logo

trugen jacn

كوسوۋو مۇستەقىللىقىنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش كۆزنىكىدىن ئانالىز قىلىنىشى

ئىرفان قايا ئۈلگەر[1]
قىسقىچە مەزمۇنى

بۇ ماقالىدە، سابىق يۇگوسلاۋىيە رامكىسى ئىچىدىكى فېدېراتىپ دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولغان سېربىيەگە قاراشلىق كوسوۋو ئاپتونوم رايونىنىڭ 2008- يىلى 17 – فېۋرالدا ئۆز ئالدىغا قارار ماقۇللاپ مۇستەقىللىق ئېلان قىلىشىنىڭ ئۆز تەقدىرىنىڭ ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا زىت ياكى ئەمەسلىكى مەسىلىسى تەتقىق قىلىنىدۇ. نوپۇسىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئالبانلاردىن تەركىب تاپىدىغان كوسوۋو، تىتو ھاكىمىيىتى مەزگىلىدە ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى جەرياندا ئېغىر بېسىملارغا ئۇچرىدى، ئاساسىي ھەق – ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكلىرى چەكلەندى. 1989 – يىلى سېربىيە دائىرىلىرى ئاپتونوم رايون سالاھىيىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇۋەتكەندىن كېيىن كوسوۋودا ساقچى دۆلىتى سىياسەتلىرى ۋە زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى كۆپىيىپ كەتتى. ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈز بېرىپ قالماسلىقى ئۈچۈن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتو كوسوۋوغا ھاۋادىن مۇداخىلە قىلدى، ئارقىدىن ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 1244 – نومۇرلۇق قارارىغا ئاساسەن رايوندا خەلقئارا تۈزۈم يولغا قويۇلدى. سەككىز داۋاملاشقان ب د ت ۋە ناتو باشقۇرۇشىدىن كېيىن كوسوۋو، مارتتى ئاختىسائارى پىلانى دائىرىسىدە مۇستەقىللىق ئېلان قىلدى. گەرچە بۇ قارار خەلقئارا قانۇن نۇقتىسىدىن دەتالاشلىق بولسىمۇ، قانۇنىي ئاساسىي 1244 – نومۇرلۇق قارارغا تايىناتتى. سېربىيە دائىرىلىرىنىڭ كوسوۋولۇقلارغا قارشى ئېلىپ بارغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەرىجىسىدىكى زوراۋان قىلمىشلىرى مۇستەقىللىق قارارىنىڭ كۈچلۈك رەۋىشتە قوللاپ – قۇۋۋەتلىنىشىگە سەۋەب بولدى. دۆلەتلەرنىڭ چېگرالىرىنىڭ ئۆزگەرمەسلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكى پىرىنسىپىغا ماس كەلمىسىمۇ، پىرىشتىنا پارلامېنتىنىڭ مۇستەقىللىق قارارى ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى دەپ قوبۇل قىلىنىشى مۇمكىن. دەرۋەقە، 2015 – يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە 11 دۆلەت كوسوۋونىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلدى.

ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش، كوسوۋو مەسىلىسى، سېربىيە، سابىق يۇگوسلاۋىيە، غەربىي بالقان

1 – كوسوۋو مۇستەقىللىقىنىڭ پەردە ئارقىسى

بۇ ماقالە، مۇستەقىل كوسوۋو دۆلىتىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزىنى بەلگىلەش ھوقۇقى ھېسابلىنىپ – ھېسابلانمايدىغانلىقىنى ئانالىز قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ. سېربىيە دائىرىلىرىنىڭ 20 – ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ئالبانلارغا قارىتا بېسىم، زوراۋانلىق ۋە ئېتنىك تازىلاش سىياسەتلىرىنى يۈرگۈزۈشكە يۈزلىنىشى، پۇقرالارنى قىرغىن قىلىشقا يۈزلىنىشى بىلەن ناتو، 1999 – يىلى مارتتا كوسوۋوغا مۇداخىلە قىلدى. ئارقىدىن ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 1244 – نومۇرلۇق قارارىنىڭ روھىغا ئاساسەن، رايوندا خەلقئارا تۈزۈم ئورنىتىلدى. قارار بىلەن بىرلىكتە پائالىيەت ساھەلىرى ۋە ۋەزىپە ئېنىقلىمىلىرى روشەن شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ب د ت كوسوۋو كومىتېتى ۋە تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرى قۇرۇلمىسى ئورنىتىلدى. بۇ مەزگىلدە سېرب ۋە ئالبان تەرەپلىرى ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتلەردىن كونكرېت ئۈنۈم ھاسىل قىلىنمىدى. مەسىلىگە چارە ئىزدەش دائىرىسىدە فىنلاندىيەنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى مارتتى ئاختىسائارى كوسوۋو توغرىسىدا دوكلات تەييارلاش ۋەزىپىسى تاپشۇرۇلدى.

كوسوۋودا 8 يىل داۋاملاشقان خەلقئارا تۈزۈمدىن كېيىن 2008 – يىلى 17 – فېۋرالدا كوسوۋو پارلامېنتى تەرىپىدىن مۇستەقىللىق ئېلان قىلىش قارارى قىلىندى. ئاختىسائارى دوكلاتى ئاساس قىلىنغان ھالدا ئېلان قىلىنغان مۇستەقىللىق خەلقئارا جەمئىيەتتە يېڭى بىر بەس – مۇنازىرىنىڭ پىلتىسىگە ئوت ياقتى. سابىق يۇگوسلاۋىيە دەۋرىدە فېدېراتىپ دۆلەت سالاھىيىتىگىمۇ ئىگە بولمىغان سېربىيەگە قاراشلىق كوسوۋو ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇستەقىللىق ئېلان قىلىشىغا بېلگراد دائىرىلىرى نارازىلىق بىلدۈرگەن بولسا، خەلقئارا جەمئىيەت ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنىڭ چەك – چېگراسىنىڭ قەيەردە باشلىنىپ قەيەردە ئاخىرلىشىدىغانلىقى توغرىسىدا بەس – مۇنازىرە باشلاندى. بۇ ماقالىنىڭ بىرىنچى بۆلۈمىدە سابىق يۇگوسلاۋىيە چېگراسى ئىچىدىكى كوسوۋو ئاپتونوم رايونىنىڭ سالاھىيىتى ۋە مۇستەقىللىقىنىڭ قەدەممۇ قەدەم قانداق ئەمەلگە ئاشقانلىقى تەتقىق قىلىنىدۇ. كوسوۋونىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسى ۋە سابىق يۇگوسلاۋىيە دەۋرىدىكى سىياسەتلەرنىڭ كوسوۋوغا كۆرسەتكەن تەسىرلىرى، رايوننىڭ سېرب مىللەتچىلىرىگە نىسبەتەن ئەھمىيىتى، تىتونىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەر ۋە قەدەممۇ قەدەم ئىلگىرىلىگەن مۇستەقىللىق مۇساپىسى مۇھاكىمە قىلىنىدۇ. ئىككىنچى بۆلۈمىدە بولسا، كوسوۋونىڭ مۇستەقىللىق قارارىنىڭ تەسىرى ۋە رايوننىڭ كېلەچىكىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھاكىمىلەر بىلەن بىرگە مۇستەقىللىقنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا قانچىلىك چۈشىدىغانلىقى مەسىلىسى نەزەرىيەۋى رامكا ۋە دۇنيادىكى مىساللىرى نەزەردە تۇتۇلغان ھالدا ئانالىز قىلىنىدۇ.

1.1 1990 – يىللاردا يۇگوسلاۋىيە ۋە كوسوۋو

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن 1946 – يىلى جوسېپ بروز تىتو تەرىپىدىن يېڭىدىن قۇرۇلغان يۇگوسلاۋىيەنىڭ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى فېدېراتسىيە دەپ بېكىتىلگەنىدى. ئالتە جۇمھۇرىيەت ۋە ئىككى ئاپتونوم رايوندىن تەشكىل تاپقان دۆلەتنىڭ مەمۇرىي قۇرۇلمىسى مەۋجۇتلۇقىنى قىسمەن ئۆزگەرتىشلەر بىلەن 1990 – يىللارغىچە داۋاملاشتۇردى. 1946 – يىلىدىكى يۇگوسلاۋىيە ئاساسىي قانۇنىنىڭ بىرىنچى ماددىسىغا ئاساسەن، فېدېراتسىيەنىڭ تەركىبىدىكى فېدېراتىپ جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى بار ئىدى. بۇ ھوقۇقنىڭ دائىرىسى كەڭ قويۇۋېتىلگەن بولۇپ، ئايرىلىپ چىقىپ كېتىش ھوقۇقىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى تېكىستتە ئېنىق بايان قىلىنغانىدى[2].

فېدېراتىپ دۆلەت تېررىتورىيەسىدىكى ئاپتونوم رايونلارنىڭ سالاھىيەتلىرى تەدرىجىي كېڭەيتىلگەن بولۇپ، 1974 – يىلىدىكى ئاساسىي قانۇن ئارقىلىق بەزى ساھەلەردە فېدېراتىپ دۆلەتلەر بىلەن تەڭداش ياكى ئوخشاش سالاھىيەتكە ئىگە بولدى. نېمىشقىدۇر تىتودىن كېيىنكى مەزگىلدە سېربىيە پىرېزىدېنتى بولغان سلوبودان مىلوشېۋىچنىڭ 1989 – يىلى ۋويۋودىنا ۋە كوسوۋونىڭ ئاساسىي قانۇننىڭ كاپالىتى ئاستىدىكى ئاپتونوم سالاھىيىتىگە بىر تەرەپلىمە ھالدا خاتىمە بېرىشى، يۇگوسلاۋىيەدىكى سەزگۈر تەڭپۇڭلۇقنىڭ يوقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. فېدېراتسىيە ئاساسىي قانۇنىغا زىت بولۇشىغا قارىماي، سېربىيەنىڭ ئۆز چېگرالىرى ئىچىدىكى ئىككى رايون توغرىسىدا چىقارغان قارارى، يۇگوسلاۋىيەنىڭ پارچىلىنىش مۇساپىسىنىڭ قوزغاتقۇچ رولىنى ئوينىدى. ئاساسىي قانۇنغا زىت قىلمىشى تۈپەيلى سېربىيە دائىرىلىرىگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈلگەندىن كېيىن، فېدېراتىپ جۇمھۇرىيەتلەردە ئارقا – ئارقىدىن يېڭى سىياسىي پارتىيەلەر قۇرۇلدى، شۇنىڭ بىلەن، «كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت مونوپوللۇقى ۋە باشلامچى رولى» ئاخىرلاشتى.

1990 – يىللارنىڭ باشلىرىدا يۇگوسلاۋىيەنىڭ فېدېراتىپ جۇمھۇرىيەتلىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن سايلاملاردا يېڭى قۇرۇلغان مىللەتچى ئىدېئولوگىيەگە ئىگە سىياسىي پارتىيەلەر ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى. پەقەت سېربىيەدىكى سايلاملاردىلا گەۋدىلىك ئۆزگىرىش بولمىدى، سايلامدا سېربىيە كوممۇنىستىك پارتىيەسى غەلىبە قىلدى. بۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇ يەردىمۇ بىر تەرەپتىن ئاشقۇن مىللەتچى پارتىيەلەر قۇرۇلدى. يەنە بىر تەرەپتىن ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەنىڭ ئىسمى سوتسىيالىست پارتىيەگە ئۆزگەرتىلدى. سايلاملاردىن كېيىن فېدېراتىپ جۇمھۇرىيەتلەر ئارقا – ئارقىدىن دەسلىپىدە ئىگىلىك ھوقۇق، ئارقىدىن مۇستەقىللىقلىرىنى ئېلان قىلدى. كىرودىيە بىلەن سىلوۋېنىيەنىڭ 1991 – يىلى بىرلا ۋاقىتتا مۇستەقىللىق ئېلان قىلىشى بىلەن باشلانغان پارچىلىنىش مۇساپىسى، يۇگوسلاۋىيە مىقياسىدا يىللارچە داۋاملىشىدىغان توقۇنۇشلارغا يول ئاچتى. سىلوۋېنىيە بىلەن كىرودىيەنىڭ مۇستەقىللىقىنى بىرىنچى بولۇپ ئېتىراپ قىلغان دۆلەت گېرمانىيە بولدى، ئارقىدىن باشقا دۆلەتلەر ئەگەشتى. 1991 – يىلى نويابىردا ماكېدونىيە مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلغاندا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بۇرۇندىنلا بۇ يەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان «توقۇنۇشنىڭ ئالدىنى ئېكىش كۈچلىرى» نىڭ مەۋجۇتلۇقى يۈزىسىدىن سېربىيە ھەرىكەتسىز قالدى، باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئامېرىكا ئەسكەرلىرى بولغانلىقى ئۈچۈن ماكېدونىيەگە ھۇجۇم قىلىشقا پېتىنالمىدى. 1992 – يىلى مارتتا بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنا جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى سارايېۋودىكى سېربىيە ھەيئىتى نارازىلىق بىلدۈرۈپ ئىشتىراك قىلمىغان پارلامېنت يىغىندا بولسا، كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلغان كىروۋات ۋە بوشناقلارنىڭ ئورتاق قارارى بىلەن مۇستەقىللىق ئېلان قىلىندى، قاراردىن كېيىنلا باشلانغان توقۇنۇشلار ئۈچ يېرىم يىل داۋاملاشتى (Loger, 2004; Magas, 1993; Woodward, 1995).

دايتون كېلىشىمىگە ئاساسەن بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنادا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كاپالەتچىلىكى ئاستىدا ئورنىتىلغان تىنچلىق بىر تەرەپتە مۇقىملىق ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، يەنە بىر تەرەپتە بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنانىڭ قول – پۇتىنى چۈشەپ قويغان، دۆلەتنىڭ دىنامىكىسى، خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىشى ۋە تەرەققىياتىغا توسالغۇلۇق پەيدا قىلدى. كېلىشىم ئارقىلىق بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنادا زېمىننىڭ %51 ى بوشناق – كىروۋات فېدېراتسىيەسىگە، %49 ى بوسنىيە سېرب جۇمھۇرىيىتىگە بېرىلدى[3].

كېلىشىم سابىق يۇگوسلاۋىيە جۇغراپىيەسىنىڭ بەش بۆلەككە ئايلىنىشىنى جەزملەشتۈردى. سابىق يۇگوسلاۋىيەدىن ئېشىپ قالغان سېربىيە بىلەن قاراتاغ جۇمھۇرىيەتلىرى 1992 – يىلى ئۆزئارىسىدا يېڭى يۇگوسلاۋىيە فېدېراتسىيەسىنى قۇرۇپ چىقتى. سابىق يۇگوسلاۋىيەنىڭ ۋارىسى ۋە قانۇنىي مىراسخورى دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان بۇ نامغا باشقا جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ نارازىلىق بىلدۈرۈشى بىلەن، دۆلەتنىڭ نامىدىن كېيىنچە سېربىيە – قاراتاغ دەپ ئۆزگەرتىلدى. 2006 – يىلى 21 – مايدا قاراتاغدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇستەقىللىق توغرىسىدىكى ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتىدە بولسا، ئاۋاز قاتناشتۇرغۇچىلارنىڭ %55ى بۆلۈنۈشنى قوللاپ بېلەت تاشلىدى. نەتىجىدە 2006 – يىلى 3 – ئىيۇندا سېربىيە بىلەن قاراتاغ بىر – بىرىدىن ئايرىلدى[4].

