logo

trugen jacn

كانادا پارلامېنتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىنى» ئىرقىي قىرغىنچىلىق «دەپ ئېتىراپ قىلىشقا چاقىرىلدى

كانادا پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ 20-ئىيۇل ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى گۇۋاھلىق يىغىنىدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشىنىڭ» ئىرقىي قىرغىنچىلىق «قا كىرىدىغانلىقى، كانادا پارلامېنتىنىڭ بۇنى» ئىرقىي قىرغىنچىلىق «دەپ ئېتىراپ قىلىشى تەلەپ قىلىندى. كانادا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى 20-ئىيۇل» خىتايدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق «دېگەن تېمىدا گۇۋاھلىق يىغىنى ئۆتكۈزگەن. پارلامېنت ئەزاسى گارنېت گېنىيۇسنىڭ تەشەببۇسى بىلەن چاقىرىلغان مەزكۇر گۇۋاھلىق يىغىنىدا نۇرغۇن مۇتەخەسسىسلەر، پائالىيەتچىلەر ۋە ئۇيغۇر، قازاق شاھىتلار گۇۋاھلىق بەرگەن.

يىغىندا كانادادىكى رائول ۋوللېنبېرگ كىشىلىك ھوقۇق مەركىزىنىڭ مەسئۇلى ئىرۋىن كوتلېر گۇۋاھلىق بېرىپ، كانادانىڭ ئۇيغۇرلاغا قارىتىلغان قىرغىنچىلىققا دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇشى، ئۇنىڭ ماگنىتىسكىي كىشىلىك ھوقۇق قانۇنىنى ئىشقا سېلىپلا قالماي، دېلو تۇرغۇزۇپ، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىغا ئەرز قىلىشى شۇنداقلا خىتاينىڭ قىلمىشىنىڭ» ئىرقىي قىرغىنچىلىققا «كىرىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:» بۇنىڭدا پارلامېنت يېتەكچىلىك رول ئويناپ، كەڭ كۆلەمدىكى بۇ ۋەھشىيلىكنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى تەشكىل قىلىدىغانلىغا ئېنىقلىما بېرىشى كېرەك. بىز روھىڭگادا يۈز بەرگەن ئىشلارنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق، دەپ تونىغان تۇنجى پارلامېنت. بىز ئۇيغۇرلارغا بولۇۋاتقان ئىشلارنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق، دەپ ئېتىراپ قىلىشتىمۇ تۇنجى پارلامېنت بولۇشىمىز كېرەك «.

كانادا پارلامېنتىنىڭ پۈتۈن بىر كۈن داۋاملاشقان بۈگۈنكى گۇۋاھلىق يىغىنىدا ئىرۋىن كوتلېر بىلەن بىر قاتاردا يەنە گېرمنائىيەلىك ئۇيغۇرشۇناس ئادرىيان زېنز، كانادالىق ژۇرنالىست ئوخسى يازىجى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى كانادا شۆبىسىنىڭ مەسئۇلى ئالىكىس نەۋى، كانادادا تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر پائالىيەتچى مەمەت توختى، شۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان قازاق لاگېر شاھىتى سايراگۈل سائۇتباي، ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ئادۋوكات رەيھان ئەسەت قاتارلىق كىشىلەر گۇۋاھلىق بېرىپ، نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى ھەر خىل نۇقتىلاردىن تونۇشتۇردى.

https://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/kanadada-uyghur-mesilisi-07202020193426.html

Share
7584 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.