logo

trugen jacn
10 ئىيۇن 2014

كىملىك تەكشۈرۈش ماشىنىسى لاساغا كىرىدىغان ئۇيغۇرلارنى سىگنال بېرىپ توسۇۋالدى

 

 

قۇتلان

رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندا خىتاي دائىرىلىرى ئالاھىدە كىملىك تەكشۈرۈش ماشىنىسىنى ياساپ چىقىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكىنى سۈركىگەن ھامان يۇقىرى ئاۋازدا سىگنال قايتۇرىدىغان ئاپتوماتىك سىستېمىنى ئىشقا كىرىشتۈرگەنلىكى مەلۇم بولماقتا.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خىل كىملىك تەكشۈرۈش ماشىنىسى ئالدى بىلەن تىبەت ئاپتونوم رايونىدا ئىشلىتىلگەن. تىبەتتە ئۇزۇن يىل سودا قىلىپ كەلگەن بىر ئۇيغۇر تىجارەتچىنىڭ بۈگۈن رادىئومىزغا بەرگەن مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، بۇ خىلدىكى ئالاھىدە كىملىك تەكشۈرۈش ماشىنىسى يېقىندىن بۇيان لاسا شەھىرىگە كىرىدىغان يول ئېغىزلىرىدىكى تەكشۈرۈش پونكىتلىرىدا ئىشلىتىلىشكە باشلىغان.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھەرقانداق ئۇيغۇرنىڭ كىملىكىنى بۇ خىل ماشىنىغا سۈركىگەن ھامان يۇقىرى ئاۋازدا سىگنال قايتۇرۇپ ساقچىلارنى جىددىيلەشتۈرىدىكەن. ۋەھالەنكى، يەرلىك تىبەتلىكلەر بىلەن خەنزۇلارنىڭ كىملىكىنى سۈركىسە نورمال ئاۋاز چىقىرىدىكەن. شۇ سەۋەبتىن ھازىر تىبەتنىڭ لاسا ۋە باشقا ۋىلايەتلىرىدە قۇرۇق مېۋە-چېۋە سودىسى قىلىدىغان ياكى ئاشخانا ئاچىدىغان ئۇيغۇرلار قىيىن ئەھۋالدا قالغان. ئۇلارنىڭ تىبەتنىڭ ھەرقانداق يېرىدە مەلۇم يەرلىك كىشىنىڭ ياكى ئىدارىنىڭ كاپالىتىسىز مېھمانخانىلاردا يېتىشى ھەم سودا-تىجارەت قىلىشى بىراقلا قىيىنلاشقان.

تۆۋەندىكى بايانلار تىبەتتە تۇرۇۋاتقان، لېكىن نام-شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان مەلۇم بىر ئۇيغۇر تىجارەتچىنىڭ رادىئومىزغا بەرگەن بايانلىرىنىڭ ئەينەن خاتىرىسىدۇر.

مۇخبىر: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەلەيكۇم، ئەھۋالىڭىز ياخشىمۇ؟
ئۇيغۇر تىجارەتچى: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، خۇداغا شۈكرى، يامان ئەمەس!

مۇخبىر: مەن مۇخبىر، سىزگە بىرەر ئىش بولدىمۇ-نېمە؟
ئۇيغۇر تىجارەتچى: مەن شىزاڭ (تىبەت) دا تۇرۇپ تىجارەت قىلىمەن. يېقىندىن بۇيان شىنجاڭدا ئىش چىققاچقا، بىزدەك تىجارەتچىلەرنىڭ بۇ يەردە تۇرۇپ نورمال تىجارەت قىلىشىمىز زور قىيىنچىلىققا ئۇچراۋاتىدۇ.

مۇخبىر: سىز تىبەتنىڭ قايسى يېرىدە تۇرىسىز؟
ئۇيغۇر تىجارەتچى: شىگازا ۋىلايىتىدە تۇرىمەن.

مۇخبىر: نېمە تىجارەت قىلىسىز؟
ئۇيغۇر تىجارەتچى: قۇرۇق مېۋە-چېۋە تىجارىتى قىلىمەن.

مۇخبىر: مۇقىم دۇكىنىڭىز بارمۇ؟
ئۇيغۇر تىجارەتچى: شۇنداق، مۇقىم دۇكىنىم بار.