1989 – يىلى سېربىيەگە قاراشلىق مەزگىلىدە ئاپتونومىيە ھوقۇقلىرىغا مىلوشېۋېچ تەرىپىدىن خاتىمە بېرىلگەن رايونلارنىڭ بىرىنچىسى بولغان ۋويۋودىنادىكى ئاز سانلىق ۋېنگىرلارنىڭ بىر قىسمى ئىچكى ئۇرۇش يىللىرىدا ۋېنگىرىيەگە كۆچۈپ كەتتى. كوسوۋودا بولسا، ئالبانلار بىلەن سېربلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپ 1990 – يىللارنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە تېخىمۇ ئەزۋەيلەپ كەتتى. 1990 – يىللاردا كوسوۋودا ئىبراھىم رۇگوۋانى پاسسىپلىق ۋە مەغلۇپ بولۇش بىلەن ئەيىبلىگەن بىر كۈچ ئوتتۇرىغا چىقتى؛ كوسوۋو ئازادلىق ئارمىيەسى ناملىق يېڭى بىر سىياسىي ھەرىكەت بىلەن سېربىيە دائىرىلىرى ئارىسىدىكى كۈرەشنىڭ كۈندىن كۈنگە كەسكىنلىشىشى ۋە پۇقرالارغا قارىتىلغان زوراۋانلىقنىڭ كۈچىيىپ كېتىشى ناتونىڭ سېربىيەگە مۇداخىلە قىلىشىغا يول ئاچتى.

يەنە بىر دەتالاشلىق رايون بولغان ماكېدونىيەدىكى كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىدىغان ماكېدونلار بىلەن ئاز سانلىق مىللەتلەر ئارىسىدا پات – پات توقۇنۇشقا ئايلىنىپ كەتكەن سۈركىلىش، 2001- يىلى 31 – دېكابىردا ئىمزالانغان ئوخرىد كېلىشىمى تۈرتكىسىدە ئورنىنى يارىشىشقا بوشىتىپ بەردى[5].

كېلىشىم ئارقىلىق ماكېدونىيەدە ياشايدىغان ئېتنىك گۇرۇپپىلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى، تىل قاتارلىق بەزى ھەق – ھوقۇقلىرى ماكېدونىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى. ماكېدونىيەدىكى ئازسانلىقلارنىڭ ئومۇمىي نوپۇس ئىچىدىكى نىسبىتى ئالبانلارنىڭ %25، تۈركلەر %3.8، رومانلار %2.6 ئىدى[6]. ئوخرىد كېلىشىمىدىن كېيىن، ھۆكۈمەتنىڭ ئازسانلىقلارنىڭ ھوقۇقىغا ئالاقىدار كېرەكلىك قەدەملەرنى تاشلىمىغانلىقى، كېلىشىم رامكىسىنىڭ تولدۇرۇلمىغانلىقى كۆپلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ، بۈگۈنگىچە ئېتنىك گۇرۇپپىلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ باقمىدى.

2.1 كوسوۋونىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسى

بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى سېرب – كىروۋات – سىلوۋېن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلىشىدىن تازامانىمىزغىچە كوسوۋودا نوپۇسنىڭ كۆپ سانلىقىنى ئالبانلار تەشكىل قىلىپ كەلدى. كوسوۋودىن باشقا بالقان رايونلىرىدىكى ئالبانلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان باشقا رايونلار ماكېدونىيە ۋە ئالبانىيەدۇر. ماكېدونىيەدە نوپۇسنىڭ تۆتتىن بىرى ۋە 1912 – يىلى قۇرۇلغان ئالبانىيە دۆلىتىدە بولسا ھەممىسى ئالبانلاردىن تەشكىل تاپىدۇ.

كوسوۋودا قانچىلىك ئالبان بارلىقى مەسىلىسى ئىزچىل ھالدا دەتالاش تېمىسى بولۇپ كەلدى. 1981 – يىلى يۇگوسلاۋىيە پارچىلىنىپ كېتىشتىن ئىلگىرى ئېلىپ بېرىلغان رەسمىي نوپۇس ئېنىقلاشتا كوسوۋو ئاپتونوم رايونىنىڭ نوپۇسى 1 مىليون 580 مىڭ چىققانىدى. بۇ ساننىڭ %77 ىنى ئالبان، %14.9 ىنى بولسا سېرب ۋە قاراتاغلىقلار تەشكىل قىلاتتى. كوسوۋودىكى ئالبان ئەمەسلەرنىڭ سانى بولسا، 236 مىڭ 526 دەپ ئېلان قىلىنغانىدى. 1991 – يىلىدىكى نوپۇس ئېنىقلاشنى ئالبانلار بايقۇت قىلدى. شۇنداقتىمۇ ئاساسەن مۆلچەرلەرگە تايانغان ھالدا ئېلان قىلىنغان رەسمىي سان رايوننىڭ ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 1 مىليون 970 ئىكەنلىكى، بۇ ساندا ئالبانلارنىڭ نىسبىتىنىڭ %82.3 نى، سېرب ۋە قاراتاغلىقلارنىڭ بولسا، %10.9 نى تەشكىل قىلىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ئىدى.[7] ئېلان قىلىنغان سان – سېپىرلارغا نە ئالبانلار، نە سېربلار قايىل قىلارلىق دەپ قارىمىدى.

2003 – يىلى ب د ت نىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا تۇرۇۋاتقان مەزگىلدە كوسوۋو ئىستاتىستىكا ئىشخانىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان رەسمىي دوكلاتتا بولسا، كوسوۋو نوپۇسى 1 مىليون 900 دەپ ئېلان قىلىندى. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئالبان ۋە سېربلارنىڭ نوپۇس ئىچىدىكى نىسبىتى تەرتىپى بويىچە %88 ۋە %7 ئىدى. كوسوۋو ئىستاتىستىكا ئىشخانىسىدىن ئېلىنغان ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 2014 – يىلى رايوننىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 1 مىليون 804 مىڭ 944 تۇر[8].

سابىق يۇگوسلاۋىيە تەۋەلىكىدە كوسوۋودىن باشقا ئالبانلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان دۆلەت ماكېدونىيە بولۇپ، ئۇلار ئاساسلىقى ئوخرىد كۆلىنىڭ شىمالىدىكى سترۇگاردىن باشلاپ گوستىۋار ۋە تېتوۋانى ئۆز ئىچىگە ئالغان جايلاردا ياشىماقتا. ئۈسكۈپنىڭ شىمالىدىكى رايونلاردىمۇ ئالبان نوپۇسى كۆپتۇر. 2002 – يىلى نوپۇس ئېنىقلاشقا ئاساسلانغاندا، ماكېدونىيەدە ياشايدىغان ئالبانلارنىڭ سانى 509 مىڭ 83 تۇر (Judah, 2008:6). بۇنىڭدىن باشقا سېربىيە چېگرالىرى ئىچىدە 61 مىڭ ئالبان بار. سېربىيەدە ياشايدىغان ئالبانلار ئاساسلىقى كوسوۋوغا يېقىن پرېشوۋا ۋادىسىدا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. 2006 – يىلى سېربىيە ئايرىلغان قاراتاغ جۇمھۇرىيىتىدە بولسا، ئالبانلار نوپۇسى %4.9 نى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، سانى 31 مىڭدۇر[9]. ئىتالىيەنىڭ ئاربەرىش ئازسانلىقلىرى ۋە گىرېتسىيەنىڭ چامېرىيا رايونىدىكى چام خەلقىنىڭمۇ ئەسلى كېلىپ چىقىشى ئالباندۇر.

بالقان رايونىدىكى ئالبانلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان دۆلەت ئالبانىيەدە بولسا، نوپۇس 3 مىليون 100 مىڭدۇر. كوممۇنىزمنىڭ يىمىرىلىشىدىن كېيىن خىزمەت ئىزدەش ۋە تېخىمۇ ئەۋزەل شارائىتتا تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىستىكى تۈپەيلى ئالبانىيەدىن نۇرغۇن ئادەم كۆچۈپ كەتتى. بۇ مەزگىلدە ئالبانىيەدىن كەتكەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى گىرېتسىيە ۋە ئىتالىيەگە ئورۇنلاشتى. زامانىمىزدا ئالبانىيە ئاھالىسىنىڭ %80 ى مۇسۇلمان، قالغانلار بولسا كاتولىك ۋە ئورتودوكسلاردۇر. ئالبانىيەنىڭ شىمالدىكى رايونلىرى ۋە كوسوۋودا خەلق ئالبانچىنىڭ غوگ شېۋىسى، جەنۇبتا بولسا توسك شېۋىسىدە سۆزلىشىدۇ.

بالقان رايونلىرىدا ياشايدىغان ئالبانلارنىڭ كۆپ سانلىقى ئىسلامنى ئوسمانلى دەۋرىدە قوبۇل قىلدى. ئوسمانلى دۆلەت تەشكىلاتىدا كۆپ ساندا ئالبان ۋەزىپە ئۆتىدى. 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 20 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا بالقان خەلقلىرى مىللەتچى ئىدېئولوگىيەنىڭ ئارقىسىدىن چېپىۋاتقاندا، ئالبانلار ئوسمانلى ھۆكۈمرانلىقىنىڭ داۋاملىشىشىغا ھەمدەم بولۇش يولىدا پائالىيەت ئېلىپ باردى. گىرېتسىيەنىڭ 1830- يىلى، سېربىيە ۋە قاراتاغنىڭ 1878 – يىلى مۇستەقىللىققا ئېرىشىشىدىن كېيىن بالقان رايونلىرىدا ياشايدىغان ئالبانلار بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش ۋە مىللىي ئاڭنى جانلىق ساقلاپ قېلىش مەقسىتىدە 1878 – يىلى پرىزرەن بىرلىكىنى قۇرۇپ چىقتى. سېربىيە ۋە قاراتاغ چېگرالىرىنىڭ سىرتىدا قالغان ئالبانلارنىڭ بىرلىكىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بۇ تەشكىلاتنىڭ پائالىيەتلىرى نەتىجىسىدە بالقان ئۇرۇشلىرى مەزگىلىدە يەنى 1912 – يىلى ئالبانىيە دۆلىتى قۇرۇلدى (Yigit: 2009:2465).

3.1 سېرب مىللەتچىلىرىنىڭ نەزىرىدىكى كوسوۋو

سېربلار كوسوۋونى مىللىي كىملىكلىرىنىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى دەپ قارايتتى. بولۇپمۇ 1398 – يىلىدىكى بىرىنچى كوسوۋو ئۇرۇشى بىر سىمۋول سۈپىتىدە ئوبرازلاشتۇرۇلۇپ، ئوسمانلىنىڭ غەلىبىسى بىلەن ئاخىرلاشقان ئۇرۇشنىڭ يىل ئايلىنىش ۋاقتى سېربلار تەرىپىدىن مىللىي ئاڭنى جانلاندۇرۇش مەقسىتىدە ناھايىتى مۇراسىملار ئۆتكۈزۈلۈپ خاتىرىلەنمەكتە ئىدى. سېربلار، ئوتتۇرا ئەسىر سېرب خانلىقىنىڭ يىمىرىلىشى بىلەن تۈگەنلەنگەن كوسوۋو ئۇرۇشىنى كوسوۋودا تارىخىي ھەققى بارلىقىنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە سۇيىئىستېمال قىلماقتا ئىدى.

1912 –يىلى بالقان ئۇرۇشلىرى مەزگىلىدە سېربلار كوسوۋونى ئوسمانلى دۆلىتىدىن ئېلىۋالغان بولسىمۇ، 1915 – يىلى تارتقۇزۇپ قويدى. ئۇرۇشتىن كېيىن كوسوۋو رايونى ئىتتىپاقداشلارنىڭ تىرىشچانلىقلىرى سايىسىدا يېڭى قۇرۇلغان سېرب – كىروۋات – سىلوۋېن خانلىقىغا بېرىلدى. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە گېرمانىيە بىلەن ئىتالىيەنىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدا قالغان كوسوۋوغا ئۇرۇشتىن كېيىن، تىتو تەرىپىدىن قايتىدىن قۇرۇلغان ئىككىنچى يۇگوسلاۋىيەدە سېربىيەگە قاراشلىق ئاپتونوم رايون سالاھىيىتى بېرىلدى. سابىق يۇگوسلاۋىيەدە سېربلارنىڭ كوسوۋودا ھەققى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشى، ھاكىمىيەتنىڭ بېسىم ئىشلەتكۈچى خاراكتېرىگە خاتىمە بېرىلگەن 1966 – يىلىدىن كېيىن كۈچىيىپ كەتتى. كوسوۋو ئالبانلىرىنىڭ يېڭى ھوقۇقلارنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا باشلىغان نامايىشلىرى ۋە فېدېراتىپ جۇمھۇرىيەت سالاھىيىتىنىڭ بېرىلىشى توغرىسىدىكى تەلەپلىرى، سېرب مىللەتچىلىرى تەرىپىدىن خەلقنى قوزغىتىش يولىدا سۇيىئىستېمال قىلىندى. سابىق يۇگوسلاۋىيەنىڭ ئەڭ ئارقىدا قالغان رايونى بولغان كوسوۋودا ئىقتىسادىي سەۋەبلەر تۈپەيلى مەيدانغا كەلگەن كۆچ ھادىسىسى، رايوندا ياشايدىغان سېربلار سانىنىڭ تېخىمۇ ئازلاپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. كوسوۋودىن سېربلارنىڭ كۆچۈشى 1999 – يىلىدىكى ناتو مۇداخىلىسىدىن كېيىنمۇ ئىزچىل داۋاملاشتى، ئۇ مەزگىلدە رايوندىن چىقىپ كەتكەن سېربلارنىڭ سانى 100 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى (Judah, 2008:14). ئەپسۇسكى، سېرب مىللەتچىلىرى كوسوۋودىكى سېرب نوپۇسىنىڭ ئازىيىشىغا غەرەزلىك ھالدا «ئېتنىك تازىلاش»نىڭ مەھسۇلى، دەپ قارىدى.

ئوسمانلى دۆلىتى مەزگىلىدە كوسوۋونىڭ پەتھى قىلىنىشى ۋە ئوتتۇرا ئەسىر سېرىپ خانلىقىغا خاتىمە بېرىلىشى، مىللەتچىلەرنىڭ دەۋا قىلىۋاتقانلىرىنىڭ ئەكسىچە سېربلارنىڭ ئۇ رايوندا ھەققى بارلىقىنى كۆرسەتمەيتتى. چۈنكى، دۇنيانىڭ ھەرقانداق بىر رايونى مۇئەييەن دەۋرلەردە مۇئەييەن خانلىقلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا كىرگەن ئەھۋاللار مەۋجۇتتۇر. سېربلارنىڭ كوسوۋودىن كۆچۈشى ئوسمانلى ھۆكۈمدارلىقىنىڭ باشلىنىشىدىن كېيىنلا باشلانغان بولۇپ، رايوندا ياشايدىغان سېربلارنىڭ بىر قىسمى جايلارغا كۆچۈپ كەتكەنىدى. ئوسمانلى دەۋرىدە سېربىيە ۋە كوسوۋودىكى بازارلاردا تۈركلەر بىلەن مۇسۇلمانلار ئاساسىي ئورۇندا تۇراتتى. كوسوۋوغا 1918 – يىلى قۇرۇلغان سېرب – كىروۋات – سىلوۋېن خانلىقى مەزگىلىدە 70 مىڭ سېرب ئولتۇراقلاشتۇرۇلدى. مۇستەملىكىلەشتۈرۈش دەپ ئاتىلىدىغان بۇ سىياسەتنىڭ تۈپ نىشانى رايوننىڭ ئېتنىك جەھەتتىن بىر خىللاشتۇرۇلۇشى، باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا ئالبانلارنىڭ تازىلىنىشىدۇر (Malcolm, 1998: 269). تىتو مەزگىلىدە بولسا رايوندا ئەكسىچە كۆچۈش دولقۇنى كۆتۈرۈلدى. سېربلارنىڭ كوسوۋودىن چىقىپ كېتىشلىرى ئاساسەن ئىقتىساد سەۋەبلەرنى چىقىش قىلاتتى. چۈنكى كوسوۋو سابىق يۇگوسلاۋىيەنىڭ ئەڭ ئارقىدا قالغان رايونى ئىدى. بۇ سەۋەبتىن كوسوۋو سېربلىرى تۇرمۇشى تېخىمۇ باياشات بولغان سېربىيە ۋە بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنانىڭ باشقا رايونلىرىغا، خۇسۇسەن تېرىقچىلىققا باب كېلىدىغان ۋويۋودىناغا كۆچتى. يەنە بىر تەرەپتىن ئاساسلىقى گېرمانىيە بولۇپ 1969 ۋە 1970 – يىللاردىكى غەربىي ياۋروپاغا كۆچمەن ئىشچى بولۇپ بېرىش دولقۇنىنىڭ تەسىرىگە كوسوۋودا ياشايدىغانلارمۇ ئۇچرىدى. نۆۋەتتە گېرمانىيەدە 700 مىڭ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا 1 مىليون 800 مىڭ ۋە كانادادا 700 مىڭ سېرب كۆچمەن ياشىماقتا (Judah, 2008:16). بۇلارنىڭ قانچىلىكىنىڭ سېربىيەدىن، يەنە قانچىلىكىنىڭ كوسوۋودىن كەتكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىقىش مۇمكىن ئەمەس. سېربىيەدىن غەربكە كۆچۈش ھازىرقى كۈندىمۇ داۋام قىلماقتا. دېمەك، سېربلارنىڭ كوسوۋودىن چىقىپ كېتىشى ۋە رايوندىكى سېرب نوپۇسىنىڭ ئازىيىپ كېتىشىنىڭ كۆپ خىل سەۋەبلىرى بار بولۇپ، سېرب مىللەتچىلىرىنىڭ «ئېتنىك تازىلاش» دەۋالىرىنىڭ ئاساسىي يوقتۇر.

