logo

trugen jacn

كىملەر بىزدىن، كىملەر ئەمەس

 

شۇڭقار تېكىن

كىملەر بىزدىن، كىملەر ئەمەس

 

تېخى نەچچە كۈننىڭ ئالدىدىلا ئىجتىمائى تاراتقۇلاردا غۇلغۇلىغا سەۋەپ بولغان ، ئۇيغۇر ۋەتىنىدە يولغا قويۇلىۋاتقان چېكىدىن ئاشقان باستۇرۇش سىياسىسىتىگە قارشى نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن بىر مۇراجەتنامىگە ئىمزا توپلاش پائالىيىتى جەريانىدا مەيدانغا كەلگەن بەزى ئىنكاسلار ۋە بەزى شەخسلەرنىڭ ئىپادىلىرى بۇ مىللەتنىڭ ئەڭ جىددى پەيتلەردىمۇ دەرھال توغرا بىر چارە – تەدبىر ئۈچۈن بىرلەشمەي ماھىيەتسىز مەسىلىلەر ئۈستىدە تالاش- تارتىش قىلىپ دۈشمەنگە ئويۇن قويۇپ بېرىدىغان ئەجەللىك ئاجىزلىقلىرىنى يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلاپ بەردى.

 

كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، بۇ مۇراجەتنامە ئۇيغۇرلار مىللەت بويىچە يوقۇتۇش نىشانى قىلىنغان تازىلاش سىياسىتى ئاستىدا قىمىر قىلغۇدەك پۇرسەتمۇ يوق شارائىتتا  ۋەتەن سىرتىدىكى بىر قىسىم ئىچىيورۇق ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقارالىق قانۇن -نىزاملاردىن پايدىنىلىپ تۇرۇپ ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن زۇلۇملارنى خەلقئارا جامائەتچىلىككە بىلدۈرۈش مەقسىدىدە ئوتتۇرىغا چىققان بىر تىرىشچانلىق ئىكەن. بۇ پائالىيەتنى تەشكىللىگۈچىلەر مۇراجەتنامىنىڭ ۋەتەندىكى ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتەلمەيدىغانلىقىنى، پەقەت خەلقارادا جامائەت پىكرى پەيدا قىلىپ خىتاينى بىئارام قىلىشقا يارايدىغانلىقىنى بىلىدۇ دەپ ئىشىنىمەن. دەسلەپ 500 كىشىلىك ئىمزانى نىشانلاپ باشلانغان بۇ مۇراجەتنامىگە ئىمزا قويغانلار ئون مىڭغا قاراپ مېڭىپتۇ . شۇنىڭدىن قارىغاندا بۇ مۇراجەتنامىنىڭ تەسىرى كۈتكەندىن ئارتۇق بولغان. ھالبۇكى ئىمزا قويغۇچىلارنىڭ 90% نىڭ ئۇيغۇرلار ئەمەسلىكىنى ئەپسۇسلۇق ئىچىدە كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز . تېخىمۇ ئېچىنىشلىق بولغىنى نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ۋەتەن، مىللەت داۋرىڭى قىلىپ كەلگەن، ئۆزلىرىنى مىللەتنىڭ، دىننىڭ تۆۋرۇكى ھېساپلايدىغان كىشىلەرنىڭ بۇ مۇراجەتنامىگە قول قويۇش ئۇياقتا تۇرسۇن ، مۇراجەتنامىدە ئىشلىتىلگەن ئاتالغۇلار ۋە بەزى سۆزلەرگە ئېسىلىۋېلىپ غۇلغۇلا قىلىشلىرى ، ھەتتا مۇراجەتنامىگە قارشى مەيدانىنى ئىپادىلەپ بايانات ئېلان قىلىشلىرى ، يۈزبىتىك( Facebook)تە ئاجايىپ ئۇلۇغ گەپلەر بىلەن تىنماي «جىھاد » قىلىپ، « ئىلىم تەھسىل » قىلىپ يۈرۈيدىغان تور مىتىلىرىنىڭ بىر خىلدا پەرۋاسىز يۈرۈشلىرى، ھەتتا نامى يوغان ، ئاۋازى ئۈنلۈك چىقىدىغان، ئەرەبچە ئىبارىلەرنى بوغۇزىغا لىق تولدۇرۇپ ئەرەبلەردەكلا ئۆلچەملىك تەلەپپۇز بىلەن چىقىرىدىغان ئۇممەتپەرۋەر، مىللەتپەرۋەر بولىۋالغان جانباقتىلارنىڭ بۇ مۇراجەتنامىنىڭ كەينىدە كىملەرنىڭ بارلىقىنى جىددى سۈرۈشتۈرۈپ كېتىشلىرى ھەقىقەتەن ھەر بىر ئەقلى ۋە ئىمانى بار ئۇيغۇرنى ئۆزلىرىنىڭ مەۋقەسى ۋە مەيدانى ھەققىدە جىددى ئويلىنىپ بېقىشقا چاقىرىدۇ .

