logo

trugen jacn

كورلادىكى ئۇيغۇر كادىر تۇرسۇن باقى قەسەم ئىچىپ، ئىسمىنى «با خوڭۋېي» غا ئۆزگەرتكەن

بايىنغولىن ئوبلاستلىق سۈپەت تەكشۈرۈش ئىدارىسى پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، ئىدارە باشلىقى تۇرسۇن باقى ئالدىنقى كۈنى 578 نەپەر ئىشچى-خىزمەتچىنىڭ ئالدىدا قەسەم ئىچىپ، ئۆزىنىڭ ئەرزان توۋلاپ قويۇلغان «تۇرسۇن باقى» دېگەن ئىسمىدىن ۋاز كەچكەنلىكىنى، بۇنىڭدىن كېيىن ئۆزىگە «با خوڭۋېي» دېگەن خىتايچە ئىسىم-فامىلىنى تاللىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» دىن بۇيان بىر ئۇيغۇر كادىرنىڭ تۇنجى قېتىم ئىسمىنى خىتايچىغا ئۆزگەرتىشى ئىكەن.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، بۇ ئەھۋالنى خىتاينىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈۋاتقان مىللىي ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنىڭ بىر يارقىن ئىپادىسى شۇنداقلا رايوندا بۇنىڭدىن كېيىن يۈز بەرگۈسى كەڭ كۆلەملىك خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ بىر شەپىسى دەپ قاراشماقتا.

نورۋېگىيەدە ياشاۋاتقان سىياسىي كۆزەتكۈچى زۇمرەت تۇرسۇن خانىم، ھەممىدىن بەكرەك ئىسىم ئۆزگەرتىشكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان مۇراسىمنىڭ دىققەتكە سازاۋەر ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇنىڭ قارىشىچە، مۇراسىمنىڭ ئۆزى، يەنى 578 نەپەر ئىشچى-خىزمەتچى بىلەن خىتاينىڭ دۆلەت بايرىقى ئالدىدا قەسەم ئىچىشنىڭ ئۆزى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتايچە ئىسىم قوللىنىشقا ئاشكارا چاقىرىق قىلىش ۋە ۋاسىتىلىك مەجبۇرلاشتىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىكەن

https://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/uyghur-xitay-isim-02282018161652.html

Share
2394 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.