logo

trugen jacn

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئىلھام توختى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

22-سېنتەبىردىن باشلاپ، «خىتايدىكى ئۆزگىرىش» تورىنىڭ ساھىبى ساۋ ياشۆ خانىم، «خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» نىڭ خىتاي ئىشلىرى دىرېكتورى سوفىي رىچاردسون خانىم قاتارلىقلار ئارقا-ئارقىدىن بايانات ئېلان قىلىپ، 3 يىلدىن بۇيان خىتاي تۈرمىسىدە ئۆمۈرلۈك جازا مۇددىتى ئۆتەۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنى خاتىرىلىدى.

خىتاي تۈرمىسىدىكى ئىلھام توختىنىڭ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنىڭ ئۈچ يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن «خىتايدىكى ئۆزگىرىش»، «خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى» قاتارلىق خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بايانات ئېلان قىلىپ، ئىلھام توختى مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن تەكىتلىدى.

«خىتايدىكى ئۆزگىرىش» تورىدا ئېلان قىلىنغان «ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىغا جازا ھۆكۈم قىلىنغان 3 يىلدىن بۇيان ئۇ ھەققىدىكى خەۋەرلەر قامال قىلىندى» سەرلەۋھىلىك دوكلاتتا خىتاي تۈرمىسىدىكى ئىلھام توختى، ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان 7 نەپەر ئوقۇغۇچى ۋە ئىلھام توختىنىڭ بېيجىڭدىكى ئائىلىسىگە ئائىت ئۇچۇرلارنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن قاتتىق قامال قىلىنغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

مەزكۇر ماقالىنىڭ ئاپتورى ساۋ ياشۆ خانىم، ئىلھام توختى ئەپەندى 2014-يىلى 22-سېنتەبىر خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغاندىن بۇيان، ئىلھام توختى مەسىلىسىنى ئۈزلۈكسىز ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقان ئاكتىپ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىدىن بىرى.

بۈگۈن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ساۋ ياشۆ خانىم، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئىلھام توختىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشتا ئىلھام توختىنىڭ ئىدىيىسىنى ۋە كۆزقاراشلىرىنى خەلقئاراغا داۋاملىق تونۇتۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «‹خىتايدا ئۆزگىرىش› تور بېكىتىمىزنىڭ ئەڭ دەسلەپ قىلغان ئىشىمىز، ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ يازمىلىرىنى ئىنگلىزچىغا تەرجىمە قىلىش خىزمىتى بولدى. بىز ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ‹شىنجاڭ سىياسىتى› ھەققىدىكى تەكلىپ-پىكىرلىرىنى، يەنى ئۇنىڭ دائىرىلەرنىڭ رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە دىنىي سىياسەتلىرى ھەققىدىكى ئانالىزلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئۇزۇن بىر ماقالىسىنى ئىنگلىز تىلىغا تەرجىمە قىلدۇق. چۈنكى بۇ ماقالە ئىلھام توختىنىڭ ئىدىيەسىنى ئەڭ روشەن ئەكس ئەتتۈرگەن ماقالە. بۇ ماقالە ئەمەلىيەتتە خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئىلھام توختىغا يەتكۈزگەن ھاۋالىسى يەنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكى مەلۇم ئەمەلدارىنىڭ ئىلھام توختىنىڭ ‹شىنجاڭ مەسىلىسى› ھەققىدىكى قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇش تەلىپى بىلەن يېزىلغان ئىكەن. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئۇيغۇر زىيالىيسىنىڭ ئاۋازىغا ئېتىبار بەرمەيلا قالماستىن ئۇنى جازالاپ تۈرمىگە تاشلىدى. مېنىڭچە، بۇ خىل ماقالە-ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىپ تونۇشتۇرۇش خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلھام توختىنى ‹بۆلگۈنچىلىك›بىلەن ئەيىبلەپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىشىنىڭ تامامەن ئاساسسىز ئىكەنلىكى ئىسپاتلاشتا مۇھىم دەلىل دېيىشكە بولىدۇ.»

ساۋ ياشۆ خانىم سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «دۇنيا ئىلھام توختى مەسىلىسىگە ئۈزلۈكسىز كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتىدۇ. ياۋروپا پارلامېنتى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى قاتارلىقلارنىڭ ھەر يىلى خىتاي بىلەن ئۆتكۈزىدىغان كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگلىرىدا ئىلھام توختى مەسىلىسى داۋاملىق ئەڭ مۇھىم مەسىلە قاتارىدا تىلغا ئېلىنىپ كېلىۋاتىدۇ. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە خەلقئارانىڭ ئاۋازىنى نەزەرگە ئالمايدىغانلىقىنى ئىپادىلەۋاتىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئىلھام توختى مەسىلىسىنى داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويۇش تېخىمۇ مۇھىم ۋە زۆرۈر.»

