logo

trugen jacn

كوسوۋو، كاتالونىيەلىكلەرنىڭ مۇستەقىللىق كۆرەشلىرىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆرلۈك ئارزۇسى ۋە خەلقئارا قانۇنلار ئۈستىدە ئىزدېنىش

كوسوۋو، كاتالونىيەلىكلەرنىڭ مۇستەقىللىق كۆرەشلىرىدىن  ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆرلۈك ئارزۇسى ۋە خەلقئارا قانۇنلار ئۈستىدە ئىزدېنىش

ئاسىيە ئۇيغۇر

ئاۋازدا: پەرىزات غەيرەت

(كىرىش سۆز)

مېنىڭ بۇ ماقالىنى يېزىشىمغا سەۋەب بولغان ئامىللار بولسا، خەلقئارادا ئامېرىكا – خىتاي سودا ئۇرۇشى سەۋەبلىك يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان غايەت زور ئۆزگىرىشلەر ۋە بۇ ئۆزگىرىشلەر داۋامىدا ئەسىرلەر بويى خىتاي مۇستەملىكىسى ئاستىدا ئېغىر زۇلۇم ۋە چىدۇغۇسىز خورلۇقلارنى كۆرگەن، بۈگۈنكى دۇنيا ئەللىرى تەرىپىدىن< تېنچلىق دەۋرى> دەپ تەرىپلىنىۋاتقان 21-ئەسىردە 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىكى يەھۇدىيلار قىرغىنچىلىقىدىنمۇ ئېغىر بولغان ئېرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان خەلقىمىزنىڭ بۇ زۇلۇمدىن قۇتۇلۇشىغا سەۋەب بولغۇدەك تارىخىي پۇرسەتلەرنىڭ يېتىپ  كېلىۋاتقانلىقى ، ئەمما مۇشۇنداق بىر تارىخىي شارائىتتا خەلقىمىزنىڭ يەنىلا <قانداق قىلىش كېرەك؟>لىكى ھەققىدە ئوخشىمىغان پىكىر ئېقىملىرىدا تېڭىرقاپ قېلىشىدىن، ئاقىۋەتتە ھايات – ماماتلىق بۇ مىنۇتلاردىكى ئەڭ ئاخىرقى پۇرسەتلەردىن مەھرۇم قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلغانلىقىم سەۋەبىدىن بولۇپ،  بۇ ماقالىگە قەلەم تەۋرىتىشتىن ئاۋۋال تۇنجى قېتىملىق دۇنيا تەرتىپى بېكىتىلگەن ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقان مەزگىللەردە ب د ت (بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى)نىڭ نىمە سەۋەبتىن قۇرۇلغانلىقى، ب د ت نىڭ قۇرۇلۇشىنىڭ دۇنيا تارىخىغا كۆرسەتكەن تەسىرلىرى، خەلقئارا قانۇن ۋە مۇستەملىكە ئاستىدىكى دۆلەتلەرنىڭ مۇستەقىللىق يوللىرى شۇنداقلا ئۇيغۇرلار بىلەن تەقدىرداش مىللەتلەرنىڭ مۇستەقىللىق كۆرەشلىرىىدىكى ئوخشىمىغان نەتىجىلەر ۋە بۇ مىللەتلەر بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇستەقىللىق كۆرەشلىرىدىكى پەرقلەرئۇستىدە ناھايىتى ئۇزۇن ئىزدېنىشتىن كېيىن،  بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىمنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىشىمنىڭ زۆرۈرلىكىنى ھېس قىلدىم ۋە بۇئۇزۇن ماقالىنى قەلەمگە ئالدىم. 

ماقالەمنىڭ تۇنجى بۆلىكىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ئۇنىڭ قۇرۇلۇش سەۋەبلىرى، ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشىنى قوزغىغان جاھانگىر دۆلەتلەرنىڭ ئاقىۋېتى ۋە خەلقئارا سوتقا تارتىلىشى، جىنايەتچىلەرنى سوتلاش تەرتىۋى، ئىسپات كۆرسىتىش، سوت ئېچىش  ۋە ئېرقىي قىرغىنچىلىقلارنى  ئىسپاتلاش تەرتىپلىرى،  شۇنداقلا ب د ت نىڭ ئېرىشكەن نەتىجىلىرى قاتارلىقلارمەزمۇنلاردا تەپسىلىي توختالدىم. 

ماقالەمنىڭ ئىككىنجى بۆلىكىدە ئۇيغۇرلار بىلەن ئوخشاش سالاھىيەتتىكى،  يەنى ئاپتونوم رايونى بار بولغان ئوخشىمىغان ئىككى مىللەت(كوسوۋودىكى ئالبانلار ۋە كاتالونىيەدىكى كاتالونىيەلىكلەر)نىڭ مۇستەقىللىق كۆرەشلىرى ۋە بۇ كۆرەشلەرنىڭ پەرقلىق نەتىجىلىرى ھەمدە ،  خەلقئارا قانۇنلاردىكى مۇستەقىللىق شەرتلىرى ھەققىدە تەپسىلىي توختالدىم.

ماقالەمنىڭ ئۈچىنچى بۆلىكىدە كۆرەشلىرىمىزدە ھەمدە ئېڭىمىزدا ساقلىنىۋاتقان يېتەرسىزلىكلەر،  بۈگۈنكى يېڭى پۇرسەتلەردىن قانداق پايدىلىنىش ۋە قىلىشقا تېگىشلىك زۆرۈرىيەتلەر ئۈستىدە قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. 

ئىشىنىمەنكى، ماقالىنى ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن سىزنىڭ خەلقئارا قانۇنلارغا ، مۇستەقىللىق تەرتىپلىرى ۋە شەرتلىرىگە، خەلقئارا سىياسەت ۋە  دېپلوماتىك ئالاقىلەر،  مىللىي كىملىك بىلەن مۇستەقىللىقنىڭ مۇناسىۋېتى، دىنىي ئېتىقادنى سىياسەتتىن ئايرىشنىڭ مۇستەقىللىقىمىزدىكى ئەھمىيىتى، ئېرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلاشنىڭ مۇستەقىللىقىمىزنى قولىمىزغا ئېلىشىمىزدىكى رولى  ………..قاتارلىق مەسىلەر ئۈستىدە تېخىمۇ  چوڭقۇر چۈشىنىش ۋە نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىمىزدە  بىز ئۈچۈن قايسى ئىشنىڭ ھەممىدىن بەك زۆرۈر ئىكەنلىكىنى ھەققىدە  بىر قىسىم سوئاللىرىڭىزغا جاۋاب بولالايدۇ دەپ قارايمەن. 

بىرىنجى بۆلۈم: 

بىرلەشكەندۆلەتلەرتەشكىلاتىقانداقئورگان،  نىمەسەۋەبتىنقۇرۇلغانۋەقانداقنەتىجىلەرگەئېرىشكەن؟  

ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك 2-دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلىشىپ،  1945-يىلى 4-فېۋرالدىن 11- فېۋرالغىچە بولغان بىر ھەپتە ئىچىدە ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى، ئۇلۇغ برىتانىيە ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ دۆلەت رەھبەرلىرى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قىرىم يېرىم ئارىلىدىكى گۈزەل مەنزىرىلىك ساياھەت نۇقتىسى يالتادا ، ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان مەشھۇر ” يالتا يىغىنى” نى ئاچقان ۋە بۇ يىغىن دۇنيانىڭ يېڭى كۈن تەرىپىنى بەلگىلەشتە ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىغان.  بۇ يىغىن يەنە ئۆز نۆۋىتىدە شەرقىي تۈكىستاندىن ئىبارەت بۇ تۇپراقنىڭ باشقا چوڭ دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەتىنىڭ قۇربانى بولىشىغا سەۋەبچى بولۇش بىلەن بىرگە ،خىتايدىن ئىبارەت بۇ دۆلەتنىڭ بۈگۈنكىدەك چوڭ بىر دۆلەت  بولۇپ قېلىشىغا  ئاساس سالغان. 

يالتا كېلىشىمى>نىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىگە قانداق تەسىر كۆرسەتكەنلىكى ھەققىدە توختالمايمەن. ئەمما، ئوقۇرمەنلەرگە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەخىرلىك تارىخ پەنلىرى دوكتورى  نەبىجان تۇرسۇننىڭ <يالتا كېلىشىمى ۋە ئۇيغۇرلار >ناملىق ئەسىرىنى بۇ ئۇلىنىشتىن بىر ئاڭلاپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن(https://www.youtube.com/watch?v=jVhK_CO6zPQ).

ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشى فاشىست دۆلەتلەر بىلەن فاشىزىمغا قارشى دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ھايات – ماماتلىق جەڭ بولۇپ، بۇ جەڭ  ئاقىۋەتتە فاشسزىمغا قارشى دۆلەتلەرنىڭ غەلىبىسى بىلەن ئاياقلاشقان ۋە  ئۇرۇشتىن كېيىن  دۇنيا تېنچ تەرەققىيات يولىغا قاراپ يۈزلەنگەن.   بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تۇنجى  ۋە ئەڭ چوڭ  نەتىجىلىرىنىڭ بىرىنجىسى بولسا، ئۇرۇشتا مەغلۇب بولغان دۆلەتلەرنىڭ قايتا ئۇرۇش قوزغاش ئېھتىماللىقىنى پۈتۈنلەي يوق قىلىۋېتىش بولغان. چۈنكى   ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ پارتىلىشىغا سەۋەب بولغان فاشىزىملىق ھەرىكىتى،  مەيلى دىكتاتور ھاكېمىيەت ئاستىدىكى دۆلەتلەرنى  بولسۇن ياكى  كاپىتالىست دۆلەتلەر بولسۇن، ۋە ياكى  مۇستەملىكە ئاستىدىكى دۆلەتلەرنى بولسۇن ھېچبىرىنى ئامان قويمىغان. ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشلىرى سەۋەبلىك ئىنسانىيەت مىسلىي كۆرۈلمىگەن زور بەدەللەرنى تۆلىگەن.  شۇ سەۋەب،  فاشىزىملىقنى يىلتىزىدىن يوقىتىپ تاشلاش بولسا بىرلەشمە دۆلەتلەر(بىرلەشمە دۆلەتلەر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئەسلىدىكى قۇرۇلمىسى بولۇپ، دۇنيا ئۇرۇشىدىكى فاشىزىملىققا قارشى كۆرەشتە ھەمكارلىق ئورناتقان دۆلەتلەر ھېسابلىنىدۇ.)نىڭ  ئۇرۇشتىن كېيىنكى ئاساسلىق نىشانىغا ئايلانغان. مەسىلەن،  ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدا مەغلۇب بولغان  گېرمانىيەنى  ئۆزگەرتىشتە،  بىرلەشمە دۆلەتلەر <نۇرېمبېرىخ خەلقئارا ھەربىي سوتى>ئارقىلىق جىنايەتچىلەرنى جازالاش بىلەن بىرگە ناتسىزىملىقنى پۈتۈنلەي تازىلاش  ئۇسۇلىنى قوللانغان. 

 1945-يىلى 11-ئايدىن 1946-يىلى 10-ئايغىچە فاشىزىملىققا قارشى دۆلەتلەردىن تەركىپ تاپقان <نۇرېمبېرىخ خەلقئارا ھەربىي سوت>ى 22نەپەر ناتسىست ئۇرۇش جىنايەتچىسى ۋە 6نەپەر ناتسىستلار تەشكىلاتى ئۈستىدىن سوت ئاچقان. سوت جەريانىدا ئىسپات ئۈچۈن  100مىڭ پارچە ھۆججەت، 100مىڭ پارچە  سۆرەت لېنتىسى ۋە 25مىڭ دانە  فوتو سۆرەت تەمىنلەنگەن.  قارىلىغۇچى ۋە ئاقلىغۇچى ئىككى تەرەپ 30مىڭ پارچىدىن ئارتۇق كۆپەيتىلمە ھۆججەت ماتېرىياللىرىنى سوت ئەھلىگە  سۇنغان بولۇپ،  بېسىپ چىقىرىلغان ھۆججەتلەرنىڭ سانى 50مىليۇن پارچىغا يەتكەن. لېنتىغا ئېلىنغان سوت مەيدانى كۆرۈنۈشى بولسا  4000 دانە  دېسكىغا ئېلىنغان.  مۇشۇنداق زور مىقداردىكى ئىسپات ماتېرىياللىرى ئاساسىدا 10ئايدىن ئارتۇق سوت ئېچىش ئارقىلىق 12نەپەر جىنايەتچىگە ئۆلۈم جازاسى ، 3نەپەر جىنايەتچىگە مۇددەتسىز قاماق جازاسى، 4نەپەر جىنايەتچىگە مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ناتسىستلار پارتىيسىنىڭ سىياسىي رەھبەرلىك گۇرۇھى، گېستابوتچىلار ۋە SS چىلار قاتارلىق ئۈچ تەشكىلاتنى جىنايەتچى تەشكىلات دەپ ئېلان قىلغان. يۇقىرىدا جازاغا بۇيرۇلغان 6تەشكىلات ۋە 22 شەخستىن باشقا بىرلەشمە دۆلەتلەر 1946-يىلىدىن 1949-يىلىغىچە 5000دىن ئارتۇق ناتسىست ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلغان ۋە ئۇلاردىن 800دىن ئارتۇق ئادەمگە ئۆلۈم جازاسى بەرگەن.

ياپونىيەنى ئۆزگەرتىشتە بولسا ،  ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە دۆلەتلەر  ياپونىيەگە نىسبەتەن ھەربىي، ئىقتىسادىي ۋە سىياسىيدىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپتىن ھەربىيسىزلەشتۈرۈش، دېمۇكراتىيەلەشتۈرۈش ۋە ئىسلاھات قىلىش ئۇسۇلىنى قوللانغان. ھەربىي قانۇن تۈزۈملەرنى بىكار قىلغان، ھەربىي ئورگانلارنى ئەمەلدىن قالدۇرغان ۋە تارقىتىۋەتكەن. سىياسىي جەھەتتە <نۇرەمبېرىخ خەلقئارا ھەربىي سوتى> توكيودا سوت ئېچىپ  جىنايەتچىلەرگە جازا ئېلان قىلغان. يەنى 1946-يىلى 4-ئايدىن 1948-يىلى 11-ئايغىچە بۇ سوت ياپونىيەنىڭ توكيو شەھىرىدە جەمىي 818قېتىم ئېچىلغان بولۇپ، 419گۇۋاھچى گۇۋاھلىقتىن ئۆتكەن، 4336پارچە ئىسپات قاراپ چىقىلغان. 