 

بۇ مۇراجەتنامە ئېلان قىلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا بەزى «چوڭ »لارنىڭ بۇ ھەقتىكى سۆكۈشلىرى ۋە نېمە ئۈچۈن ئىمزا قويمىغانلىقلىرى ھەققىدىكى سەۋەپلىرىنى ئاڭلىغان، كۆرگەندىن كېيىن مەن بەك ئالدىراپ ئىمزا قويۇۋەتكەندەك ھېس قىلىپ مۇراجەتنامىنى قايتا كۆرۈپ چىقتىم . مۇراجەتنامە بۇلار ئېيتقاندەك قانداقتۇر خىتايغا يېلىنماپتۇ، ئاپتونومىيە ياكى باشقا نەرسە تەلەپ قىلماپتۇ، پەقەت ئادالەت تەلەپ قىپتۇ، ئەقەللى ياشاش ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنغانلىقىغا بولغان كەسكىن ئەيىپلەشلىرىنى ئىپادىلەپتۇ، دۇنيا جامائىتىگە ۋەتىنىمىزدە بولىۋاتقان پاجىئەلەرنى ئاڭلىتىپتۇ. ئۆزىنى سىياسەتچى ،يەنە بىرنېمىچى دەپ يۈرگەن ئادەملەر دىپلوماتىيە، خەلقارالىق قائىدىلەر ھەققىدە ئاشۇنچىلىك بىرنەرسە بىلمەسمۇ. بۇ بىلمىگەنلىكنىڭ ئىشى ئەمەس بەلكى ئۆزىنى بەك بىلىدىغان چاغلاپ كەتكەننىڭ ئىشى.  بىر ئادەمنىڭ قانچىلىك بىلىمى بولغانلىقى بىر گەپ، ئۇنى نىمە ئۈچۈن ئىشلەتكەنلىكى، قانچىلىك قىممەت ياراتقانلىقى بولسا باشقا بىر گەپ .بىر ئادەمنىڭ بەك ئىقتىدارلىق بولغانلىقى ئەمەس، بەلكى بىر ئادەمنىڭ ئۆزىدە بار ئىقتىدارنى قانچىلىك دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇپ پىداكارلىق كۆرسەتكەنلىكى مۇھىمدۇر.  مۇراجەتنامىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۈپ مەزمۇننى بىر يەرگە قايرىپ قويۇپ ئۇنىڭدا ئىشلىتىلگەن بىرەر سۆز ياكى ئىسىمغا ئېسىلىۋېلىپ بۇ ئىش ئۈستىدە غۇلغۇلا قىلىۋاتقانلارنىڭ كۆپىنچىسى پەقەت ئەقىلسىز كىشىلەردۇر.

 

ۋەتەندىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئاھۇ-زارى قولىقىغا ئاڭلىنىپ تۇرغان، ۋەتەن، مىللەتنىڭ تەقدىرى ئۈچۈن قايغۇرۇپ باش قاتۇرىۋاتقان ئەقىل ئىگىلىرى، مىللەتنىڭ بىرلىكىنى، ئىتتىپاقلىقىنى دەپ جاھىللىق بىلەن مۇرەسسە قىلماڭلار.  ئۇيغۇرنىڭ ۋىجدانلىق كىشىلىرى چوقۇم ئويلىشىپ بېقىشى كېرەككى، مىللەتنىڭ ھايات-ماماتىغا تاقىشىدىغان ، توغرا- خاتالىقى كۈندۈزدەك روشەن مۇشۇنداق ئىشتىمۇ بۇنى قوللاش ئۇياقتا تۇرسۇن پائالىيەت ئۈچۈن كۈچەۋاتقانلارغا قارا سۈركەشكە، ھۇجۇم قىلىشقا ئۇرۇنىۋاتقانلار سىلەر تەرەپتە بولامدۇ ياكى ئۇنداقلار ئۆزلىرىمۇ بىلمەي خىتايغا، زۇلۇمغا، جاھالەتكە ،ئەقىلسىزلىككە يانتاياق بولىۋاتامدۇ؟

