logo

trugen jacn

كورلا – نامى ھەققىدە

korla
ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كروران

ئادەم تۇغۇلغان ھامان ئات قويۇلىدۇ. ئات قويۇش – ئادەملەرنى بىر – بىرىدىن پەرقلەندۈرۈش رولىنىلا ئوينايدۇ. ئۇنداقتا ئادەملەر تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرت – ماكاننىڭ ئات – ئىسىملىرى قانداق كېلىپ چىقىدۇ؟ ئادەملەر قەدىمدە كۆچمەن تۇرمۇشتىن مۇقىم بىر يەردە ئولتۇراقلىشىشقا باشلىغاندىن كېيىن شەھەر پەيدا بولۇشقا باشلىغان – دە، ئات قويۇلغان. بۇنداق ئات قويۇش ماھىيەت جەھەتتىن قارىماققا ئادەملەرنىڭ ئاتلىرىدەك بىر – بىرىدىن پەرقلەندۈرۈش رولىنى ئوينىسىمۇ، لېكىن ئۇ جۇغراپىيىلىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە. يەنە كېلىپ ئادەملەرنىڭ ئاتلىرى شۇ ئات بىلەن ئاتالغان ئادەمنىڭ مەلۇم ئالاھىدىلىكىنى ئىپادە قىلىپ بېرەلمەيدۇ. ئەمما يۇرتلارنىڭ ناملىرى بولسا شۇ يۇرتنىڭ مەلۇم بىر ئالاھىدىلىكىنى روشەن گەۋدىلەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ.
«نەشپۈت ماكانى»، «تاھىر – زوھرا يۇرتى» دېگەن سۈپەتلەر بىلەن مەشھۇرلىنىۋاتقان كورلا شەھىرى بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت مەركىزى. ئۇ جەنۇبىي شىنجاڭ بىلەن شىمالىي شىنجاڭنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرۇدىغان مۇھىم ئىستىراتېگىيىلىك قاتناش تۈگۈنى. كورلا شەھىرى ھازىرلا قاتناش تۈگۈنى بولۇپ قالماي، بەلكى قەدىمدىن تارتىپلا «يىپەك يولى»نىڭ ئوتتۇرا قاتناش تۈگۈنى ئىدى. شۇڭلاشقىمۇ باشئەگىم تاغ ئېغىزى خېلى بۇرۇنلا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ۋە تەڭرىتاغنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى خەلقلەر ئارىسىدا «زىل ئۆتەڭ»، «تۆمۈر قوۋۇق» (铁门关) دېگەن نام بىلەن مەشھۇر ئىدى. ئۇنداقتا «كورلا» نامى قانداق پەيدا بولغان؟ ئۇنىڭ مەنىسى نېمە؟ بۇ ھەقتە ھەر خىل قاراشلار بار. بۇلارنىڭ ئاساسلىقلىرى تۆۋەندىكىچە:
1.«كورلار» سۆزىدىن كەلگەن، دېگەن قاراش. بۇ ھەقتە مۇنداق بىر ئەپسانە بار:
بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا، تەكلىماكاننىڭ نېرىسىدىن بىر ئىشان كورلىغا كەپتۇ ۋە ئۆزىنى «ئەۋلىيا» دەپ جاكارلاپتۇ. ئەمما كورلا خەلقى ئۇنىڭ ئەۋلىيا ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەپتۇ – دە، ئۇنى سىناپ بېقىش ئۈچۈن ئالدىغا مۈشۈك گۆشى بېسىلغان پولۇ (قۇيغاش) كەلتۈرۈپتۇ ۋە:
– ناۋادا ئەۋلىيا بولسىلا، مۇشۇ پولۇغا بېسىلغان گۆشنىڭ نېمە گۆشى ئىكەنلىكىنى گۆشنى يىمەي تۇرۇپ ئېيتىپ بەرسىلە، – دەپتۇ. ئويلىمىغان يەردىن ئۇ ئەۋلىيا كارامەت كۆرسىتىشكە باشلاپتۇ:
– ئەي جانۋار، تۇر ئورنۇڭدىن! – دەپ پولۇ ئۈستىدىكى گۆشنى بىر سىلىغان ئىكەن، ئۇ گۆش دەرھال بىر مۈشۈككە ئايلىنىپ، پولۇ ئۈستىدىن قوپۇپ، ئۆيدىكى ئادەملەرگە قاراپ مىياڭلىغىنىچە ئاستا سىرتقا قاراپ مېڭىپتۇ. بۇنى كۆرگەن جامائەت ھەيران – ھەس قاپتۇ. ھېلىقى ئەۋلىيا بولسا ئاچچىقىدا ساقاللىرىنى تىترىتىپ، ئۆزىنى كۆزگە ئىلماي ئەخمەق قىلىۋاتقان بۇ كىشىلەرگە غەزەپ بىلەن گۆلىيىپتۇ:
– مەن دېگەن ئەۋلىيا، پەيغەربەر پۇشتىمەن! سىلەر راستتىنلا كورلار ئىكەنسىلەر! كورلار ئىكەنسىلەر!…
شۇندىن باشلاپ بۇ يۇرتنىڭ نامى يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن «كورلار» دېگەن سۆزدىكى «ر» ھەرپى بارا – بارا چۈشۈپ قېلىپ، «كورلا» بولۇپ قالغان ئىكەن.
«تەزكىرەئى خوجا ئاپاق» دېگەن قول يازمىدا زىكىر قىلىنىشىچە، بۇ يەردە تىلغا ئېلىنىۋاتقان ئەۋلىيا باشقا بىرسى ئەمەس، بەلكى 17 – ئەسىردە قەشقەردە ياشاپ، خەلقنىڭ كۆزىدىن دەريا – دەريا قان ئاققۇزغان، يۈرىكىنى لەختە – لەختە قانغا توشقۇزغان، ئاۋامنى ئۆچ – ئاداۋەتكە سېلىپ، ئۆزىنىڭ رەزىل نىيىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەر قانداق ئىپلاس ئامال – ۋاسىتىلارنى قوللىنىشتىن قىلچە باش تارتمىغان، لەنەتلىك تارىخنىڭ گۇۋاھچىسى ھىدايتىللا ئىشان (ئاپاق خوجا)نىڭ دەل ئۆزىدۇر.
بۇ ئەپسانىنىڭ ئاپاق خوجىنىڭ «ئەۋلىيا»لىقى ھەققىدە مۇخلىس سوپىلىرى تەرىپىدىن تۇقۇپ چىقىرىلغانلىقى مانا مەن دەپلا بىلىنىپ تۇرىدۇ. چۈنكى مۈشۈك گۆشىنى ئۇيغۇرلار يىمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە تارىخىي خاتىرىلەرگە قارىغاندا، ئاپاق خوجا كورلىغا چۈشكەن ئەمەس. يەنە كېلىپ تارىخىي يازمىلارنىڭ ئىسپاتلىشىچە، مۇشۇ ئەپسانىغا مۇناسىۋەتلىك دەۋرلەردە كورلىنىڭ نامى بارلىققا كەلگىنىگە ئاللىقاچان نەچچە يۈز يىللار بولغان ئىدى. بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، بۇ ئەپسانىنىڭ «كورلا» نامى بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوق.
2 . «كروران» دېگەن سۆزدىن كەلگەن، دېگەن قاراش: بۇ قاراشتىكىلەر كورلا نامىنى كرورانغا باغلايدۇ. يەنى «كروران»نىڭ قارۇشتىچە يېزىلىشى بولغان «كروراينا»دىن ئەڭ ئاخىرى «كۆرلۆ»گە ئۆزگەرگەن دەپ قارايدۇ: كروراينا ~ كروران ~ كۆرۈنلۆ ~ كۆرلۆ (Kroraina ~ Kroran ~ Krǒnlǘ ~ Kǒrlǒ)بۇ خىل قاراش تىلشۇناسلىق نۇقتىسىدىن پەرەز تەرىقىسىدە ئىزدىنىلگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك يانداشما تارىخىي خاتىرىلەر ياكى ئارخېلوگىيىلىك تېپىلمىلار يوق.
3 . «كۆللەر» سۆزىدىن كەلگەن، دېگەن قاراش: كورلا كۆپ زامانلار ئىلگىرى نۇرغۇنلىغان كىچىك – كىچىك كۆللەردىن تەشكىل تاپقان جاي بولۇپ، ھازىرقى يېزىلاردىن يېڭىشەھەر، تېكىچى، ئاۋات، بوتخو (ئەسلى ئاتىلىشى بوتا – بوتىلاق كۆلى) قاتارلىقلار پۈتۈنلەي كۆل ئورنى ئىدى. ئىشقىلىپ ئۇ زامانلاردا ھازىرقى كورلىنىڭ ئورنىدا 600 دەك كىچىك كۆللەر بولۇپ، ئەنە شۇنىڭغا ئاساسەن «كۆللەر» دەپ ئاتالغان. كېيىن تىل تەرەققىياتى جەريانىدا «كۆللە ~ كورلا» بولۇپ قالغان، دېيىشىدۇ.