1946-يىلى 3-يانۋار كۈنى ياپونىيە  فاشىزىملىققا قارشى بولغان ۋە  <ئىگىلىك ھوقۇقى خەلىققە مەنسۈپ >نىزامى ئاستىدىكى ئاساسىي قانۇنىنى ئېلان قىلغان. بولۇپمۇ ياپونىيەنىڭ بىر دۆلەت سۈپىتىدە  ھوقۇقىنى ئىشلىتىپ ئۇرۇش قوزغاشتىن مەڭگۈ ۋاز كېچىپ، قورال كۈچى بىلەن تەھدىت سېلىش ۋە قورال كۈچىگە تايىنىشنى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرنى ھەل قىلىشنىڭ يولى قىلىشتىن ۋاز كېچىدىغانلىقىنى   ئاساسىي قانۇننىڭ 9-ماددىسىغا كىرگۈزگەن. بۇ ماددا ياپونىيەنىڭ شۇنىڭدىن ئېتىۋارەن دۇنيانىڭ تېنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ياخشى تەدبىر بولۇپ قالغان.  

ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ يەنە بىر نەتىجىسى بولسا ئىمپېرىيالىزىملارنىڭ مۇستەملىكە تۈزۈمىگە قارشى ھالدا ئاسىيا، ئافرىقا ۋە لاتىن ئامېرىكىسىدىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر دۇنيا سىياسەت سەھنىسىگە قەدەم قويۇپ، ئۇرۇشتىن كېيىن  قايتا دۇنيا ئۇرۇشى يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ۋە دۇنيانىڭ تېنچ تەرەققىياتىدىكى مۇھىم كۈچلەرگە ئايلاندى. 

ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدىن چىقىرىلغان ئورتاق يەكۈن <دۆلەتلەرنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە ئازاتلىقى بولمىسا، تەرەققىياتتىن ئېغىز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس. مۇستەملىكە ھاكېمىيەت بولسا مۇستەملىكە ئاستىدىكى دۆلەتلەرنىڭ نامراتلىقىنىڭ ئاساسى بولۇپ، مۇستەملىكىچى تۈزۈمنى ئاغدۇرۇپ تاشلىمىغاندا دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر تەرەققىي قىلالمايدۇ. تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتىمۇ بۇ سەۋەب توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ. پەقەت مۇستەملىكە تۈزۈمى پۈتۈنلەي گۇمران بولۇپ، كۆپ ساندىكى دۆلەتلەر مۇستەقىللىق يولىغا ماڭغاندىلا، ئاندىن دۇنيانىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مۇمكىن بولىدۇ! >ئىبارەت بولۇپ، دۇنيانىڭ تېنچ تەرەققىياتى باراۋەرلىك ئاستىدا ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقى ئورتاق قاراشقا ئايلانغان. 

ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ يەنە بىر نەتىجىسى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلۇشى بولۇپ، <يالتا يىغىنى>دىن ئىككى ئاي كېيىن  1945-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى بىرلەشكەن  دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يىغىنى سان – فرانسىسكودا ئېچىلغان. بۇ يىغىن خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ يىغىن بولۇپ، يىغىنغا جەمىي 51دۆلەت قاتناشقان. بۇ يىغىننى ئېچىشتىكى مەقسەتمۇ، خەلقئارانىڭ تېنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىنىدىغان بىر خەلقئارالىق ئورگان قۇرۇش بولغان. شۇ يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر نىزامنامىسى يىغىن ئەھلىنىڭ تولۇق ئاۋاز بېرىشى بىلەن تەستىقتىن ئوتكەن. 1945-يىلى 25-ئۆكتەبىردىن باشلاپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر نىزامنامىسى رەسمىي كۈچكە ئىگە بولغان.  نىزامنامىنىڭ بىرىنجى ماددىسىدىلا دۇنيانىڭ تېنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى ئاساسىي مەقسەت قىلىپ، ئوپچە تەدبىر قوللىنىپ، تېنچلىققا تەھدىت بولىدىغان ئامىللارنىڭ  ئالدى ئېلىش ۋە يوقىتىش، تاجاۋۇزچىلىق ۋە  باشقا  قىلمىشلارنىڭ دۇنيا تېنچلىقىنى بۇزۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، خەلقئارانىڭ تېنچلىقىنى نىزام قىلغان ئاساستا تېنچلىققا تەسىر يەتكۈزىدىغان خەلقئارا ماجرالارنى ياكى ۋەزىيەتنى  ئۆز ئارا كېلىشتۈرۈش ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىش  بېكىتىلگەن  بولۇپ، ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى دۇنيا خەلقىنىڭ شۇ ۋاقىتلاردىكى تېنچلىق ۋە بىخەتەرلىككە بولغان تەلپۇنىشىنىڭ نەقەدەر كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى بۇ ماددىدىن ئېنىق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. 

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىدا دۇنيانىڭ تېنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى پرىنسىپ قىلىشتىن باشقا يەنە ئەمەلىيەت جەريانىدا تەدرىجى مۇكەممەللەشكەن خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ۋە خەلقئارا قانۇن – تۈزۈملەر، ئۇرۇشتىن كېيىنكى خەلقئارانىڭ تېنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغداشتا مۇھىم رول ئوينىغان. 

ئالدى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئۇرۇشنىڭ قانۇنسىزلىق بولىدىغانلىقىنى ئېنىق بېكىتكەن ۋە ھەرقانداق زىددىيەت توقۇنۇشلىرىنى ئالدى بىلەن سۆزلىشىش، تەكشۈرۈش، ياراشتۇرۇش، قانۇن بىلەن بىر تەرەپ قىلىش،  شۇنداقلا ھەر قايسى دۆلەتلەر ئۆزلىرى مۇۋاپىق كۆرگەن ئۇسۇلدا تېنچ يول بىلەن ھەل قىلىنىشىنى مىزان قىلغان. بۇنىڭدىن باشقا بىرلەشكەن دۆلەتلەر بىرلەشمىسى يەنە تېنچلىقنى داۋام قىلىش، تاجاۋۇزچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كوللىكتىپ بىخەتەرلىك تۈزۈمىنى يولغا قويغان بولۇپ، بەزى دۆلەتلەرنىڭ دۇنيا ئۇرۇشىنى قوزغاش يوللىرى شۇ سەۋەبتىن توسۇلغان . بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يەنە ئاجىز  ۋە كىچىك دۆلەتلەرنىڭمۇ خەلقئارا ئىشلارغا ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويالايدىغان باراۋەر ھوقۇقىنى ئىشلىتىشى ئۈچۈن، خەلقئارا سەھنە ھازىرلاپ بەرگەن. تارىخ شۇنى ئىسپاتلىدىكى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلۇشى خەلقئارا زىددىيەتلەرنىڭ يامان تەرەپكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئۈنۈملۈك ئالالىدى. دېمەك،  ئىككى قېتىملىق زور بەدەللىك دۇنيا ئۇرۇشى ئىنسانلارغا، دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىش، بىرلىكتە فاشىزىمغا ۋە تاجاۋۇزچىلىققا قارشى تۇرۇشنى ئۆگەتتى. ئەگەر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلمىغان بولسا  دۇنيانىڭ بۈگۈنىنىڭ قانداق ھالەتتە بولىدىغانلىقىنى ھېچكىم تەسەۋۋۇر قىلالماسلىقى مۇمكىن. 

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلغاندىن بۇيان بۈگۈنگىچە 80نەچچە مۇستەملىكە ئاستىدىكى دۆلەتلەر مۇستەقىللىق جاكارلىدى. 1960-يلى مۇستەملىكە ئاستىدىكى مىللەتلەرنىڭ مۇستەقىللىقىنى تېزلىتىش ئۈچۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى <مۇستەملىكە ئاستىدىكى دۆلەت ياكى خەلقلەرنىڭ مۇستەقىللىق باياناتنامىسى> ئېلان قىلپ، دۇنيادىكى خەلقلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى بارلىقى سەۋەب،  تېز سۈرئەتتە ، شەرتسىز ھالدا بارلىق شەكىلدىكى مۇستەملىكىچىلىكنى ئاخىرلاشتۇرۇش قارارىنى ماقۇللىدى. 

1962-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى <مۇستەملىكىلىكنى يوقىتىش كومىتېتى>نى قۇرۇپ، يۇقارقى باياناتنامىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە بولغان پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. 1990-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 1990-يىلىدىن 2000-يىلىغىچە بولغان ئون يىلنى تۇنجى نۆۋەتلىك مۇستەملىكىچىلىكنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشنىڭ <خەلقارالىق ئون يىل>ى قىلىپ بېكىتتى. ئىككىنجى قېتىملىق مۇستەملىكىچىلىكنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش يىلى 2001-يىلىدىن 2010-يىلى 12-ئايغىچە  بولغان بولۇپ، ئۈچىنچى قېتىملىق مۇستەملىكىچىلىكنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش يىلى بولسا 2011-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە  بولغان <خەلقئارالىق 10يىل> دەپ بېكىتىلگەن. يەنى مۇستەملىكە ئاستىدىكى مىللەتلەر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 1514-نومۇرلۇق قارارىنىڭ روھىغا ئاساسەن مۇرەسسەسىز ھالدا مۇستەقىل بولىدۇ ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دەل بۇ مۇستەملىكىچىلىكنى پۈتۈنلەي ئاغدۇرۇش خەلقئارالىق ئون يىل پىلانىدا مۇستەملىكە ئاستىدىكى مىللەتلەرنىڭ مۇستەقىل بولۇشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ. https://www.un.org/zh/decolonization/declaration.shtml

دېمەك، ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلىشىپ، دۇنيا يېڭى  كۈن تەرتىپى بەلگىلەنگەندىن كېيىن ئۆزلۈكسىز تۈردە، پۈتكۈل دۇنيا مىقياسىدا دۇنيانىڭ تېنچ ۋە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ تۈپ ئاساسى، ھەرقانداق مىللەتنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش بولغان. قارايدىغان بولساق ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلىشىپ تاكى بۈگۈنگە قەدەر ھەر خىل شارائىتلاردا خەلقئارانىڭ قوللىشى ياكى ئۆز ئىرادىسى بىلەن مۇستەقىل بولغان دۆلەتلەر ئۆزلۈكسىز بولۇپ تۇرغان. 

ئۇيغۇرلار 21-ئەسىردىكى ئەڭ چوڭ ئېرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ قۇربانلىرى بولغان بۇ ئېغىر كۈنلەردە مۇستەقىللىق ۋە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى ئىلكىگە ئېلىشقا بولغان ئارزۇ ۋە ئىنتىلىشلىرى  تەخىرسىز بىر چەككە يەتكەن بولۇپ، مۇشۇنداق بىر پەيتتە خەلقئارا ۋەزىيەتتە ئۆزىمىزگە پايدىلىق ئۇسۇلدا ئۆز ھەق ھوقۇقلىرىمىزنى قولىمىزغا ئېلىشىمىز ئۈچۈن، بىزگە ئوخشاش قىسمەتلەرنى ياكى بىزگە ئوخشىشىپ كېتىدىغان قىسمەتلەرنى بېشىدىن كەچۈرۈپ، مۇستەقىل بولالىغان مىللەتلەرنىڭ ئىزلىرىدىن ئۆرنەك ئېلىش بىزگە يېڭى ئىلھام ۋە ئۈمىد بېغىشلىشى مۇمكىن. 

يىراقنى قويۇپ، يېقىنقى زامانلاردا مۇستەقىل بولغان دۆلەتلەرگە قارايدىغان بولساق، بۇ دۆلەتلەر ئارىسدىكى كوسوۋو ۋە كاتالونىيە مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىنىڭ جەريانىلىرى بىزنىڭ ئالاھىدە دىققەت بىلەن  ئىزدېنىشىمىزغا ئەرزىيدۇ دەپ قارايمەن. مەن بۇ يەردە بۇ ئىككى زېمىندىكى خەلقلەرنىڭ مۇستەقىللىق كۆرەشلىرى ۋە بىرىنىڭ مۇستەقىل بولالىشى ئەمما يەنە بىرىنىڭ مۇستەقىل بولالماسلىقىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە توختىلىمەن. 

  • ئىگىلىك ھوقۇقى سېربىيە دۆلىتىگە مەنسۇپ دەپ قارالغان ۋە تارىخىتا دۆلەت قۇرۇپ باقمىغان كوسوۋو  ئاپتونوم ئۆلكىسى قانداق مۇستەقىل بولدى؟ 

90-يىللاردا سابىق يۈگۈسلافىيە ئىتتىپاقى پارچىلىنىپ بىر قانچە دۆلەتلەرگە بۆلۈندى. بولۇپمۇ دۇنيانىڭ دىققىتىنى ئالاھىدە ئۆزىگە تارتىپ كەلگەن كوسوۋېنىڭمۇ مۇستەقىل بولىشى خىتاي ۋە روسسىيەگە ئوخشاش مۇستەبىت ھاكېمىيەت ئاستىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشمىگەن بولسىمۇ، لېكىن كوسوۋو يەنىلا مۇستەقىل بولدى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىدا دېمۇكراتىك بىر دۆلەت شەكلىدە باش كۆتۈردى.  بالقان ئارىلىغا جايلاشقان بۇ كىچىككىنە دۆلەتنىڭ شەرقىي ۋە شىمالىي قىسمى سېرىبىيە بىلەن چېگراداش بولۇپ، جەنۇبتا ماكېدونيە، غەربتە ئالبانىيە، غەربىي شىمالىيدا مونتېنېگىر يەنى قارا تاغ بىلەن چېگراداش ئىدى. كوسوۋېنىڭ ئومۇمىي يەر كۆلۈمى 10،887كۋادرات كېلومېتېر بولۇپ، سابىق يۈگۈسلاۋىيەدىكى ئالتە جۇمھۇرىيەت ۋە ئىككى ئاپتونوم ئۆلكە ئىچىدىكى يەر كۆلۈمى ئەڭ كىچىك دۆلەت ھېسابلىناتتى. نوپۇسى ئارانلا 2مىليۇن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئالبانلار 88پرېسەنتنى ئىگىلەيتتى. كوسوۋو  2008-يىلى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىللىق ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ مۇستەقىللىق ئېلان قىلىشىغا تۈرتكە بولغان سەۋەبلەر ۋە شارائىتلار تۆۋەندىكىدەك:

ئۇلارنىڭ مۇستەقىل بولۇشىدىكى شارائىتلاردىن قارىغاندا بىرىنجىدىن، كوسوۋونىڭ ئاساسلىق ئاھالىسى ئالبانلار بولۇپ، نوپۇس جەھەتتە مۇتلەق ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولغان. ئىككىنجىدىن، سېرىبىيەنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا سېرىبلارنىڭ باستۇرۇشى، ئىككىنجى دەرىجىلىك پۇقرا ھالىتىگە چۈشۈرۈپ قويۇشى، قۇرۇلۇش تەرەققىياتلىرىنىڭ سېرىبىيە پۇقرالىرى تۇرۇشلۇق رايونلاردىن تۆۋەن بولۇشى، مۇستەقىللىق ئىرادىسىنىڭ كۈچلۈك بولۇشى بىلەن ئۆز ھەق – ھوقۇقلىرىغا ئىگە بولۇپ ياشاش ئىستىكى؛ ئۈچىنچىدىن، ئەتراپىدىكى دۆلەتلەردىن ماكېدونىيە، ئالبانىيەدىكى  مىللەتداشلىرى بىلەن دۈشمىنىگە بولغان غەزەب – نەپرەتلىرىدە ئورتاقلىقلارنىڭ بولۇشى؛ تۆتىنچىدىن، جۇغراپىيەلىك سىياسىي ئورنى سەۋەبلىك يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن كوسوۋونىڭ ستراتېگىلىك ئورنى ۋە بۇنىڭغا قوشۇلۇپ، ئالبانلارنىڭ كوسوۋونى ئۆزلىرىنىڭ تارىخى مەدەنىيتىنىڭ يىلتىزى دەپ قارىغانلىقى سەۋەبلىك مۇستەقىللىقنى بىردىنبىر كۆرەش نىشانى قىلىشى قاتارلىقلار كوسوۋولۇقلارنىڭ مۇستەقىللىقىگە يول ئاچقان. 

