق ژۇرنالىستلار ۋە ئىنسان ھەقلىرى مۇكاپاتى» غا، 2015-يىلى 3-ئايدا «تۈرك دۇنياسى خىزمەت مۇكاپات» ئىغا ئېرىشكەن ئىدى.

بۇ مۇكاپات يەنە 2015-يىلى تۈرك دۇنياسىغا زور تۆھپىلەرنى قوشقان ئادىيامان ۋالىيسى مەخمۇت دەمىرتاش، تۈركىيەدە ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرۇۋاتقان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى ئەخمەت ئايدىن ئەپەندىگە، ئەزەربەيجان پارلامېنت ئەزاسى گانىرا پاشايېۋا خانىمغا، ماراكەشنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لۇتفى ئۇد ئەپەندىگە، ئالبانىيەنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى گەنجى مۇجاج ئەپەندىگە، سۈرىيە تۈركمەنلىرى قۇرۇلتىيى رەئىسى ئابدۇراخمان مۇستافا ئەپەندىگە، ئىراق تۈركمەنلىرى مۇنبىرى رەئىسى ئىرشات سالىھ ئەپەندىگە، شىمالىي سىپرۇس تۈرك جۇمھۇرىيىتى خەلق پارتىيەسى رەئىسى ھۈسەيىن ئۆز گۈرگۈن ئەپەندىگە ۋە كوسوۋا ۋە رومانيەلىك بەزى سىياسەتچىلەرگە بېرىلدى.

تۈرك دۇنياسى ھەققىدە ئىشلىگەن ھۆججەت فىلىم ۋە خەۋەرلىرى بىلەن تونۇلغان سەيپۇللاھ تۈركسوي ئەپەندى ۋە ئاتاقلىق ناخشىچى مىنەچايىروغلۇ خانىملارنىڭ تۈرك دۇنياسىغا قوشقان تۆھپىسى ئۈچۈن «گاپ ئوسكار مۇكاپاتى بېرىلدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/medeniyet-tarix/mujahit-qeshqerli-04142015142243.html

Share
1694 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.