 

بىر مىللەتنىڭ ئۇتۇقلۇق قەد كۆتۈرۈشى ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئۈچ خىل نەرسە لازىم ; توغرا نىشان، توغرا يول-ئىستراتېگىيە، توغرا ئادەملەر. بۈگۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەقىل ئىگىلىرى ئۆزلىرى بىلەن ئۆزگىلەرنى تونۇش زۆرۈرىيىتىدە قالدى.  ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ۋىجدانلىق ئادەملىرى ئېغىر ۋە جىددى بىر سۇئالغا دۇچ كەلدى: كىملەر بىزدىن، كىملەر بىزدىن ئەمەس .

 

شۇنى قەتئى تونۇش كېرەككى، مىللەتنىڭ تەقدىرى قىل ئۈستىدە تۇرغان مۇشۇنداق چاغدىمۇ سىياسى كۆز قارىشىنى پەش قىلىپ بۇ مۇراجەتنامە ھەققىدە پىتنە -پاسات تېرىپ يۈرگەنلەر، ئۆزىنىڭ كىبىرىنى يۈتىۋېتەلمەي توغرا ئىشنى خاتاغا بۇراپ سەپسەتە سۆزلەپ يۇرىۋاتقان ئاتالمىش زىيالىلار بىزدىن ئەمەس.

 

سىياسى قارىشى، دىنى چۈشەنچىلىرىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىنەزەر مىللى مەنپەئەتىمىزنى ئۆز كۆڭۈل خاھىشىدىن ئۈستۈن قويغان ھالدا ئەڭ ئەشەددى دۈشمەنگە قارشى بۇ مۇقەددەس كۈرەش ئۈچۈن بىرلىككە كېلەلەيدىغانلار ۋە بۇ يولدا ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن جېنى ۋە مېلى بىلەن كۈرەش قىلالايدىغانلار بىزدىن.

 

پۈتۈن نىيەت- ئىقبالىمىز بىلەن بىر تەن، بىر جان بولۇپ ئىتتىپاقلىشىپ كۈچلۈك دۈشمەنگە قارشى قولىمىزدىن كەلگەن ھەرقانداق بىر ئىشنى قىلىشنىڭ ئورنىغا ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ ئىمانىنى ئۆلچەپ، باھالاپ ، كاپىرغا چىقىرىپ ئولتۇرىدىغان ئاق تاغلىق،قارا تاغلىق زېھنىيىتىدىكى جاھىللار بىزدىن ئەمەس.

 

«ۋەتەن ئۈچۈن ئەمەس، ئاللاھنىڭ دىنىنى ئۈستۈن قىلىش يولىدا جىھاد قىلىمىز » دەيدىغان دىندار قىياپەتتىكى، ئۆز نەپسىگە چوقۇنۇپ تۇرۇپ مۆمىنلىك داۋاسى قىلىدىغان مۇناپىقلار، ئۆز پىكرىگە قېتىلمىغان ئىلغار پىكىرلىك كىشىلەرنى خىتايدىنمۇ بەكرەك ئۆچ كۆرىدىغان دىلى قاراڭغۇ جاھىللار بىزدىن ئەمەس.

 

ۋەتەن، مىللەت تۇيغۇسى ۋە سۆيگۈسى بولمىغان ھەرقانداق ئادەمنىڭ، ئۇ مەيلى قانداق دىندار قىياپەتتە بولسۇن، ئىمانىدىن گۇمانلىنىشقا يۈزدە يۈز ھەققىمىز بار. ئۆگەنمەي، كۈچلەنمەي، تەرەققى قىلماي تۇرۇپ ئاللاھنىڭ دىنىنى ئۈستۈن قىلغىلى بولمايدۇ.

