logo

trugen jacn

كوللېكتىپ ( توپلۇمسال )لىق دىگەن ئەينى ۋاقىتتا سىياسىدۇر

كوللېكتىپ ( توپلۇمسال )لىق دىگەن ئەينى ۋاقىتتا سىياسىدۇر

توپلۇمساللىق راتسىيونال بولمايدۇ.
ئۇ ئورتاق مەنپەئەت بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. توغرىلار بىلەن ئەمەس .
مىلادتىن ئىلگىرى 3- ئەسىردە ئىسكەندىرىيەلىك بىلىم ئىنسانلىرى چۈشەنچىنىڭ قەلىپتە ئەمەس مىڭەدە بولىدىغانلىقىنى بىلىپ يەتكەن بولسا ئەمما ئىسلام ئالىمى 1500 يىلدىن بىرى بۇنى قوبۇل قىلمىدى. ئەقىدىمىزدە چۈشەنچىنىڭ قەلىپتە بولىدىغانلىقىدىن ئىبارەت بىر ئىمان شەرتى بولغانلىقى ئۈچۈن تىخىچە قەلىپتىكى ھىسيات ۋە تۇيغۇ بىلەن ئىش قىلىش ئادىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتىمىز .
ئىنساننىڭ ھىس تۇيغۇلىرىدىكى كۈچ ئەقىل بىلەن كونتىرول قىلىنمىغاندا، پۇشايمانلىق ئىچىدە قالىمىز. قەلىپتىكى باشقىلارغا بولغان مۇھەببەت ئۇنىڭ قۇسۇرلىرىنى كۆرمەيدۇ. سىز نەپرەت قىلىدىغان بىر كىشىنىڭ توغرا تەرەپلىرىنى كۆرەلمەيسىز.
بەدەل تۆلىمەي زەپەرگە ئېرىشمەك ھېچ بىر ئىشتا يوق. ئېرىشىش ئۈچۈن ۋاز كېچىشنى ، يوقۇتۇشنى كۆزگە ئېلىشنى بىلىش كېرەك. مۆجىزىنىڭ كېلىشىنى ئۈزۈلدۈرمەي كۈتۈپ تۇرۇش ئاجىزلىقتۇر. ئىنسان ھېچ بىر ئىش قىلالماس ھالغا كەلگەندە مۆجىزە يۈز بېرىشىنى كۈتۈپ ئاللاھقا يالۋۇرۇدۇ. لىكىن بىر ئىش قىلغان كىشى ھەرگىز مۆجىزىنىڭ يۈز بېرىشىنى ساقلىمايدۇ .
ھەزرىتى ئەلىنىڭ « دۇئالىرىمنى قۇبۇل قىلمىغىنىدىن بىلدىم مەن ئاللاھنى …» دىگەن سۆزىنى ياخشى بىر ئويلاپ ، چۈشىنىپ بىقىشىمىزغا توغرا كىلىدۇ.
قانچە ئەسىرلەر بويىچە قىلىپ ياد بولۇپ كەتكەن دۇئالىرىمىز بىلەن ھەركەتلىرىمىزنى بىرلەشتۈرۈش ئۈچۈن نىمە قىلدۇق ؟!
ھەزرىتى پەيغەمبىرىمىزنىڭ بەدىر غازىتىدا ئەسكىرى، يەر تۇزىلىشى ۋە باشقا پۈتۈن تەييارلىقنى قىلىپ بولغاندىن كىيىن، چىدىرىغا كىرىپ قىلغان دۇئاسىنى سۆزلەپ كېلىۋاتىمىز .
ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ « تۆگەڭنى مەھكەم باغلا ئاندىن ئاللاھغا تەۋەككۈل قىل » دىگەن سۆزلىرىنى ھەم بىلىمىز .
بۇنى ھىكمەت دىسەك بولىدۇ ، ھىكمەتنىڭ يەنە بىر تەرىپى بولسا پەرىقلىق كۆز قاراش ۋە چۈشەنچىدىكىلەرگە، ھەم ئوخشىمىغان ئەقىدە ئىتىقاتتىكى كىشىلەرگە قارىتا خىتاپ قىلىشنى بىلىشتۇر.
پالتا بىلەن كېسىلگەندەك پارچىلانغان خەلقىمىزنى ۋەتەن_مىللەت دىگەن ئورتاق نىشان ئۈچۈن ھەركەت قىلدۇرۇشقا، كېچە كۈندۈز ئارزۇيىمىزدا بولغان مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەشكە ئاتلاندۇرۇشقا نىمە كېرەك بولسا شۇنى قىلىشقا مەجبۇرمىز. ئارزۇ ۋە ئۈمىت شۇنىڭدىن ئىبارەتكى : قولىمىزدىن كەلگەننى قىلىپ، قالغىنىغا نەتىجىنى كۈتۈشتۇر.