يەنە بىر تەرەپتىن، يوگۈسلاۋىيەنىڭ پارچىلىنىشى ۋە ھەرقايسى جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ بىر – بىرلەپ مۇستەقىل بولۇشى كوسوۋونىڭ ئۆرنىكى بولغان بولۇپ، 90-يىللاردىكى سېرىبلەرنىڭ ئېرقىي قىرغىنچىلىقىغا ئۇچراپ، كىشىلىك ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشى، شۇنداقلا ئىگىلىك ھوقۇق بىلەن كىشىلىك ھوقۇق ئارىسىدىكى تاللاشتا كوسوۋونىڭ سىياسىي رەھبىرىنىڭ <كىشىلىك ھوقۇق ئىگىلىك ھوقۇقتىن ئۈستۈن تۇرىدۇ!>دېگەن شوئارىنىڭ خەلقئارا تەرىبىدىن كۈچلۈك قوللاشقا ئېرىشىشى،  ھەمدە  ب د ت تېنچلىق ساقلاش قىسىملىرىنىڭ 16مىڭ ئەسكىرىنىڭ كوسوۋو چېگراسى ئىچىدە تۇرۇشى بىلەن كوسوۋونىڭ بىرلەشكەن  دۆلەتلەر تەشكىلاتى  تەرىپىدىن قوغدىلىشى …..قاتارلىق سەۋەبلەر كوسوۋونىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن پايدىلىق تارىخىي بىر شارئىتنى ھازىرلىغان.  

ئۇنداقتا كوسوۋو نېمىشقا يوگۇسلاۋىيە پارچىلانغاندىلا مۇستەقىل بولماستىن ، ئارىدىن ئون بەش يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن مۇستەقىل بولالىدى؟ كوسوۋونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى زادىى كىمگە مەنسۇپ ئىدى؟ 

كوسوۋو بىلەن قارا تاغنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكىتى يۈگۈسلاۋىيەدىن پارچىلىنىپ  مۇستەقىل بولغان باشقا ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭكىگە قارىغاندا بىر قەدەر مۈشكۈل بولغان جەريانلارنى باشتىن كەچۈرگەن بولۇپ، بۈگۈن بىز پەقەت كوسوۋو ھەققىدە مەخسۇس توختىلىمىز.كوسوۋو  1912-يىلى بىرىنجى قېتىملىق بالقان ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئوسمانىيلار تېرىتورىيىسىدىن سېرىبىيە تېرىتورىيەسىگە كىرگەن بولۇپ، 1918-يىلى يۈگۈسلاۋىيە پادىشاھلىقىغا، ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدا بولسا يۈگۈسلاۋىيەنىڭ بېسىۋالغان ئىتالىيەنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئۆتكەن. ئۇرۇش مەزگىلىدە ئالبانلار كۆپلىگەن سېرىبلارنى چېگرادىن قوغلاپ چىقارغان. ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن كوسوۋو يۈگۈسلاۋىيەنىڭ باشقۇرىشىغا قايتىپ كەلگەن. بۇ چاغدا كوسوۋو سېرىبىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاپتونوم  رايونى قىلىپ بېكىتىلگەن. 1974-يىلىغا كەلگەندە بولسا ئاپتونوم ئۆلكە قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن.  كوسوۋونىڭ  تارىخىي قىسمەتلىرى ئۇيغۇرلار ۋەتىنىنىڭ قىسمەتلىرىگە بىر ئاز ئوخشىشىپ قالىدىغان بولۇپ، ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ مانجۇلار تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىشى،  خەلقىمىزنىڭ مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇپ چىقىشى ۋە بۇ زېمىن يەنە خىتاي زېمىنىدىكى يەنە بىر ھاكېمىيەت بولغان مىنگو دۆلىتىگە مەنسۇپ بولۇشى، ئاقىۋەتتە كوممۇنىست خىتايلارنىڭ ھېيلە مىكرى ۋە كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ دۇنيا كۈن تەرتىپىنى قايتا بەلگىلىشى ھەمدە جۇغراپىيىلىك سىياسەتلەر سەۋەبلىك  داۋاملىق مۇستەملىكە بولۇش قىسمىتىگە دۇچار بولىشى،  شۇنداقلا مۇستەقىللىق ئىرادىسى ئۈچۈن تاكى بۈگۈنكى  ئېرقىي قىرغىنچىلىققىچە بولغان قانلىق بەدەللەرنى تۆلەپ كېلىشى………..قاتارلىق قىسمەتلىرى كوسوۋو خەلقىنىڭ قىسمەن كەچمىشلىرى  بىلەن ئوخشاشلىقلارغا ئىگىدۇر. 

بىز ئەمدى كوسوۋونىڭ مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىشىدىكى ئارقا كۆرۈنۈشىگە قاراپ باقايلى؟

كوسوۋو تارىختا رىم ئىمپېرىسىدىن تارتىپ ئوسمانىيلار ۋە ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن يۈگۈسلافىيە ئىتتىپاقىغا ئەزا سېربىيە جۇمھۇرىيتىنىڭ بىر ئاپتونوم ئۆلكىسى بولۇشقىچە بولغان بۇ ئۇزۇن تارىخىي دەۋردە ئىزچىل باشقىلارنىڭ مۇستەملىكىسى ئاستىدا ياشاپ كەلگەن بولۇپ، يۈگۈسلاۋىيە ئىتتىپاقى پارچىلانغاندا سېرىبىيەگە تەۋە تۇپراق دەپ قارالغان كوسوۋو ئاپتونوم ئۆلكىسى ئاقىۋەتتە يۈگۈسلاۋىيە ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشىدەك بۇ ئاسان كەلمەيدىغان چوڭ تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ،  مۇستەقىللىق شەرىپىگە مۇيەسسەر بولدى. ئەسلىدە 1989-يىلى  سېربىيەنىڭ سابىق پرېزدېنت ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، 1990- يىلى 7-ئايدا سېرىبىيەدىن ئايرىلىپ چىقىپ، مۇستەقىل بولۇشنى تەلەپ قىلغان كوسوۋونىڭ ئاپتونوم ئۆلكىلىك سالاھىيىتىنى ئېلىپ تاشلاپ، كوسوۋو پارلامېنتىنى تارقىتىپ، پارلامېنت ئەزالىرىنى ھوقۇقلىرىدىن قالدۇرۇپ، كوسوۋونى بىر مەمۇرىي رايونغا ئۆزگەرتكەن بولۇپ، بۇ ئەھۋال كوسوۋولۇقلارنى قاتتىق نارازى قىلغان. 1991-يىلى 3-ئايدا كوسوۋودىكى ئالبانلار ئۆز ئالدىغا  مۇستەقىللىق باياناتنامىسىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، كوسوۋو جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇنڭغا ئەگېشىپلا ئالبانىيە  كوسوۋونىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلغان. ئالبانلار كوسوۋو مۇستەقىللىقىنىڭ قانۇنلۇق ئېتىراپقا ئېرىشىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن شۇ يىلى 9-ئايدا ئومۇمىي خەلق ئاۋازغا قويۇش ئېلىپ بارغان بولۇپ، شۇ قېتىملىق بېلەت تاشلاشتا 99%كىشى كوسوۋونىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللاپ ، بۇ قېتىملىق بېلەت تاشلاش نەتىجىسى خەلقئاراغا ئېلان قىلىنغان. ئەمما سېرىبىيە ھۆكۈمىتى كوسوۋو خەلقىنىڭ بۇ قېتىملىق مۇستەقىللىققە بېلەت تاشلاش ھەرىكىتىنى قانۇنسىز دەپ بېكىتىپ، قاتتىق باستۇرغان.  

شۇنىڭدىن ئېتىۋارەن كوسوۋو خەلقى بىلەن سېېرىبلار ئارىسىدىكى توقۇنۇشلار بېسىقمىغان ۋە 1998-يىلىغا كەلگەندە ئىككى تەرەپ قوراللىق  توقۇنۇش يۈز بېرىپ، ئاقىۋەتتە سېرىبلار كوسوۋو خەلقىگە قوراللىق يوسوندا ئېرقىي تازىلاش ئېلىپ بارغان. بۇ قىرغىنچلىققا پولشا پرېزدېنتى ۋە چېخوسلاۋىيە پرېزدېنتلىرى دەسلەپ قارشىلىق بىلدۈرگەن بولۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى <ئىقتىساد، جەمىيەت ۋە مەدەنىيەت ھوقۇقلىرى خەلقئارا ئەھدىنامىسى https://zh.wikipedia.org/wiki/%E7%BB%8F%E6%B5%8E%E3%80%81%E7%A4%BE%E4%BC%9A%E5%8F%8A%E6%96%87%E5%8C%96%E6%9D%83%E5%88%A9%E5%9B%BD%E9%99%85%E5%85%AC%E7%BA%A6 >  ۋە <پۇقرالارنىڭ سىياسي ھوقۇقى خەلقئارا ئەھدىنامىسى>نىڭ روھىغا ئاساسەن <كىشىلىك ھوقۇق ئىگىلىك ھوقۇقىدىن ئۈستۈن!>قارىشىنى قوللاپ،  سېربىيەنىڭ كوسوۋو خەلقى ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئېرقىي قىرغىنچلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن،  1999-يىلى 3-ئاينىڭ 24-كۈنى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ھاۋا ھۇجۇمى  قوزغىغان.  76كۈنلۈك بومباردىمان قىلىش نەتىجىسىدە سېرىبىيە ئارمىيىسى كوسوۋودىن چېكىنىشكە مەجبۇر بولۇپ، بىر قېتىملىق قانلىق ئېرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدى ئېلىنغان. 

شۇنىڭدىن ئېتىۋارەن كوسوۋو بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتنىڭ 1244-نومۇرلۇق قارارىنىڭ https://zh.wikisource.org/zh-hans/%E8%81%94%E5%90%88%E5%9B%BD%E5%AE%89%E7%90%86%E4%BC%9A%E7%AC%AC1244%E5%8F%B7%E5%86%B3%E8%AE%AE روھىغا ئاساسەن تېنچلىق قىسىملىرى بىلەن قوغدىلىش ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ۋاكالىتەن باشقۇرۇشىغا تاپشۇرۇلغان. 

2005-يىلىغا كەلگەندە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كوسوۋو بىلەن سېربىيەنى تېنچلىق بىلەن مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشىغا كۈچىگەن بولسىمۇ، ئاقىۋەتتە كوسوۋو يەنىلا ئۆز ئالدىغا مۇستەقىللىق جاكارلىغان. 

خەلقئارا قانۇن بويىچە مۇستەقىللىق جاكارلاشنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىل شەكلى بار بولۇپ، بىرىنجىسى، خەلقئارا قانۇنلارغا ئاساسەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قارارى ئاساسىدا قانۇنلۇق مۇستەقىل بولۇش.  يەنى ئىست تىمور دۆلىتىنىڭ مۇستەقىل بولۇشى شەكلى دەل مۇشۇنداق تەرتىپ بىلەن بولغان؛ ئىككىنجىسى، مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەر ئۆزئارا كېلىشىپ مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن ئاندىن خەلقئارا جەمىيەتنىڭ ئېتىراپ قىلىشىنى تەلەپ قىلىش. يەنى بېنگال دۆلىتىگە ئوخشاش (بېنگال ئەسلىدە پاكىستاننىڭ تەۋەلىكىدە بولۇپ، ئۈچىنچى قېتىملىق ھىندىستان –پاكىستان ئۇرۇشىدىن كېيىن  پاكىستاندىن ئايرىلىپ چىقىپ مۇستەقىل بولغان). ئۈچىنچى خىل ئۇسۇل بولسا،  ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ ئۆز ئالدىغان مۇستەقىللىق جاكارلاش بولۇپ، بۇنىڭدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا دەرھال ئېرىشەلمەيدۇ. يەنى ب د ت نىڭ 1244-نومۇرلۇق قارارى بويىچە كوسوۋو يەنىلا سېربىيەنىڭ بىر قىسمى ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، بۇنداق ئەھۋالدا ئالدىدىكى ئىككى خىل ئۇسۇلدا مۇستەقىل بولۇش كوسوۋو ئۈچۈن رېئاللىققا ئۇيغۇن ئەمەستۇر. ئەمما كوسوۋونىڭ ئۈچىنجى خىل ئۇسۇلدا مۇستەقىللىق ئېلان قىلىشىدا  ئۇنىڭ رېئاللىقى مۇھىم رول ئوينىغان بولۇپ، بىرىنجىدىن ئالبانلار نوپۇسى ئومۇمىي نوپۇسنىڭ كۆپ سانلىقىنى ئىگىلەيدۇ؛ ئىككىنجىدىن سېربىيە تەرىپىدىن ئېرقىي قىرغىنچلىققا ئۇچرىغان؛ ئۈچىنچىدىن مۇستەقىللىق ئارزۇسىنىڭ  كۈچلۈكلىكى ۋە يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكىنىمدەك ب د ت تېنچلىق ساقلاش قىسىملىرىنىڭ كوسوۋو زېمىنى ئىچىدە بولۇشىدەك ئەۋزەل شارائىتلار ئۇنىڭ ئۆز ئالدىغا مۇستەقىللىق جاكارلىشىغا سەۋەب بولغان. 2008-يىلى 17-فېۋرالدا كوسوۋونىڭ رەئىسى ھاشىم تاجى كوسوۋو مۇستەقىللىق باياناتنامىسىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ باياناتنامىنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكىدەك: 

  • كوسوۋونىڭ دېمۇكراتىك، زامانىۋىي ۋە كۆپ مىللەتلىك بىر دۆلەت بولىدىغانلىقى  بىلەن قەسەم قىلىمىز! شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا سېرىبىيە بىلەن   بولغان چوڭقۇر تارىخىي، سودا ۋە جەمىيەت  ئالاقىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز. 
  • سېرىبىيەنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان قوشنا دۆلەتلەر بىلەن ياخشى بولغان ئۆزئارا ئالاقە ئورنىتىپ ، يارىشىپ ئۆتۈشنى تەشەببۇس قىلىمىز. 
  • ياۋروپا ۋە تېنچ ئوكياندىكى دېمۇكراتىك دۆلەتلەر ئارىسىغا قوشۇلۇپ ياشاش ئىرادىمىز ۋە ئۈمىدىمىزنى تەشەببۇس قىلىمىز. دۆلەت بايرىقىمىزنىڭ تەگلىك رەڭگى كۆك رەڭدە بولۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر بايراقلىرىنىڭ رەڭگىدىكى ئوخشاشلىقلارمۇ بىزنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كىرىش ئىرادىمىزنى بىلدۈرۈپ تۇرىدۇ.

