logo

trugen jacn

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاينى ئىلھام توختىنى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى

image10

مېھرىبان

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنىڭ بىر يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن 15-يانۋار، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى قاتارلىقلار ۋە بىر قىسىم خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بايانات ئېلان قىلدى. ئۇلار باياناتىدا ئىلھام توختىنىڭ تۈرمىدىكى ئەھۋالىغا يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى ئاشكارا تەلەپ قىلغان ۋىجدان مەھبۇسى ئىلھام توختىنى قويۇپ بېرىشكە ۋە خىتاي پۇقرالارنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىشقا چاقىردى.

ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلىپ، خەلقئاراغا تونۇلغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى 2014-يىل 15-يانۋار كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، بۇلتۇر 23-سېنتەبىر كۈنى «دۆلەتنى پارچىلاش، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.

ئىلھام ئەپەندى تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنىڭ بىر يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىجرائىيە ھەيئەت رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 15-يانۋار رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى نامىدىن ئېلان قىلىنغان بايانات ۋە باياناتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەلەپلەر ھەققىدە توختالدى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ياۋروپا بىرلىكى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارا تەشكىلاتلار ۋە غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلھام توختى تۇتقۇن قىلىنغان بىر يىلدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئىلھام توختىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ ئېلان قىلغان باياناتلىرى ۋە پائالىيەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەققانىي تەلىپىنى تىنچلىق يولى بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنى تۇتقۇن قىلىپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىشى خەلقئارا قانۇن-نىزاملارغىلا ئەمەس، ھەتتا خىتاينىڭ ئۆزى قول قويغان كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسى ۋە خىتاي قانۇن نىزاملىرىغىمۇ خىلاپ قىلمىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

خىتاي دائىرىلىرى بۇلتۇر 15-يانۋار كۈنى ئىلھام توختى ۋە ئۇنىڭ 7 نەپەر ئوقۇغۇچىسىنى تۇتقۇن قىلغاندىن كېيىن، دائىرىلەرنىڭ بۇ قىلمىشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان. ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ۋىجدان مەھبۇسى ئىلھام توختىنى ۋە ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنى شەرتسىز قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ كۆپ قېتىم بايانات ئېلان قىلغان. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارانىڭ ئەيىبلىشى ۋە بېسىمىغا قارىماي ئىلھام توختىنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان. ھەتتا ئىلھام توختىنى بىر مەھبۇس بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك ئەڭ تۆۋەن ھوقۇق-ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشۈش ھوقۇقىدىنمۇ مەھرۇم قىلغان.

ئىلھام توختىنىڭ ئايالى گۈزەلنۇر خانىم ۋە ئىلھام توختى دېلوسىغا مەسئۇل ئاقلىغۇچى ئادۋوكاتلار رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىلھام توختىنىڭ تۈرمىدە پۇتىغا كىشەن سېلىش، ئاچ قالدۇرۇش، خىتاي مەھبۇسلىرىنىڭ قولى ئارقىلىق تاياق يېيىش قاتارلىق جازالاشلارغا ئۇچرىغانلىقىنى، 2014-يىلى 12-دېكابىردىن كېيىن ئۈرۈمچى 1-تۈرمىگە يۆتكەلگەندىن كېيىن تۈرمە دائىرىلىرىنىڭ ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە يازما ئۇقتۇرۇش ئەۋەتىپ، 2015-يىل 6-ئاينىڭ 15-كۈنىگە قەدەر ئۇنىڭ ئايالى گۈزەلنۇر ۋە باشقا ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ تۈرمىگە كېلىپ ئىلھام توختىنى يوقلىشىغا ۋە تۈرمە سىرتىدىن كىيىم-كېچەك ئەۋەتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئۇقتۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، ئىلھام توختىنىڭ ھەتتا تۈرمىدىكى مەھبۇسلار بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك ئەڭ تۆۋەن دەرىجىدىكى كىشىلىك ھەق-ھوقۇقىدىنمۇ مەھرۇم قىلىنىشى، ئۆزىنى «قانۇن دۆلىتى» دەپ ئېلان قىلغان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز قانۇنىنىمۇ دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنىڭ ئىسپاتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ قېتىم ئېلان قىلغان باياناتى ۋە ياۋروپا بىرلىكى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارا تەشكىلاتلارغا يوللىغان تەلەپلەردە، يىغىن-مۇزاكىرىلەردە ئىلھام توختىنىڭ تۈرمىدىكى ئەھۋالىغا خەلقئارانى دىققەت قىلىشقا چاقىرغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۈگۈن خەلقئارا ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى ۋە بىر قىسىم بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىمۇ ئىلھام توختى ۋە ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنىڭ بىر يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئىلھام توختى قاتارلىق بارلىق ۋىجدان مەھبۇسلىرىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

بۇلتۇر 15-يانۋار خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلھام توختىنى تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دېموكراتىك دۆلەتلەر ھۆكۈمەتلىرى كۆپ قېتىم بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئىلھام توختى ۋە ئۇنىڭ 7 نەپەر ئوقۇغۇچىسىنى شەرتسىز قويۇپ بېرىشكە چاقىرىپ كەلمەكتە. ئىلھام توختى تۇتقۇن قىلىنغان 15-يانۋاردىن باشلاپلا خىتاي ۋە چەتئەللەردىكى زىيالىيلار ئارىسىدا ئىلھام توختىنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرىق قىلىش ئىمزا توپلاش پائالىيەتلىرى داۋاملاشتى. بۇلتۇر 9-ئاپرېل كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئىلھام توختى ئۈچۈن ئىسپات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا ئامېرىكا ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان جەۋھەر ئىلھام دادىسى ئۈچۈن ئىسپات بەردى. 2014-يىلى 5-ماي كۈنى جەۋھەر يەنە ئامېرىكا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى تەرىپىدىن دادىسى ئىلھام توختىغا بېرىلگەن «بار-بارا گولدىمىش ئەركىنلىك مۇكاپاتى» نى تاپشۇرۇۋالدى. خىتاي دائىرىلىرى بۇلتۇر 23-سېنتەبىر خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قاتتىق بېسىمىغا قارىماي، ئىلھام توختىنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغاندىن كېيىنمۇ، خەلقئارادا خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئىلھام توختىنى ۋە ئۇنىڭ 7 ئوقۇغۇچىسىنى شەرتسىز قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش سادالىرى بارغانچە كۈچەيدى. 31-ئۆكتەبىر كۈنى تۈركىيە قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى ئىلھام توختىغا «تۈرك دۇنياسى ئەركىنلىك مۇكاپاتى بېرىلگەنلىكىنى جاكارلاپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى، قەلىمىگە تايىنىپ ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەقلىرىنى تەلەپ قىلغان ۋىجدان مەھبۇسى ئىلھام توختىنى شەرتسىز قويۇپ بېرىشكە چاقىردى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/ilham-toxti-01152015153237.html

Share
1567 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.