logo

trugen jacn

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى: تايلاندتىكى ئاچلىق ئېلان قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتىمىز

taylandta uygur

ﺋﺎﯕﻼﺵ

ﺋﺎﯕﻼﺵ

ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

تايلاندتىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ ئاچلىق ئېلان قىلىپ، تايلاند ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈشى، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى چارشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، تايلاند دائىرىلىرىنى مۇساپىرلارنى قوغداشقا چاقىردى.

د ئۇ ق بولسا، ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ ئاچلىق ئېلان قىلىش ئەركىنلىكىگە مۇداخىلە قىلمايدىغانلىقىنى، ئاچلىق ئېلان قىلىشقا قاتناشقان ئۇيغۇرلارنىڭ سالامەتلىكىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

«شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈن ھۆكۈمىتى»نىڭ كانادا دىپلوماتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ئىشخانىسى بولسا، تايلاند دائىرىلىرىنى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ باشقا دۆلەتكە كېتىشىگە يول قويۇشقا چاقىردى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى ت. كۇمار چارشەنبە كۈنى مۇخبىرىمىزغا بەرگەن باياناتىدا، «بىز تايلاند دائىرىلىرىنى ئۇيغۇر سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىلىرىنى تۇتقۇن قىلماسلىققا، ئۇلارنى قوغداپ، خىتايغا قايتۇرماسلىققا چاقىرىمىز» دېدى.

ت. كۇمار مۇنداق دەيدۇ: «خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى تايلاندنىڭ ئۇيغۇر سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنى قاماپ قويغانلىقىغا دىققەت قىلىدۇ. بىز تايلاندنىڭ ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشىدىن ئەندىشە قىلىمىز. ئۇلار بۇ كىشىلەرنى قايتۇرۇپ كەتسە خورلىشى مۇمكىن. بۇ بىزنىڭ پەۋقۇلئاددە دىققتىمىزنى قوزغايدۇ. شۇڭا، بىز تايلاندنى ئۇيغۇر سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنى تۇتقۇن قىلماسلىققا، ئۇلارنى قوغداشقا ۋە خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمەسلىككە چاقىرىمىز.»

ت. كۇمار، ئۇيغۇر مۇساپىرلار نېمە ئۈچۈن خىتايغا قايتۇرۇلسا بولمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ، قولىدا ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلسا خورلاشقا ئۇچرايدىغانلىقىغا دائىر دەلىللەر بارلىقىنى بىلدۈردى.

ت. كۇمار: «بىزدە ئۇيغۇرلار ۋە دۆلىتىگە مەجبۇرىي قايتۇرۇلغان باشقا كىشىلەرنىڭ ئېغىر خورلاشقا ئۇچرىغانلىقىغا دائىر دەلىللەر بار. ھەر قانداق مۇساپىرنىڭ قايتۇرۇلغان دۆلەتتە خورلاشقا ياكى تەن جازاسىغا ئۇچراش ئېھتىمالى مەۋجۇت بولسا، ئۇ مەجبۇرىي قايتۇرۇلماسلىقى كېرەك» دەپ كۆرسەتتى.

تايلاندتىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلار يېقىندا د ئۇ ق نىڭ تورىدا بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ 31‏-مايدىن باشلاپ ئاچلىق ئېلان قىلىدىغانلىقىنى، ئاچلىق ئېلان قىلىش ھەرىكىتى تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزلىرىنى قويۇپ بېرىپ، 3-دۆلەتكە ئورۇنلىشىشىغا يول قويغانغا قەدەر داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇلار باياناتىدا: «ئەگەر بىز خىتايغا قايتۇرۇلساق، جىسمانىي ۋە مەنىۋى تەن جازاسىغا ئۇچرايمىز، ئۆلتۈرۈلىمىز ياكى قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، پۈتۈن ھاياتىمىزنى تۈرمىدە ئۆتكۈزىمىز…… شۇڭا، بىز ئاچلىق ئېلان قىلدۇق ۋە بۇ يەردە ئاچلىقتىن ئۆلۈشنى ياخشىراق، دەپ ئويلىدۇق. بىز ئاچلىق ئېلان قىلىشنى بىز قويۇپ بېرىلگەنگىچە ياكى 3‏-دۆلەتكە ئورۇنلاشقىچە ۋە ياكى ئۆلگۈچە داۋاملاشتۇرىمىز» دېگەن.