كوسوۋونىڭ مۇستەقىللىق خىتابنامىسى 11نەپەر سېربىيە مىللىتىدىن بولغان ئاز سانلىق مىللەت ۋەكىللىرىنىڭ پارلامېنتتىن چېكىنىشى، 109نەپەر پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قارشى پىكىردە بولماسلىقى بىلەن ئىمزالىنىپ تاماملانغان ۋە شۇ كۈنى يەنى 2008-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى سائەت 3تىن 49مىنۇت ئۆتكەندە  رەسمىي يوسۇندا مۇستەقىل دۆلەت بولغانلىقى جاكارلانغان. بۇ ۋاقىتتا پۈتكۈل كوسوۋو خەلقى كوچىلارغا چىقىىپ دۆلەت بايرىقىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ، كۈچلۈك تەنتەنىلىرى بىلەن كوسوۋونىڭ مۇستەقىللىقىنى تەبىرىكلىگەن. 

سېرىبىيەنىڭ تېرىتورىيىسىگە تەۋە دەپ قارالغان، تارىختىن بۇيان مۇستەملىكە ئاستىدا ياشىغان كوسوۋو خەلقىنىڭ، ئۆز ئالدىغا مۇستەقىللىق ئېلان قىلىشى، ياۋروپا ۋە پۈتكۈل دۇنيا مىقياسىدا بۇ مۇستەقىللىقنىڭ، كوسوۋو خەلقى ۋە پۈتكۈل دۇنياغا قانداق تەسىر ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا بولغان كۈچلۈك قىزىقىش ۋە ھەر خىل قىياسلارنى مەيدانغا كەلتۈرگەن. مەسىلەن، كوسوۋونىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى ناچار، سېرىبىيە گە بولغان تايىنىشچانلىقى يۇقىرى، ناۋادا بېلگراد (سېرىبىيەنىڭ پايتەختى) كوسوۋوغا ئىمبارگو يۈرگۈزۈپ قالسا، ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋېتى تېخىمۇ كەسكىنلىشىپ ، بالقان ئارىلىنىڭ تېنچلىقىغا تەسىر يېتەرمۇ؟  بۇ ئىش يەنە ماكادونىيە ۋە بوسىنىيەدىكى سېرىبلارغا تۇتقۇ بولۇپ، ئۇلارنىڭمۇ مۇستەقىل بولۇش ئارزۇسىغا ئوت يېقىلارمۇ؟ ئەگەر بۇ جىدەللەر مىللىي زىددىيەتكە ئايلانسا مەسىلەن، تۈركىيەدىكى كۈرتلار، روسسىيەدىكى چېچەنلەر،  رومانىيە، گېروزىيەدىكى ئازسانلىقلار بۇ ئىشتىن ئۈلگە ئېلىپ مۇستەقىللىق تەلەپ قىلسا قانداق ئىشلار يۈز بېرەر؟…………ۋەھاكازالار. ھەتتا روسىسىيە بۇ ۋاقىتتا ياۋروپانى ئاگاھلاندۇرۇپ، <كوسوۋو مۇستەقىللىقى ياۋروپانىڭ پارچىلىنىپ ۋەيران بولىشىغا يول ئاچىدۇ> دېگەن. يەنى روسسىيە بىلەن سېرىبلارنىڭ تارىختىن بۇيان يېقىن دوستلۇقى مەۋجۇت بولۇپ، ئۇلار ھەم دىنداش بولغىنى سەۋەب،  روسىسيە ئەزەلدىن كوسوۋونىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللاپ باقمىغان. روسسىيەنىڭ بۇ جەھەتتە يەنە باشقا ئەنسىرەشلىرىمۇ بار بولۇپ، كوسوۋو مۇستەقىل بولسا، سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندا مۇستەقىل بولالمىغان كىچىك مىللەتلەرنىڭ مۇستەقىللىق جىدىلى تېرىشىدىن قانتىق ئەندىشىمۇ قىلغان. شۇ سەۋەب سېرىبىيە بىلەن نەچچە ئون مىلياردلىق ئېنېرگىيە سودا كېلىشىمى ئىمزالاپ، سېرىبىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن كوسوۋو مەسىلىسىدە سۆزلىشىشى ئۈچۈن ئىقتىسادىي قولايلىق يارىتىپ بەرگەن. خىتاينىڭ ئىنكاسىغا كەلسەك، خىتاي ئەزەلدىن ئۇيغۇر، تىبەت، مۇڭغول، خوڭكوڭ، تەيۋەن قاتارلىقلارنىڭ مۇستەقىل بولۇشىنى خالىمايدىغانلىقى سەۋەب ، ئەلۋەتتە كوسوۋونىڭ مۇستەقىللىقىنى كۆرۈشنى ھەتتا قوللاشنى خالىمايدۇ. شۇ ۋاقىتتا خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە <كوسوۋونىڭ مۇستەقىللىقى بالقان ئارىلىنىڭ مۇقىملىقىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، دۇنيا تېنچلىقىغا خەۋپ ئېلىپ كېلىدۇ> دەپ بايانات بەرگەنىكەن. لېكىن كوسوۋونىڭ مۇستەقىللىقى خەلقئارانىڭ تەسەۋۋۇرىدەك ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرالمىغان. ئەكسىچە كوسوۋو مۇستەقىللىق ئېلان قىلىپ ئىككى ئايدىن كېيىن ، كوسوۋونىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللايدىغان دۆلەتلەر كۆپيىشكە باشلىغان. ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 27دۆلەتنىڭ 3دىن 2 قىسمى يەنى يېرىمىدىن كۆپرەكى ۋە ئامېرىكا، ياپونيە، كانادا قاتارلىق چوڭ ۋە كۈچلۈك دۆلەتلەرمۇ  كوسوۋو مۇستەقىللىقىنى قوللىغان. گەرچە سېرىبىيە <كىمىكى كوسوۋونىڭ مۇستەقىللىىقىنى قوللايدىكەن، شۇ دۆلەت بىلەن دىپلوماتىك ئالاقىمىزنى ئۈزۈپ، ئەلچىلىرىمىزنى قايتۇرۇپ كېتىمىز! >دەپ قورققاق سالغان بولسىمۇ، لېكىن كوسوۋونىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللايدىغان دۆلەتلەرنىڭ يولىنى توسۇپ قالالمىغان. ھەتتا ئامېرىكىنىڭ بېلگرادتا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسغا سېرىبلار ھۇجۇم قىلىپ ، بىر كىشى ئۆلگەن …..، ياۋروپا ئىتتىپاقى سوتىغىمۇ سېرىبلارنىڭ ھۇجۇم قىلىش ۋە سوت زالىنى ئىگىلىۋېلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولسىمۇ، بۇ ۋەقە ناھايىتى تېزلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تېنچلىق ساقلاش قىسىملىرى تەرىپىدىن يىغىشتۇرۇلغان.  دېمەك 2008-يىلى مۇستەقىللىق ئېلان قىلغان كوسوۋو بۈگۈنكى كۈندە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ئىقتىادىي ئەڭ تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان، خەلقلىرى دېمۇكراتىك تۈزۈم ئىچىدە بەختلىك ۋە پاراۋان ياشاۋاتقان بىر ساغلام دۆلەتكە ئايلانغان. مەن بۇ يەردە شەرقىي تۈركىستان بىلەن كوسوۋونىڭ ئەھۋالىنى سېلىشتۇرما قىلىپ بېقىشىمىزنىڭ نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشىمىزدا كۆپ پايدىسى بار دەپ قارايمەن: 

كوسوۋو بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ سېلىشتۇرمىسى: 

  • شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئومۇمىي يەر كۆلۈمى:  1،828،680كۋادرات كىلومېتىر. (سىۋىن ھىدىننىڭ 1927-يىلىدىن 1935-يىلىغىچە شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بارغان ئېكىسپىدىيە تەكشۈرۈشى جەريانىدا يازغان «ما جۇڭ يىڭنىڭ قېچىشى» ناملىق كىتابىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بېتىدىكى «شەرقىي تۈركىستان خەرىتىسى» دە بېرىلگەن 1:7 مىل نىسبىتىدىكى ماسىشتاپ بويىچە ھېساپلىغاندا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ 1935-يىلىدىكى مەۋجۇت يەر مەيدانى تەخمىنەن 1,828,680 كۇۋادىرات كېلومىتىر[7] ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان ).

كوسوۋونىڭ يەر كۆلۈمى: 11مىڭ 500كۋادرات كىلومېتىر.

  • شەرقىي تۈركىستاننىڭ نوپۇسى: 12مىليۇن (خىتاينىڭ 2017-يىلىدىكى سىتاتىستىكىسى)

كوسوۋونىڭ نوپۇسى: 2مىليۇن 230مىڭ

  • سىياسىي تۈزۈلمىسى:  شەرقىي تۈركىستان مۇستەملىكە ئاستىدىكى   كوممۇنىست تۈزۈمى 

كوسوۋو  بولسا دېمۇكراتىك تۈزۈم

  • چەتئەل ھەربىي كۈچلىرىنىڭ ئەسكەر تۇرغۇزۇشى: شەرقىي تۈركىستاندا يوق!

كوسوۋودا مۇستەقىللىقتىن ئاۋۋال تۇرغۇزۇلغان. 

  • زېمىن تەۋەلىكى:  شەرقىي تۈركىستاننى خىتاي ھۆكۈمىتى جۇڭگونىڭ بىرقىسمى ھېسابلايدۇ ۋە بۇ قاراش خەلقئارادا بىردەك ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشكەن. 

سېرىبىيە ھۆكۈمىتىمۇ كوسوۋونى سېرىبىيەنىڭ بىر قىسمى ھېسابلايدۇ ۋە خەلقئارادا بىردەك ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشكەن، تاكى كوسوۋو مۇستەقىل بولغىچە. 

  • بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاساسلانغان قانۇن: شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2758-نومۇرلۇق قارارى بويىچە بولغان. https://zh.wikipedia.org/zh/%E8%81%AF%E5%90%88%E5%9C%8B%E5%A4%A7%E6%9C%83%E7%AC%AC2758%E8%99%9F%E6%B1%BA%E8%AD%B0 

كوسوۋو مەسىلىسىدە 1244-نومۇرلۇق قارارنىڭ روھى بويىىچە بولغان. 

  • خەلقلەرنىڭ مۇستەقىللىقنى قوللاش ئەھۋالى:  ئۇيغۇرلاردا ئېنىق سىتاتىسكا قىلىش ئىمكانى بولمىسىمۇ لېكىن، مۇستەقىللىقنى تاللاش ھوقۇقى بېرىلگەندە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 90پرېسەنتىدىن كۆپ قىسمى مۇستەقىللىقنى تاللايدۇ دەپ قارايدىغانلار كۆپ سالماقنى ئىگىلەيمىز، مەنمۇ بۇنىڭ ئىچىدە. 

كوسوۋودا  90پرېسەنت خەلق مۇستەقىللىقنى قوللىغان. 

  • چەتئەل كۈچلىرىنىڭ ئارلىشىش ئەھۋالى:  ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە چەتئەل كۈچلىرى تېخى ئارلىشىپ باققىنى يوق. 

كوسوۋو مەسلىسىدە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى  سېرىبىيەگە قوراللىق ھۇجۇم قوزغاپ، كوسوۋولۇقلارنىڭ ئېرقىي قىرغىنچلىققا ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئالغان. 

  • مۇستەملىكىدىكى سالاھىيىتى:  شەرقىي تۈركىستان خىتاينىڭ پىر پارچىسى سۈپىتىدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سالاھىيىتىدە تۇرىۋاتىدۇ. 

كوسوۋو بولسا مۇستەقىل بولۇشتىن بۇرۇن سېبىرىيەنىڭ كوسوۋو ئاپتونوم ئۆلكىسى ئىدى. 

 بىز يۇقىرىدا كوسوۋونىڭ مۇستەقىللىق كۆرىشى ۋە مۇستەقىل بولۇش سەۋەبى شۇنداقلا جەريانلىرى ئۈستىدە توختالدۇق. ئەمدى بىز  يېقىندىلا ئىسپانىيەدىن ئايرىلىپ چىقىپ ، مۇستەقىل بولۇشنى تەشەببۇس قىلغان كاتالونىيەنىڭ مۇستەقىللىق تەلىپىنىڭ سەۋەب ۋە نەتىجىلىرى ھەققىدە توختىلىمىز. 

ئىسپانىيە 2017-يىلى 40يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر سىناققا دۇچ كەلگەن بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ كاتالونىيەنىڭ مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىشى ئىدى. ناۋادا كاتالونىيەمۇ كوسوۋوغا ئوخشاش ئۆز ئالدىغا مۇستەقىللىق ئېلان قىلسا قانداق قىلىش كېرەك؟ دېگەن مەسىلە ئىسپانىيەنىڭ بېشىنى قاتۇردى. بۇ ھەقىقەتەنمۇ جىددىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلە ئىدى. 