مۇخبىر: تىبەتتە سودا قىلىۋاتقىلى قانچىلىك بولدى؟
ئۇيغۇر تىجارەتچى: 15 يىلدەك بولدى.

مۇخبىر: تىبەتتە سودا-تىجارەت قىلىدىغان ئۇيغۇرلار كۆپمۇ؟ ئۇلار نېمە تىجارەتلەرنى قىلىدۇ؟
ئۇيغۇر تىجارەتچى: ھازىر 20-30 دەك تىجارەتچى بار، لېكىن قىشتا كۆپىيىپ كېتىدۇ. ئۇيغۇرلار ئاساسەن بۇ يەردە يۇرتىمىزدىن چىققان قۇرۇق-مېۋە-چېۋە ۋە باشقا ئالاھىدە يەرلىك مەھسۇلاتلارنى ساتىدۇ. ئۇندىن باشقا ئاشخانا ئاچىدىغانلارمۇ بار.

مۇخبىر: يېقىندا ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەردىن كېيىن تىبەتتە سىلەرگە بولغان بېسىم كۈچىيىپ كەتتىمۇ ‏- قانداق؟
ئۇيغۇر تىجارەتچى: شۇنداق، بېسىم بەكمۇ كۈچىيىپ كەتتى. ھازىر ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرنىڭ بىر جايدىن يەنە بىر جايغا ئەركىن-ئازادە بېرىشى بەكمۇ قىيىن بولۇۋاتىدۇ. ئىلگىرى ئۇنداق ئەمەس ئىدى. مەن 15 يىلدىن بۇيان تىبەتتە تۇرۇپ تىجارەت قىلىۋاتىمەن. ئىلگىرى گەرچە ئۇيغۇرلارغا بولغان نازارەت باشقا مىللەتلەرگە قارىغاندا خېلى كۈچلۈك بولسىمۇ، لېكىن قانۇنىي ھۆججەتلەرنى تولۇق بېجىرىپ نورمال سودا قىلساق ھەر ھالدا يول قويۇلاتتى. لېكىن يېقىندىن بۇيان ئەھۋال بىراقلا ئۆزگەردى. مېنىڭ ئۆزۈم تۇرۇۋاتقان ۋىلايەتتىكى ساقچىخانا ۋە ساقچى خادىملىرى بىلەن تونۇشلۇقۇم بار. ئۇزۇن يىل تۇرغاچقا ئۇلار ماڭا ئىشىنىدۇ. شۇنداقتىمۇ مەخپىي ساقچىلار ياكى دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ ساقچىلىرى ھەرۋاقىت دۇكىنىمغا كېلىپ تەكشۈرۈپ تۇرىدۇ. مەندىن « يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇرلار كېلىۋاتامدۇ؟ كەلگەن بولسا نېمە ئىشلار قىلىۋاتىدۇ؟» دېگەندەك گەپلەرنى تولا سوراپ ئارامىمغا قويمايدۇ. ھازىر ئەمدى ئۇ تونۇش ساقچىلارمۇ بىزگە ئارا تۇرالمايدىغان بولدى.