ئۇلار باياناتىدا يەنە، خەلقئارا مۇساپىرلارنى قوغداش ئورگانلىرىنى تەنقىدلەپ، ب د ت مۇساپىرلار كومىسسارىياتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا ئورگانلار «ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ تراگىدىيەلىك ۋەزىيىتىگە جىددىي مۇئامىلە قىلمىدى. ئۇلار (خىتايغا) قايتۇرۇپ بېرىلگەنلەرگە سەل قاراپلا قالماي، تايلاند يىغىۋېلىش مەركەزلىرىدىكى غەيرى ئىنسانى شەرت-شارائىتنىڭ ئىزتىراپىدا ياشاۋاتقانلارغا سەل قارىدى» دەپ تەكىتلىگەن ئىدى.

بىز ب د ت مۇساپىرلار كومىسسارىياتىغا تېلېفون قىلىپ، ئۇلارنىڭ پىكرىنى ئېلىشقا تىرىشقان بولساقمۇ، ئەمما ئۇلار تېلېفونىمىزنى ئالمىدى. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ب د ت مۇساپىرلار كومىسسارىياتىنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيەسىگە باھا بەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

د ئۇ ق نىڭ قەيت قىلىشىچە، تايلاندتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ب د ت غا پاناھلىق ئىلتىماسى سۇنمىقاچقا، ب د ت مۇساپىرلار كومىسسارىياتى ئۇلارغا دېلو تۇرغۇزۇپ، مۇساپىرلىق سالاھىيىتى بېرەلمىگەن.

د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى دولقۇن ئەيسا مۇنداق دېدى: «ئۇلار ئۆزلىرىنى ئۇيغۇر، ئەمما تۈرك پۇقراسى دەپ تونۇتقانلىقى ئۈچۈن ب د ت مۇساپىرلار يۈكسەك كومىسسارىياتىغا ئىلتىجا تەلىپىدە بولۇنمىغان. شۇنىڭ ئۈچۈن تۆرك ھۆكۈمىتى بىزنىڭ ئادەم، بىز ئېلىپ كېتىمىز دەۋاتىدۇ. ئەمما ئۇلار چېگرىدىن قاچاق كىرگەنلىكى سەۋەبلىك تايلاند ھۆكۈمىتى ئۇلارنى تۇتۇپ تۇرۇقلۇق. خىتاي بولسا، ئۇلار بىزنىڭ پۇقرا، بىزگە قايتۇرۇپ بېرىسە، دەۋاتقان.
ب د ت مۇساپىرلىق سالاھىيىتى بىلەن ئۆزلىرىگە مۇراجىئەت قىلمىغان ئىنسانلارغا مۇساپىرلىق سالاھىيىتى بىلەن مۇئامىلە قىلمايدۇ. ئۇلار ھازىر مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە تۇرۇۋاتىدۇ.»

دولقۇن ئەيسانىڭ بىلدۈرۈشىچە، 10-15 تەك كىشى ئاچلىق ئېلان قىلىشقا قاتناشقان. دولقۇن ئەيسا، «بىز ئاچلىق ئېلان قىلىشنى تەشەببۇس قىلمايمىز. ئەمما ئۇلار شۇ قارارغا كەلگەن بولسا، بۇ ئۇلارنىڭ دېموكراتىك ھەق-ھوقۇقى» دەپ كۆرسەتتى.