 

ئىنسانى ھەق-ھوقۇقلىرىمىز دەپسەندە قىلىنىۋاتقان، مۇقەددەس دىنىمىز ھاقارەتلىنىۋاتقان مۇشۇنداق پەيتلەردە، دۇنيادىكى قانۇن- قائىدىلەرگە ، خەلقارا مۇناسىۋەت بەلگىلىمىلىرىگە ئۇيغۇن يوللار بىلەن ئىنسانى ھەق ھوقۇقلىرمىزنى داۋا قىلساق “ مۇستەقىللىق دېمەي كىشىلىك ھوقۇق دېدى، ئاپتونومىيىچى، خائىن “ دەپ ھۇجۇم قىلىپ ئۆز كۆڭلىنى خوش قىلىدىغان قەغەز يۈزىدىكى «ئىنقىلاپچىلار » ، دىتىغا ياقمايدىغان بىرەر ئىش مەيدانغا كەلسىلا كونا-يېڭىنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىسابەگچى، قۇرۇلتايچى دەپ ھەممىنى تىللايدىغان دىلى بۇزۇق مۇناپىقلار بىزدىن ئەمەس .

 

پەقەت ناماز ئۆتىگەنلىكى ئۈچۈن، پەرۋەردىگارىم ئاللاھ دېگەنلىكى ئۈچۈنلا دىنغا ئۇيغۇن ياشايدىغان  قېرىنداشلىرىمىزنى قالاق، جاھىل بىلىپ ئۆچ كۆرىدىغان ئۆز ئىچىمىزدىن چىققان دىنسىزلار، ۋەتەندىكى دىنى تۈس ئالغان قارشىلىقلارنى پەقەت  «ئەرەبنىڭ قارا كىيىمى »گە  باغلاپلا چۈشىنىدىغان ،خىتاينىڭ ھەقىقى مەقسىدىنى كۆرەلمەي تۇرۇپ ئۆزىنى ئىلغار پىكىرلىك چاغلايدىغان ئوقۇغان «زامانىۋى» جاھىللار بىزدىن ئەمەس.

 

پەرۋەردىگارىمىز « ئىختىلاپ قىلىشماڭلار، بولمىسا، قورقۇپ قالىسىلەر، كۈچ قۇۋۋىتىڭلار كېتىپ قالىدۇ;»(قۇرئان، 8:46)  دەپ ئېنىق ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرسىمۇ مۇسۇلمانلىق، كاپىرلىق ھەققىدە گەپ سېتىپ پىنتە -پاسات تېرىيدىغان، نەپسى خاھىشى ئەقلىدىن ،ئىمانىدىن ئۈستۈن بولغان جاھىللار بىزدىن ئەمەس.

 

ئاللاھ بەلگىلىگەن مەجبۇرىيەتلەرنىڭ ھېسابىنى ئالىدىغان قانداقتۇر بىرەرسىڭلار ئەمەس. « ناماز ئوقۇدۇڭمۇ يوق، نىمىشقا روزا تۇتمىدىڭ …  » دېگەندەك سۇئاللارنى سوراش بىزنىڭ ۋەزىپىمىز ئەمەس.  «ۋەتەن ئۈچۈن قانچىلىك ئىش قىلالايسەن، مىللەت ئۈچۈن نېمە قىلدىڭ، قىزلىرىمىز ، بالىلىرىمىز خارلىقتا قالدى، قانداق چارە قىلىمىز، بۇ زۇلۇمدىن قانداق قۇتۇلىمىز …» دەپ سوراش ۋە ئۇنىڭ يولىدا ئىزدىنىش بىزنىڭ ۋەزىپىمىز .

 

ئانا ۋەتەن ئۈچۈن، مەزلۇم خەلقىمىز ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ئاللاھ بىزنى بۇيرۇغان جىھاد، يەنى بىزنىڭ كۈرىشىمىزدۇر. قەلەم بىلەن، قورال بىلەن، جان ۋە مېلىمىز بىلەن، بىزدە نېمە بولسا شۇنىڭ بىلەن. بىزنىڭ كۈرىشىمىز ۋە بىزنىڭ يولىمىز ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىشتىكى، ئىككى دۇنيالىق بەخت -سائادەتكە يېتىشتىكى ئەڭ توغرا يولدۇر.  بۇ يولدا ئاشكارا ياكى يوشۇرۇن بولسۇن مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىپ تۇرىدىغانلار بىزدىن.