دەرۋەقە بۇ ئىش ھەقىقەتەن يۈز بەردى. كاتالونىيە  ئۆز ئىچىدە ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش بىلەن 43%خەلقنىڭ بىلەت تاشلاشقا قاتنىشىشى ۋە بۇلاردىن 90پرېسەنت خەلقنىڭ قوللىشى بىلەن ئۆز ئالدىغا مۇستەقىللىق ئېلان قىلدى. لېكىن ئارقىدىنلا ئىسپانىيە ھۆكۈمىتى كاتالونىيەنىڭ مۇستەقىللىقىنى بىكار قىلىپ، كاتالونىيە پارلامېنتىنى تارقىتىۋەتتى ھەمدە كاتالونىيەنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سالاھىيىتىنى ئېلىپ تاشلىدى. 

كاتالونىيە ئەسلىدە ئىسپانىيەنىڭ  بىر ئاپتونوم رايونى بولۇپ، ئۆز ئالدىغا سايلام ئۆتكۈزۈپ ، ھۆكۈمىتىنى سايلاپ چىقىش ، پارلامېنت قۇرۇش، رايوندا ساقچى، ئاممىۋىي رادىئو ئىستانسىسى قۇرۇش، مەدەنىيەت، مۇھىت، تەشۋىقات، قاتناش ئالاقىسى قاتارلىق ساھەلەردە ئاپتونومىيە ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇغلۇق بىر جاي.  تاشقىي ئىشلار، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە مالىيە باشقۇرۇش جەھەتتىكى ئاساسلىق سىياسەتلەرئىسپانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ باشقۇرىشىدا ئىدى.

كاتالونىيەنىڭ مۇستەقىللىق كۆرەشلىرىنىڭ كوسوۋونىڭ ئەكسىچە ئۈنۈمگە ئېرىشىپ قېلىشى خەلقئارا جەمىيەتتە خىلمۇ خىل قاراشلارغا سەۋەب بولدى. ئۇنداقتا نىمە ئۈچۈن ئىسپانىيە بىر دېمۇكراتىك دۆلەت بولۇش سۈپىىدە كاتالونىيەنىڭ مۇستەقىللىقىنى رەت قىلدى؟ بۇ مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش نىزامىغا خىلاپ قىلمىش ئەمەسمۇ؟ يەنە كېلىپ خەلقئارا جەمىيەت ئىسپانىيەنىڭ بۇ ئىنكاسىغا ھېچقانداق نارازىلىق بىلدۈرمىدى ياكى ب د ت نىڭ تېنچلىق ساقلاش قىسىملىرى كاتالونىيەگە بۆسۈپ كىرمىدى، بۇنىڭ سەۋەبى نىمە؟ 

كاتالونىيە ئەسلىدە 12-ئەسىردىن ئاۋۋال پادىشاھلىق  تۈزۈمىدىكى دۆلەت بولۇپ ، كېيىنكى تارىخىي دەۋرلەردە باشقا دۆلەتلەر بىلەن قۇدىلىشىش ، تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋەتلىرى سەۋەبىدىن باشقا دۆلەتلەرنىڭ باشقۇرىشى ئاستىدا بىر ئاپتونوم رايون شەكلىدە مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ كەلگەن. 18-ئەسىردە ئىسپانىيەگە قارشى ئۇرۇشقا قاتنىشىپ، ھەمكارلاشقۇچىسى تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلگەندىن كېيىن ئىسپانىيەگە  مۇستەملىكە بولۇپ، ئاپتونونوم رايونلۇق ھوقۇقىدىنمۇ ئايرىلىپ قالغان، ھەتتا شۇ دەۋرلەردە  كاتالونىيە تىلىمۇ ئومۇميۈزلۈك چەكلەنگەن. 

19-ئەسىردىكى دۇنياۋىي مىللىي ئويغىنىش ھەرىكەتلىرىنىڭ تەسىرىدە كاتالونىيە مىللىتى ۋە  تىلىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشقان. 1931-يىلى ئىسپانىيە دۆلەت بولۇپ قۇرۇلۇپ، كاتالونىيەگە ئاپتونوم رايونلۇق سالاھىيىتىنى قايتا بەرگەن . 

كاتالونىيەنىڭ ئىقتىسادىيغا قارايدىغان بولساقمۇ، كاتالونىيە ئىسپانىيەدىكى ئەڭ باي رايونلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئسىپانىيە ھۆكۈمىتىگە يىلىغا 20%لىك باج تاپشۇرۇپ كېلىۋاتقان كاتالونىيە،  ئىسپانىيە ھۆكۈمىتىدىن تاپشۇرغان باجغا تۇشلۇق نەپكە ئېرىشەلمىگەنلىكىدىن ئىنتايىن نارازى بولۇپ كەلگەن. 

گەرچە ئىسپانىيە دۆلىتى 50 ئۆلكىگە ئايرىلىپ، ھەرقايسى ئۆلكىلەرگە ئۆز ئۆزىنى ئىدارە قىلىش ھوقۇقى بېرىلگەن ۋە بۇلارنىڭ ئۈستىدە كاتالونىيە قاتارلىق ئۈچ ئاپتونوم رايونغا يۈكسەك ئاپتونومىيە ھوقۇقى بەرگەن بولۇپ، ئىسپانىيەنىڭ دۆلەت ئەھۋالى بۇ شەكىلدە بىر ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلەردىن پەرقسىز بولسىمۇ، ئىسپانىيە يەنىلا بىر دۆلەت نامىدا ئاتىلىپ كەلگەن. 

ئىسپانىيە كاتالونىيەنىڭ مۇستەقىللىقىنى بىكار قىلغاندىن كېيىن ئامېرىكا قاتارلىق غەرب ئەللىرى،  ياۋروپا شۇنداقلا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دۆلەتلەر تۇشمۇ – تۇشتىن ئىسپانىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلىكىنى ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.  ئۇنداقتا ،  كاتالونىيەنىڭ مۇستەقىللىق تەلىپىنىڭ خەلقئارادا بۇنداق ئىنكاسقا ئېرىشىپ قېلىشىغا زادى نىمە سەۋەب بولدى؟ كوسوۋونىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللىغان دۇنيا، كاتالونىيەگە كەلگەندە نېمىشقا باراۋەر ئۆلچەمنى قوللانمىدى؟ 

گەرچە خەلقئارا قانۇندا <ھەرقانداق مىللەتنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى بارلىقى  بەلگىلەنگەن ۋە بۇ قانۇن خەلقئارادا ئورتاق ئېتىراپ قىلىشقا  ئىگە بولغان بولسىمۇ،  لېكىن ئىسپانىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقئارا بۇ قانۇننىڭ پەقەت ھەق ھوقۇقلىرى دەپسەندە قىلىنغان، باراۋەرلىك ۋە ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قالغان مىللەتلەرگە قارىتىلغانلىقى، ئەمما كاتالونىيەنىڭ 1998-يىلى كانادادىن مۇستەقىللىق تەلەپ قىلغان ۋە ئوخشاش سەۋەبلىك رەت قىلىنغان كۈبەك خەلقىگە(كۈبەك خەلقى كانادانىڭ كۆبېك ئۆلكىسىدە ياشايدىغان فرانسوز تىلىدا سۆزلىشىدىغان كاناداغا تىجارەت بىلەن كەلگەن فرانسوزلارنىڭ يەرلىكلەر بىلەن تويلىشىشدىن بارلىققا كەلگەن خەلق بولۇپ،  ئۇلار ئۆزلىرىنى ياكى فرانسىيەلىك ، ياكى كانادالىق كىملىكى بىلەن ئېتىراپ قىلماستىن، مۇستەقىل بىر مىللەت سۈپىتىدە قارايدۇ ۋە شۇ سەۋەب مۇستەقىللىق  ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان.) ئوخشاشلا ھېچقانداق ئېرقىي قىرغىنچىلىق، ھەق – ھوقۇقلىرى دەپسەندىچىلىكى، تەڭسىزلىك، باستۇرۇلۇش قاتارلىق مۇستەقىل بولمىسا بولمايدىغان زۇلۇملارغا ئۇچراپ باقمىغانلىقى ،  ئەكسىچە بولسا ئۇلار دېمۇكراتىك بىر جەمىيەتتە باشقا مىللەتلەر بىلەن باراۋەر ھوقۇقتا ياشاۋاتقانلىقى ئۈچۈن  كوسوۋو مۇستەقىللىقىنى قوللىغان ئەللەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلمىگەن. 

خاتىمە:

بىز يۇقىرىدا كوسوۋو مۇستەقىللىق كۆرەشلىرى بىلەن كاتالونىيە مۇستەقىللىق ھەرىكىتى ۋە نەتىجىلىرى شۇنداقلا بۇ ئىككى مىللەتنىڭ مۇستەقىللىق كۆرەشلىرىنىڭ ئوخشىمىغان نەتىجىلەر بىلەن ئاخىرلىشىشىنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە تەپسىلىي توختىلىپ ئۆتتۈق.شۇ سەۋەب  ئەمدى بىز،  خىتاي بىلەن ئوخشاش مىللىي كىملىكىگە ئىگە بولغان تەيۋەن ۋە خوڭكوڭ، شاڭخەي…..لىكلەرنىڭ مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىشلىرى ھەققىدە بىر قەدەر ئېنىق چۈشەنچىگە ئېگە بولالىشىمىز مۇمكىن. يېقىنقى بىر قانچە كۈنلەر ئىچىدە خوڭكوڭدا يۈز بەرگەن خىتاي بىلەن خوڭكوڭ ھۆكۈمىتى ئارىسىدا ئىمزالانماقچى بولغان <جىنايەتچىلەرنى قايتۇرۇپ بېرىش كېلىشىمى 引渡条约>قارشى خوڭكوڭ خەلقىنىڭ يۈز مىڭ كىشىلىك نامايىشى ، پۈتكۈل دۇنيا مىقياسىدا زور دىققەتنى چەككەن چوڭ ۋەقەلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى. بۇ ۋەقە قاتناشقان ئادەم سانىنىڭ كۈپلىكى،  خەلقئارا جەمىيەتكە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئادالەتسىز سىياسەتلىرىگە قارشى كىشىلەرنىڭ ئاز ئەمەسلىكى بىلەن ئۇچۇر بەرگەن بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىچىدىكى ئاپتونومىيە ياكى ئۆز ئۆزىنى ئىدارە قىلىش ھوقۇقلىرى بېرىلگەن رايونلارنىڭ خەلقئارا قانۇن – تەرتىپلەردە بەلگىلەنگەن ئاپتونومىيە ھوقۇقىدىن تولۇق بەھرىمەن بولغان ياكى بولالمىغانلىقىغا نىسبەتەن گۇمان قارىشىنى كۈچەيتىپ، ئامېرىكا- خىتاي سودا ئۇرۇشلىرى تۈپەيلى پەيدىن پەي ئاشكارىلىنىشقا باشلىغان،  خىتاينىڭ خەلقئارا جەمىيەتنى ئالداش قىلمىشىلىرى،  يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا يورىتىپ بېرىلدى. 

دەرۋەقە ئۇيغۇر ۋە تىبەت قاتارلىق ئاپتونومىيە ھوقۇقى بېرىلگەن، ئەمما، ھەقىقىي تۈردىكى خەلقئارا قانۇنلارغا ئۇيغۇن بولغان ئاپتونومىيە ھوقۇقى پۈتۈنلەي تارتىۋېلىنغان رايونلار ۋە بۇ رايوندىكى خەلقلەرنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى ھەقىقىي مەنىدىكى كاپالەتكە ئىگە قىلىش بولسا،  ب د ت ۋە خەلقئارانىڭ مەسئۇلىيىتىگە ئايلىنىشقا باشلىغانىدى. دېمىسىمۇ، بىز يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن كوسوۋو ۋە كاتالونىيەنىڭ ئاپتونومىيە سالاھىيىتىدە ئىگە بولغان مۇستەقىل ساقچىلىرى بولۇش، مۇستەقىل ھۆكۈمىتى بولۇش، مۇستەقىل سايلىمى ۋە ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشتەك ھەق- ھوقۇقلاردىن ئۇيغۇرخەلقى ئەزەلدىن بەھرىمەن بولۇپ باقمىغان ، ھەتتا بۇنداق ھەق – ھوقۇقلىرىنىڭ بارلىقىنىمۇ ئەزەلدىن بىلمەيدىغان ھالەتتە، شۇنچە ئۇزۇن يىللار دۇنيانىڭ كۆزىدىن يىراق ھالدا ، ئېغىز زۇلۇملار ئىچىدە ياشاپ كېلىۋاتقانىدى. 

بۇ زۇلۇم شۇنچە چېكىگە يېتىپ، بىر مىللەت بويىچە ئېرقىي قىرغىنچلىققا ئۇچراپ ، پۈتۈنلەي يوقىتىۋېتىلىش گىرداۋىغا بېرىپ قالغاندىمۇ، يەنىلا زۇلۇمغا ئۇچرىغان بىر خەلق سۈپىتىدە ئۆز ھەق – ھوقۇقلىرىمىزنى قايتۇرۇپ ئېلىش كۆرۈشىدە بىرلىك ھاسىل قىلالماسلىقىمىزدىكى سەۋەبلەرمۇ، نەچچە ئەۋلات خەلقئارادىن ئايرىلىپ، يېپىق مۇھىتتا دۇنيانىڭ كۆزىدىن يىراق ياشىشىمىز ۋە كوممۇنىست ئىدولوگىيىسىنىڭ تەسىرىگە ۋاستىلىق ئۇچرىغانلىقىمىزدىن بولسا كېرەك.

< كوممۇنىستلارنىڭ دۆلەت تەۋەلىكى بولمايدۇ>دېگەن  بۇ مەشھۇر سۆز دەل كوممۇنىزىم باياناتنامىسىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى بولۇپ، بۇ باياناتنامىدا كوممۇنىست ئىدولوگىيىسىنىڭ ئاتىسى كارل ماركىس ۋە فېدىرى ئېنگلىس مۇنداق دېگەن: كوممۇنىزىمنىڭ دۆلەت تەۋەلىكى بولمايدۇ. پۈتكۈل دۇنيادىكى كوممۇنىستلار ئۆز قاراشلىرىنى يوشۇرماستىن، ئوچۇق ئاشكارە ھالدا مۇنداق جاكارلىشى كېرەك: كوممۇنسىتلارنىڭ نىشانى پەقەت زوراۋانلىق بىلەن ھازىر مەۋجۇت بولۇۋاتقان بارلىق ھاكېمىيەتلەرنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغاندىلا ئاندىن يەتكىلى بولىدىغان نىشاندۇر. ھۆكۈمران سىنىپلار، سىلەر كوممۇنىزم ئىنقىلاۋى ئالدىدا قورقۇڭلار!   بۇ ئىنقىلابنىڭ يوقىتىدىغىنى پەقەتلا كىشەن، ئەمما ئېرىشىدىغىنى پۈتكۈل دۇنيا! 