قارىماققا بۇ خىل قاراشنىڭ مەلۇم ئاساسى باردەك بىلىنىدۇ. چۈنكى قەدىمدە باغراش كۆلىدىن دەۋرەپ كەلگەن غايەت كۆپ سۇ دولقۇنى باشئەگىم دەرياسىنى ھاسىل قىلىپ، تاشتىن تاشقا ئۇرۇلۇپ، تاغدىن – تاغقا سوقۇلۇپ، تۈزلەڭلىككە كەلگەندە كۆنچى دەرياسىنى ھاسىل قىلىپ، تارىم دەرياسى بىلەن تۇتۇشۇپ كەتكەن. مۇشۇ جەرياندا سۇ مىقدارىنىڭ گاھ كۆپىيىشى ۋە كەلكۈن سەۋەبلىك تاشقىن سۇلار دەريا قىنىنىڭ ئىككى تەرەپلىرىدە كىچىك كۆللەرنى ھاسىل قىلغان بولۇشى ۋە شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بارا – بارا ئادەملەر ئولتۇراقلىشىپ ياشاشقا باشلىغان بۇ جاي دەسلەپ «كۆللەر» دەپ ئاتىلىپ، كېيىنچە «كورلا» بولۇپ قالغان بولۇشى ئېھتىمالدىن ئانچە يىراق ئەمەس. لېكىن تۆۋەندىكى قاراش بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بۇ خىل قاراشتىن گۇمانلىنىشقا ھەقلىقمىز.
4 .«كويلا» سۆزىدىن كەلگەن، دېگەن قاراش: «كويلا» ئاتالغۇسى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەڭ قەدىمىي سۆز – ئاتالغۇلار جۈملىسىگە كىرىدۇ. يەنى «كويلا» دېگەن سۆز ھازىرقى ئۇن تارتىش زاۋۇتلىرى پەيدا بولۇشتىن ئىلگىرى ئۇيغۇرلار ئۇن تارتىپ يەيدىغان تۈگمەننىڭ كويلىسىنى كۆرسىتىدۇ. يەنىمۇ ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا، تۈگمەننىڭ ئاستى، يەنى نودىن چۈشكەن سۇنىڭ بېسىمى بىلەن كولىنىپ كەتكەن يەر «كويلا» دەپ ئاتىلىدۇ. كورلىنىڭ جۇغراپىيىلىك تۈزۈلۈشىمۇ بۇ قاراشنىڭ ئىلمىيلىكىنى قۇۋۋەتلەپ تۇرىدۇ.
باغراش كۆلىدىن باشلانغان باشئەگىم دەرياسى تاغ ئارىسىدىكى قىسىلچاقلاردىن ئاتلاپ ئېقىپ تاغ ئېغىزىدىن چىققاندا دەھشەتلىك شارقىراتما ھاسىل قىلىپ، كورلىنىڭ ھازىرقى ئاقتاش، چاچى قاتارلىق ئورۇنلىرىنى كولاپ چوڭ كۆل ھاسىل قىلغان. ئەينى ۋاقىتتا بۇ يەردىكى ئاھالىلەر ئەڭ دەسلەپ تېكىچى (ھازىرقى تارىم نېفىت قىدىرىپ تەكشۈرۈش – ئېچىش قوماندانلىق شىتابى جايلاشقان ئورۇن) ئەتراپلىرىدا ئولتۇراقلاشقان. تارىم دەرياسىنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى ئۇيغۇرلار بۇ دەريا ئېغىزىنى «كويلا» دەپ ئاتىغان. كوذلىدىكى، شۇنداقلا كورلىنىڭ ئەتراپىدىكى ئەل – يۇرتلاردىكى ھازىرقى پېشقەد˕ملەرمۇ كورلىنى «كولا» دۑەپ ئاتىشىدۇ.
ئۇلۇغ تىلشۇناس مەھمۇد كاشىغەرЉنىڭ ئالەمشۇمۇل ئەسىرى «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»نىڭ 3 – توم 599 – بەت يۇقىرىدىن سانىغاندا 12 – قۇرىدىكى «كويلا – دەريا ئېغىزى» دېگەن خاتىرە بۇ سۆزىمىزنى تېخىمۇ قۇۋۋەتلەيدۇ. دېمەك، بۇندىن 10 ئەسىر ئىلگىرى تۈركىي خەلقلەر ياشىغان زېمىنلارنى دېگۈدەك كېزىپ چىققان ئالىمىمىز مەھمۇد كاشىغەرى تەرىپىدىن بېرىلگەن ئىزاھاتتىن، ھەم ھازىرمۇ كىشىلەرنىڭ دەريا ئېغىزىنىڭ كولىنىپ كەتكەن يېرىنى، تۈگمەن ئاستىنى «كويلا» دەپ ئاتىشىدىن، شۇنداقلا كورلىنىڭ يەر تۈزۈلۈشىدىن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ ھازىرقى «كورلا» نامىنىڭ «كويلا» ئاتالغۇسىنىڭ ئېتمولوگىيىلىك ئۆزگىرىشى ئىكەنلىكىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا بولىدۇ. تاشدەندىن چۈشۈۋېتىپ قارىسىڭىز، كورلا شەھىرىنىڭ بىر ئويمان ئىچىگە جايلاشقانلىقىنى، ئۆزىڭىزنىڭ بىر «كويلا»غا كىرىپ كەلگەنلىكىڭىزنى ھېس قىلىسىز.

http://uyghur.xjass.com/uyghur/content/2014-02/28/content_314145.htm

Share
2568 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.