logo

trugen jacn

كانادا باش مىنىستىرى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە خىتاينىڭ تەھدىتلىرىگە تىز پۈكمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن

كانادا باش مىنىستىرى جاستىن تېرۇدو 16-ئۆكتەبىر يەنە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىپ، خىتاينىڭ «زورلاش دىپلوماتىيەسى» ۋە ئۇنىڭ خوڭكوڭ ھەم شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە داۋاملىق قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. تېرۇدو بۇ سۆزلەرنى خىتاينىڭ كانادادا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى سوڭ پېيۋۇ 15-ئۆكتەبىر ۋىدېيودا ئاخبارات يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، كانادا پارلامېنت ئەزالىرىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى «ئىرقىي قىرغىنچلىق» دەپ ئېتىراپ قىلىشتىن ئېھتىيات قىلىشقا ئاگاھلاندۇرغاندىن كېيىن قىلغان.

سوڭ پېيۋۇ ئاخبارات يىغىنىدا «بىزنىڭ مەنپەئەتىمىزگە، بولۇپمۇ يادرولۇق مەنپەئەتىمىزگە زىيان يەركۈزۈدىغان ھەرقانداق ھەرىكەت كۈچلۈك ئىنكاسقا ئۇچرايدۇ» دېگەن. ئۇ يەنە خىتاينىڭ «قەتئىي تەدبىر قوللىنىپ، ئۆزىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە تەرەققىيات ھوقۇقىنى قوغدايدىغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن. لېكىن ئۇ ئەگەر كانادا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلسا، قانداق تەدبىر قوللىنىدىغانلىقىنى تىلغا ئالمىغان.

يېقىندا كانادا پارلامېنتىنىڭ 9 نەپەر ئەزاسى تەلەپنامە سۇنۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى «ئىرقىي قىرغىنچلىق» دەپ ئېتىراپ قىلىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جاستىن تېرۇدو 16-ئۆكتەبىر چاقىرغان ئاخبارات يىغىنىدا مۇنداق دېگەن: «بىز دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن ئېنىق ۋە يۇقىرى ئاۋازدا تىك تۇرىمىز. مەيلى بۇ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ۋەزىيەت بولسۇن، مەيلى خوكوڭ ۋەزىيىتى بولسۇن ياكى بۇ خىتاينىڭ ‹زورلاش دىپلوماتىيەسى› بولسۇن.»

https://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/kanadada-uyghur-mesilisi-10162020180644.html

Share
2480 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.