كوممۇنىستلار دۇنياغا ھۆكۈمرالىق قىلىش ئۈچۈن توختىماي كۆرەش قىلىشى كېرەك. ئاندىن ئۇلۇس بولۇپ شەكىللىنىشى كېرەك.  

يۇقارقى كوممۇنىزىم باياناتنامىسىدىكى قىسقا ئۈزۈندە بىلەن خىتاي كوممۇنىست ھاكېمىيىتىنىڭ ۋەتىنىمىزدىكى ھۆكۈمرانلىق تارىخىغا قارايدىغان بولساق، دەرۋەقە كۆرەش، ئىنقىلاب ۋە قان تۆكۈشتىن باشقا بىزگە ھېچقانداق نەرسە بەرمىگەنلىكىنى كۆرۈپ يېتەلەيمىز. 

ئېنىقكى، خوڭكوڭ قاتارلىقلارنىڭ مۇستەقىللق تەلەپ قىلالىشى ھەرگىزمۇ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان بىر قىلمىش بولماستىن، بەلكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ <公民权利及政治权利国际公约پۇقرالارنىڭ ھوقۇقى ۋە سىياسىي ھوقۇقلىرى ئورتاق باياناتنامىسى> دىكى ماددىلارغا پۈتۈنلەي ئۇيغۇن بولۇپ، بۇ باياناتنامىگە خىتاي ھۆكۈمىتى 1988-يىلى ئىمزا قويغان ۋە بۇ باياناتنامىلا ئەمەس ، بەلكى ب د ت دىكى خەلقئارا قانۇنلارغا رىئايە قىلماسلىق ۋە بۇ قىلمىشلىرىنى خەلقئارانىڭ كۆزىنى بوياش بىلەن يوشۇرۇش بۈگۈنكى كۈندە،  خىتاي ھاكېمىيىتىنىڭ دۆلەت مېخانىزىمى بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان قىلمىشقا ئايلانغان. 

يۇقارقى مىساللار بىزگە شۇنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتىكى،  خەلقئارا قانۇنلارنىڭ روھىغا ئاساسەن، بىز ئۇچرىغان زۇلۇملار ھەمدە بۈگۈنكى جازا لاگىرلىرىغا قامىلىش  قىسمىتىمىز بىزنىڭ خىتاي ھاكېمىيتىدىن ئۇزۇل كېسىل ئايرىلىشىمىزنىڭ پەيتى ئىكەنلىكىگە پولاتتەك ئىسپات بولۇپ تۇرۇپتۇ. ئۇنداقتا كوسوۋونى قوللىغان خەلقئارا بىزنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىمىزنى قوللىشى مۇمكىنمۇ؟  

نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قارىشىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى روسسىيە ۋە خىتايغا ئوخشاش دۆلەتلەرنىمۇ بۇ ئورگاندا تۇرۇشى ۋە خەلقئارا تەرتىپلەرگە ئارلىشىشى سەۋەبلىك ئۆز فونكىسىيىسىنى يوقىتىپ قويدى دەپ قارىماقتا.  ئەمما رېئاللىق شۇكى ، ب د ت خەلقئارا قانۇنلار ئارقىلىق ئىدارە قىلىنىدىغان ئورگان . يەنە كېلىپ ب د ت مەن بېشىدا تىلغا ئالغىنىمدەك دۇنيانىڭ تېنچلىقى، تەرەققىياتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن قۇرۇلغان بولۇپ، دېمۇكراتىيە دەل بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يادرولۇق قىممەت قارىشى ۋە پرىنسىپى. بۇ يادرولۇق قىممەت قاراش ۋە پرىنسىپلار <دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق باياناتنامىسى>ۋە <پۇقرالارنىڭ ھوقۇقى ۋە سىياسىي ھوقۇقلىرى كېلىشىمى>دە تېخىمۇ ئېنىق ئىپادىلەپ بېرىلگەن . بۈگۈنگە قەدەر دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يۈز بېرىۋاتقان، دۇنيا تېنچلىقىغا تەسىر يەتكۈزىۋاتقان بارلىق ئامىللارغا يەنىلا،  مۇشۇ نىزاملار ۋە خەلقئارا قانۇنلار ئاساسىدا مۇئامىلە قىلىنىپ، بىر تەرەپ قىلىنىۋاتىدۇ. شۇنداق تۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنىڭ  خەلقئارا نىزاملار بويىچە ھەل قىلىنماسلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش ھەقىقەتەنمۇ ئەقىلگە سىغمايدۇ. 

ئۇنداقتا ئۇيغۇر خەلقى ئۇچراۋاتقان بۇ زۇلۇملار خەلقئاراغا ئاشكارىلىنىشقا باشلىغان بۈگۈنكى كۈندە ، نىمە ئۈچۈن خەلقئارانىڭ تېنچلىق ساقلاش قىسىملىرى ۋەتىنىمىزگە بۆسۈپ كىرەلمەيدۇ؟ نىمە ئۈچۈن خەلقئارا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە خىتاينى ئەيىبلەش ۋە ئۇيغۇر خەلقىنى قوللاشتا كۈچلۈك بىر ھەرىكەت ئېلىپ بارالمايدۇ؟ 

بۇنداق بولىشىدا سەۋەبلەر ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، بۇ سەۋەبلەرنىڭ بىر قانچىسىنى تۆۋەندە ئويلىنىپ بېقىشىڭلار ئۈچۈن سۇنىمەن: 

  • 2001-يىلىدىن ئاۋۋالقى ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بەرگەن قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ دىققەتنى چەكمەسلىكىدە نۇرغۇن سەۋەبلەر بار بولۇپ،  ئاساسلىقى خىتاينىڭ 89-يىلىدىكى 4-ئىيۇن ھەرىكىتىدىن كېيىن دەرھاللا <ئىسلاھات ۋە ئىشىكنى ئېچىۋېتىش ستراتېگىيىسى>نى كۆتۈرۈپ چىقىپ، دۇنيا جامائىتىگە خىتاينىڭ خەلقئارا دېمۇكراتىك دۆلەتلەر ئارىسىغا كىرىش قەدىمىنى ئالغانلىقىدەك خاتا تەسىر پەيدا قىلىش ئارقىلىق، سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىنلا پارچىلىنىش ئېھتىماللىقى بولغان ئېغىر سىياسىي كىرىزىستىن قۇتۇلۇپ قالغانلىقى، كېيىنكى تەرەققىياتلار ۋە خىتاينىڭ قەد كۆتۈرۈشى …….كەينىدىنلا 11-سىنتەبىر ۋەقەسىدەك خەلقئارالىق چوڭ تېرورلۇق ھەرىكىتىنىڭ يۈز بېرىشى نەتىجىسىدە خىتاينىڭ ئامەت كېلىپ، ئامېرىكا بىلەن تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش كۆرۈشىدە بىرلىكسەپ قۇرۇپ، ئۆزىنىڭ خەلقئارادىكى ئىناۋىتىنى تىكلەش بىلەن بىرگە، خىتاي زۇلۇمىدىن قۇتۇلۇش، ئەركىنلىك ۋە ھۆرلۈك ئۈچۈن كۆرەش قىلىۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھەقلىق دەۋالىرىنى تېرورلۇققا باغلاش ئۈچۈن خىلمۇ خىل شۇملۇقلارنى قىلغان.  ئاق كۆڭۈل  ئۇيغۇر خەلقى بولسا  دەل خىتاي شۇملۇقى ۋە ھىيلە – نەيرەڭلىرىنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان. مانا شۇنىڭدىن ئېتىۋارەن ئۇيغۇر خەلقى تېرورلۇق بەدنامى سەۋەبلىك تارىختىكى ئەڭ ئېغىر بەدەللەرنى تۆلىدى ۋە تۆلەپ كېلىۋاتىدۇ. مانا بۈگۈن گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئېرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان ۋە بۇ ئېرقىي قىرغىنچىلىقلار دۇنياغا ئاشكارىلىنىشقا باشلىغان بولسىمۇ، يەنىلا ئۇيغۇرلارنى تېرورلۇققا باغلاش يوللىرى ئۈستىدە توختىماي ئىزدېنىپ ۋە يوچۇق ئىزدەپ، ئۇيغۇر خەلقىنى يەر يۈزىدىن پۈتۈنلەي يوقىتىش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتتى. ئەمما ئۇيغۇرلاردا بولسا تېخىچە دىن بىلەن سىياسەتنىڭ پەرقىنى چۈشەنمەسلىك، دېمۇكراتىيە ئۇقۇمىنى دىنىي ئېتىقادىغا تەھدىت دەپ قارىۋېلىش، ئىنسان ھەقلىرىنىڭ ۋەتەن ۋە زېمىنلاردىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىدەك رېئاللىقنى تونۇپ يېتەلمەسلىكى خەلقئاراغا بىزنىڭ ھەقىقىي نىشانىمىز ھەققىدە ئېنىق ئۇچۇر بېرىشىمىزنى چەكلەپ قويۇۋاتقان ئامىللارنىڭ بىرسى دەپ قارايمەن. 
  • ئۇيغۇرلاردىكى رېئاللىقنى قوبۇل قىلماسلىق ۋە خەلقئارا ۋەزىيەت شۇنداقلا خەلقئارا قانۇنلارغا بولغان تونۇشىنىڭ توغرا بولماسلىقى. 

ئەمەلىيەتتە يۇقىرىدا دېگىنىمدەك، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دېمۇكراتىيە ئاساسىغا قۇرۇلغان بىر ئورگان بولغاچقا، دۇنيانىڭ قايسى يېرىدە ئىنسانلارنىڭ ھەق ھوقۇقلىرى دەپسەندىلىچىلىكى بولىدىكەن، قەيەردە تەڭسىزلىك ۋە باراۋەرسىزلىك بولىدىكەن، خەلقئارا قانۇنلار ئارقىلىق ئۇ تەڭسىزلىكلەرگە قارشى تۇرۇش ۋە يوقىتىشنى خىزمەت مىزانى قىلىدۇ. ئەمما تېرورلۇق ۋە دۇنيا تېنچلىقىغا تەسىر كۆرسىتىش ئېھتىماللىقى بار دەپ قارالغان قىلمىشلارغا ھەر ۋاقىت قارشى تۇرىدۇ ۋە قوللىمايدۇ. ئۇيغۇرلارغا كەلسەك، بىزنىڭ بىر قانچە كىملىكىمىز بولۇپ، بىز خەلقئارا سەھنىلەردە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى، ئۇيغۇر تۈركلىرى دېگەندەك ئىككىلەمچى كىملىكلەر بىلەن تىلغا ئېلىنىمىز. ئەمما دۆلىتىمىز ۋە ھەقىقىي كىملىكىمىز ھەققىدە ئۆزىمىزمۇ ئەستايىدىل مۇئامىلىدە بولمىغانلىقىمىز سەۋەب، خەلقئارادىمۇ ئەستايىدىل مۇئامىلىگە ئۇچرىمىدۇق. يەنى بىردەك ئىككىلەمچى كىملىكىمىز بىلەن قوشۇپ ئاتىلىشقا باشلىدۇق. بۇ سەۋەبتىن ھەتتا خەلقئارادىكى بىر قىسىم مۇھىم قوللاشلاردىن مەھرۇممۇ قالدۇق.  بىز مەيلى كىم بولايلى، بىزنىڭ ئەسلى كىملىكىمىز ئۇيغۇر ئىكەنلىكىدە شەك يوق ئىدى. ئەمما دېمۇكراتىك ئىدولوگىيىدە ھەر كىمنىڭ ئۆز كىملىكىنى تاللاش، ئۆز ئېتىقادىنى تاللاش ھوقۇقى بولىدىغان بولۇپ، بۇ يەردە تىلغا ئېلىنىۋاتقان <ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى>، <ئۇيغۇر تۈركلىرى>دېگەن ئىبارىلەرنىڭ ئۆزىدىمۇ بىزدىكى باشقىلارنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى ھۆرمەت قىلىشقا ئوخشاش دېمۇكراتىك ئۇقۇملارنىڭ كەمچىلىكى بىلىنىپ تۇرىدىغان بولۇپ، دېمۇكراتىيەنى پرىنسىپ قىلغان ئەللەردە  ئومۇمنىڭ كىملىكىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بۇنداق ئاتالغۇلارنىڭ ئىجابى تەسىرگە ئىگە بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى، سىز ئالدى بىلەن ئۇيغۇر، ئۇيغۇرلۇق بولسا سىزنىڭ مىللەت كىملىكىڭىز.  بۇنى سىز تاللاشقا ئامالسىز. يەنى بۇ سىزنىڭ تۇغۇلۇشىڭىزدىن بار بولغان تەبىئىي كىملىكىڭىزدۇر. ئەمما مۇسۇلمان بولۇش ياكى تۈرك قەۋمى ئىكەنلىكىڭىزنى تاللاش ئەركىنلىكىڭىز دەخلىسىزدۇر. سىز خالىسىڭىز مۇسۇلمان بولسىڭىزمۇ، باشقا دىنغا ئېتىقاد قىلسىڭىزمۇ، تۈرك بولسىڭىزمۇ ياكى ئۇيغۇرلۇق كىملىكىڭىزدە چىڭ تۇرۇپ ياشاۋەرسىڭىزمۇ بولىدۇ. لېكىن سىزنىڭ ئۆز ئارزۇيۇڭىزنى باشقىلارغا تېڭىش قىلمىشىڭىز خەلقئارا قانۇنلار كاتىگورىيىسىدىكى ھەر بىر ئىنسان تۇغۇلىشىدىن ھۆر ۋە ئەركىندۇر دېگەن نىزامغا خىلاپ قىلمىش بولۇپ، ئەگەر شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىل ۋە ھۆر بىر سالاھىيەتكە ئىگە بولماي، ھېچقانداق قانۇنىي يوسۇندىكى ستاتىستىكا ئېلىپ بېرىلماي  تۇرۇپ، سىز ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھەممىسىنى مۇسۇلمان ۋە ھەممىسىنى ئۇيغۇر تۈركى دەپ ئاتاش ھەققىڭىز بولمايدۇ. چۈنكى كىمنىڭ كىم بولۇشى پەقەت ئۆزىنىڭ شەخسىيىتىدىكى تاللاش بولۇپ، سىز ۋە باشقىلارنىڭ ئارلىشىش ھەققى يوق.  