دۆلەت قۇرىشنى پىلانلىغانلار تەشكىلات ۋە پارتىيىلەرگە ئوخشىمايدۇ ، ئۇلارنىڭ ئايرىم بىر ئەقلى پىكرى بولىدۇ . نۆۋىتى كەلگەندە دۈشمەنلىرى بىلەن كورۈشۈپ ، مىللى مەنپەئەتى ئۈچۈن سىياسى سودا قىلىدۇ . دۇنيادا دۆلەت قۇرۇپ چىققانلارغا بىر قاراپ باقايلى…
بىز قوبۇل قىلىشىمىز مۇمكىن بولمىغان ئۇسۇللار بىلەن مۇزاكىرلەرنى قىلىپ مۇستەقىل دۆلىتىنى قۇرۇپ چىققان. دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن سىياسەت ئويناش بىزنى دىندىن چىقارمايدۇ. ئەكسىچە دۆلەتسىز قىلىش دىندىن يىراق قىلىشى مۇمكىن.
سىياسەت داۋاملىق دوست بىلەن كۆرىشىش ئەمەس، دۈشمەن بىلەنمۇ كورۈشىشنى كېرەك قىلىدۇ. دىپلوماتتىك يوللارنى ئوچۇق تۇتۇش، سودا قىلىشنى بىلىشنى شەرت قىلىدۇ .
بۇ سەۋەپتىن سىز زەئىپ ۋە ئاجىز ھالغا كەلمەيسىز. قارشىمىزدىكى « ئەقىللىق » دىگەننى يىڭىش ئۈچۈن ئۇنىڭدىنمۇ كۈچلۈك ئەقىللىق بولۇشىمىز كېرەكتۇر.
ناننى تاپالايسەن لىكىن ۋەتەننىچۇ ؟
بۇ چۈشەنچىنى ھەر بىر شەرقىي تۈركىستانلىققا ھىس قىلدۇرالايدىغان بىر ئەقىلنى تىپىپ ھەرىكەت قىلىشىمىز لازىم .
ۋەتەننى مۇستەقىل قىلىشتا پۈتۈن ئۇيغۇر، شەرقى تۇركىستانلىق بىردەكمۇ ؟
_ ئەلۋەتتە بىردەك قاراشتا .
ئەمدى مۇشۇ ۋەتەن مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ئورتاق قارارغا كەلگەنلەردىن بۇ مەقسەتلەرگە يىتىش ئۈچۈن قانداق بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشىمىزنى قولغا كەلتۈرۈش.
بۇ بىزنىڭ سىياسى ئەقلىمىزگە باغلىق. غەزەپ ۋە ئاچچىقلىنىش كۈچىمىز ئارىمىزدىكى نەپرەتنى ھەددىدىن ئاشۇرۇۋەتكەن بولسا ، كېلەچەكتىكى ئارزۇلىرىمىز ئۈچۈن دوستلۇق ۋە مۇھەببەتنى پەيدا قىلىشىمىز زۆرۈر. كىم بولۇشىدىن قەتئىنەزەر بىز بىر مىللەت بىر ۋەتننىڭ ئەۋلاتلىرى.
ئەندۇلۇستىكى مۇسالمانلارنىڭ « لا غالىبا ئىللەللاھ ….» نى قوللۇنىشنىڭ مەقسىدى نىمىدۇر ؟
بۇ بىز دەۋەتقان « لا ئىلاھە ئىللەللاھ » قا قارشى ئەمەسقۇ ؟
« ئاللاھدىن باشقا غالىپ يوقتۇر ..» بولسا ئەسكەرى بىر شۇئار . ھازىر بىزگە ئاشۇنداق بىر جاسارەت بىغىشلايدىغان ، ئەمىلى ئىشقا يۈزلىنىش ئالدىدىكى شۇئارلار بىلەن ھەركەت قىلىش ماس قەدەمدە بولىشى كېرەك . تارىق بىن زىياد قىلىچلىرى ۋە ئاتلىرى بىلەن كېلىپ ئەندۇلۇس دۆلىتىنى قۇرۇپ چىقتى . ئاندىن مەسچىت ئىشىكلىرىنىڭ ئۇستىگە « لا غالىبا ئىللەللاھ» نى يازدۇردى .

مۇئەللىم
2023. يىل مارت . ئىستانبۇل

Share
1683 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.