يەنە بىر تەرەپتىن كوسوۋونىڭ سېربلار تەرىپىدىن بىر ئەپسانە سۈپىتىدە پايدىلىنىلغانلىقى، سېرب مىللىي ئېڭىنىڭ كوسوۋولۇقلارنىڭ ناھەقچىلىككە ئۇچرىشىغا تايانغانلىقىمۇ بىر رېئاللىقتۇر. «ئانا ۋەتەن كوسوۋو» ئەپسانىسى سېربلار ئارىسىدا كەڭ ئومۇملاشقان بولۇپ، تىتودىن كېيىن مەزگىلدە سېرب مىللەتچىلىرى بۇ ئەپسانىنى پۇرسەتلا تاپسىلا كۈنتەرتىپكە كىرگۈزۈپ تۇردى. ئەپسانىگە كۆرە، 1389 – يىلى 28 – ئىيۇندا كوسوۋو ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولغان سېرب خەلقى «تەڭرى تەرىپىدىن تاللانغان خەلق» مەرتىۋىسىگە كۆتۈرۈلگەن. ئۇرۇش مەيدانىدا دۇنيەۋىي ۋە ئۇخرەۋىي (دۇنيالىق ياكى ئاخىرەتلىك) ئىمپېراتورلۇقتىن بىرىنى تاللاشقا مەجبۇر بولۇپ قالغان چار لازار، ئۇخرەۋىي ئىمپېراتورلۇقنى تاللىغان. ئوسمانلى دۆلىتى ئالدىدا مەغلۇپ بولغان بولسىمۇ، بۇ ئۇرۇش نەتىجىسىدە تەڭرى تەرىپىدىن تاللانغان خەلق دەپ قوبۇل قىلىنىش مەرتىۋىسىگە يەتكەن (Lugar, 2005: 47-49).

1989 – يىلى 28 – ئىيۇندا ئۆز دەۋرىنىڭ سېربىيە پىرېزىدېنتى سلوبودون مىلوشېۋىچنىڭ كوسوۋو ئۇرۇشى يۈز بەرگەن گازىمېستاندا توپلانغان 1 مىليون سېرب ئالدىدا قىلغان قۇتراتقۇچى سۆزلىرى، سېرب مىللىي ئېڭىدىكى كوسوۋونىڭ ئورنىنى ئىپادىلەپ بەرگۈچى ھۆججەت ھېسابلىنىدۇ. مىلوشېۋىچ، سۆزىدە 600 يىل ئىلگىرى يۈز بەرگەن ئۇرۇشتا سېربلارنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى، بىراق، بۇنىڭ يېڭىلىش ھېسابلانمايدىغانلىقىنى، سېرب مىللىي ئېڭىدا كوسوۋونىڭ ھەردائىم جانلىق ئىكەنلىكىنى ۋە ئۆزلىرىگە ماياك بولۇپ كەلگەنلىكىنى، قەيەردە ياشىسا ياشىسۇن، سېربلار بار ھەرقانداق يەرنىڭ سېربىيە ئىكەنلىكىنى، قەتئىي ئارقىغا داجىمايدىغانلىقلىرىنى ۋە كوسوۋودىن ھېچبىر شەكىلدە ۋاز كەچمەيدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى[10].

سېربلار يەنە كوسوۋودىكى ئورتودوكس چېركاۋلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە نىسبەتەن تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ رايوننىڭ سېربلارنىڭ ئانا ۋەتىنى ئىكەنلىكىنىڭ ھۆججىتى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. پەج، دەچان ۋە گراجانىچدىكى چېركاۋ ۋە مۇناستېرلار، بۇ دەۋانى جەزملەشتۈرۈش ئۈچۈن پات – پات جامائەتچىلىكنىڭ كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈلمەكتە. چار دۇشانغا 1346 – يىلى «سېربلارنىڭ ۋە گرەكلەرنىڭ ئىمپېراتورى» دېگەن نامنىڭ بېرىلىشى، سېرب خانى لازارنى كوسوۋو ئۇرۇشىدىكى مەغلۇبىيىتىگە ئوخشاش تارىخىي ۋەقەلەر، سېرب ئەدەبىياتىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن بولۇپ، داڭلىق تىلشۇناس ۋۇك كارادزىچنىڭ تارىخىي ۋەقەلەر تەسۋىرلەنگەن شېئىرلىرى سېرب خەلق ئەدەبىياتىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى مەنبەلىرىنىڭ بىرى ھېسابلانماقتا (Judah, 2008:21-25).

كوسوۋو 2008 – يىلى 17 – فېۋرالدا مۇستەقىللىق ئېلان قىلىپ 4 كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، بېلگرادتا 200 مىڭ ئادەم ئىشتىراك قىلغان بىر نامايىشتا باش مىنىستىر ۋوجىسلاۋ كوستۇنىكا، بىر ئوتوپىك ئىدېئولوگىيەگە ئايلانغان كوسوۋو ھەققىدىكى قاراشلىرىنى بايان قىلىپ، «كوسوۋو سېربىيەنىڭ ئالدىنقى نامىدۇر. كوسوۋو سېربىيەگە تەۋەدۇر، سېرب خەلقىگە ئائىتتۇر. بۇ زاماننىڭ باشلانغۇچىدىن بۇيان مۇشۇنداقتۇر ۋە مەڭگۈ مۇشۇنداق داۋاملىشىدۇ. ھېچبىر كۈچ، ھېچبىر تەھدىت بۇنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ.» دېدى[11].

4.1 1990 – يىللاردا كوسوۋو

1980 – يىلى 4 – مايدا جوسىپ بروز تىتونىڭ ۋاپات بولۇشى بىلەن بىرلىكتە يۇگوسلاۋىيە سىياسىي تارىخىدا يېڭى بىر دەۋر باشلاندى. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ يۇگوسلاۋىيەگە ھۆكۈمدار بولغان تىتو، دەسلىپىدە سوۋېت مودېلى كوممۇنىزمنى ئاساس قىلغانىدى. «يۇگوسلاۋ ستالىنىزمى» دەپمۇ ئاتىلىدىغان تىتونىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا، دۆلەت تەۋەلىكىدە خۇسۇسىي مۈلۈك مەنئىي قىلىنغان، كوللېكتىپ تېرىقچىلىق ساھەلىرى بار دېھقانچىلىق رايونلىرى قۇرۇلغان، كوممۇنىستىك پارتىيەدىن باشقا بارلىق سىياسىي ھەرىكەتلەر قانۇنسىز، دەپ ئېلان قىلىنغانىدى. تىتونىڭ ستالىن بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يىرىكلىشىشىگە ئەگىشىپ، يۇگوسلاۋىيەدە سوۋېت مودېلىدىن پەرقلىنىدىغان، قىسمەن لىبېرال ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە ئۆز – ئۆزىنى باشقۇرۇش دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل تۈزۈم يولغا قويۇلدى. يۇگوسلاۋىيەدە 1960 – يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا بولسا، قوشما ئىقتىساد دەپ ئاتاشقىمۇ بولىدىغان «بازار سوتسىيالىزمى» باشلاندى. تىتو ھۆكۈمدارلىقىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا ھۆكۈمەتنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىدا سېرب، كىروۋات ۋە سىلوۋېن تەڭپۇڭلۇقى ساقلاندى. پىرېزىدېنت بولغان تىتونىڭ ئېتنىك كېلىپ چىقىشى كىروۋات ئىدى، داڭلىق ئىدېئولوگ ئېدۋارد كاردېلج سىلوۋېن ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى باشلىقى ئالېكساندر رانكوۋىچ بولسا سېرب ئىدى. دۆلەتنىڭ ئىدارە قۇرۇلمىسى 1936 – يىلىدىكى سوۋېت ئاساسىي قانۇنىدىن پايدىلانغان ھالدا تۈزۈپ چىقىرىلغان 1946 – يىلىدىكى يۇگوسلاۋىيە ئاساسىي قانۇنىنى ئاساس قىلاتتى. ئۇنىڭدا كۆرسىتىلىشىچە، سوتسىيالىستىك يۇگوسلاۋىيەدە 6 فېدېراتىپ جۇمھۇرىيەت ۋە ئىككى ئاپتونوم رايون بار ئىدى. ئاپتونوم رايونلارنىڭ ھەر ئىككىسى سېربىيە تېررىتورىيەسى ئىچىدە ئىدى؛ ۋويۋودىنا ۋە كوسوۋو. بۇ ئىككى رايون 1963 – يىلى كىرگۈزۈلگەن ئۆزگەرتىشلەرگە ئاساسەن ئاپتونوم رايون سالاھىيىتىگە ئىگە بولغانىدى (Ker-Lindsay, 2009: 9-11).

يۇگوسلاۋىيە مىقياسىدا ۋە كوسوۋودا كوممۇنىستىك دۆلەتلەرگە خاس دۆلەت بېسىمى 1966 – يىلىغىچە ئېغىر دەرىجىدە ھېس قىلىندى. دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ مىللىتى سېرب باشلىقى ئالېكساندر رانكوۋىچنىڭ 1966 – يىلى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىشى، دۆلەتكە نىسبەتەن ئاساسىي ھەق – ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكلەر نۇقتىسىدىن بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى دەپ قوبۇل قىلىنىدۇ. شۇ كۈندىن ئېتىبارەن خەلقنىڭ كۈندىلىك ھاياتى قولايلاشتى، دۆلەتنىڭ بېسىمى ئاز ھېس قىلىندى. 1968 – يىلى ياۋروپا مىقياسىدا چىققان نامايىشلار كوسوۋوغىمۇ تەسىر كۆرسەتتى؛ پىرىشتىنا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى كوچىلاردا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، كوسوۋوغا فېدېراتىپ جۇمھۇرىيەت سالاھىيىتى بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى. شۇ يىلى پىرىشتىنا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئالبانچە ئوقۇ – ئوقۇتۇش باشلاندى. يۇگوسلاۋىيە تۈزۈملىرىگە ئاساسەن، كوسوۋودىكى ئالبانلار «مىللەت» / ئاز سانلىق ھېسابلىناتتى. سېربلار، كىروۋاتلار، سىلوۋېنلار، ماكېدونلار ۋە قاراتاغلىقلار مىللەت، دەپ قارىلاتتى. 1971 – يىلى مۇسۇلمانلار / بوشناقلارغىمۇ مىللەت سالاھىيىتى بېرىلدى. ئالبانلار، بۇلغارلار ۋە ۋېنگىرلارغا ئوخشاش خەلقلەرنىڭ مىللەت سالاھىيىتىنىڭ ئورنىغا ئاز سانلىقلار دەپ قوبۇل قارىلىشى، بۇ خەلقلەرنى ئايرىم دۆلەتلىرىنىڭ بولۇشى بىلەن ئىزاھلاندى (Judah, 2008: 53- 54).

1874 – يىلى قوبۇل قىلىنغان يېڭى ئاساسىي قانۇندا كوسوۋو ۋە ۋويۋودىنا يەنە سېربىيەنىڭ ئىچىدە قالدى. لېكىن، ئاپتونوم رايون سالاھىيىتى بىر قەدەر كېڭىيىپ، ئاساسەن فېدېراتىپ جۇمھۇرىيەتلەر بىلەن ئوخشاش دېگۈدەك ھالەتكە كەلدى. يېڭى ئاساسىي قانۇنغا ئاساسەن تەشكىللەنگەن فېدېراتىپ پىرېزىدېنتلىق كېڭىشىدە ئاپتونوم رايونلارنىڭ فېدېراتىپ جۇمھۇرىيەتلەر بىلەن تەڭ – باراۋەر سالاھىيەتتە ۋەكىللىك قىلىشى، بىر تەرەپتىن سېربىيە ئىگىلىكى ھوقۇقىغا چەكلىمە ئېلىپ كەلگەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن فېدېراتسىيە ئىچىدىكى ۋەكىللىك ئورنى ۋە كۈچىنى ئاشۇردى. يېڭى تۈزۈمنىڭ روھىغا ئاساسەن قۇرۇپ چىقىلغان فېدېراتىپ پىرېزىدېنت كېڭىشى ئىچىدە سېربىيەنىڭ كۈچى، ۋويۋودىنا ۋە كوسوۋو تۈپەيلى ئالاھىدە ئاشتى. قاراتاغ جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەردائىم سېربىيە بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشىمۇ نەزەرگە ئېلىنغىنىدا، تىتودىن كېيىنكى سېربىيەنىڭ فېدېراتسىيە رەھبەرلىك قاتلىمىدىكى ئورنى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە كۈچەيدى.

تىتونىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىنلا كوسوۋودا باشلانغان نامايىشلار، 1980 – يىللار بويىچە داۋاملاشتى. نامايىشلارغا ئىشتىراك قىلغان ئوقۇغۇچىلار، «بىز يۇگوسلاۋ ئەمەس، ئالبان مىللىتىمىز» دەپ شوئارلارنى توۋلىدى ۋە ئالبانلار بىلەن بىرلىشىش تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. پىرىشتىنا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئۇ مەزگىلدە كۈچىيىپ كەتكەن سىياسىي پائالىيەتلەر، كېيىنكى يىللاردا قاتتىق قول بولۇش تەرەپدارى قاراشلىرى بىلەن تونۇلغان كوسوۋو ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇلۇشىغا زېمىن ھازىرلىدى. 1980 – يىللارنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە كوسوۋو ئالبانلىرىنىڭ تەلەپلىرى يېڭى قۇرۇلغان بىر سىياسىي پارتىيە ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلۇشقا باشلاندى. كوسوۋو دېموكراتىك ئىتتىپاقى ناملىق بۇ پارتىيە 1989 – يىلى 23 – دېكابىردا قۇرۇلغانىدى.

يۇگوسلاۋىيەدە 1980 – يىللارنىڭ ئاخىرىغىچە بىر پارتىيەلىك تۈزۈم بار ئىدى.فېدېراتىپ جۇمھۇرىيەتلەر ۋە ئاپتونوم رايونلاردىكى پارتىيەلەر ئاساسلىقى يۇگوسلاۋىيە كوممۇنىستلار ئىتتىپاقىنىڭ يەرلىك تارماقلىرى سۈپىتىدە پائالىيەت ئېلىپ باراتتى. سابىق يۇگوسلاۋىيەدە كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ «ھاكىمىيەت مونوپوللۇقى ۋە باشلامچى رولى» توغرىسىدا قەتئىي بەس – مۇنازىرە قىلغىلى بولمايتتى. كوممۇنىست پارتىيەدىن باشقا سىياسىي پارتىيەنىڭ قۇرۇلۇشى، فېدېراتسىيە ئاساسىي قانۇنىغا زىت ئىدى. كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ يەرلىك تەشكىلاتلىرىغا كىرىۋالغان مىللەتچىلەر، 1980 – يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا يېڭى سىياسىي پارتىيەلەر بولۇپ تەشكىلاتلاندى. سابىق يۇگوسلاۋىيەدە كۆپ پارتىيەلىك تۈزۈمگە ئۆتۈش، سېربىيە ئاساسىي قانۇنىغا زىت بولسىمۇ، كوسوۋو ۋە ۋويۋودىنانىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سالاھىيىتىگە خاتىمە بېرىشىدىن كېيىن ئەمەلىي جەھەتتىن ئىشقا ۋە كۆپ ساندا يېڭى پارتىيە قۇرۇلدى. ئىبراھىم رۇگوۋا رەھبەرلىكىدىكى كوسوۋو دېموكراتىك ئىتتىپاقىمۇ مۇشۇنداق شارائىتتا ئوتتۇرىغا چىقتى. پارتىيە دېگەن سۆزنىڭ ئورنىغا ئىتتىپاق دېگەن سۆزنىڭ ئىشلىتىلىشى، 1876 – يىلى قۇرۇلغان پىرىزرەن ئىتتىپاقى بىلەن باغلىنىشلىقى بارلىقىنى تەكىتلەش مۇددىئاسىغا ئىگە ئىدى (Judah, 2008: 69). سايلاملاردىن كېيىن كوسوۋو پارلامېنتىنىڭ 123 ئەزاسىنىڭ 114 ى، كوسوۋونىڭ باشقا فېدېراتىپ جۇمھۇرىيەتلەر بىلەن تەڭ – باراۋەرلىكىنى مەزمۇن قىلغان بىر قارار لايىھەسىنى قوبۇل قىلدى.