  • شەرقىي تۈركىستان ئۇلۇسى شەكىللەندۈرۈش ئارزۇسى:

ئەمەلىيەتتە مىللەتلەرنىڭ مۇستەقىللىقى ئەسلىدىنلا خەلقئارا قانۇنلاردا كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان ۋە رىغبەتلەندۈرۈلگەن بولۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتلىرىغا ئەزا دۆلەتلەر سانىنىڭ،  يېڭى قۇرۇلغان ۋاقىتتىكى ئوننەچچىدىن بۈگۈن ئىككى يۈزگە يېقىن دۆلەت سانىغا يېتىشى، دۇنيا مىقياسىدا توختىماستىن يېڭى دۆلەتلەرنىڭ بارلىققا كېلىپ تۇرغىنىدىن ، يەنى مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلىشىنىڭ خەلقئارانىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ، ھەر مىللەت ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىش دۇنيا تېنچلىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە دېگەن قاراشنىڭ ئورتاق ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشكەنلكىنىڭ  دەلىلىدۇر. خەلقئارا قانۇن ھەرگىزمۇ ئۇيغۇرلارغا كەلگەندە خاراكتېرى ئۆزگىرىپ، ياكى كۈچىدىن قالمايدۇ. https://www.un.org/zh/sections/issues-depth/democracy/index.html

مۇستەقىللىقنىڭ خەلقئارا قانۇنلاردىكى ئاساسى مىللەت بولۇش، ئۆز ئالدىغا تىلى ۋە مەدەنىيەتى، تارىخى بولۇش بولۇپ، بۇ شارائىتلار ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئاللىبۇرۇن ھازىرلانغان. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نوپۇسى 1949-يىلى پۈتكۈل شەرقىي تۈركىستان نوپۇسىنىڭ -80%تىدىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلىدىغان ئەھۋالدىن، بۈگۈنكى كۈنلۈكتە بۇ نوپۇس 47%كە چۈشۈپ قالغانلىقىدەك ھەقىقەتلەر،   خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئورگىنى بولغان شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى ۋە ئاتالمىش شىنجاڭغا ياردەم بېرىش نامىدا تۈركۈملەر ۋەتىنىمىزگە يۆتكەپ كېلىنگەن كۆچمەنلەرگىمۇ، شەرقىي تۈركىستان ئۇلۇسىنىڭ بىر قىسمى قاتارىدا، ئۇيغۇرلار بىلەن باراۋەر ھالەتتە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى بېرىلسە، ئۇ چاغدا ئۇيغۇرلارنىڭ جۈملىدىن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئېرقىي قىرغىنچلىققا ئۇچرىغانلىقى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 70يىللىق قانۇنسىز ھۆكۈمرانلىقى جەريانىدىكى جىنايەتلىرىنىڭ سورىقى قىلىنمىغان بولمامدۇ؟ يەنە كېلىپ تۈركلەرنىڭ بىرقىسىمى بولۇشتەك بۇ تارىخنى تۇتقا قىلىپ، تۈركلەرنىڭ بىرلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يەنى خىتايچە <民族统一> قىلىش ئىستىكىمىز، بىزنى دۇنياغا قايتىدىن تۈرك بىرلىكىنىڭ ھىمايىچىسى سۈپىتىدە مەيدانغا چىقىرىپ، تارىختا ناھايىتى يۈكسەك ئىمتىيازغا، بىپايان زېمىنغا ئىگە بولغان بۇ چوڭ مىللەتنىڭ قايتا جاھانغا خوجا بولۇش ئارزۇسىنىڭ تىرىلىشىدىن ئەنسىرەش ھادىسىسى پەيدا بولۇپ، بىزنىڭ دەۋايىمىز خەلقئارادا يېتەرلىك قوللاشلاردىن مەھرۇم قېلىشىمۇ مۇمكىن. خەلقئارا قانۇنلاردا ئۇلۇسلاشقان مىللەتلەرنىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللاش دەيدىغان بىر قانۇن يوق. بۇ ھەقتە مەن ناھايىتى تەپسىلىي ئىزدېنىپ كۆردۈم. مۇستەقىللىق پۈتۈنلەي مىللىي كىملىكى ئېنىق بولغان، مۇستەقىل تىلى ۋە يېزىقى بولغان مىللەتلەرگە قارىتىلغان بولۇپ، مىللىي كىملىكىڭىز سىزنى مۇستەملىكە قىلغان ياكى سىزگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان دۆلەتتە ، تەڭسىزلىككە ئۇچراپ،ھەق – ھوقۇقلىرىڭىز دەخلى – تەرۈزغا، ئېرقىي قىرغىنچلىقتەك زۇلۇملارغا دۇچ كېلىىدىكەنسىز، سىزنىڭ ئۆز تەقدىرىڭىزنى ئۆزىڭىز بەلگىلەش ھوقۇقىڭىز ھېچقانداق چەكلىمىگە ئۇچرىماسلىقى كېرەك! 

  • دىنىي ئېتىقادىمىز بىلەن دېمۇكراتىيە ئارىسىدىكى پەرقنى چۈشەنمەسلىك: 

بۇ بىزدىكى ئەجەللىك ئاجىزلىق بولۇپ،  دەل بۇ ئاجىزلىقىمىزسەۋەبلىك خىتاينىڭ قىلتاقلىرىغا توختىماي چۈشۈپ ۋە چۈشكەنسېرى ئۆزىمىزنى يوقىتىپ، ھەتتا كىملىكىمىزدىنمۇ ئايرىلىپ قېلىش گىرداۋىغا بېرىپ قالدۇق.  غەرب ئەللىرىنىڭ قارىشىدىكى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ئەسلىدە شەخسنىڭ ئېتىقاد مەسلىسى بولۇپ، بۇنىڭ دۆلەت باشقۇرۇش ۋە سىياسىي پرىنسىپلار بىلەن ئالاقىسى بولماسلىقى كېرەك. چۈنكى نەچچە يۈز يىللىق دىنىي ئېتىقاد بىلەن سىياسەت ئارلاشقان جەمىيەت تۈزۈمىنى باشتىن كەچۈرۈپ باققان غەرب ئەللىرى 15-16-ئەسىرلەردىلا بۇ جەھەتتە ياخشى  تەجرىبە ساۋاقلارغا ئىگە بولۇپ، دىن بىلەن سىياسەتنى ئايرىشنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ۋە تېنچ، باراۋەر جەمىيەت بەرپا قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئامىل ئىكەنلىكىنى ئېنىق تونۇپ يەتكەن ۋە شۇ سەۋەب ئاقارتىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، سىياسەت بىلەن دىننى پۈتۈنلەي ئايرىغان. شۇ سەۋەب دېمۇكراتىيە ئۇقۇمى بارلىققا كەلگەن ۋە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى چەكلىمىسىز، دەخلى – تەرۇزسىز ھالدا شەخسنىڭ ئەركىنلىكى دائىرىسىگە قالدۇرۇپ، ئومۇمنىڭ مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان دۆلەت باشقۇرۇش ۋە سىياسىي ئىشلاردا دىنىي ئامىلنى پۈتۈنلەي چىقىرىپ تاشلىغان. كۆرىۋاتقىنىمىزدەك،  ئامېرىكىدەك غەرب ئەللىرىدە خىلمۇ – خىل دىنىي ئېتىقادلاردىكى ھەر خىل مىللەتلەر ئىناق ئىجىل ۋە ئەركىن ياشايدۇ. ھېچكىم ئۇلارنى دىنىي ئېتىقادى سەۋەبلىك كەمسىتمەيدۇ ياكى ئۇلارنىڭ سىياسىي ھەق – ھوقۇقلىرى دەخلى – تەرۇزغا ئۇچرىمايدۇ. ئەمما دۆلەت ئىشلىرىغا مەيلى دىنىي ئېتىقادىڭىز بولسۇن ياكى بولمىسۇن ، قانداق ئېتىقادتا بولۇشىڭىز تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. چۈنكى دۆلەت دىن بىلەن ئەمەس، دېمۇكراتىك سىياسىي تۈزۈلمە ئاستىدا باشقۇرىلىدۇ. دېمۇكراتىك تۈزۈم سىزنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىڭىزنىڭ دەخلى – تەرۈزغا ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. ئىشلار مانا مۇشۇنداق ئاددىي ۋە تەرتىپلىك. 

ئەمما ئۇيغۇر جەمىيىتىدىكى بىر قىسىم قېرىنداشلار ئارىسىدا دېمۇكراتىيە باشقا بىر مەنەگە ئىگە بولۇپ، <يالىڭاچ يۈرۈش، ھاراق ئىچىش، ئەيشى ئىشرەت قىلىش، زەھەرلىك چېكىملىك چېكىش……ئسىلامدا ھارام قىلىنغان ئىشلارنىڭ قانۇن تەرىپىدىن قوغىدىلىشى………>ۋەھاكازالار دېمۇكراتىيە ئۇقۇمىنىڭ ئومۇمىي ئېنىقلىمىسى ھېسابلىنىدۇ. بۇنداق دېمۇكراتىيە مۇسۇلمالارنىڭ قوبۇل قىلىش دائىرىسىدىن ئېشىپ كەتكەن  بولۇپ، ئەگەر <ئۇيغۇر خەلقى دېمۇكراتىك بىر جەمىيەتكە قەدەم ئېلىپ قالسا، پۈتۈنلەي تۈگىشىدۇ> دەيدىغان ۋەھىمە، بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئېڭىغا كىملەر تەرىپىدىندۇر سىڭدۈرۋېتىلگەن. شۇ سەۋەب،  بىزگە ئىنسانلىق نوقتىسىدىن ياردەم قولىنى سوزىۋاتقان غەرب ۋە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ياردېمىگە  <ئاللاھ زالىمنى زالىمنىڭ قولى بىلەن يوقىتىۋاتىدۇ…..>، <مۇستەقىل دۆلىتىمىز بولسا كاپىرلارنىڭ ھەممىسىنى يوقىتىمىز>دېگەندەك غەلىتە قاراشلار بىلەن ئىنكاس قايتۇرۇشلارنىڭ بولىشىمۇ،  غەرب ئەللىرىنىڭ بىزنى ئالدېراپ قوللىماسلىقىغا سەۋەب بولالايدۇ. كىممۇ باشقىلارغا  تەھدىت ئېلىپ كېلىش ئېھتىماللىقى بولغان بىر مىللەتنىڭ مۇستەقىل بولۇشىنى قوللىسۇن؟  

دېمەك بۇ يەردە  خىتاي كوممۇنىست پارتىيسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قانۇنسىز ھۆكۈمرانلىقى، يالغان ئاپتونومىيىسى، ئۇيغۇر خەلقىنى تېرورلۇققا باغلاش ھىيىلىسى، بولۇپمۇ ئېرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلاشتا پۈتۈن مىللەت بويىچە ھەرىكەت قىلىشىمىز ھەممىدىن زۆرۈر بولۇپ، بىزنىڭ سانىمىز، ئۇلۇس بولمىغانلىقىمىز مۇستەقىل بولالماسلىقىمىزغا باھانە بولالمايدۇ. ئەكسىچە مىللىي كىملىكىمىزنىڭ يوقىتىلىشى ۋە ئېرقىي قىرغىنچلىققا ئۇچرىغانلىقىمىز،  بىزنىڭ ئۆز تەقدىرىمىزنى ئۆزىمىز بەلگىلەشكە پۈتۈنلەي ھوقۇقلۇق بىر مىللەت ئىكەنلىكىمىزگە ئاساس بولىدۇ.  بۇ جەھەتتە ئېرقىي قىرغىنچلىققا ئۇچراپ مۇستەقىل بولغان كوسوۋونىڭ تەجرىبىلىرى بىزگە ئۆرنەك بولالايدۇ.  

  • ئىنسانىي ھەق – ھوقۇق قاراشلىرىمىزدىكى نوقسانلار:  نۆۋەتتە خىتايغا بولغان ئۆچمەنلىكىمىز سەۋەب ،< ناۋادا مۇستەقىل بولۇپ قالساق، خىتاي دېگەننى ۋەتىنىمزىدىن پۈتۈنلەي قوغلاپ چىقىرىمىز!>، <خىتايلارنىڭ ھەممىسىنى يوقىتىمىز….> ھەتتا <خىتايلار بىلەن مەڭگۈ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت قىلماسلىق ھەققىدە ئەۋلاتلىرىمىزغا ۋەسىيەت قىلىمىز>دېگەندەك قاراشلار مەۋجۇت بولۇپ، گەرچە  بۇنداق سۆزلەر ئاچچىقىمىزدا،  خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىدىن قاتتىق ئازار يېگەنلىكتىن چىقىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلۇشى دۇنيانىڭ تېنچلىقى ۋە تەرەقىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن بولغىنى سەۋەب، بىزدىكى بۇ قاراشلار قوبۇل قىلىنمايدۇ. بۇ دېگەنلىك بىز مەيلى مۇستەقىل بولغان ھالەتتىمۇ، بىزدىكى خىتاي ئۆچمەنلىكى خەلقئارا تەرىپىدىن خىتاي خەلقىنىڭ،  شۇنداقلا، دۇنيانىڭ تېنچلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ئېغىر تەھدىت ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، ئەگەر بۇ خىل ئىدىيەنى پۈتۈن مىللەت بويىچە قەلبىمىزگە ۋە مۇستەقىللىق كۆرەشلىرىمىزگە سىڭدۈرىدىكەنمىز، خەلقئارانىڭ نەزىرىدە بىز مەڭگۈ مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇشقا مۇناسىپ بىر مىللەت سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنمايمىز. بۇ جەھەتتە بۇنداق بىر سۆزنى مىسال قىلغۇم بار، يەنى ئىندىئانلارنىڭ زېمىنىغا ياۋروپالىقلار تاجاۋۇز قىلغىنىدا ئىندىئانلار <ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىغا ئۆچمەنلىق قىلماڭلار، ئۇلار ئىنسانىي مېھرىي – مۇھەببەتنى بىزدىن ئۆرنەك ئالسۇن>دېگەنىكەن. (مەن بۇ سۆزلەرنى دۇنيا تارىخىدىكى بىر ۋەقەلىكتىن ئۆرنەك ئالدىم).  يەنە بىر مىسال، كوسوۋونىڭ مۇستەقىللىق باياناتنامىسىدىمۇ مۇنداق قۇرلار بار: <كوسوۋو دېمۇكراتىك، زامانىۋىي ۋە كۆپ مىللەتلىك بىر دۆلەت بولىدىغانلىقى  بىلەن قەسەم قىلىمىز! شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا سېرىبىيە بىلەن   بولغان چوڭقۇر تارىخىي، سودا ۋە جەمىيەت  ئالاقىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز.> …..مانا بۇ باياناتنامە سېربىيە تەرىپىدىن ئېرقىىي قىرغىنچلىققا ئۇچرىغان كوسوۋولۇقلارنىڭ بىردەك كۆڭلىدىن چىققان سۆزلەردۇر! ئۇلار بۇ سۆزلىرى بىلەن دۇنياغا كوسوۋولۇقلارنىڭ ئەسلىدە تېنچلىقپەرۋەر ، مەدەنىيەتلىك بىر خەلق ئىكەنكىلىنى نامايەن قىلىپ بولغان.  بۇنىڭدىن باشقا كوسوۋۇ خەلقى ئېرقىي قىرغىنچلىققا ئۇچرىغاندا ناتو ئەسكەرلىرىنىڭ كوسوۋوغا  بۆسۈپ كىرىشىمۇ دەل كوسوۋو مۇستەقىللىق رەھبىرىنىڭ <ئىنساننىڭ ھوقۇقى بىر دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىدىنمۇ مۇھىمدۇر!>دېگەن شوئارىنىڭ روھى بىلەن يۈز بەرگەن بولۇپ، ئىنسان ھوقۇقىنى يۈكسەك ئورۇنغا قويالىغان كوسوۋو خەلقى مانا مۇشۇنداق گۈزەل پەزىلىتى بىلەن ئېرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقان سېربىيەنى دۇنيا ئالدىدا پاسسىپ ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويالىغان ۋە ھېچقانداق قوللاش بولمىغان شارائىتتا مۇستەقىللىق جاكارلىغاندىن كېيىن دۇنيانىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. گەرچە بۈگۈنگە قەدەر كوسوۋونىڭ مۇستەقىل بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى خىتاي، روسسىيە ۋە ئىسپانىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئېتىراپ قىلمىغان بولسىمۇ، لېكىن كوسوۋو بۇ سەۋەبلىك دۆلەت قۇرۇش ھەقلىرىدىن قۇرۇق قالغىنى يوق! 

