logo

trugen jacn

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ئىلھام توختىنى قويۇۋېتىش ھەققىدە خىتايغا بېسىم قىلىشقا چاقىردى

1735482962hinainoritycholar0c373

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ياۋروپا ئىتتىپاقىنى خىتايغا ئىلھام توختى مەسىلىسىدە بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى 29-ئىيۇن كۈنى خىتاي بىلەن ئىستراتېگىيە ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنى ئۆتكۈزىدۇ. بېرۇسېلدا ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىن باشلاش ئالدىدا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى باشلىقى جىن كىلاۋد جانكىر قاتارلىقلارغا مەكتۇپ يوللاپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىگە قارىتا مەخسۇس بىر ئىستراتېگىيىسى بولۇشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇلار ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرىنىڭ خىتايغا بەزى كونكرېت تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى ئەسكەرتىپ «ياۋروپا ئىتتپاقى رەھبەرلىرى خىتايدىن تىنچلىق بىلەن كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغانلىقى ئۈچۈن ئەڭ ئېغىر بەدەل تۆلەشكە مەجبۇرلىنىۋاتقان ليۇشاۋبو، ئىلھام توختى، گاۋيۈ قاتارلىق شەخسلەرنىڭ ئازاد قىلىنىشىنى تەلەپ قىلىشى كېرەك» دېدى.

مەكتۇپتا يەنە، خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق ۋە قانۇننىڭ دەپسەندە قىلىنىشىنى ئاياغلاشتۇرۇش، خىتاينىڭ يېڭى تېررور قانۇن لايىھىسىنى بىكار قىلىش، ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتتە يۈرگۈزۈۋاتقان قاتتىق قوللۇق سىياسەتلىرىنى ئاياغلاشتۇرۇش تەلەپ قىلىنغان

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/ilham-toxti-06252015160634.html

Share
1513 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.