logo

trugen jacn

كورونا ۋىرۇسى تۇنجى قېتىم بىر ئۇيغۇرنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

 

خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدىن خىتايغا يامرىغان كورونا ۋىرۇسى  جېنىغا زامىن بولغان غوجا ئابدۇللا ئەپەندى دوختۇرخانىدا قۇتۇلدۇرۇلىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2020-يىلى ئاپرېل، تۈركىيە.

بۇنىڭدىن 4 ئاي بۇرۇن خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدە ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىنكى 4 ئاي ئىچىدە پۈتۈن دۇنياغا تېزلا يامرىغان كورونا ۋىرۇسى غوجا ئابدۇللا ئىسىملىك بىر ئۇيغۇرنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.

ئۇيغۇر دىيارىنىڭ خوتەن ۋىلايىتىدىن 1995-يىلى، ئىستانبۇلغا كېلىپ يەرلىشىپ قالغان ئۇيغۇر مۇھاجىرلاردىن غوجا ئابدۇللا دۈشەنبە كۈنى ئىستانبۇل مالتەپە مېدىكال پارك دوختۇرخانىسىدا ياتقان بولۇپ، 9-ئاپرېل كۈنى چۈشكە يېقىن داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇنىڭ يېقىن تۇغقىنى ئابلىكىم قاراقاش ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ 8-مارت كۈنى قۇرۇق يۆتىلىشكە باشلىغان ۋە 26-مارت كۈنى ئىستانبۇل باقىركۆيدىكى دۆلەت دوختۇرخانىسىدا داۋالىنىشقا باشلىغان ئىكەن. 4 پەرزەنتنىڭ ئاتىسى بولغان غوجا ئابدۇللا ئەپەندى ئەمدىلا 55 ياشقا كىرگەن بولۇپ، توپتىن كۆك-تات ئېلىپ-سېتىش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن. بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا 9-ئاپرېل كۈنى مەرھۇمنى ئائىلىسىدىكىلەر ۋە دەپنە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچىلىرى بىرلىكتە ئىستانبۇلدا دەپنە قىلىدىكەن.

بىز مەرھۇم غوجا ئابدۇللا ئەپەندىنىڭ كورونا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى توغرىسىدا مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن ئۇنىڭ تۈركىيەدىكى ئەڭ يېقىن تۇغقىنى ئابلىكىم قاراقاش ئەپەندى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق. ئۇ، غوجا ئابدۇللا ئەپەندىنىڭ كورونا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشىنىڭ ئالامەتلىرىنىڭ قاتتىق يۆتىلىش ۋە توڭۇش بىلەن ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى، بۇنىڭدىن 1 ئاي بۇرۇن بۇ ئەھۋال كۆرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئىككى ھەپتىگىچە دوختۇرخانىغا بارمىغانلىقىنى، دورا يەپ ئىشقا بېرىۋەرگەنلىكتىن بايان قىلدى.

ئابلىكىم قاراقاش ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، غوجا ئابدۇللا ئەپەندى بۇندىن 15 كۈن بۇرۇن ئىستانبۇلدىكى باقىركۆي دۆلەت دوختۇرخانىسىغا بارغان بولسىمۇ، 3 كۈنگىچە ئۇنىڭ كورونا ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغانلىقى جەزملەشتۈرۈلمىگەن. ئۇ، ئېغىرلاشقاندىن كېيىن دوختۇرلار ئۇنى كورونا ۋىرۇسى بىمارى دەپ داۋالاشقا باشلىغان. ئابلىكىم قاراقاش ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالدى.

ئابلىكىم قاراقاش ئەپەندى، باجىسى غوجا ئابدۇللا ئەپەندىنىڭ ئايالى مەغپىرەت خانىم بىلەن ئۇلارنىڭ 4 بالىسىنىڭمۇ يۇقۇملانغانلىقىنىمۇ بايان قىلدى.

بىز غوجا ئابدۇللا ئەپەندىنىڭ ئايالى مەغپىرەت خانىمغىمۇ تېلېفون قىلدۇق. ئۇ، كورونا ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغانلار كۆپ بولغاچقا دوختۇرخانىدا يەر تېپىلماي ئۆيىدە كارانتىن ئاستىدا ئىكەنلىكىنى، دوختۇر يېزىپ بەرگەن دورىنى يەپ يېتىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

غوجا ئابدۇللا ئەپەندى ئىستانبۇل باقىركۆي دۆلەت دوختۇرخانىسىدا 11 كۈن داۋالانغاندىن كېيىن، 6-ئاپرېل كېچىسى كېسىلى ئېغىرلىشىپ، دوختۇرخانا ئۇنى ئىستانبۇل مالتەپە مېدىكال پارك دوختۇرخانىسىدىكى جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە يۆتكىگەن. داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي 9-ئاپرېل كۈنى ئەتىگەن سائەت 10دا ئالەمدىن ئۆتكەن. ئابلىكىم قاراقاش ئەپەندى بۇ جەريان توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

بۇ ھەقتە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى خىتايدىن كەلگەن بۇ ۋىرۇسنىڭ تۇنجى قېتىم چەتئەلدىكى بىر ئۇيغۇرنىڭ جېنىغا زامىن بولغانلىقىنى، بۇ ساننىڭ بىرلا بولۇپ قېلىشى ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەنىڭ «ئۆيۈڭدە ئولتۇر» چاقىرىقىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

تۈركىيە-11، مارتتىن باشلاپ چېگرالارنى تاقاپ، بۇ دۆلەتكە كىرىپ-چىققۇچىلارنى تەكشۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىشكە باشلىغانىدى. تۈركىيە مەكتەپلەرنى، تۈرلۈك ئىجتىمائىي، مەدەنىي، تەنتەربىيە كۇلۇبلىرىنى بىردەك تاقىدى. 2020-يىلى ئۆتكۈزۈش پىلانلانغان نۇرغۇنلىغان خەلقئارالىق يىغىنلارنى، تۈرلۈك مۇسابىقىلەرنى بىردەك ئەمەلدىن قالدۇردى. ئارقىدىنلا 65 ياشتىن يۇقىرىلار بىلەن 20 ياشتىن كىچىك بولغانلارنىڭ كوچىغا چىقىشىنىمۇ چەكلىدى. تۈركىيەدە كورونا ۋىرۇسىدىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى908، كورونا ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 42 مىڭ 282گە يەتكەن. غوجا ئابدۇللا ئەپەندى دۇنيادا كورونا ۋىرۇسىدىن ئۆلگەن تۇنجى ئۇيغۇر بولۇپ، ئىستانبۇلدا يۇقۇملانغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 10 ئەتراپىدا ئىكەن.

https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/virus-yuqum-04092020165426.html

Share
3652 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.