كاتالونىيەنىڭ مۇستەقىللىقىمۇ دۇنياغا  ئويلىنىشقا تېگىشلىك يېڭى بىر سوئالنى قالدۇرۇپ قويغان بولۇپ، ئىسپانىيەدەك دېمۇكراتىك بىر دۆلەتتىمۇ، باراۋەر ھەق – ھوقۇقلار سەۋەبلىكلا مىللەتلەرنىڭ ئۇلۇسلىشىش قەدىمىنى ئالالمايدىغانلىقىنى، ھەر بىر مىللەت مۇستەقىل ۋەتىنى ۋە تۇپرىقى بولغاندىلا ئاندىن تېنچلىق ۋە تەرەققىياتتىن ئېغىز ئېچىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىدەك رېئاللىقنى ئېچىپ بەرگەن .  گەرچە بۈگۈن كاتالونىيە دېمۇكراتىك تۈزۈمدە ھەق – ھوقۇقلىرى دەخلى – تەرۇزغا ئۇچرىمىغانلىقى سەۋەب ، مۇستەقىل بولالمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ مۇستەقىللىق كۆرەشلىرى توختاپلا قالمايدىكەن، بۇ مەسىلە خەلقئارانى مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش قانۇنى ۋە دۆلەتلەرنىڭ زېمىن پۈتۈنلىكىنى قوغداش قانۇنلىرىدىكى يېتەرسىزلىكلەر ئۈستىدە قايتا پىكىر يۈرگۈزۈشكە تۈرتكە بولىدۇ. بەلكىم كاتالونىيەدەك  رايونلارمۇ مۇستەقىل ئىگىلىك ھوقىقىغا ئېرىشەلىگەندىلا ئاندىن دۇنيا مىقياسىدا ھەقىقىي تېنچلىق ۋە تەرەققىيات ئەمەلگە ئاشۇرۇلىشى مۇمكىن. 

دېمەك، مەيلى قايسى نوقتىدىن قانداق ئانالىز قىلايلى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە مۇستەقىلىققتىن باشقا تاللىشى يوق!  مۇستەقىللىققە يېتىش ئۈچۈن بىر تەن ۋە بىر جان بولۇپ ئۇيۇشۇش ۋە بىرلىكتە ، قىلىشقا تېگىشلىك ئەڭ زۆرۈر ئىشلارنى قىلىشتىن ۋاز كېچىپ، بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرماي تۇرۇپ، خىتاينىڭ جىنايى پاكىتلىرىنى توپلىماي تۇرۇپ، ھېلى دېمۇكراتىيەنى چەتكە قېقىپ، ھېلى تۈرك ئۇلۇسى شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىپ، ھېلى مۇستەقىلچى، ئاپتونومچى جىدەللىرىنى يېڭى – يېڭى ئۇسۇللاردا،  خىلمۇ خىل شەكىلدە ئېلىپ بېرىپ، خەلقنىڭ بىرلىك ھاسىل قىلىشىغا توسالغۇ پەيدا قىلىدىكەنمىز، بىزگە ياردەم قىلىشنى خالايدىغان ۋە قىلماقچى بولغانلارنىڭ ھەتتا پۈتكۈل خەلقئارانىڭ نەزىرىدە <مۇستەقىل بولۇشقا لايىق ئەمەس مىللەت>دەپ قارىلىشىمىز، ھەتتا خىتاينىڭ بىزنى تېرورلۇق، رادىكاللىققا باغلاپ داۋاملىق قىرغىن قىلىشى، شۇنداقلا، خىتايدا چوڭراق سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ خىتاي ھاكمېيىتى ئاغدۇرۇلۇپ كېتىدىغان تارىخىي پۇرسەتلەر بارلىققا كەلسىمۇ، بىزدەك دۆلەتچىلىك ئېڭى يېتىلمىگەن خەلقنىڭ مۇستەقىل بولۇش ئارزۇلىرى خەلقئارانىڭ نەزىرىدىن ساقىت قىلىنىپ، دېمۇكراتىك خىتاينىڭ بىر قىسمى بولۇپ مەڭگۈ مۇستەملىكە ئاستىدا ياشاشتەك قىسمەتكە  مۇپتىلا بولىشىمىزمۇ ئېھتىمالدىن يىراق ئەمەس.

بىرلىك كۈچتۇر! ئىتتىپاقلىق كۈچتۇر! ئۆز تەقدىرمىزنى ئۆزىمىز بەلگىلەش  يەنى مۇستەقىل بولۇش ھوقۇقىمىزنى  قولىمىزغا ئېلىشىمىز ئۈچۈن  بىرلا نىشان ئاستىغا، يەنى خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى خەلقئارا سەھنىلەرگە ئىسپاتلىق ئېلىپ چىقىش ۋە خىتاينىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىش بۇ جەھەتتە، 1.  ئامېرىكىدىكى دوكتور مەمەتئىمىن چەتئەلدىكى بارلىق ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئومۇميۈزلۈك پسىىخىكىلىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش پروجېكتىنى باشلىغان بولۇپ، ۋەتەن بىلەن ئالاقىمزنىڭ پۈتۈنلەي ئۈزۈپ تاشلىنىشى ۋە لاگىرلار مەسىلىنىڭ پسىخىكىمىزغا كۆرسەتكەن تەسىرىنى ئىسپاتلاشتا ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارھەمىمىز ئۆزىمىزتۇرۇشلۇق جايلاردىكى پسىىىكا دوختۇرلىرىغا كۆرۈنۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرىشىمىز ئىنتايىن مۇھىم. يەنى پسىخىكا دوختۇرلىرىغا ئەنگە ئالدۇرۇلغان بۇ ئۇچۇرلارنىڭ مەمەتئىمىن دوكتورنىڭ ئېلىپ بارماقچى بولغان پروجەكتى ئۈچۈن  شۇنداقلا خىتاينىڭ جىنايىتىنى ئىسپاتلاشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەمىيەتكە ئىگە چوڭ ئىش ھېسابلىنىدۇ.

2. ئۆزىمىز تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردىكى ساقچىخانىلارغا بېرىپ دىلو مەلۇم قىلىش، يەنى ئۆز ئۇرۇق – تۇغقانلىرىمىز بىلەن ئالاقىمىزنىڭ پۈتۈنلەي ئۇزۈلگەنلىكى بىلەن دىلو مەلۇم قىلىپ، يوقاپ كەتكەنلەرنىڭ ئىزدېرىكىنى قىلىشتا خەلقئارا قانۇنىي ئاساسقا ئىگە بولۇش.  بۇ جەھەتتە گوللاندىيە ئۇيغۇر تەشكىلاتلار بىرلىكىدىكى قېرىنداشلار ناھايىتى كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىش، گوللاندىيە كۆچمەنلەرئىدارىسى، ھۆكۈمەتلەربىلەن كۆرۈشۈش نەتىجىسىدە گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلاردىن ۋەتەندىكى ئائىلىسى بىلەن ئالاقىسى پۈتۈنلەي ئۈزۈلگەن كىشىلەرنىڭ دىلو مەلۇم قىلىشى ئۈچۈن،  گوللاندىيەنىڭ ھەرقانداق يېرىدىكى ساقچىخانىلاردا دىلوسىنى تىزىملاش بولىدىغان بىر شارائىتقا ھۆكۈمەت روخسىتىنى ئالدى. ئەگەر بۇنداق ئىشنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىمۇ ئەمەلىلىيەشتۈرەلىسەك بىزنىڭ ئالاقىمىز ئۈزۈلۈپ قالغان تۇغقانلىرىمىزنىڭ سانلىق ئۇچۇر ئامبىرى تەبىئىيلا شەكىللىنىدىغان بولۇپ، بۇ ئۇچۇرلار ئاقىۋەتتە خىتاينىڭ ئېرقىي قىرغىنچلىق جىنايىتىنى ئىسپاتلاشتىكى كۈچلۈك ماتېرىياللارغا ئايلىنىدۇ؛  3. خىتاينىڭ جىنايى قىلمىشلىرى ئۈستىدىن ئىسپات بېرىش، گۇۋاھلىق بېرىش ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە ئارخىپلاشتۇرۇش….؛

  • خىتاينىڭ جىنايەت ئىسپاتلىرىنى توپلاش ۋە ئارخىپلاشتۇرۇش؛
  • ب د ت تېنچلىق ساقلاش قىسىملىرىنىڭ ۋەتىنىمىزگە تېز سۈرئەتتە كىرىپ خەلقىمىزنىڭ ئومۇميۈزلۈك قىرىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىلتىماسىنى ب د ت غا سۇنۇش، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىنسانلىقنى ھەممىدىن ئۈستۈن بىلىدىغان، دېمۇكراتىك تۈزۈمنى قوللايدىغان مەدەنىيەتلىك بىرخەلق ئىكەنلىكىمىزنى ئىناقلىق، ئىتتىپاقلىق ۋە بىرلىكىمىز بىلەن ئىسپاتلاپ، بىزنىڭ مۇستەقىل دۆلىتى بولۇشقا ئەسلىدىنلا لايىق بولغان بىر مىللەت ئىكەنلىكىمىزنى، تارىختا ئەجدادلىرىمىز دۇنيا تارىخىغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشالىغاندەك،  بۈگۈنكى ئۇيغۇرلارمۇ دۇنيانىڭ تېنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا تېگىشلىك تۆھپىسىنى قوشۇپ، ياۋرو – ئاسىيا چوڭ قۇرۇلۇقىنىڭ تېنچلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا مۇھىم ستراتېگىيىلىك بىر دۆلەت بولالايدىغانلىقىمىزنى نامايەن قىلىپ، مەيلى روسسىيە ، مەيلى باشقا قوشنا ئەللەر بولسۇن، ئۇلارنىڭ بىزگە بولغان قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە  تىرىشىشىمىز كېرەك. بولۇپمۇ ئۈستىمىزگە مەجبۇرىي تېڭىپ قويۇلغان تېرورلۇق بەدنامىنىڭ ئەسلىدە خىتاينىڭ سۈيقەستى بىلەن بولۇنغان ھاقارەت ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ تېرورلۇق بىلەن ئەزەلدىن ئالاقىسى يوق بولۇپلا قالماي، تېرورلۇققا قارشى دۆلەتلەر بىلەن بىر سەپتە تۇرىدىغان تېنچلىقپەرۋەر،  بىر مىللەتلىكىمىزدەك سۈپەتلىك شەكىلدە دۇنيا سەھنىسىدە ئۆزىمىزگە مەنسۇپ ئورنىمىزنى تېپىۋېلىشقا پۈتۈن كۈچىمىز ۋە زېھىنىمىز بىلەن تىرىشچانلىق كۆرستىشىمىز كېرەك؛ 

       پۇسەت ھەر كۈنى كەلمەيدۇ، نۆۋەتتە خىتاي ئەھۋالى خەتەر ئاستىدا بولۇپ، بۇ ھالەت خۇددى بىر تال ئۇچقۇن بولسىلا گۇرۇلدەپ ئوت ئالىدىغان ئوتۇن دۆۋىسىگە  ئوخشايدۇ.  خىتاي ئىچىدە يۈز بېرىدىغان ھەر قانداق كىچىك ئىشلارمۇ خىتاي ھاكېمىيىتىگە قارشى چوڭ قوزغىلىش ۋە قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ پىلتىسىگە ئوت يېقىپ، خىتاينى پۈتۈنلەي ھالاك قىلىشى مۇمكىن. مۇشۇنداق بىر تارىخىي دەۋردە ئاللاھنىڭ،  بىزگە ئاتا قىلغان بۇ تارىخىي پۇرسىتىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانمايدىكەنمىز، ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ لەنىتى، دۇنيانىڭ مەسخىرىسى ئىچىدە تارىخ سەھنىسىدىن مەغلۇبىيەت بىلەن چۈشۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولۇپ قالىمىز. ئاخىرىدا بارلىق تەشكىلاتلارنىڭ  ۋە خەلقلەرنىڭ بىرلىشىپ، ئورتاق دۈشمەنگە تاقابىل تۇرۇش كۆرۈشىگە بىرلىكتە ئاتلىنىشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن.   

پايدىلانغان مەنبەلەر:

  • https://www.uyghurcongress.org/cn/%E6%96%B0%E7%96%86%E6%B0%91%E6%97%8F%E7%9F%9B%E7%9B%BE%E4%B8%AD%E5%B1%95%E6%9C%9B%E6%9B%99%E5%85%89%E5%BC%A0%E5%86%B0%E8%8E%89/
  • https://www.mfa.gov.cn/chn//pds/ziliao/wjs/2159/t9004.htm
  • https://www.un.org/zh/documents/treaty/files/A-RES-2200-XXI-2.shtml
  • https://zh.wikipedia.org/wiki/%E5%8A%A0%E6%8B%BF%E5%A4%A7%E6%AD%B7%E5%8F%B2
  • https://unchronicle.un.org/zh/article/3318
  • https://www.un.org/zh/decolonization/declaration.shtml
Share
4909 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.