سېربىيە پارلامېنتى بولسا، باشقا بىر قارار ماقۇللاپ كوسوۋو پارلامېنتىنىڭ قارارىنى ئىناۋەتسىز، دەپ ئېلان قىلدى. كوسوۋو پارلامېنتىنىڭ مۇستەقىللىق قارارى چىقىرىشى بولسا، كىرودىيە ۋە سىلوۋېنىيەنىڭ 1991 – يىلى 24 – ئىيۇلدىكى فېدېراتسىيەدىن ئايرىلىشنى قارار قىلىشلىرىدىن ئىككى ئاي كېيىن، يەنى 1991 – يىلى 21 – سېنتەبىردە مۇمكىنچىلىككە ئېرىشتى؛ بىراق، سېربىيە دائىرىلىرى بۇنى ئېتىراپ قىلمىدى، نامايىش ئۆتكۈزگەنلەرگە كۈچ ئىشلەتتى. «بالقانلارنىڭ گاندىسى» دېگەن نام بىلەن تونۇلغان ئىبراھىم رۇگوۋا، زوراۋانلىق تەرەپدارلىرىنى كونترول قىلىش جەھەتتە قىينىلىپ قالغانىدى. مىلوشېۋىچنىڭ كوسوۋو ئالبانلىرىغا قارشى ئومۇميۈزلۈك كۈچ ئىشلىتىشىگە توسقۇنلۇق قىلغان ئامىل، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ پوزىتسىيەسى بولدى. 1992 – يىلى 24 – دېكابىردا ئۆز دەۋرىنىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جورج بۇش مىلوشېۋىچقا يوللىغان يېڭى يىللىق تېلېگراممىسىدا، «سېربىيە دائىرىلىرى كوسوۋودا كۈچ ئىشلەتكەن تەقدىردە، ئامېرىكىنىڭ مۇداخىلە قىلىدىغانلىقى» نى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇرغانىدى (Impact International: 1992:10).

بوسنىيە ئىچكى ئۇرۇشى مەزگىلىدە كوسوۋودا سېربىيە دائىرىلىرى بىلەن ئالبانلار ئارىسىدا پات – پات مەھەللىي توقۇنۇشلار يۈز بەرگەن بولسىمۇ، ئىبراھىم رۇگوۋانىڭ پۇقراۋى قارشىلىق كۆرسىتىش سىياسىتى تۈپەيلى كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇش يۈز بەرمىدى. 1991 – 1998 – يىللىرى ئارىسىدا كوسوۋو، بىۋاسىتە بېلگراد تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغان بىر ساقچى دۆلىتى تۈسىگە ئىگە ئىدى. كوسوۋودا ئالبانچە تەلىم – تەربىيە چەكلەنگەن، دۆلەت ئىدارە – ئورگانلىرىدا ئالبان تىلىنىڭ ئىشلىتىلىشىگە خاتىمە بېرىلگەن، رايون ھەربىي جەھەتتىن كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىنغانىدى. بولۇپمۇ 1990 – يىللارنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا كوسوۋودا زوراۋانلىق ۋەقەلىرى گەۋدىلىك ھالدا كۆپىيىپ كەتتى.

5.1 ناتونىڭ مۇداخىلە قىلىشى

كوسوۋودا رۇگوۋا رەھبەرلىكىدىكى ھەرىكەتنىڭ مۆتىدىل سىياسەتلىرىنىڭ ئالبانلارغا ئىجابىي ئۈنۈم ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلەر، زوراۋانلىقنى يوللۇق ۋاسىتە دەپ قارايدىغان سىياسىي تەشكىلاتلارنىڭ كۈچىيىشىگە سەۋەب بولدى. ئالبانلارنىڭ ماندېلاسى دەپمۇ قارىلىدىغان دەماچىغا ئوخشاش لىدېرلار، كوسوۋو خەلق ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ كۈندىن كۈنگە كۈچىيىشىگە، نەتىجىدە 1993 – يىلىنىڭ دېكابىر ئېيىدا كوسوۋو ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇلۇشىغا زېمىن ھازىرلىدى. سېربىيە دۆلەت بىخەتەرلىك تارماقلىرىنىڭ ئالبان زىيالىيلارنى ئۆلتۈرۈشىگە نارازىلىق بىلدۈرگۈچىلەرنىڭ بىر يەرگە توپلىنىشى تۈرتكىسىدە ئوتتۇرىغا چىققان يېڭى تەشكىلات، ئىبراھىم رۇگوۋانى «سېربىيەگە جاسۇسلۇق قىلىش ۋە تىل بىرىكتۈرۈش» بىلەن ئەيىبلىدى. ئاجىز بىر سىياسىي تەشكىلات سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان كوسوۋو ئازادلىق ئارمىيەسى (Ushtria Clirimtare e Kosoves) نىڭ ئومۇملىشىشى ۋە خەلقنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشىدە ئىككى ۋەقە رول ئوينىدى. بۇلارنىڭ بىرىنچىسى، دايتون تىنچلىق كېلىشىمىدۇر. بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنا ئىچكى ئۇرۇشىغا خاتىمە بەرگەن كېلىشىمگە ئاساسەن، ب د ت نىڭ سېربىيەگە يۈرگۈزۈۋاتقان ئېمبارگوسى بىكار قىلىندى ۋە سېربىيە بىلەن قاراتاغدىن تەشكىل تاپقان يېڭى يۇگوسلاۋىيە خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىندى. دايتون كېلىشىمىدە كوسوۋونىڭ تارتقان زىيانلىرىنىڭ كۈنتەرتىپكە كەلمىگەن بولۇشى، ئالبانلار ئارىسىدا كۈچلۈك ئۈمىدسىزلىك پەيدا قىلدى، كوسوۋو ئالبانلىرى ئىبراھىم رۇگوۋا ۋەكىللىكىدىكى مۆتىدىل سىياسەتلەرنىڭ ئۈنۈمىنىڭ بولىدىغانلىقىدىن گۇمانلاندى (Ker-Lindsay, 2009: 14-15). ئىككىنچىسى، كوسوۋودا سېربىيە ساقچىلىرىنىڭ نامايىشچىلارغا كۈچ ئىشلىتىلىشى، ئالدى تەرەپتىكىلەرنى قەتل قىلىشى بىلەن نامايىشلارنىڭ كەڭ رايون ۋە قاتلاملارغا كېڭىيىپ كېتىشىدۇر. بۇ مەزگىلدە ئالبانلار ئارىسىدا قوبۇل قىلىنغان قاراش، سېربىيە ساقچىلىرى ئالبان خەلقىگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزمەكتە ۋە بۇنىڭغا پەقەت كوسوۋو ئازادلىق ئارمىيەسىلا قارشىلىق كۆرسەتمەكتە، دېگەندىن ئىبارەت ئىدى.

كوسوۋودا سېربىيە دائىرىلىرىنىڭ پۇقرالارغا قارشى كۈچ ئىشلىتىشنى كۈندىن كۈنگە كۈچەيتىشىدىن كېيىن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بېسىمى بىلەن 1999 – يىلى 6 – فېۋرالدىن 23 – فېۋرالغىچە رامبۇئىللېت سۆھبەتلىرى ئۆتكۈزۈلدى. سېربىيە بىلەن كوسوۋو ئالبانلىرىنىڭ ۋەكىللىرى خەلقئارالىق كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ھىمايىسىدە ئۇچراشتى، سۆھبەتلەر نەتىجىسىدە تەرەپلەر ئارىسىدا كوسوۋونىڭ ئاپتونوم سالاھىيىتىنىڭ قوبۇل قىلىنىشى، سېربىيە ئەسكەرلىرىنىڭ چېگرا رايونلىرىدا ۋەزىپە ئۆتىشى، كوسوۋو ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ قورالسىزلاندۇرۇلۇشى ۋە خەۋپسىزلىكنىڭ ناتو تەرىپىدىن ساقلىنىشى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلىندى. ئەپسۇسكى، سۆھبەتلەردىن كېيىن مىلوشېۋىچ ھۆكۈمىتى كېلىشىمنىڭ دۆلەت زېمىنلىرىدا ناتو ئەسكەرلىرىنىڭ تۇرغۇزۇلۇشىنى مەزمۇن قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سۆھبەتلەر نەتىجىسىدە ھاسىل قىلىنغان كېلىشىم تېكستىنى رەت قىلدى. رامبۇئىللېت كېلىشىمىدە، ئۈچ يىل ئاخىرلاشقاندىن كېيىن كوسوۋونىڭ ھەل قىلغۇچ سالاھىيىتىنىڭ خەلقنىڭ ئاۋازى ۋە خېلسىنكى ھەل قىلغۇچ كېلىشىملىرىنى نەزەرگە ئالغان ھالدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى مەزمۇن قىلاتتى[12].

كوسوۋودىكى قۇرۇقلۇق توقۇنۇشلىرى ئاساسەن كوسوۋو ئازادلىق ئارمىيەسى كۈچلىرى بىلەن سېربلار ئارىسىدا ئالبانىيە – كوسوۋو چېگرا رايونلىرىدا مەيدانغا كەلدى. ھاۋا ھەربىي ھەرىكەتلىرىدىن ئىلگىرى باشلانغان توقۇنۇشلار ئۆزئارا ئوق چىقىرىشنى توختىتىش ئېلان قىلىنغۇچە داۋاملاشتى. كوسوۋو ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇملىرىغا قارشى ناھايىتى شىددەتلىك قايتۇرما ھۇجۇم قوزغىغان سېربىيە ئارمىيەسى، ئالبان ئاھالىلەر رايونلىرىغا باستۇرۇپ كىرىپ، قەتلىئام يۈرگۈزدى. ئەڭ شىددەتلىك توقۇنۇشلار ھاۋا ھەرىكەتلىرى مەزگىلىدە يۈز بەردى. سېربىيە دائىرىلىرى، كىرودىيە لىدېرى فرانجو تۇدجمان دۆلىتىدىن سۈر – توقاي قىلغان سېربلارنى كوسوۋوغا ئورۇنلاشتۇرۇشنى خالايتتى. رايوندا ياشايدىغان ئالبانلارنى زوراۋان ئۇسۇللارنى ئومۇملاشتۇرۇش ئارقىلىق كۆچۈشكە مەجبۇرلىغان مىلوشېۋىچ ھۆكۈمىتىنىڭ پۇقرالارغا يۈرگۈزگەن ئايىغى چىقماس قاتتىق قوللۇقى، كەڭ كۆلەملىك ئېتنىك تازىلاش ھەرىكىتىنىڭ دەسلەپكى بىشارىتى دەپ قارالدى. بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنادا كېچىكىپ قالغان خەلقئارا جەمئىيەت كوسوۋودا ئوخشاش ئەھۋالغا دۇچ كېلىشنى خالىمايتتى. ناتو، 1998 – يىلىنىڭ ئاخىرىدا بىر تەرەپتىن يۇرت – ماكانلىرىدىن ھەيدەپ چىقىرىلغان ئالبان مۇساپىرلارنىڭ پاناھلىنىش ئىشلىرىغا ھەمدەم بولماقتا ئىدى (Ker-Lindsay, 2009: 14).

1999 – يىلىنىڭ مارت ئېيىدا سېربىيە دائىرىلىرىنىڭ پۇقرالارغا ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىشى بىلەن، ئامېرىكا ۋەكىلى رىچارد خولبرۇك مىلوشېۋىچ بىلەن كۆرۈشۈپ، پۇقرالارغا ھۇجۇم قىلىشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدى، ئەكسىچە بولغاندا مۇداخىلە قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى[13].

مىلوشېۋىچنىڭ بۇ تەكلىپنىمۇ رەت قىلىشى بىلەن، 1999 – يىلى 23 – مارتتا ناتو سېربىيەدىكى مۇھىم بازىلارغا ھاۋادىن زەربە بېرىشنى باشلىدى. مەقسەت، سىستېمىلىق ھالدا سادىر قىلىنىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندىچىلىكلىرىگە خاتىمە بېرىش ۋە كوسوۋودا ئومۇميۈزلۈك ئېتنىك تازىلاش ئېلىپ بېرىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن ئىبارەت ئىدى. بومباردىمان 78 كۈن داۋاملاشتى، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 1244 – نومۇرلۇق ھۆججىتىنىڭ روھىغا ئاساسەن بومباردىمانغا خاتىمە بېرىلدى.

رۇسىيەمۇ ماقۇللىغان 1244 – نومۇرلۇق ھۆججەتتە، كوسوۋودا توقۇنۇشلارغا خاتىمە بېرىلىشى، سېربىيە ئەسكەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق قوراللىق كۈچلەرنىڭ رايوندىن چېكىنىشى، كوسوۋو بىخەتەرلىك خىزمەتلىرىنىڭ يېڭى قۇرۇلىدىغان كوسوۋو تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرى ۋە باشقۇرۇش خىزمەتلىرىنىڭمۇ ب د ت كوسوۋو كومىتېتى تەرىپىدىن ئورۇندىلىشى قوبۇل قىلىندى. ب د ت كوسوۋو كومىتېتى خەلقئارا جەمئىيەت نامىدىن كوسوۋودا تۇرمۇش ئىزىغا چۈشكۈچە مۇۋەققەت ھۆكۈمەت ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ، رايوننىڭ كېلەچەكتىكى سالاھىيىتى بولسا، بۇ مۇساپە جەريانىدا مۇناسىۋەتلىك بارلىق تەرەپلەر بىلەن كۆرۈشۈش نەتىجىسىدە بېكىتىلىدۇ[14].

ب د ت كوسوۋو كومىتېتىنىڭ ئاساسلىق سالاھىيەت ۋە مەسئۇلىيەتلىرى 1244 – نومۇرلۇق ھۆججەتنىڭ 11- پاراگرافىدا تۆۋەندىكىچە بايان قىلىنغان:

«(ئا) قوشۇمچە 2 ۋە رامبۇئىللېت كېلىشىمى تولۇق نەزەرگە ئېلىنىپ، ھەل قىلغۇچ چارە تېپىلىپ بولغۇچە كوسوۋودا كەڭ دائىرىلىك ئاپتونومىيە ۋە ئۆز – ئۆزىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنىڭ ئورنىتىلىشىغا باشلامچىلىق قىلىش؛

(ب) زۆرۈر بولغان ئەھۋال ۋە مۇددەتتە ئاساسىي مەمۇرىي باشقۇرۇش خىزمەتلىرىنىڭ ئوروندىلىشى؛

(س) سىياسىي چارە تېپىلىپ بولغۇچە، سايلاملارنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دېموكراتىك ۋە ئەركىن ئۆز – ئۆزىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ئۈچۈن ۋاقىتلىق ئورگانلارنىڭ تەرتىپكە سېلىنىشى ۋە تەرەققىياتىنىڭ كونترول قىلىنىشى؛

(د) كوسوۋونىڭ يەرلىك ۋاقىتلىق ئورگانلىرىنىڭ ۋە باشقا تىنچلىق ئورنىتىش يولىدىكى پائالىيەتلىرىنىڭ بىرلەشتۈرۈلۈشىگە ھەمدەم بولۇش ۋە تەكشۈرۈش شۇنداقلا بۇ ئورگانلار تەشكىلاتلىنىپ بولغاندا باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنىڭ ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشى؛

(ئە) رامبۇئىللېت كېلىشىمىنى نەزەرگە ئالغان ئاساستا كوسوۋونىڭ كېلەچەكتىكى سالاھىيىتىنى بېكىتىش ئۈچۈن ھازىرلانغان بىر سىياسىي مۇساپىسىنىڭ يولىنى داغداملاشتۇرۇش؛

(ف) ئاخىرقى باسقۇچتا بىر سىياسىي چارە دائىرىسىدە قۇرۇلىدىغان ئورگانلارغا كوسوۋونىڭ مۇۋەققەت ئورگانلىرىنىڭ سالاھىيەت ئۆتكۈزۈپ بېرىش جەريانىنى كۆزىتىش؛

(گ) ھالقىلىق ئەھمىيەتكە ئىگە ئۈستقۇرۇلمىلارنىڭ قايتىدىن تەرتىپكە سېلىنىشى ۋە باشقا ئىقتىسادىي قۇرۇلمىلارنىڭ قوللاپ – قۇۋۋەتلىنىشى.