دولقۇن ئەيسا: «بۇلارنىڭ تەن سالامەتلىك مەسىلىسىدە بۇرۇندىن تارتىپ بىر ئەندىشىمىز بار. چۈنكى، بۇرۇن ئۇلار ھەر خىل كېسەللەرگە گىرىپتار بولغان ئەھۋال بولغان، ھەتتا بىر قانچە نارەسىدە بالىلىرىمىز ئۆلۈپ كەتتى، شۇ تۈرمىلەردە. ئۇلارنىڭ تۈنۈگۈندىن باشلاپ ئاچلىق ئېلان قىلىشى، بىزنى ئەندىشىلەندۈرىدىغان ھادىسە. ئەتە-ئۆگۈن ئىچىدە ئۇلاردا قانداق ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ، چۈنكى، ئۇلار تاماق، سۇ ھەممىنى تاشلىغان گەپ، بىزگە كەلگەن مەلۇماتلاردا. قىسقا بىر ۋاقىت ئىچىدە ئۇلارنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يېتىپ قېلىشى مۇمكىن. بۇ بىزنى ھەقىقەتەن ئەندىشىلەندۈرىۋاتىدۇ. ئەمما ئۇلارغا بىز ئۇنداق قىلىڭلار، مۇنداق قىلىڭلار، دەپ مەسلىھەت بېرەلمەيمىز. ئەلۋەتتە بۇ ئۇلارنىڭ ھوقۇقى، ئاچلىق ئېلان قىلىش چارە بولمىغاندا دېموكراتىك ھەقلەرنى قوللىنىدىغان، شىددەتسىز نارازىلىق بىلدۈرۈشنىڭ ئاخىرقى چېكى» دېدى.

«شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈن ھۆكۈمىتى» كانادا دىپلوماتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ئىشخانىسىنىڭ كۆرسىتىشىچە، تايلاند ساقچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى خورلاۋاتقانلىقىغا دائىر ئىشەنچلىك دەلىللەر بار.

دىپلوماتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ئىشخانىسىنىڭ درىكتورى رۇقىيە تۇردۇش سەيشەنبە كۈنى رادىئومىزغا بەرگەن باياناتىدا، «بىز ئالدى بىلەن تايلاند ساقچىلىرىنى ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىغا ئىنسانى ئىززەت -ھۆرمىتى بىلەن مۇئامىلە قىلىشقا، ئۇلارنى قويۇپ بېرىپ، باشقا ئەركىن دۆلەتلەرگە كېتىشىگە يول قويۇشقا چاقىرىمىز» دېگەن.

ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمانلار تەشكىلاتى‏-«شىمالىي ئامېرىكا ئىسلام چەمبىرىكى» بولسا، مۇتلەق كۆپچىلىك خەلقئارا مۇساپىرلار ئورگانلىرىنىڭ دىققەت نەزىرى سۈرىيە مۇساپىرلار كرىزىسىغا مەركەزلىشىپ قالغاچقا، تايلاندتىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسى دىققەت قوزغىيالمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

«شىمالىي ئامېرىكا ئىسلام چەمبىرى»نىڭ ئەمىرى نەيىم بەگ ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسى نېمە ئۈچۈن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىتيالمىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ، مۇنداق دەيدۇ: «ئەپسۇسلىنارلىق بىلەن ئېيتقاندا، سۈرىيەدە يۈز بەرگەن يېقىنقى بىر قانچە يىل ئىچىدىكى ھادىسىلەر سەۋەبلىك قۇتقۇزۇش پائالىيىتى ئۇنىڭغا مەركەزلەشتى.

ھازىر 4 مىليون سۈرىيەلىك مۇساپىر تۈركىيە، ئىئوردانىيە، لىۋان قاتارلىق دۆلەتلەردە ياشاۋاتىدۇ. سۈرىيەدىكى شەھەرلەر پۈتۈنلەي يىقىلدى. سۈرىيەدە يۈز بەرگەن ھادىسە ئىنتايىن زور ئىنسانىي پاجىئەدۇر. شۇڭا، مۇتلەق كۆپچىلىك قۇتقۇزۇش ئورگانلىرىنىڭ دىققىتى سۈرىيە مۇساپىرلىرىغا مەركەزلىشىپ قالدى.»

نەيىم بەگ بۇ سۆزلەرنى «شىمالىي ئامېرىكا ئىسلام چەمبىرىكى»نىڭ يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن يىللىق قۇرۇلتىيىدا مۇخبىرىمىزغا تەكىتلىگەن

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/tayland-musapir-06012016150602.html

Share
979 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.