مۇخبىر: ئۇنداقتا، سىزنىڭ تىبەتتىكى تىجارىتىڭىزمۇ قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قاپتۇ-دە!؟
ئۇيغۇر تىجارەتچى: شۇنداق، بۇ يەردە داۋاملىق تۇرۇپ سودا قىلىشنىڭ ئىمكانى قالمايۋاتىدۇ. ئالدىنقى ھەپتە شىگازا ۋىلايىتىدىن لاساغا مال ئالغىلى بارغان ئىدىم. يېرىم يولغا بارغاندا چازىدىكى ساقچىلار مېنى يەرلىك ساقچىخانىنىڭ تونۇشتۇرۇشى يوقكەن دەپ توسۇۋالدى. ئامالسىز كەينىمگە قايتىپ، شىگازاغا قايتىپ باردىم. لاساغىچە بولغان ئارىلىق 250 كىلومېتىر يول، بۇ بىزگە ئاسان ئەمەس. شىگازا شەھىرىدىكى ساقچىخانىدىن تونۇشتۇرۇش ۋە يول خەتلىرىنى كەستۈرۈپ 3-4 كۈننىڭ ئالدىدا يەنە لاساغا يولغا چىقتىم. چۈنكى بىزنىڭ يۇرتتىن كېلىدىغان ماللىرىمىز ئالدى بىلەن لاساغا كېلىدۇ. ئۇ يەردىن ئۆزىمىز بېرىپ ئېلىۋالىمىز. مەن ئاپتوبۇس بىلەن يولغا چىقىپ قاتمۇ-قات چازىلاردىكى تەكشۈرۈشلەردىن ئۆتۈپ، لاسا شەھىرىگە كىرىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يولنىڭ ئېغىزىدىكى ئاخىرقى چازىغا كەلدىم. بۇ يەردە ئاپتوبۇستىكى ھەممەيلەننى يەرگە چۈشۈرۈپ بىرمۇ-بىر تەكشۈردى. چازىدا خۇددى ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسىغا ئوخشاش بىر ماشىنا بار ئىكەن. يولۇچىلارنىڭ ھەممىسى بۇ ماشىنىغا كىملىكىنى سۈركەيدىكەن. تىبەتلەر ۋە خەنزۇلار كىملىكىنى سۈركىسە دىت قىلىپلا نورمال بىر ئاۋاز چىقىدىكەن. ماڭا نۆۋەت كەلگەندە مەن كىملىكىمنى سۈركىدىم، ماشىنا بىردىنلا چىقىراپ يۇقىرى ئاۋازدا سىگنال چىقاردى. ساقچىلارنىڭ ھەممىسى بىراقلا جىددىيلىشىپ يۈگۈرۈپ كەلدى-دە كىملىكىمنى ئېلىپ «ھە، ئۇيغۇر ئىكەنسەن-دە!» دەپ كىملىكىمنى ماشىنىغا قايتا سۈركىدى. يەنە شۇنداق چىقىراق سىگنال ياڭرىدى. شۇنداق قىلىپ، ئۇلار مېنى لاساغا كىرىشتىن يەنە توسۇۋالدى.

مۇخبىر: ھەممە ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى ئوخشاشلا يۇقىرى ئاۋازدا سىگنال قايتۇرامدىكەن؟
ئۇيغۇر تىجارەتچى: شۇنداق، باشقا ئۇيغۇرلارمۇ ئوخشاشلا بۇ خىل ئەھۋالغا دۇچ كەپتۇ. بۇ ماشىنا شىنجاڭلىق ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكىنى ئاپتوماتىك تونۇپ يۇقىرى ئاۋازدا سىگنال چىقىرىدىكەن. مەن كۆرگەن ھېچبىر تىبەتلىك ياكى خەنزۇ ماشىنىغا كىملىكىنى سۈركىگەندە ئۇنداق ئاۋاز چىقمىدى.

مۇخبىر: شۇنداق قىلىپ لاساغا كىرەلمىدىڭىزمۇ؟
ئۇيغۇر تىجارەتچى: ھە-ئە، شۇنداق، ساقچىلار لاساغا كىرىشىڭ ئۈچۈن چوقۇم يەرلىك تىبەتلىك ياكى تىبەتتە ئولتۇرۇشلۇق خەنزۇدىن بىرى كاپالەت بېرىپ ئىمزالىق خەت يېزىپ بېرىشى كېرەك، بولمىسا ئۇيغۇرلارنىڭ كىرىشىگە رۇخسەت يوق، بۇ يۇقىرىدىن كەلگەن بۇيرۇق، بىز بۇ بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىشقا مەجبۇرمىز دەپ تۇرۇۋالدى.

مۇخبىر: ئۇنداقتا، تىبەتتىكى ئۇيغۇرلار ھازىر يۇرتلىرىغا قايتىۋاتامدۇ؟
ئۇيغۇر تىجارەتچى: ۋەزىيەت مۇشۇنداق ماڭسا، قايتماي ئىلاجىمىز يوق. يېقىندا ھەمشەھەرلىرىمىزدىن بىرى بىرقانچە ماشىنا تاۋۇز ئېلىپ كەلگەن ئىدى. ساقچىخانا بۇ بىرقانچە ماشىنا تاۋۇزنىڭ پۇلىنى تۆلەپ، ئۇلارنى كەينىگە قايتۇرۇۋەتتى. تاۋۇزنى ساتقىلى قويمىدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/uyghur-weziyiti-06092014150602.html

Share
1653 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.