(ھ) خەلقئارا ئىنسانىي ياردەم ئورگانلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىپ ئىنسانىي ۋە ئاپەت ياردەملىرىگە ھەمدەم بولۇش؛

(ئى) يەرلىك ساقچى كۈچىنىڭ قۇرۇلۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان، ئەينى ۋاقىتتا كوسوۋودا خىزمەت قىلىدىغان خەلقئارا ساقچى خادىملىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ئارقىلىق مەمۇرىي ھوقۇق ۋە تەرتىپنىڭ ساقلىنىشى؛

(ج) كىشىلىك ھوقۇقنىڭ مۇھاپىزەت قىلىنىشى ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشى؛

(ك) پۈتكۈل مۇساپىرلارنىڭ ۋە يۇرت – ماكانلىرىدىن مەھرۇم قىلىنغان كىشىلەرنىڭ كوسوۋودىكى ئۆيلىرىگە بىخەتەر ۋە توسالغۇسىز ھالەتتە قايتىشىنىڭ كاپالەت ئاستىغا ئېلىنىشى.»

ئۇ مەزگىلدە ب د ت دىكى ئومۇمىي مايىللىق، ب د ت كوسوۋو كومىتېتى پائالىيەتلىرى نەتىجىسىدە كوسوۋو ئاپتونومىيەسىنىڭ كۈچلىنىدىغانلىقى، ئەمما، سىياسىي جەھەتتىن سېربىيەنىڭ ئىچىدە قالىدىغانلىقى شەكلىدە ئىدى. بىراق ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى قاتارلىق بەزى دۆلەتلەر بۇنىڭغا قارشى چىققانىدى (Perrit, 2009:64).

ب د ت كوسوۋو كومىتېتى، 1999 – يىلىدىن 2004 – يىلىغىچە كوسوۋو ئالبانلىرىغا ئۆز دۆلەتلىرىنى قۇرۇپ چىقىشلىرى ئۈچۈن ئىدارىي، ئىقتىسادىي قۇرۇلما، دېموكراتىيەلىشىش ۋە ئىنسانىي مەسىلىلەر بويىچە ياردەم بەردى. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، 2004 – يىلىغىچە كوسوۋونىڭ ھەل قىلغۇچ سالاھىيىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى، سېربىيە ئىچىدە قالامدۇ ياكى مۇستەقىل دۆلەت بولۇش يولىنى داۋاملاشتۇرامدۇ؟ دېگەندەك سوئاللارنىڭ جاۋابى ئېنىق ئەمەس ئىدى (Perrit, 2009:79-80). كوسوۋو تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرى بولسا، خەلقئارا تۈزۈم ئاستىدا بىر تەرەپتىن رايوننىڭ ئومۇمىي بىخەتەرلىك ۋە ئامانلىقىغا كۆڭۈل بۆلگەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن سېربلار بىلەن ئالبانلار ئارىسىدا پات – پاتلا چىقىپ تۇرىدىغان توقۇنۇشلارنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدى ئالدى.

6.1 ئاختىسائارى پىلانى ۋە مۇستەقىل كوسوۋونىڭ ئاپىرىدە بولۇشى

ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 1244 – نومۇرلۇق ھۆججىتىدە كۆرسىتىلگەن ھەل قىلغۇچ سالاھىيەتنى بېكىتىش سۆھبەتلىرىنىڭ ئارىدىن بەش يىل ئۆتۈپ كەتكەن بولۇشىغا قارىماي پەقەتلا باشلىنىپ بولالماسلىقى، كوسوۋو ئالبانلىرى ئارىسىدا گۇمانلىنىش پەيدا قىلغانىدى. 2004 – يىلى بەزى ب د ت كوسوۋو كومىتېتى ئاپتوموبىللىرىنىڭ ئالبان ياشلارنىڭ چالما – كېسەك ھۇجۇمىغا ئۇچرىشى ۋە سېربلارغا قارشى ھۇجۇملارنىڭ كۆپىيىپ قېلىشى، ئالبانلارنىڭ ب د ت غا بولغان ئىشەنچىسىنىڭ ئاجىزلاپ كېتىشى دەپ ئانالىز قىلىندى (Perrit, 2009:145). كوسوۋونىڭ كېلەچىكىگە ئالاقىدار سۆھبەتلەر 2006 – يىلى فېۋرالدا ۋىيېننادا باشلاندى. خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ مۇرەسسەلەشتۈرۈشى ئارقىسىدا باشلانغان سۆھبەتلەرگە ئىشتىراك قىلغان سېرب ۋە ئالبان ۋەكىللەر، رايوننىڭ ھەل قىلغۇچ سالاھىيىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى. ب د ت باش كاتىپى تەرىپىدىن فىنلاندىيە سابىق پىرېزىدېنتى مارتتى ئاختىسائارى خەلقئارا جەمئىيەت نامىدىن ھوقۇقلۇق مۇرەسسەلەشتۈرگۈچىلىككە تەيىنلەندى (Ker-Lindsay, 2009:26:27). كوسوۋو ئالبانلىرىنىڭ دىپلوماتىك تەجرىبىلىرىنىڭ بولماسلىقى پەيدا قىلغان كېلىشمەسلىلەر بولسا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ياردىمى ئاستىدا ھەل قىلىندى.

سۆھبەتلەردە تەرەپلەر نۇقتىلىق ھالدا ئىنسان مەركەزلىك قۇرۇلما، ئاز سانلىقلار ھوقۇقى (كوسوۋو سېربلىرىنىڭ ئەھۋالى)، كۆچۈپ كەتكەنلەرنىڭ كوسوۋوغا قايتىپ كېلىشى ۋە دىنىي ئورۇنلارنىڭ مۇھاپىزەت قىلىنىشى دېگەندەك مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇزاكىرە ئۆتكۈزدى. ئەڭ كۆپ بەس – مۇنازىرە قىلىنغان بولۇشىغا قارىماي بىردەكلىك ھاسىل قىلىنالمىغان نۇقتا بولسا، كوسوۋونىڭ ھەل قىلغۇچ سالاھىيىتى بولدى. پىكىر ئوخشىماسلىقلىرى بىر تەرەپ قىلىنالمىغانلىقى ئۈچۈن، 14 ئاي داۋاملاشقان سۆھبەتلەر تورمۇزلىنىپ قالدى. بۇ ئۆزگىرىشلەردىن كېيىن ئالاھىدە ۋەكىل ئاختىسائارىدىن كوسوۋو ئۈچۈن بىر ھەل قىلىش پىلانى تەييارلاپ چىقىشى تەلەپ قىلىندى. ئاختىسائارى تەرىپىدىن تەييارلانغان پىلاندا، كوسوۋودا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن ئادىل ۋە ئۈزۈل – كېسىل تىنچلىق ئورنىتىش يولىدا قىلىنىشى كېرەك بولغان ئىشلار بىرمۇ بىر بايان قىلىندى. كوسوۋو ئىختىلاپىنى ھەل قىلىشنى نىشان قىلغان ئاختىسائارى پىلانى 2007 – يىلى 26 – مارتتا خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە سۇنۇلدى (Ker-Lindsay, 2009:43).

پىلاندا رايوندا مۇقىملىق ئورنىتىش ۋە ئۇنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق يولىنىڭ مۇستەقىل كوسوۋو دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ئىكەنلىكى قارىشى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولۇپ، يېڭى قۇرۇلىدىغان دۆلەتنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ نازارىتى ئاستىدا بولىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەنىدى.

ئاختىسائارى پىلانىدا كۆرسىتىلىشىچە، يېڭى قۇرۇلىدىغان كوسوۋو دۆلىتى بىردىن كۆپ ئېتنىك گۇرۇپپىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى قوبۇل قىلىدىغان، دېموكراتىك قانۇن دۆلىتى بولاتتى. يېڭى دۆلەتتە سىياسىي سىستېما قانۇن چىقىرىش، ئىجرائىيە ۋە ئەدلىيەدىن ئىبارەت بۆلەكلەرگە ئايرىلىدىغان بولۇپ، سېربچە ۋە ئالبانچە رەسمىي تىل بولاتتى. بارلىق پۇقرالار قانۇن ئالدىدا باراۋەر بولاتتى، خەلقئارادا قوبۇل قىلىنغان كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئاز سانلىقلارنىڭ ھەق – ھوقۇقىغا ئالاقىدار خەلقئارالىق ئەھدىنامىلەر ئاساسىي قانۇن بىلەن ئوخشاش قوبۇل قىلىناتتى. كوسوۋونىڭ ئۆزىگە خاس مارشى ۋە بايرىقى بولاتتى، بايراقتا دۆلەتتىكى ئېتنىك گۇرۇپپىلارنىڭ سىمۋوللىرى ئورۇن ئالاتتى. ئومۇمىي پىرىنسىپلار دېگەن تېما ئاستىدا ئالاھىدە قىلىپ، كوسوۋونىڭ بىر باشقا دۆلەت بىلەن بىرلىشىشى، سېربىيە ئىچىدە ئاپتونوم رايون / ۋىلايەت سالاھىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇشى ۋە كوسوۋو زېمىنلىرىنىڭ پارچىلىنىشى پىكىرلىرىنىڭ قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقى قەيت قىلىنغانىدى[15].

كوسوۋو بىلەن سېربىيە جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ھەمكارلىق ئورنىتىشى تەۋسىيە قىلىنغان مەزكۇر پىلاندا، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭمۇ رايوندا خەۋپسىزلىك ۋە مۇقىملىقنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى، پىلاننىڭ تولۇق مەنىدە ئىجرا قىلىنىشى قاتارلىق جەھەتلەردە مەسئۇلىيىتى بارلىقى بايان قىلىنغانىدى. پىلاننىڭ كېيىنكى ماددىلىرىدا بولسا، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئاساسىي ئەركىنلىكلەر، كوسوۋودا توپلۇقلارنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرى، مۇساپىرلارنىڭ ئەھۋالى، يوقاپ كەتكەن كىشىلەر ، ئادەمى مەركەزلىك قۇرۇلما، دىنىي ۋە مەدەنىي مىراسنىڭ مۇھاپىزەت قىلىنىشى، ئىقتىسادىي مەجبۇرىيەتلەر ۋە مۇقىم مۈلۈك ئىختىلاپىنىڭ ھەل قىلىنىشى، خەلقئارا، ئاساسىي قانۇن ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ۋەزىپىلىرى، كۆپ مىللەتلىك قىسىملارنىڭ قانداق شارائىت ئاستىدا پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغانلىقى دېگەندەك مەسىلىلەرگە ئورۇن بېرىلگەنىدى.

ئاختىسائارى پىلانىدا كوسوۋو ئۈچۈن تەۋسىيە قىلىنغان مۇستەقىللىققا رۇسىيە قارشى چىقتى. موسكۋا دائىرىلىرى، تەكلىپنىڭ خەلقئارا قانۇنغا زىت ئىكەنلىكىنى ۋە ئاز سانلىقلارنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنىڭ بۇ شەكىلدە ئىجرا قىلىنىشىنىڭ 1244 – نومۇرلۇق ھۆججەتتە كۆرسىتىلمىگەنلىكىنى ۋە كوسوۋونىڭ سېربىيەنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا قېلىشى كېرەكلىكى قارىشى ئىلگىرى سۈردى. رۇسىيەنىڭ قارىشىچە، يۇگوسلاۋىيە دەۋرىدە فېدېراتىپ جۇمھۇرىيەت سالاھىيىتى بولمىغان كوسوۋونىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى يوق ئىدى.

كوسوۋو ئالبانلىرىغا يۈرگۈزۈلگەن بەزىسى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەرىجىسىگە بېرىپ يەتكەن سىستېمىلىق ۋە تەشكىللىك دۆلەت زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى بىرلىكتە ياشاشنى ئىمكانسىزلاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، 1244 – نومۇرلۇق قارارنىڭ ھەل قىلغۇچ سالاھىيەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولماسلىقى، رۇسىيەنىڭ بۇ قاراشلىرىنى چىرىتىپ تاشلايتتى. ئۇ مەزگىلدە خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان رۇسىيە، ئاختىسائارى پىلانىنىڭ كۈنتەرتىپكە كىرگۈزۈلۈشىگە توسقۇنلۇق قىلدى. دىپلوماتىك ئۇسۇل بىلەن مەسىلىگە چارە تېپىش جەھەتتە ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىنالمىغاندىن كېيىن كوسوۋو پارلامېنتى، 2008 – يىلى 17 – فېۋرالدا پىرىشتىنادا جىددىي يىغىن چاقىرىپ، ئاختىسائارى پىلانى دائىرىسىدە بىر تەرەپلىمە ھالدا مۇستەقىل كوسوۋو دۆلىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى[16].

