logo

trugen jacn

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ب د ت دا ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى

 

ئەركىن

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىلى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ يېقىنقى بىر يىلدىن بۇيان ئاممىۋى گۇرۇھلارغا، ئىپادە ئەركىنلىكىگە شىددەتلىك ھۇجۇم قىلىپ، نۇرغۇن پائالىيەتچىنى تۇتقۇن قىلغانلىقى، تۈرمىگە تاشلىغانلىقى ۋە پاراكەندىلىك سالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ«ئۇلارنىڭ ئىچىدە مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۆز ئار چۈشىنىشنى ئالغا سۈرۈپ كەلگەن، خىتاينىڭ ئەڭ زور بايلىقلىرىنىڭ بىرى، ئىلھام توختىغا ئوخشاش كىشىلەر بار» دەپ كۆرسەتتى.

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىلى بۇ سۆزلەرنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 17‏-مارت ئۆتكۈزۈلگەن ئومۇمىي مۇنازىرە يىغىنىدا قىلدى.

ئۇ يەنە، «خوڭكوڭ، تىبەت، شىنجاڭ ۋەزىيىتى يامانلىشىپ كېتىش بىلەن بىرگە، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئاممىۋى جەمئىيەتلەرنى باشقۇرۇش ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكىگە ئالاقىدار قانۇنلارنى چىقىرىپ، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئېتىبارى دەخلى ئۇچرىدى. كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ئۇنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق مېخانىزمى بىلەن بولغان ناچار ھەمكارلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، «خىتاي ۋەزىيىتىنى جىددىي ئويلىشىشى زۆرۈر» دېدى.

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ئەمەلدارلىرىنىڭ يېقىندا ئاشكارىلىشىچە، كىشىلىك ھوقۇقنى تەكشۈرگۈچىلەر خىتاي، تىبەت ۋە شەرقىي تۈركىستاندا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا جاۋاب بەرمىگەن.

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى 2014‏- يىلى مۇشۇ مەزگىلدە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى قەرەللىك كۆرۈپ چىققان ۋە بەزى تەلەپلەرنى قويغان ئىدى.

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/kishilik-hoquq-03202015163613.html

Share
1623 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.