 

ئۆزىنىڭ مەنپەئەتى، نەپسى خاھىشى ئۈچۈن دۈشمىنىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ، كىم بىلەن ئۇرۇشۋاتقانلىقىنى بىلمەي «ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلدىم» دەيدىغان جاھىللار بىزدىن ئەمەس.  ئۆزى ھېچنىمە قىلماي، جىھاد ، ھىجرەت داۋرىڭى قىلىپ نۇرغۇن ئادەمنى بالالارغا مۇپتىلا قىلىپ قويۇپ ئارىدىن پايدا ئالىدىغان دىن سودىگەرلىرى، ئۆزى ياقتۇرمايدىغان كىشىلەرگە كاپىر، مۇرتەد دەپ ھۆكۈم كېسىدىغان ئازغۇنلار بىزدىن ئەمەس.

 

دۈشمەنلىرىمىز بىزنى يوقۇتۇش ئۈچۈن ئات چاپتۇرىۋاتسا يېڭى يىل ھارام، نورۇز ھارام، يەنە بىر نېمە ھارام دەپ پەتىۋا تارقىتىپ يۈرۈيدىغان قارغۇ تۆگىلەر بىزدىن ئەمەس. بىر بىرىڭلارنى خىتاينى ئۆچ كۆرگەندىنمۇ ئۆچ كۆرىسىلەر ، يەنە مىللەت ، ۋەتەن، ئىماندىن ئېغىز ئاچىسىلەر، سىلەردىكى بۇ قانداق ئىمان؟!

 

ۋەتەن سىرتىدا، ئامېرىكا، ياۋرۇپا دۆلەتلىرىدە ياشاپ، تور دۇنياسىدا ئىنقىلاپچى، مۇجاھىد بولماق، سىياسەتچى ، داھى بولماق ئۇنچە تەس ئەمەس.  ئەمما خىتايغا تەگكۈدەك يۇقۇرى سەۋىيىلىك قارشىلىقلارنى قىلماق خېلى تەس.  ھازىر بىزنىڭ ئاللاھ ئاتا قىلغان ئەڭ زور بايلىقىمىز، كۈچ-قۇۋۋىتىمىز، ۋە قورالىمىز- ئەقلىمىز ۋە ئىمانىمىزدۇر. خىتايغا قارشى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئەقلىمىزدىن قورال -ياراق توپلاپ خىتاينى دۇنيادا شەرمەندە قىلىمىز. دۈشمىنىمىزنىڭ ئۆتىدىغان يوللىرىنى كۈزىتىپ تۇرىمىز. ئەزىز مىللىتىمىزنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن ئاللاھ يولىدا ئىلكىمىزدە بار ھەرقانداق نەرسىنى سەرپ قىلىمىز.

 

ئاللاھ كۆڭلىمىزنى بىرلەشتۈرگەن چاغدا ئارىمىزدىكى ئەڭ تەقۋادار ئۇيغۇر بىلەن كۈندە ئىچىپ يۈرۈيدىغان ھاراقكەش ئۇيغۇر مۆرىنى مۆرىگە تىرەپ ئورتاق دۈشمەنگە قارشى بىرلىشەلەيدۇ.  ئۆتكۈر ئەپەندى ھاياتىنىڭ ئاخىرقى چاغلىرىدا ياشلارنىڭ « بىز قاچان مۇستەقىل بولىمىز؟» دېگەن سۇئالىغا جاۋاپ بەرگەندە شۇنداق دېگەن ئىدى: « قاچان مۇستەقىل بولىمىز بىلمەيمەن، ئەمما چوقۇم مۇستەقىل بولىدىغانلىقىمىزنى بىلىمەن.  بىر كۈنى ئاللاھ كۆڭۈللىرىمىزنى بىرلەشتۈرىدۇ، ئۇ چاغدا بىزنى تانكا، ئايرۇپىلان، ھەتتا ئاتوم بومبىسىمۇ توسۇپ قالالمايدۇ.» شۇنداق بىرلىك ئۈچۈن ئۆز نەپسى ۋە كىبىرىنى يېڭەلەيدىغانلار بىزدىن.

 

ۋەتەن، مىللەتنىڭ تەقدىرى قىل ئۈستىدە تۇرغان مۇشۇنداق پەيتلەردىمۇ بىر چەتتە قول قوشتۇرۇپ قاراپ تۇرغانلارنىڭ ئازاد بولغاندىن كېيىنكى ۋەتەندە ياشاش سالاھىيىتى يوق .

 

 

يىلى 2018- 1.ئاينىڭ 11. كۈنى                     ۋاساۋ، ۋىسكانسېن

 

 

Share
2515 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.