مۇستەقىللىق قارارىدا كوسوۋونىڭ دېموكراتىك، لائىك، كۆپ خىل ئېتنىك قۇرۇلمىغا ئىگە ئىكەنلىكى تەكىتلەندى، كوسوۋودا ياشايدىغان ئاز سانلىقلارنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنىڭ قوغدىلىدىغانلىقى ۋە ھېچكىمگە ئايرىمىچىلىق قىلىنمايدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بېرىلدى. قاراردا، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 1244 – نومۇرلۇق قارارى دائىرىسىدە دۆلەتتە تۇرۇۋاتقان خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ھەمكارلىق ئورنىتىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى ۋە خەۋپسىزلىكنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ناتونىڭ ئۈستىگە ئېلىشى تەلەپ قىلىندى. مۇستەقىللىق قارارىنىڭ ئالتىنچى ماددىسىدا بولسا، كوسوۋو دۆلىتىنىڭ كېلەچەكتە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا تولۇق ئەزا بولۇش ۋە ئاتلانتىك ئىتتىپاقى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىش نىيىتىنىڭ بارلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. قاراردا، كوسوۋونىڭ سېربىيە قاتارلىق رايوندىكى بارلىق دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشقا تەييار ئىكەنلىكى ۋە خەلقئارانىڭ تىنچلىقىغا ھەسسە قوشىدىغانلىقى ئەھدە قىلىندى. كىرىزىس گۇرۇپپىسىنىڭ قارىشىچە، تارىخىي ئارقا پىلان ۋە تەرەپلەرنىڭ پوزىتسىيەلىرى نەزەرگە ئېلىنغىنىدا، كوسوۋوغا نىسبەتەن مۇستەقىللىقتىن باشقا مۇۋاپىق تاللاش يولى يوق ئىدى.[17]

مۇستەقىللىق قارارىنىڭ ئېلان قىلىنىشىدىن كېيىنلا كوسوۋونى تۇنجى بولۇپ ئېتىراپ قىلغان دۆلەتلەر تۈركىيە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە ئالبانىيە بولدى. ئارقىدىن ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ دائىمىي ئەزالىرىدىن ئەنگلىيە بىلەن فىرانسىيە كوسوۋونى ئېتىراپ قىلدى. خىتاي بىلەن رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ پوزىتسىيەسى مەنپىي بولدى. 2015 – يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، كوسوۋونى ئېتىراپ قىلغان دۆلەت سانى 111 گە يەتتى.[18]

2 – ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنىڭ چەك – چېگراسى ۋە كوسوۋونىڭ مۇستەقىللىق قارارى

1.2 ب د ت نىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرى

كوسوۋونىڭ 1244 – نومۇرلۇق خەۋپسىزلىك كېڭىشى ھۆججىتىنى تايانچ، مارتتى ئاختىسائارى پىلانىنى ئاساس قىلىپ، ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ھالدا 2008 – يىلى 17 – فېۋرالدا مۇستەقىللىق ئېلان قىلىشى خەلقئارا جەمئىيەت ئارىسىدا كۈچلۈك بەس – مۇنازىرىلەرنى پەيدا قىلدى (Sasich, 2012). ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى چەك – چېگراسىنىڭ قەيەردە باشلىنىپ قەيەردە ئاخىرلىشىدىغانلىقى، مۇستەملىكە دۆلەتلەرگە بېرىلىدىغان بۇ ھوقۇقنىڭ باشقا خەلقلەرگە قارىتا قانداق شارائىت ئاستىدا كۈچكە ئىگە بولىدىغانلىقى، دۆلەتلەر قانۇنىنىڭ بۇنىڭغا ئالاقىدار بىر ئۆلچىمىنىڭ بار – يوقلۇقى قاتارلىقلار دۆلەتلەر ئارىسىدا ۋە ئاكادېمىك دۇنيادا كەڭ دائىرىدە بەس – مۇنازىرە قىلىندى. يېقىن زاماندا ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى دائىرىسىدە بىر دۆلەتتىن ئايرىلىپ مۇستەقىللىق ئېلان قىلغان ياكى باشقا بىر سىياسىي بىرلىككە قېتىلغان مىساللار قاتارىدا كوسوۋو بىلەن بىرلىكتە جەنۇبىي سۇدان ۋە قىرىمنى ساناش مۇمكىن[19]. 2014 – يىلى فېۋرالدا رۇسىيە كۈچلىرى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان قىرىمدا 2014 – يىلى مايدا ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى، تاتارلار بىلەن ئۇكرائىنالىقلار ئىشتىراك قىلمىغان ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتىدىن كېيىن قىرىم پارلامېنتى رۇسىيە فېدېراتسىيەسىگە قوشۇلۇپ كېتىشنى قارار قىلدى (Crimea Referandum: Voters “Back Russia”, BBC; March 16, 2014). تېخىمۇ ئارقىغا قايتىدىغان بولساق، ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى مىسالى سۈپىتىدە 1993 – يىلى ئېرېترىيەنىڭ ئېفىيوپىيەدىن ۋە 1971 – يىلى باڭلادېشنىڭ پاكىستاندىن ئايرىلغىنىدەك مىساللارنى ئۇچرىتىش مۇمكىن. 1990 – يىلى 3 – ئۆكتەبىردە شەرقىي ۋە غەربىي گېرمانىيەنىڭ بىرلىشىشىگىمۇ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى دائىرىسىدە قاراش مۇمكىن.

ئۇتۇقلۇق بولمىغان بۆلۈنۈش ئۇرۇنۇشلىرى ياكى «توڭلىتىپ قويۇلغان ئىختىلاپلار» نىڭمۇ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا قانچىلىك چۈشىدىغانلىقى ياكى چۈشۈپ – چۈشمەيدىغانلىقى بەس – مۇنازىرە قىلىنماقتا. بۇ دائىرىدە گىرۇزىيە تەۋەلىكىدىكى جەنۇبىي ئوسېتيە ۋە ئابخازىيە رايونلىرىنى، سىكوتلاندىيە، بوسنىيە سېرب جۇمھۇرىيىتى، شىمالىي قىبرىس ۋە كۇئېبېك قاتارلىقلارنى تىلغا ئېلىش مۇمكىن[20].

بۇ نۇقتىدا ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى ئۇقۇمىنى تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئانالىز قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا، نېگىزىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، خەلقلەرنىڭ ئۆز كېلەچەكلىرىنى بەلگىلەشكە ئۆزلىرىنىڭ قارار قىلىشى، دەپ ئېنىقلىما بېرىلمەكتە. ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى دېگەن ئىبارە بىلەن بايان قىلىنىۋاتقان Self determinasyon بىر پىرىنسىپ ياكى بىر ھەق ئىكەنلىكى مەسىلىسى دەتالاشلىق مەسىلىدۇر. شۇنىڭدەك، ئۇقۇمنىڭ خەلقئارا قانۇن ئۆلچەملىرىگە ئاساسەن كىملىككە ئىگە ياكى ئەمەسلىكى مەسىلىسىدىمۇ ئىدىيە بىرلىكى ھاسىل قىلىش مۇمكىن بولمىدى. ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنىڭ خەلقئارا سەھنىدە كەڭ دائىرىدە كۈنتەرتىپكە كېلىشى ئاساسەن بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى مەزگىلگە توغرا كېلىدۇ. ئۆز دەۋرىنىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ۋۇدروۋ ۋىلسون، كۆپ مىللەتلىك ئىمپېراتورلۇقلارنىڭ يىمىرىلىشىدىن كېيىن ئوتتۇرىدا قالغان خەلقلەرنىڭ تۈزۈم شەكىللىرى ۋە مۇستەقىللىقلىرى كۈنتەرتىپكە كەلگەن مەزگىلدە بۇ ئۇقۇمنى ئوتتۇرىغا قويدى. ۋىلسوننىڭ قارىشىچە، مۇئەييەن زېمىن ئۈستىدە ياشايدىغان خەلق، ئۆزى ياشاۋاتقان رايوننىڭ كېلەچىكىنىڭ قانداق بولۇشىغا ئۆزىنىڭ ئەركىن ئىرادىسىگە تايىنىپ قارار قىلىشى كېرەك ئىدى.

ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىدا مىللەتلەر جەمئىيىتى (بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بۇرۇنقى نامى) مەزگىلىدە يۈز بەرگەن فىنلاندىيە بىلەن شىۋېتسىيە ئارىسىدىكى ئائالاند ئاراللىرى چۈشىنىمەسلىكى بىر تىپىك مىسال. نوپۇسنىڭ كۆپ سانلىقىنى شىۋېتسىيەلىكلەر تەشكىل قىلىدىغان ئائالاند ئاراللىرى مەمۇرىي جەھەتتىن فىنلاندىيەگە قارايتتى. ئارالدا ياشايدىغانلارنىڭ كېلەچىكىگە ئالاقىدار ئىختىلاپ، مىللەتلەر جەمئىيىتى كېڭىشىدە كۈنتەرتىپكە كەلدى. مەسىلىگە خەلقئارا جەمئىيەت نامىدىن چارە تېپىش مەقسىتىدە كېڭەشنىڭ قارارىغا ئاساسەن قۇرۇلغان قانۇنشۇناسلار كومىتېتى ئۇزۇن سۆھبەتلەرنى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، ئائالاند ئاراللىرىدا فىنلاندىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشى، ئاراللاردا شىۋېتچىنىڭ ئىشلىتىلىشى ۋە سىياسىي ئورگانلارنىڭ ئەركىن قويۇۋېتىلىشى قارار قىلىندى[21].

ئىككى دۇنيا ئۇرۇشى ئارىسىدىكى مەزگىلدە ئاز سانلىقلارنىڭ ھەق – ھوقۇقىنىڭ مۇھاپىزەت قىلىنىشى توغرىسىدا تۇنجى قېتىم ئومۇمىي قائىدە – پىرىنسىپلار بەلگىلەنگەن بولسىمۇ، ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى مۇزاكىرە قىلىنمىدى. بۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇقۇمنىڭ ئۆتمۈشى تېخىمۇ ئۇزۇنغا سوزۇلىدۇ. 18 – ئەسىردىكى ئامېرىكا ۋە فىرانسىيە ئىنقىلابلىرى بىلەن 20 – ئەسىردىكى بولشېۋىك ئىنقىلابىدا كۈنتەرتىپكە كەلگەن خەلق ئىگىلىك ھوقۇقى ئۇقۇمىنىڭمۇ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى بىلەن يېقىن مۇناسىۋىتى بار (Kılınç, 2008:959-961).

1945 – يىلى قۇرۇلغان بىرلەشكەن مىللەتلەر (دۆلەتلەر) تەشكىلاتىنىڭ ئاساسىي ئەھدىنامىسىدا ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا ۋاسىتىلىك ھالدا ئېنىقلىما بېرىلدى. ئەھدىنامىنىڭ ئىككىنچى ماددىسىدا بىرلەشكەن مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ «خەلقلەرنىڭ ھوقۇق باراۋەرلىكى ۋە ئۆز كېلەچىكىنى بەلگىلەش پىرىنسىپىغا ھۆرمەت قىلىش» ئاساسىدا قۇرۇلغانلىقى، «دۆلەتلەر ئارىسىدا دوستانە مۇناسىۋەتلەرنى گۈللەندۈرۈش ۋە دۇنيا تىنچلىقىنى كۈچەيتىش شۇنداقلا تېگىشلىك باشقا تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش»نىڭ تەشكىلاتنىڭ تۈپ نىشانلىرى ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان[22].

ئاساسىي ئەھدىنامىنىڭ 5 – ماددىسىدا دۆلەتلەرگە يوللۇق قوغدىنىش ھوقۇقى بېرىلىپ، زېمىن پۈتۈنلۈكىنىڭ قوغدىلىشى ئۈچۈن دۆلەت چېگرالىرى ئىچىدە پايدىلىنىشقا ئېھتىمالى بولغان ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا چەكلىمە قويۇلغان.

ئاساسىي ئەھدىنامىنىڭ 55 – ماددىسىدا بولسا، ب د ت نىڭ خەلقلەرنىڭ ھوقۇق جەھەتتىن باراۋەرلىكى ۋە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلغان ئاساستا، تىنچلىقپەرۋەر ۋە دوستانە مۇناسىۋەتلەرنى ئورنىتىش، مۇقىملىق ۋە باياشاتلىقنى كاپالەتكە ئىگە مەقسىتىدە تۇرمۇش سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن كۈچ سەرپ قىلىدىغانلىقى، ئىقتىساد ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا ھەسسە قوشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. مەدەنىي ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنىڭ راۋاجلىنىشى بىلەن خەلقئارادىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە سەھىيە مەسىلىلىرىگە چارە تېپىلىدىغانلىقى؛ كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئاساسىي ئەركىنلەرگە پەرقلەندۈرۈپ ئولتۇرماستىن ھۆرمەت قىلىشنىڭ ئاساس ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.

ئاساسىي ئەھدىنامىنىڭ كونا تۈزۈم توغرىسىدىكى 12 – بۆلۈمىدىكى ماددىلاردا بولسا، مۇستەملىكە رايونلارنىڭ ئۆز – ئۆزىنى باشقۇرۇشى تىلغا ئېلىنغان، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كەلگەن ماددىلاردا كونا تۈزۈم كېڭىشىنىڭ ۋەزىپە ئېنىقلىمىسىغا ئورۇن بېرىلگەن. ب د ت ئاساسىي ئەھدىنامىسىدە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا ئېنىقلىما بېرىلگەندە «ھوقۇق» سۆزىنىڭ ئورنىغا «پىرىنسىپ» دېگەن سۆز ئىشلىتىلگەن. بۇ ئۇقۇمنىڭ بۇ شەكىلدە ئىشلىتىلىشى ب د ت نىڭ سىياسىي تاللىشىنى ئىپادىلەيدىغان بولۇپ، تەشكىلات بۇ يەردە ئەزالارنىڭ زېمىن پۈتۈنلىكىگە سەزگۈر قارىغان، بۆلگۈنچى تەلەپلەرگە ھەمدەم بولۇشنى خالىمىغان (Aral, 2010: 30).

ب د ت ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەشنى ئومۇمىي بىر قائىدە، بىر ھوقۇق شەكلىدە ئىزاھلىماستىن، بۇ ھوقۇقنىڭ پەقەت مۇستەملىكە ئاستىدا ياشايدىغان يەرلىك خەلقلەرنىڭ ھەققى ئىكەنلىكى قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى كونا مۇستەملىكىلەر ۋە ئىرقچى تۈزۈم ئاستىدىكى جايلار ئۈچۈن يوللۇق دەپ قوبۇل قىلىنغان. ب د ت نىڭ قوشكېزەك ئەھدىنامىلىرى دېگەن نام بىلەن تونۇلغان مەدەنىي ۋە سىياسىي ھوقۇقلار ئەھدىنامىسى بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە كۈلتۈر ھوقۇقى ئەھدىنامىسىدا ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ئۇقۇمىنىڭ چەك – چېگرالىرى تېخىمۇ مۇئەييەنلەشكەن. بولۇپمۇ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە كۈلتۈر ھوقۇقى ئەھدىنامىسىدا ئوچۇق قىلىپ، پۈتكۈل مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكى ۋە بۇ ھوقۇقنىڭ تەبىئىي بايلىقلارنى بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان[23].

ئەھدىنامىنىڭ بىرىنچى ماددىسىغا ئاساسلانغاندا، «بارلىق خەلقلەر ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا ئىگىدۇر. خەلقلەر، بۇ ھوقۇققا ئاساسەن ئۆزىنىڭ سىياسىي تۈزۈم شەكىللىرىنى ئەركىن شەكىلدە بەلگىلەش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە كۈلتۈر ھوقۇقلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش ئەركىنلىكىگە ئىگىدۇر.» ئىككىنچى ماددىسىدا بولسا، «باشقىلارغا زىيان يەتكۈزمەستىن خەلقلەر تەبىئىي بايلىقلىرىنى ئەركىن ھالەتتە ئۆز مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئىگىدۇر. ھېچبىر خەلقنىڭ ماددىي بايلىقلىرىنى ئىشلىتىشتىن مەھرۇم قىلىنىشىغا بولمايدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلگەن.

ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى تەرىپىدىن 1970 – يىلى قوبۇل قىلىنغان دۆلەتلەر ئارا دوستانە مۇناسىۋەتلەرنى گۈللەندۈرۈش توغرىسىدىكى بايانات[24] ئارقىلىق مۇستەملىكە دۆلەتلىرى ۋە خەلقلىرىگە مۇستەقىللىق بېرىلىشىگە دائىر باياناتتا ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنىڭ دائىرە ۋە چەك – چېگرالىرىغا تېخىمۇ روشەن شەكىلدە ئېنىقلىما بېرىلگەن[25]. بۇلارنىڭ بىرىدە خەلقلەرنىڭ شەرتسىز باراۋەرلىكى تەكىتلەنگەن، دۆلەتلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق، باراۋەرلىك ۋە ئۆزئارا ھۆرمەت دائىرىسىدە ئېلىپ بېرىلىشى بايان قىلىنغان. باياناتقا ئاساسلانغاندا، دۆلەتلەر باشقىلىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ۋە زېمىن پۈتۈنلىكىگە ھۆرمەت قىلىدۇ. خەلقلەرنىڭ ئۆز كېلەچەكلىرى توغرىسىدىكى باياناتتا، بىر فېدېراتسىيە ئىچىدە رايونلۇق ياكى مەدەنىيەت جەھەتتىن ئەركىنلىك تەلەپ قىلىش شەكىلدە بايان قىلىنغان.

ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ يەنە بىر باياناتى تەبىئىي بايلىقلارغا ئالاقىدار دائىمىي ئىگىلىك ھوقۇققا مۇناسىۋەتلىكتۇر[26]. بۇ بايانات، تەبىئىي بايلىقلارنىڭ دۆلەتنىڭ پۇقرالىرىغا پايدىلىق ئىشلارغا ئىشلىتىشىنى مەزمۇن قىلىدۇ. چەت مەنبەلىك شىركەتلەرنىڭ تەبىئىي بايلىقلارغا ئىگە بولۇۋېلىشىغا چەكلىمە قويۇشنى مەزمۇن قىلغان بۇ بايانات، ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا يېڭى بىر ئىزاھات بېغىشلىغان.