2008-يىلى «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى خۇ جيا ئەپەندى ئىلھام توختى تۈرمىگە كىرىشتىن ئىلگىرى ئۇنىڭ بىلەن يېقىن دوستلۇق ئورناتقان خىتاي پائالىيەتچىلىرىدىن بىرى. نۆۋەتتە ئىلھام توختىنىڭ بېيجىڭدىكى ئائىلىسى ۋە ئاتۇشتىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقىلىشىش مۇمكىن بولمىغاچقا، رادىيومىز خۇ جيا قاتارلىق خىتاي پائالىيەتچىلىرى ئارقىلىق ئىلھام توختى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەپ كەلگەن ئىدى. بۇ يىل قۇربان ھېيت مەزگىلىدە خۇ جا ئەپەندى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئىلھام توختىنىڭ بېيجىڭدىكى ئائىلىسىنىڭ ئەھۋالىنى ئاڭلاتقان ئىدى. ئەمما بۈگۈن خۇ جيا ئەپەندىگە تېلېفون قىلىپ ئىلھام ئەپەندىنىڭ بېيجىڭدىكى ئائىلىسىنىڭ يېقىنقى ئەھۋالىنى بىلىشكە تىرىشقان بولساقمۇ، ئەمما ئۇنىڭ تېلېفونى ئۇلانمىدى.

ساۋ ياشۆ خانىم بۇ ھەقتە ئىزاھات بېرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلھام توختىغا ئائىت ئۇچۇرلارنى تېخىمۇ قاتتىق قامال قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ بېيجىڭدىكى ئائىلىسى ۋە ئىلھام توختى بىلەن ئىلگىرى يېقىن ئالاقىدە بولۇپ كېلىۋاتقان بېيجىڭدىكى بىر قىسىم خىتاي زىيالىيلىرى ھەمدە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى داۋاملىق نازارەت ۋە تەقىب ئاستىغا ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

«خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» نىڭ خىتاي ئىشلىرى بۆلۈمى دىرېكتورى سوفېي رېچاردسون خانىممۇ رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلھام توختىنى ئاتالمىش «بۆلگۈنچىلىك ۋە مىللىي قۇتراتقۇلۇق» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ، تۈرمىگە تاشلىشىنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«نورمالدا ئىلھام توختىدەك بىر كىشى باشقا بىر دېموكراتىك دۆلەتتە مالىيەگە، ياكى مائارىپقا ۋە ياكى مىللەتلەر ئىشلىرىغا مەسئۇل مىنىستىر بولغان بولاتتى. بىزنىڭ قارىشىمىزچە، ئۇ مەركىزى ھۆكۈمەت بىلەن ئاز سانلىق مىللەتلەر ئارىسىدا دىئالوگ ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان تىنچلىقپەرۋەر ھەم مەسىلىلەر ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىدىغان بىر تەنقىدچى ئىدى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنى ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى. بىز مۇشۇنىڭدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەنقىدىي پىكىرلەرگە قانچىلىك دەرىجىدە دۈشمەنلىك نەزىرى بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز.»

سوفىي رېغاردسون خانىم يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئىلھام توختىنى شەرتسىز قويۇپ بېرىشنى داۋاملىق تەلەپ قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى «مەنچە، ھەممە كىشى ئۇنىڭ شەرتسىز قويۇپ بېرىلىشىنى قەتئىي تەلەپ قىلىشى كېرەك. ئۇنىڭ مەسىلىسىنى داۋاملىق تۈردە كۆتۈرۈپ چىقىش ئىنتايىن مۇھىم. بولۇپمۇ ئۇنى خىتايدىكى مىللەتلەر مەسىلىسىنى تىنچ ئۇسۇلدا بەس-مۇنازىرە ۋە ئۆز-ئارا چۈشىنىش ئارقىلىق ھەل قىلىشنىڭ بىر مىسالى سۈپىتىدە كۆرسىتىش لازىم. شۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن خىتاينىڭ ئۇنى ‹جىنايەتچى› ياكى ‹تېررورچى› قىلىپ كۆرسىتىۋاتقان ھېكايىلىرىگە رەددىيە بەرگىلى بولىدۇ.»

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلاردىن ئامېرىكىدىكى تونۇلغان ئۇيغۇر زىيالىيسى، دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندىمۇ رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

ئەركىن سىدىق ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە ئىلھام توختىغا ئوخشاش ھەققانىيەت تۇيغۇسىغا ئىگە ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى تۈركۈم-تۈركۈملەپ تۇتقۇن قىلىۋاتقانلىقىنى، پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق باستۇرۇشىغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇنداق بىر ۋەزىيەتتە ئىلھام توختى مەسىلىسىنى داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويۇشنىڭ تېخىمۇ زۆرۈر ۋە تەخىرسىزلىكىنى تەكىتلىدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/ilham-toxti-09252017163152.html

Share
2115 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.