ب د ت ھۆججەتلىرىدە بولسا، ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى ئومۇمەن كىشىلىك ھوقۇقنىڭ تەبىئىي داۋامى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنىدۇ. بۇرۇنلاردا بىر پىرىنسىپ، دەپ قارالغان بۇ ئۇقۇمغا كېيىنچە ھوقۇق دەپ ئېنىقلىما بېرىلگەندۇر. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەر تەرىپىدىن ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىدىن بۆلگۈنچىلىكنىڭ يوللۇقلاشتۇرۇلۇشى مەنىسىنى چىقىرىشقا بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا قاراشلار ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ب د ت مۇ بۇ دائىرىدە مەسىلىنى پەرقلەندۈرۈپ، مۇستەملىكە ۋە باشقىلارنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدىكى خەلقلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى قوبۇل قىلىنغان، چوڭ دۆلەتلەرنىڭ چېگرالىرى ئىچىدە ياشايدىغانلارنىڭ بۇ ھوقۇقىنىڭ مەركىزىي قۇرۇلمىغا ئىشتىراك قىلىش ۋە كۈلتۈر ھەقلىرى بىلەن چەكلىنىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان. مۇستەملىكە تۈزۈم ئاستىدىكى خەلقلەر ۋە دۆلەتلەرگە ئەركىنلىك بېرىلىشى توغرىسىدىكى باياننامىدا بولسا، بۇ كاتېگورىيەدىكى خەلقلەرنىڭ مۇستەقىللىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ھوقۇقلارغا ئىگە ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن (Kılınç, 2010:965-968).

2.2 ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنىڭ ئىجرا قىلىنىش مىساللىرى

ۋارشاۋا ئەھدىنامىسى ۋە سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەتلەر ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشىدىن كېيىن بالقان ئەللىرى ۋە شەرقىي ياۋروپا قاتارلىق دۇنيانىڭ كۆپلىگەن جايلىرىدا تۆۋەن كىملىكلەر ھەق – ھوقۇقلىرىنى ئىلگىرى سۈرگەن ھالدا، دۆلەتتىن ئايرىلىپ چىقىشقا تىرىشىپ باقتى. بۇ مەزگىلدە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا تۇتقان پوزىتسىيەسى روشەنلىكتىن يىراق ئىدى. بىر تەرەپتىن مۇستەملىكە مۇساپىسىنىڭ ئاخىرلىشىشى بىلەن بىرلىكتە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنىڭ فۇنكسىيەسىنى يوقاتقانلىقى يوشۇرۇن مەنىدە قوبۇل قىلىنغان بولسىمۇ، يەنە بىر تەرەپتىن باڭلادېش، ئىككى گېرمانىيەنىڭ بىرلىشىشى، جەنۇبىي سۇدانغا ئوخشاش مىساللارمۇ كۆرۈلدى؛ ئابخازىيە، جەنۇبىي ئوسېتيە، قىبرىس، ترانسدىنيېستېرغا ئوخشاش ئىختىلاپلىق مەسىلىلەردە بولسا، تەتبىقلاش قىيىنچىلىقلىرى ئوتتۇرىغا چىقماقتا. دەۋرىمىزدە دۇنيانىڭ كۆپلىگەن جايلىرىدىكى بۆلگۈنچى ھەرىكەتلەر تەلەپلىرىنى يوللۇقلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ئۇقۇمىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنىڭ دۆلەتلەرنىڭ زېمىن پۈتۈنلىكىگە خەۋپ ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىدا شۈبھە يوقتۇر. دوستانە مۇناسىۋەتلەر خىتابنامىسىدىمۇ روشەن شەكىلدە بايان قىلىنغىنىدەك، ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى ئاساسلىقى بىر رايوندا ياشايدىغان خەلقنىڭ ئايرىمچىلىققا ئۇچرىماستىن تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى، ھاكىمىيەتتە گېپى ئۆتىدىغان بولۇشىدۇر. دۆلەتلەرنىڭ چېگرالىرى ئىچىدە ياشايدىغان ئاز سانلىقلارنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى، ئاساسەن ئىچكى ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى دەپ چۈشىنىلمەكتە. ب د ت نىڭ ئازسانلىقلارغا ئالاقىدار ھۆججەتلىرىمۇ، ئومۇمەن ئازسانلىقلار ھوقۇقىنى ئاز سانلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق دەپ چۈشىنىش مايىللىقىغا ئىگە. گۇرۇپپا ھوقۇقلىرى ياكى كوللېكتىپ ھوقۇقلىرىنىڭ چېگرالىرى تارلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بۆلگۈنچى مايىللىقلارنىڭ يوللۇقلاشتۇرۇلماسلىقىغا ئەھمىيەت بېرىلگەن. خېلسىنكى ھەل قىلغۇچ خىتابنامىسىدا، ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا كۆپ سانلىقى دېموكراتىك سىياسىي سىستېما ئىچىدە ئىجرا قىلىنىدىغان كىشىلىك ھوقۇقنىڭ بىر پارچىسى، دەپ قارالغان (Uz, 2007;60-81).

خۇسۇسەن ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنىڭ ئايرىلىپ چىقىپ كېتىش ھوقۇقىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ – ئالمايدىغانلىقى توغرىسىدا بۈگۈنگىچە ئوتتۇرىغا چىققان قاراش ۋە تەتبىقاتلار uti possedetis قائىدىسىدۇر. زېمىن پۈتۈنلۈكىنىڭ تارىخىي ئىزچىللىقى دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان بۇ ئۇقۇم، ئازسانلىقلار ھوقۇقى ۋە ئايرىلىپ چىقىشى كۈنتەرتىپكە كەلگەندە، ئاساسىي پىرىنسىپ سۈپىتىدە دىققەتكە ئېلىنىپ كەلدى.

1918 – يىلى قۇرۇلغان چېكېسلوۋاكىيەنىڭ ۋارشاۋا ئىتتىپاقىنىڭ بۇزۇلۇشىدىن كېيىن چېخ جۇمھۇرىيىتى ۋە سىلوۋاكىيە دەپ ئىككىگە پارچىلىنىشى ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھېسابلىنامدۇ؟ بۇ تېما ئۆز دائىرىسىدە ئەتراپلىق بەس – مۇنازىرىلەر قىلىنغان بولۇپ، ئومۇمىي مايىللىق پارچىلىنىشنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىدىن پايدىلىنىشتىن بەكرەك ئۆزئارا چۈشىنىش ھاسىل قىلىش ئاساسىدا ئىشقا ئاشقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. چېكىسلوۋاكىيە ئاساسىي قانۇنىدا بۇ ئىككى قۇرۇلمىنىڭ بىر – بىرىدىن پەرقلىق ئىكەنلىكى روشەن شەكىلدە بايان قىلىنغان بولۇپ، بۇ يەردىن چىققان خۇلاسە، ئاساسىي قانۇندا بۇ ھوقۇق ئورۇن ئالغان تەقدىردە، ئايرىلىپ چىقىش كېتىشنىڭ يوللۇق بولىدىغانلىقىدۇر (Uz, 2007:75).

دەرۋەقە، تىتو تەرىپىدىن قۇرۇلغان يۇگوسلاۋىيە فېدېراتسىيەسىدىمۇ فېدېراتىپ جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ ئايرىلىپ چىقىش كېتىش ھوقۇقى بارلىقى 1963 – يىلىدىكى ئاساسىي قانۇننىڭ كىرىش بۆلۈمىدىن ئورۇن ئالغانىدى[27].

فېدېراتىپ جۇمھۇرىيەت سالاھىيىتىگە ئىگە بولمىغان كوسوۋونىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنىڭ بار – يوقلۇقى بۇ دائىرىدە ئانالىز قىلىنىشى لازىم. ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەشنى تەتبىقلاشنىڭ چوقۇم ئايرىلىش بىلەن نەتىجىلىنىشى شەرت ئەمەس. بىر دۆلەتنىڭ چېگرالىرى ئىچىدە ياشايدىغان خەلقنىڭ ھەرقانداق بىر تاشقى بېسىمغا ئۇچرىماستىن خالىغان باشقۇرۇش تۈزۈمىنى تاللىشىمۇ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى دائىرىسىگە كىرىدۇ. شۇنىڭدەك تەبىئىي بايلىقلار ئۈستىدىكى ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىغىمۇ بۇ كاتېگورىيەدە مۇئامىلە قىلىشقا بولىدۇ. بۇ يەردە بايان قىلىنغان شەكلى ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى ئىچكى جەھەتتە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى دەپ ئاتىلىدۇ. تاشقى جەھەتتىن ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى بولسا، مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش ھوقۇقىدۇر (Kılınç, 2010:958). بۇ نۇقتىدا، بىر دۆلەتنىڭ چېگرالىرى ئىچىدە ياشايدىغان بىر خەلق توپلۇقىنىڭ، بىر ئازسانلىقنىڭ بۇ ھوقۇقىنىڭ بار – يوقلۇقى مەسىلىسى مۇھىم ئورۇنغا ئىگە.

خەلقئارا قانۇن، تاشقى جەھەتتىن ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا يەنى مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش ھوقۇقىغا چەكلىمە قويماقتا. مۇستەملىكە تۈزۈملەرنىڭ ئاستىدىكى خەلقلەرگە بۇ ھوقۇقنىڭ بېرىلىشى قانۇنلۇق دەپ قارىلىدۇ ۋە ئومۇمەن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قوشۇلۇشىنى ئالغاندا، باشقىلىرى جەھەتتىن مۇستەقىللىق مۇئەييەن شەرتلەرگە باغلانغان.

خەلقئارا ئادالەت مەھكىمىسىنىڭ ئالدىغا كەلگەن غەربىي سەھرا، شەرقىي تىمورغا ئوخشاش دېلولار توغرىسىدا چىقارغان قارارلار بولسا، ئىجتىھات قىلىشقا بولىدىغان دەرىجىدە ئەمەس. مەھكىمە قارارلىرىدا ئىچكى جەھەتتىن ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى يوللۇق دەپ قارالغان بولسا، مۇستەقىللىق دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان تاشقى ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى توغرىسىدا روشەن پىكىر بايان قىلىنمىغان. يەنە بىر تەرەپتىن دۆلەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا ئالاقىدار پوزىتسىيەلىرىمۇ مودېل تەشكىل قىلىشتىن يىراقتۇر. سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەتلەر ئىتتىپاقىدىن كېيىن مەزگىلدە رۇسىيە فېدېراتسىيەسى كاۋكازىيەدىكى جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى بارلىقىنى ياتسىرىغان بولسا، ترانسدىنيېستېر، جەنۇبىي ئوسېتيە ۋە ئابخازىيەنىڭ بۇ ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. پاكىستان، كەشمىرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى بارلىقىنى قوبۇل قىلسىمۇ، باڭلادېشنىڭ بۇنداق ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى رەت قىلماقتا.

ھازىرقى ئەھۋالدا ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەشنىڭ بىر ھەق، بىر ھوقۇق ئىكەنلىكىگە قىل سىغمايدۇ. خەلقئارا جەمئىيەت بۇ ھوقۇقنىڭ بارلىقىنى قوبۇل قىلماقتا. لېكىن، مۇستەملىكە ئۆتمۈشى بولمىغان مىللەتلەرنىڭ بۇ ھوقۇقتىن قانچىلىك پايدىلىنالايدىغانلىقى مەسىلىسىدە بىردەكلىك يوق. ب د ت ۋە ئۇنىڭغا ئەزا دۆلەتلەر نۇقتىسىدىن زېمىن پۈتۈنلۈكىنىڭ مۇھاپىزەت قىلىنىشى ھەرقانداق ئەھۋالدا ئايرىلىپ كېتىشتىن ئۈستۈن ئورۇنغا ئىگە بولۇپ كەلمەكتە.

3.2 كوسوۋونىڭ مۇستەقىللىقى ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنىڭ قەيىرىدە

كوسوۋونىڭ مارتتى ئاختىسائارى پىلانى ۋە 1244 – نومۇرلۇق ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى قارارىغا تايانغان ھالدا، 2008 – يىلى 17 – فېۋرالدا بىر تەرەپلىمە ھالدا مۇستەقىللىق ئېلان قىلىشىغا ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنىڭ تەتبىقلىنىشى دەپ قاراشقا بولامدۇ؟ مۇستەقىللىق قارارى دۆلەتلەر قانۇنىغا ماسمۇ؟

خەلقئارا قانۇن مۇستەقىللىق ئېلان قىلىپ ئايرىلىپ كېتىشنىڭ قانۇنىيلىققا ئىگە بولۇشى ئۈچۈن بىر قاتار شەرتلەرنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. دۆلەتلەر قانۇنى مۇتەخەسسىسى ئارساۋا، بۇنىڭغا تەڭداش مەسىلىلەرنى دۆلەتنى تەشكىل قىلىدىغان باشقا ئامىللارنى نەزەردە تۇتقان ھالدا رازىلىقى بىلەن ئايرىلىش، مۇستەملىكە تۈزۈمىدىن ئايرىلىش، مىللىي قانۇنغا ئاساسەن ئايرىلىش ۋە زېمىن قوشۇۋالغان دۆلەتتىن ئايرىلىش قاتارلىقلارغا ئايرىيدۇ (Arsava, 2012: 1-22). كوسوۋونىڭ مۇستەقىللىق قارارى بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان تۈرلەرنىڭ ھېچبىرىگە تولۇق مەنىدە چۈشمەيدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، كوسوۋونىڭ مۇستەقىللىق قارارىنىڭ ئاساسىي قانۇنلۇق تايانچىنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمۇ مۇمكىندەك قىلمايدۇ. چۈنكى، يۇگوسلاۋىيە ئاساسىي قانۇنى پەقەت فېدېراتىپ جۇمھۇرىيەتلەرنىڭلا ئايرىلىش ھوقۇقى بارلىقىنى قەيت قىلىدۇ. كوسوۋونىڭ سالاھىيىتى سېربىيە فېدېراتسىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچىدىكى بىر ئاپتونوم رايوندىن ئىبارەت ئىدى.

كوسوۋونىڭ مۇستەقىللىق قارارى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغانمۇ؟ سېربىيە قارشى چىققان مۇستەقىللىق قارارىغا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەڭ چوڭ تەشكىلاتى بولغان ب د ت نىڭ ماقۇللۇق بەرگەن – بەرمىگەنلىكى دەتالاشلىق بىر مەسىلىدۇر. گەرچە ئايرىلىش قارارىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇلاھىزىسىدە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 1244 – نومۇرلۇق قارارىغا تايىنىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان بولسىمۇ، ئاختىسائارى پىلانى رۇسىيە بىلەن خىتاي قارشى چىققانلىقى ئۈچۈن ب د ت نىڭ كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈلەلمىگەنىدى.

كوسوۋو مۇستەقىل بولغاندىن كېيىنمۇ ئوخشاش سەۋەبلەر تۈپەيلى ئۆزىنى ب د ت غا ئەزا سۈپىتىدە تىزىمغا ئالدۇرالمىدى. شۇنداق بولسىمۇ، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى ۋە دۇنيا بانكىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەزى خەلقئارالىق ئورگانلارغا ئەزا بولدى. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ 28 ئەزا دۆلىتىنىڭ 23 ى كوسوۋونى ئېتىراپ قىلدى. كوسوۋو مىسالىغا ئوخشاپ كېتىدىغان ۋە ئۇلار بىلەن يېقىندىن مۇناسىۋەتلىك سىياسىي ئىختىلاپلىرى بولغانلىقى ئۈچۈن ھازىرغىچە ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىدىن ئىسپانىيە، رومىنىيە، گىرېتسىيە، قىبرىس رىم ھاكىمىيىتى ۋە سىلوۋاكىيە كوسوۋونى ئېتىراپ قىلمىدى.

خەلقئارا قانۇن، بىر ئېتنىك گۇرۇپپىنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى دائىرىسىدە ئۆزى ياشاۋاتقان دۆلەتتىن ئايرىلىپ چىقىش ھوقۇقىنىڭ قانداق شارائىت ئاستىدا يوللۇق بولىدىغانلىقى ب د ت ئاساسىي ئەھدىنامىسى ۋە سوت قارارلىرى ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويغان. ب د ت ئەھدىنامىسىغا ئاساسلانغاندا، پۈتكۈل خەلقلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى باردۇر. لېكىن بۇ ھوقۇق ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنىڭ خەۋپكە ئىتتىرىلىشى ۋە پارچىلىنىشىنىڭ ماقۇللىنىشى دەپ ئىزاھلانماسلىقى كېرەك. مۇستەملىكە ئۆتمۈشى بولمىغان خەلقلەر ئومۇمەن ئايرىلىپ چىقىشنى ئەمەس، ئىچكى جەھەتتىن ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى تەلەپ قىلىشقا قىزىقتۇرۇلماقتا، ئازسانلىقلارنىڭ ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان دۆلەت چېگرالىرى ئىچىدە قېلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان ئىنسان مەركەزلىك تۈزۈملەرنىڭ ئورنىتىلىشى مۇناسىۋەتلىك دۆلەتتىن تەلەپ قىلىنماقتا.

سېربىيە ھۆكۈمىتىنىڭ رازىلىقىسىزلا كوسوۋونىڭ مۇستەقىل بولۇشنى قارار قىلىشى ۋە بۇنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك قوللىشىغا ئېرىشىشى، بۇ يەردە دۆلەتلەر قانۇنى نۇقتىسىدىن مەسىلە يوق دېگەنلىك بولمايدۇ. كوسوۋونىڭ مۇستەقىللىقىنىڭ قوللاپ – قۇۋۋەتلىنىشىنىڭ پەردە ئارقىسىدا سېربىيە دائىرىلىرىنى پۇقرالارغا ئېغىر تىپلىق قوراللارنى ئىشلىتىپ زوراۋانلىق قىلىشىنىڭ، دۆلەت تېررورىنىڭ رول ئوينىغانلىقى ئېنىقتۇر. خەلقئارا جەمئىيەت يېڭى بىر سرېبرېنىتزا (ۋەقەسىنىڭ) يۈز بېرىشىدىن ئەنسىرىگەن ھالدا ھەرىكەت قىلدى ۋە ناتونىڭ مۇداخىلە قىلىشى مۇقەررەرلىشىپ قالدى. كوسوۋودا بىخەتەرلىك كوسوۋو ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ كونتروللۇقىدا ۋە ھۆكۈمەت خەلقئارا جەمئىيەت نامىدىن ب د ت كوسوۋو كومىتېتىنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا بولغان 1999 – 2008 – يىللاردا، سېربىيە بىلەن كوسوۋو ئالبانلىرى ئارىسىدا كوسوۋونىڭ كېلەچكى توغرىسىدا يارىشىش ھاسىل قىلىنالمىدى.

بۇ ئومۇمىي دائىرە ئىچىدە ئانالىز قىلىنغىنىدا، كوسوۋونىڭ مۇستەقىللىق قارارى خەلقئارادا قانۇنىيلىققا ئىگىدۇر. چۈنكى خەلقئارا قانۇن ئارقا پىلاندا ياكى ئاشكارا ھالدا، ئۈچ تۈرلۈك شەرت تېپىلغان تەقدىردە، بىر ئازسانلىقنىڭ ئايرىلىش ھەققىنى يوللۇق دەپ قارايدۇ. بۇلارنىڭ بىرىنى، ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى كۈنتەرتىپكە كىرگۈزگەن خەلقنىڭ مۇستەملىكە ئۆتمۈشىگە ئىگە بولۇشى؛ ئىككىنچىسى (بىر خەلقنىڭ) ئىرقىي قىرغىنچىلىققا دۇچار بولۇش ۋە بۇنىڭ نەتىجىسىدە چېكىسلوۋاكىيە مىسالى ئارقىلىق كونكرېتلاشقان مۇناسىۋەتلىك دۆلەتتىن ئايرىلىشىغا قوشۇلۇشى يەنى رازىلىق بىلدۈرۈشىدۇر. كوسوۋونىڭ مۇستەقىللىقىنى بۇ كۆزنەكتىن ئانالىز قىلغىنىمىزدا، ئالدى بىلەن كوسوۋو نوپۇسىنىڭ كۆپ سانلىقىنى تەشكىل قىلىدىغان ئالبانلارنىڭ ئايرىم بىر مىللەت ئىكەنلىكى ۋە باشقا يۇگوسلاۋىيە خەلقلىرىگە ئوخشاش ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكى قارىشى ئومۇمەن قوبۇل قىلىنماقتا. ئاننا مولتچانوۋا بۇنىڭغا «كۆپ مىللەتلىك دۆلەتلەردە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش باراۋەرلىكى» دەپ ئېنىقلىما بېرىدۇ (Moltchanova, 2009:161-162). كوسوۋونىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى قانۇنىيلاشتۇرىدىغان ئىككىنچى ئامىل بولسا، ئالبانلارنىڭ تىتو دەۋرىدىن تارتىپ ئايرىمچىلىققا ئۇچرىشى ۋە مىلوشېۋىچ ھاكىمىيىتىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئوخشاپ كېتىدىغان زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ ئومۇملىشىپ كېتىشىدۇر. دېمەك، ب د ت ئالاھىدە ۋەكىلى ئاختىسائارى تەرىپىدىن تەييارلانغان پىلاندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەردىن باشقا ھېچبىر يولنىڭ مەسىلىگە چارە بولۇش ئېھتىمالىنىڭ يوقلۇقى ئېنىقتۇر. يەنە بىر تەرەپتىن، بەزى دۆلەتلەرنىڭ قارشى چىققان بولۇشىغا قارىماي، 100 دىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ كوسوۋونىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلغان بولۇشىمۇ بۇ ئىشقا قانۇنىيلىق بېغىشلىماقتا.

4.2 كوسوۋونىڭ كېلەچىكى

مۇستەقىللىق قارارىنى ئېلان قىلغىنىغا 8 يىل بولغان (ماقالە يېزىلغان 2016- يىلى كۆزدە تۇتۇلماقتا-تەرجىمان) كوسوۋونى كېلەچەكتە قانداق كۈنلەر كۈتۈۋاتىدۇ؟ ئالدى بىلەن شۇنى نۇقتىنى ئەسكەرتىش كېرەككى، سېربىيە دائىرىلىرى ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى نورماللاشتۇرۇش، نامزاتلىق ۋە تولۇق ئەزالىق مۇزاكىرىلىرىدە ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىش ئۈچۈن، ياۋروپا ئىتتىپاقى تەلەپ قىلغان نۇقتىلاردا قەدەم تاشلاشتىن يالتايمىدى. سېربىيە دائىرىلىرى بىلەن كوسوۋو ئارىسىدا 2013 – يىلى تۈزۈلگەن چېگرادىن ئۆتۈشكە مۇناسىۋەتلىك كېلىشىم، بىر – بىرىنى قانۇنىي جەھەتتىن ئېتىراپ قىلمايدىغان دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىق ئورنىتىشلىرىدىنمۇ بەكرەك ئاستىرتتىن ئېتىراپ قېلىش دېگەن مەنىنىمۇ بىلدۈرىدۇ. ئالدىمىزدىكى يىللاردا، نۆۋەتتە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن تولۇق ئەزالىق مۇزاكىرىلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان سېربىيە، بۇ يولنى تاشلاپ مىللىي بىرلىك ۋە تار مىللەتچىلىككە يۈزلەنمىگەن تەقدىردە، بۇ دۆلەتنىڭ كوسوۋو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە يېتىشى كۈتۈلمەكتە.

كوسوۋو ئالبانلىرىنىڭ باشقا بىر دۆلەت بىلەن بىرلىشىشى ۋە كوسوۋو زېمىنلىرىنىڭ پارچىلىنىشى ئاختىسائارى پىلانى ئارقىلىق چەكلەنگەندۇر. ماكېدونىيە ئالبانلىرى بىلەن ئۈسكۈپ دائىرىلىرى ئارىسىدا ئوخرىد كېلىشىمى ئارقىلىق ئورنىتىلغان ئۆزئارا ئىشەنچ ۋە تىنچلىق مۇھىتى داۋام قىلماقتا. دېمەك، ئالدىمىزدىكى مەزگىلدە ۋە قىسقا كېلەچەكتە كوسوۋو ئالبانلىرىنىڭ بىر باشقا دۆلەت بىلەن بىرلىشىشى ياكى ماكېدونىيەدىكى ئالبان ئازسانلىقلار ياشاۋاتقان جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان شەكىلدە «بۈيۈك ئالبانىيە» نىڭ قۇرۇلۇشىمۇ مۇمكىندەك قىلمايدۇ.

غەربىي بالقان رايونىغا نىسبەتەن ئالدىمىزدىكى مەزگىلدە ناتو ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش يولى ئارقىلىق غەرب سىستېمىسى ئىچىگە كىرىش بىردىنبىر چىقىش يولىدەك كۆرۈنمەكتە. گەرچە تۈركىيەنىڭ رايوندىكى نوپۇزى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئاشقان ۋە رۇسىيەنىڭ بەزى دۆلەتلەردىكى ئىقتىسادىي ھۆكۈمرانلىقى كۈچەيگەن بولسىمۇ، بۇ ئۆزگىرىشلەر رايوننىڭ ئومۇمىي يۆنىلىشىگە تەسىر كۆرسەتكۈدەك دەرىجىدە ئەمەس. غەربىي بالقان رايونىدىكى دۆلەتلەردىن سىلوۋېنىيە 2004 ۋە كىرودىيە 2013 – يىلى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا تولۇق ئەزا بولۇپ قېتىلدى. ماكېدونىيە 2004 – يىلىدىن بۇيان نامزات دۆلەتتۇر. بۇ دۆلەتنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئىلگىرىلىشىگە گىرېتسىيە رەت قىلىش كۈچىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق توسقۇنلۇق قىلماقتا. 2009 – يىلى ناتوغا ئەزا بولغان ئالبانىيەمۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا نامزاتى سالاھىيىتىگە ئىگە دۆلەتتۇر. سېربىيە بىلەن قاراتاغ ھازىرمۇ ئەزالىق سۆھبەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا. دېمەك، ئالدىمىزدىكى مۇساپىدە، پەۋقۇلئاددە بىرەر ئۆزگىرىش بولۇپ قالمىغان تەقدىردە، كوسوۋونىڭمۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا تولۇق ئەزا بولۇش يولىدا ئىلگىرىلىشى كۈتۈلمەكتە. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ غەربىي بالقان رايونىنىڭ كېلەچىكىگە ئالاقىدار دوكلاتلىرىدىمۇ، بۇ مايىللىقنى كۆرۈش مۇمكىن. ياۋروپا ئىتتىپاقى، 2003 – يىلىدىكى سەلانىك باشلىقلار يىغىنىدا چىقىرىلغان قارارنىڭ روھىغا ئاساسەن، رايون دۆلەتلىرىنى تەدرىجىي ھالدا ياۋروپا گەۋدىسى ئىچىگە كىرگۈزۈش ئۈچۈن كۈچ چىقارماقتا (The European Council, 2003). تۈركىيە، دەسلىپىدە ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلى ئېھتىياتچان پوزىتسىيەدە بولغان كوسوۋونىڭ مۇستەقىللىقى پىكرىنى 2004 – يىلىدىن باشلاپ روشەن ھالدا قوللاپ – قۇۋۋەتلىدى ۋە مۇستەقىللىق قارارىدىن كېيىنلا بۇ دۆلەتنى ئېتىراپ قىلغان ئالدىنقى قاتاردىكى دۆلەتلەر ئارىسىدىن ئورۇن ئالدى.

خۇلاسە

1918 – يىلى سېرب – كىروۋات – سىلوۋېن خانلىقى دېگەن نامدا قۇرۇلغان، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن فېدېراتىپ دۆلەت سىستېمىسىغا ئۆتكەن يۇگوسلاۋىيە، 1990 – يىللارنىڭ بېشىدا خەلقئارا سىياسىي سىستېمىدىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە ئىچكى سىياسىي قۇرۇلمىسىنىڭ مەھسۇلى سۈپىتىدە پارچىلاندى. كىرودىيە بىلەن سىلوۋېنىيەنىڭ 1991 – يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا مۇستەقىللىق ئېلان قىلىشى بىلەن باشلانغان مۇساپە، 2008 – يىلى 17 – نويابىردا كوسوۋونىڭ بىر تەرەپلىمە ھالدا قارار ماقۇللاپ مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلىشى بىلەن ئاخىرقى پەللىگە يەتتى. فېدېراتىپ جۇمھۇرىيەتلەردىن پەرقلىق ھالدا كوسوۋونىڭ مۇستەقىللىقى خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن كۈچلۈك بەس – مۇنازىرە قىلىندى.

سابىق يۇگوسلاۋىيە ئاساسىي قانۇنىدا كوسوۋونىڭ سالاھىيىتى سېربىيە تەۋەلىكىدىكى ئاپتونوم رايون دەپ كۆرسىتىلگەن بولۇپ، كوسوۋونىڭ كۆپ سانلىقىنى تەشكىل قىلىدىغان ئالبانلارنىڭ مىللەت سالاھىيىتى يوق ئىدى. ئاساسىي قانۇن بويىچە، فېدېراتىپ جۇمھۇرىيەتلەرنىڭلا ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى بار ئىدى. كوسوۋونىڭ بۇنىڭغا قارىماي مۇستەقىللىق ئېلان قىلىشى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك قوللىشىغا ئېرىشىشى، بىرىنچى قەدەمدە سېربىيە دائىرىلىرىنىڭ كوسوۋو ئالبانلىرىغا ئون يىللار بويىچە يۈرگۈزگەن ئايرىمچى سىياسەتلىرىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلاتتى. ئىككىنچىسى، مىلوشېۋىچنىڭ پۇقرالارغا ھەربىيلەرنىڭ قولى ئارقىلىق زوراۋان سىياسەتلەرنى يۈرگۈزۈشى ۋە ئېتنىك تازىلاشنىڭ دائىرىسىنى كۈنسېرى كېڭەيتىشى خەلقئارا جەمئىيەتنى ساراسىمىگە سالدى، يېڭى بىر سرېبرېنىتزا (قىرغىنچىلىقى) نىڭ يۈز بېرىش ئەندىشىسى سېربىيەگە قارشى ھەرىكەتكە ئۆتكۈزدى. كوسوۋونىڭ مۇستەقىللىقىنى خەلقئارا قانۇن نۇقتىسىدىن ئاقلاش قىيىن بولسىمۇ، پىرىشتىنادا توپلانغان كوسوۋو پارلامېنتىنىڭ قارارى، سەككىز يىل داۋاملاشقان خەلقئارالىق باشقۇرۇشتىن كېيىن چىقىرىلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ب د ت ئالاھىدە ۋەكىلى فىنلاندىيەنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى مارتتى ئاختىسائارى تەرىپىدىن تەييارلانغان پىلاندا، مۇستەقىللىق بىردىنبىر چىقىش يولى، دەپ تەۋسىيە قىلىنغان، باشقا تاللاشلارنىڭ مەسىلىگە چارە بولالمايدىغانلىقى ئېنىق قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. خىتاي ۋە رۇسىيە قاتارلىق بەزى دۆلەتلەر كوسوۋونىڭ مۇستەقىللىق قارارىغا قارشى چىقتى. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، 2015 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە كوسوۋونى ئېتىراپ قىلغان دۆلەتلەرنىڭ سانى 111 گە يەتتى. ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 28 دۆلەتنىڭ 23 كوسوۋونى ئېتىراپ قىلدى. كوسوۋونىڭ مۇستەقىللىقى – گەرچە دۆلەتلەرنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە چېگرالىرىنىڭ ئۆزگەرمەسلىكى پىرىنسىپىغا زىت بولسىمۇ – ئايرىمىچىلىققا ئۇچراش، ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئوخشاش سىياسەتلەر نەزەرگە ئېلىنغىنىدا، يوشۇرۇن مەنىدە خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن قانۇنلۇق، دەپ قارالدى.
مەنبە: ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنىستىتۇتى

كوسوۋو مۇستەقىللىقىنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش كۆزنىكىدىن ئانالىز قىلىنىشى

Share
1543 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.